بۇ دۇكان-سارايلاردا ئاساسەن پۇل يۇيۇش مۇلازىمىتى ئېچىلغانكەن

文摘   2025-01-22 21:51   海南  

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

«ئېگىز كوچا» (High Street) ئەنگلىيە ۋە ئەنگلىيە فېدېراتسىيەسىدىكى شەھەر، بازار ياكى كەنتلەرنىڭ ئاساسلىق سودا كوچىسى بولۇپ، بۇ كوچىلار ئادەتتە پارچە سېتىش، مال سېتىۋېلىش رايونى بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا سودا كوچىلىرىغا ئوخشايدۇ.

(تىپىك ئەنگلىيە ئېگىز كوچىسى، ئىككى قاسنىقىدىكى دۇكان ئۆيلەر ئېگىز سېلىنغاچقا شۇنداق ئاتالغان)

بۈگۈنكى كۈندە ئەنگلىيە ئېگىز كوچىلىرىدا ساتىراشخانا، قولايلىق دۇكان، سالون، تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى، ئاپتاپ ۋاننىسى قاتارلىق كىچىك دۇكانلار بىلەن تولغان. مېھمانلار كېلىپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، خەجلەيدىغانلىرىنىڭ ھەممىسى كۈندىلىك تۇرمۇشقا لازىملىق ئېھتىياجلار. لېكىن كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن بۇ قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنىدىغان دۇكانلار بۈگۈنكى كۈندە جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ پۇل يۇيۇشىدىكى ئاساسلىق يول بولۇپ قالغان. مەلۇم بىر تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىنىڭ ئارقا سەھنىسى بەلكىم زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى بولۇشى مۇمكىن.

ئاتالمىش پۇل يۇيۇش جىنايەت شايكىسى قانۇنسىز ۋاستىلەر ئارقىلىق ئېرىشكەن مەبلەغنى، خۇسۇسىي مەشغۇلات ئارقىلىق ئۇنى قارىماققا قانۇنلۇق بايلىققا ئايلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەڭ بۇرۇن كىيىم يۇيۇش دۇكىنى ئاچىدىغان قارا قول پارتىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

پۇل يۇيۇش جىنايىتى بارلىققا كەلگەن 100 يىلدىن بۇيان پۇل يۇيۇش ۋاسىتىسى ئۈزۈكسىز تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان، ئەينى چاغدا پۇل مۇئامىلىگە ئارىلىشىشتىن بۈگۈنكى كۈندە چوڭ كوچىدىكى كىچىك دۇكانلاردىن پايدىلىنىشقىچە ئىشقىلىپ دەۋر ئۆزگەرگەن بولسىمۇ لېكىن پۇل يۇيۇشنىڭ يادرولۇق ئۇسۇلى ئۆزگەرمىگەن.

مەسىلەن، تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش دۇكانلىرىدىن پايدىلىنىپ پۇل يۇيسا قانداق بولىدۇ؟

ئالدى بىلەن جىنايەت شايكىسى زەھەر، ئەتكەسچىلىك قاتارلىق قانۇنسىز ۋاسىتىلەر ئارقىلىق غايەت زور كىرىمگە ئېرىشكەن بولسا پۇل يۇيۇش ئۈچۈن، ئۇلار ئەنگلىيەنىڭ مەلۇم بىر ئېگىز كوچىدا تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئاچىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بۇ قانۇنسىز مەبلەغلەرنى (ئاساسەن نەق پۇل) ئۆزىنىڭ تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىغا ئېلىپ بېرىپ، پۇلنى تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىنىڭ سودىسىدىن ئېرىشكەن قانۇنلۇق كىرىمى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.

كېيىنكى قەدەمدە ئۇلار پەقەت تېخىمۇ كۆپ كەسىپلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ساختا ھېسابات قىلىپ، كۆپ چىققان قانۇنسىز مەبلەغنى تىرناق ياساش كەسپى كىرىمىگە تىزىمغا ئالدۇرسىلا بولىدىكەن، قارا پۇل مانا مۇشۇنداق تۇيدۇرماستىن قانۇنلۇق كىرىمگە ئايلىنىپ قالىدىكەن.

(كىچىك دۇكاندىن پايدىلىنىپ پۇل يۇيۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى)

ئەلۋەتتە، جىنايەت شايكىلىرىنىڭ قارا پۇل سانى ئادەتتە بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئادەتتە پەقەت بىرلا تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىلا ئاچمايدۇ، بەلكى باشقا دۇكانلارنىمۇ ئېچىشى كېرەك.

پۇل يۇيۇشقا قاتناشقان بۇ كىچىك دۇكانلار كۆپ ھاللاردا قارا گۇرۇھ كونترول قىلغان قانۇنسىز كۆچمەنلەردىن پايدىلىنىپ خىزمەتچى بولىدىكەن، بۇ كىشىلەر ئالاھىدە تۆۋەن كىرىم بىلەن ئاساسەن قارا گۇرۇھلاردا ھەقسىز ئىشلەيدىكەن. بۇنداق مىساللار يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئەنگلىيىدە كۆپ كۆرۈلگەن.

(ئەمەلىيەتتە يېمەكلىك دۇكىنىمۇ پۇل يۇيىدۇ، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ دۇكاننىڭ ئۇدۇلىدا ساقچى ئىدارىسى بار...)

مەسىلەن، ۋېلشتىكى بىر كىچىك يېمەكلىك دۇكىنىدىن ساقچىلار قانۇنسىز تاماكا ئېلىپ ساتقان ۋە پۇل يۇيغان دېلونى پاش قىلغان. كىچىك دۇكاننىڭ كەينىدە ئون كىشىلىك جىنايەت شايكىسى بار. يۇيۇلغان پۇل سوممىسى 1 مىليون 500 مىڭ فوندستېرلىڭغا يەتكەن.

(جىنايەت شايكىلىرى)

يەنە ئالايلۇق، گىرېۋسېند بازىرىنىڭ مەركىزىدىكى بۇ تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى خېلى ئۇزۇنغىچە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما قارىماققا ھېچقانداق مەسىلە يوقتەك كۆرۈنىدۇ.

(پۇل يۇيغان دەپ گۇمان قىلىنغان تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى)

غەربىي مىدلاندتىكى بىر ساتىراشخانا قارىماققا ئوخشاشلا نۇقسانسىز كۆرۈنەتتى.

(پۇل يۇيۇش گۇمانى بار ساتىراشخانا)

يەنە بۇ بىر قاتار ساتىراشخانا ۋە تاماق سېتىش دۇكانلىرى بار.

يەنە قولايلىق دۇكان

بۇ يىل 7-ئايدا شىمالىي لوندوندىكى تۆۋەندىكى چامادان ۋە كىيىم-كېچەك دۇكىنىدا، ئەگەر ساقچىلار تۇيۇقسىز ئالتە ئادەمنى تۇتمىغان بولسا، كۆپچىلىك بۇنىڭ پۇل يۇيۇش ئۈچۈن ئېچىلغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيتتى.

(پۇل يۇيۇشقا چېتىشلىق چامادان ۋە كىيىم-كېچەك دۇكىنى)

يەنە بۇ ئاياغ دۇكىنىمۇ بار بولۇپ، ساقچىلار بۇ دۇكاننىڭ يەر ئاستى ئۆيىدىن 5 مىليون فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى ساختا ئاياغنى تاپقان، بۇمۇ پۇل يۇيۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ گۇمان قىلىنغان.

(پۇل يۇيۇۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلىنغان ئاياغ دۇكىنى)

ئەلۋەتتە، جىنايەت شايكىسى مەيلى قانداق نىقابلانسۇن، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئەتراپىدىكى كىشىلەر ھامان ئىشنىڭ باش-ئايىغىنى بايقايدۇ. 42 ياشلىق ساتىراشخانىنىڭ خوجايىنى ئېدرىس سالىم ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «بەزى سالونلار ھەمىشە تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ، دائىم مېنى بىرەر ھىيلە-مىكىر بارلىقىدىن گۇمانلاندۇرىدۇ.»

12 يىل تىجارەت قىلغان يەنە بىر ھۆسن تۈزەش سالونىنىڭ خوجايىنى سافىيا خالىدنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەزى دۇكانلار پۇل يۇيۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، يوللۇق تىجارەت قىلىۋاتقان دۇكانلارغا زور زىيان يەتكۈزىدىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ تىجارەت ئۆلچىمىنى بىر نەچچە قېتىم ئۆستۈرۈپ، باھانى ئۆستۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ لېكىن ھەمىشە پۇل يۇيىدىغان رەقىبلىرىنىڭ باھانى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىش ھالقىلىرىنى قىسقارتىپ، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ پىلانىنى سۇغا چىلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

ساتىراشخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەنە بىر خوجايىن ئېلكېر ئېدروگانمۇ مۇنداق دېگەن: «بەزى ساتراچخانىلارنىڭ باھاسى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن، مەن دائىم ئۇلارنى زادى قانداق پۇل تاپىدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن.»

ھەتتا بەزى خېرىدارلار بۇنىڭغا دىققەت قىلغان:

نۇرغۇن دۇكانلار قارىماققا ئانچە تىجارەت قىلمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئىزچىل ئوچۇق تۇرىدۇ. بەزىلەر ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي: «ئۇلار چوقۇم پۇل يۇيۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىدۇ؟» دېگەن.

ئەلۋەتتە، پۇل يۇيۇش گۇمانى بار بۇنداق دۇكانلارغا قارىتا، زەھەر ۋە پۇل يۇيۇش جىنايىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقىنىغا ئون يىل بولغان گارى كاررول تېخىمۇ قولايلىق پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەرگەن:

لېكىن پەقەت نەق پۇل ئالىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى جىنايەت شايكىلىرىنىڭ پۇل يۇيۇشىغا ياردەم بېرىشكە چېتىلىدىكەن. چۈنكى زەھەر قاتارلىق قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە نەق پۇل سودىسى قىلىنىدۇ.

ئەلۋەتتە، كاررول يەنە بۇ خىل پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ پەقەت چوڭ شەھەرلەردىكى كۆلىمى كىچىكرەك قارا گۇرۇھلارغىلا ماس كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چوڭ تىپتىكى جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ پۇل يۇيۇش ۋاسىتىسى ئاللىقاچان تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، نۇرغۇن گۇرۇھلار شىفىرلاشتۇرۇلغان پۇل ئارقىلىق پۇل يۇيۇشقا باشلىغان.

ئەنگلىيە ساقچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۇل يۇيۇش جىنايىتى مەڭگۈ بىر چوڭ خىرىس، دۆلەتلىك جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنگلىيەدە ھەر يىللىق پۇل يۇيۇش ئومۇمىي سوممىسى 100 مىليارد فوندستېرلىڭغا يەتكەن GDP ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون 540 مىليارد ئەتراپىدا بولغان (2023-يىلىدىكى سانلىق مەلۇمات) ئەنگلىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، %3.9 نىسبەت ھەقىقەتەن كىچىك ئەمەس.

خۇددى نۇرغۇن ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ قاقشىغىنىغا ئوخشاش ھەممىلا ئادەم  پۇل يۇيۇۋاتقان جايدا، چوقۇم ياخشى تەرتىپ بارلىققا كېلىشى كېرەك.

رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章