ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
1928-يىلى ئىنسانلار تۇنجى قېتىم پېنىتسىللىننىڭ باكتېرىيە يوقىتىش رولىنى بايقىغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىنسانلار «ئانتىبىيوتىك دەۋرى»گە قەدەم قويغان. يۈز يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئانتىبىيوتىك ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى نەچچە يىل ئۇزارتقان، شۇنداقلا ئىلگىرىكى نۇرغۇن مۇرەككەپ كېسەللىكلەرنى ساقايتالايدىغان بولغان.
(پېنىتسىللىننى بايقىغۇچى ئالېكساندىر فرەيمىن)
ئەمما، ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدا يەنە بىر قىيىن مەسىلە ئانتىبىئوتىكنى قالايمىقان ئىشلىتىش پەيدا بولغان. يالغۇز بىمارلا ئەمەس، ھەتتا نۇرغۇن دوختۇرلارمۇ «ھەممە كېسەلنى داۋالايدۇ» دېگەن رىۋايەتكە ئىشىنىپ، ئەكسىچە نۇرغۇن بىمارلارنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلغان. 45 ياشلىق تاليە ئىلگىرى قىزغىن يۈگۈرۈش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەۋەسكارى ئىدى.
(تاليە)
2021-يىلى 4-ئايدا تاليە سۈيدۈك ئاجرىتىش يولى يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كېلىپ داۋالانغان، دوختۇر ئۇنىڭغا ئانتىبىيوتىك دورا سىپروپىنسىن (Cipro) يېزىپ بەرگەن. ئەينى چاغدا تاليە دوختۇرنىڭ ئۆزىگە بىر تال يېزىپ بەرگەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. تاليە ئۈچ تال دورا يەپ قورساق كۆپۈكى قوزغالغان،. توك سوقۇۋەتكەندەك قاتتىق ئاغرىق ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە ئۇرۇلغان، ئاندىن ئۇنىڭ مۇسكۇللىرى ئىنتايىن قېتىشىپ، مىدىرلىيالماي قالغان.
ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ ياردەم سورىغان، لېكىن دوختۇر ئۇنى پەقەت ئۆيگە قايتىپ، ئۇنىڭغا ئازراق پىروفېن يېسە ھېچ ئىش بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. تاليە دوختۇرنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆيىگە قايتىپ داۋاملىق دورا ئىچكەن، لېكىن، ئەتىسى ئۇ قاتتىق ئازابلانغىنىدىن تېخىمۇ چوڭراق دوختۇرخانىغا بېرىپ ياردەم سورىغان. ئۇ دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن دوختۇر ئۇنىڭدىن: «سىز سىپروپىننى ئىستىمال قىلىۋاتامسىز؟» دەپ سورىغان.
(تاليە)
دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سىپروپىئون بىر خىل دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئانتىبىيوتىك دورا بولۇپ، ھەر يىلى تەخمىنەن 15 مىليون ئامېرىكىلىق بۇ دورىنى ئىچىدىكەن. لېكىن ئۇ ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن خەتەرلىك، بۇ خىل دورىنىڭ يوشۇرۇن ئەكس تەسىرى مۇسكۇل پېيى ئۈزۈلۈپ كېتىش، مۇسكۇل يىگلەش، نېرۋا زەخىملىنىش ۋە ئائورتا يىرتىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تاليە شۇندىلا ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئالامىتىنىڭ سىپروپىئوننىڭ ئەكس تەسىرى چۈشەندۈرمىسىگە يېزىلغانلىقىنى ھېس قىلغان. ئۇ دەرھال دورىنى توختاتقان، لېكىن بەك كېچىككەن بولۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى، ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەر كۈنى توختىماي يامانلىشىپ كەتكەن. بەش ئايدىن كېيىن تاليەنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 27 كىلوگىرامغا چۈشۈپ قالغان ۋە ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.
تاليە مۇنداق دېگەن: «تۇرمۇشۇم تۈگەشتى، مەن ئۆزۈمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئامالسىز، مەن پۈتۈن كۈن پەرۋىش قىلىشقا موھتاج، ئەڭ ئازابلىنىدىغىنى ئۈزۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان نېرۋا ئاغرىقى.»
بۈگۈنكى كۈندە ئۇ پەقەت چاقلىق ئورۇندۇقتا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۇ ئۆزى يۇيۇنۇشقا يېمەكلىكلەرنى چايناشقا ۋە يۇتۇشقا ئامالسىز قالغان بولۇپ، ھەر كۈنى پەقەت سۇيۇق يېمەكلىكلەرنىلا يەيدىكەن. ئۇنىڭ ئېرى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن مېيىپ ئەسكەر بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئىككىيلەن مۇرەككەپ ساغلاملىق ئەھۋالى سەۋەبىدىن، گەرچە يەنىلا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرسىمۇ لېكىن بىللە تۇرۇشقا ئامالسىز قالغان.
تاليە بىر ئىش قىلىشنى قارار قىلغان، ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ سىپروپىئون ئېلېمېنتىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشىنى سۆزلەشكە باشلىغان.
2024-يىلىغا كەلگەندە ئۇلار تۆت يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ئاخىرى سىپروپىننىڭ ئەكس تەسىرىنىڭ دىياگنوز قويغىلى، دوكلات قىلغىلى بولىدىغان كېسەللىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، دوختۇر دورا يېزىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ خىل دورىنىڭ خەتىرىنى قايتا باھالاش كېرەك.
تاليەنىڭ سەپدىشى، دوختۇر سىتىفىن ئىلگىرى گېرمانىيەدە ئانتىبىيوتىكتىن زەھەرلەنگەن تەخمىنەن 1500 بىمارنى داۋالىغان. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىغا چىققانغا ئوخشاش مۇھىم.»
دوختۇر ستېفېن مۇنداق دېگەن: «ئىلگىرى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە رېتسېپنى توغرا ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكى توغرىسىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، %99 ئانتىبىيوتىكدا خاتالىق كۆرۈلگەن».
تەتقىق قىلىنغان 100 بىمارنىڭ 81ى مۇۋاپىق بولمىغان كۆرسەتمىگە ئاساسەن فتور تۈرىدىكى ئانتىبيوتىكلارنى ئىشلەتكەن (جۈملىدىن ئىپوكسى، لېۋوفلوكسىن قاتارلىق دورىلار). بۇ 81 ئادەم ئىچىدە 43 ئادەمنىڭ دورىسىغا ئانتىبىوتىك تاللانمايتتى، لېكىن دوختۇر پەقەت ئانتىبىوتىك دورا بەرگەن؛ 27 ئادەمنىڭ داۋالاش خاتىرىسىدە باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئەسكەرتىلمىگەن بولسىمۇ لېكىن دوختۇر يەنىلا ئانتىبىيوتىك يېزىپ بەرگەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئانتىبىئوتىك ئامېرىكا دوختۇرلىرىنىڭ بىلىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان.
ئەمما بۇ خىل دورىلار مەيلى ئىچىدىغان ياكى ئوكۇل قىلىپ سالغاندا بولسۇن، ئېغىر ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ، ئادەم ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەسىرى ئۇزاققىچە بولۇشى مۇمكىن. مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، فىتور كۇئىنتوننى ئىشلەتكەن ھەر 10 مىڭ بىمار ئىچىدە ئاز دېگەندە 1-10گىچە ئادەمدە ئېغىر ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
(تاليەنىڭ دورا ئىچىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سېلىشتۇرمىسى)
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان ئامېرىكا يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 60 مىڭدىن ئارتۇق بىماردىن كەلگەن نەچچە يۈز مىڭ دانە فتور كۇئىنوتېن تۈرىدىكى ئانتىبىيوتىكقا مۇناسىۋەتلىك ئېغىر ناچار ئانتىبىيوتىكنى قوبۇل قىلغان.
يېقىنقى بىر دېلو يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدىكى 61 ياشلىق ئارتىس رىك سىنگېلغا چېتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ 2019-يىلى «بىرىنچى تامچە قان 5: ئاخىرقى قان» (第一个口血子 5:最后的血子) ناملىق كىنودا رول ئالغان.
(رىكنىڭ ئاغرىپ قېلىشتىن بۇرۇنقى ھالىتى)
2022-يىلى رىك كېسەل سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان. دوختۇر دەسلەپتە ئۇنى كانايچە ياللۇغى ياكى ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان، بۇ باكتېرىيەلىك ئۆپكە يۇقۇملىنىش كېسىلى دەپ قارىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ۋېناسىغا لېۋوفلوكسىن ئوكۇل قىلىپ ئۇرغان. ئەمما ئۇ ئەمەلىيەتتە يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئانتىبىيوتىكلارنىڭ ئۈنۈمى بولمايلا قالماستىن ئەكسىچە ئۇنىڭغا ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئوڭ تەرەپ ئوقۇرەك سۆڭىكى قىزىرىپ ئىششىپ، ئاغرىق سېزىمى بويۇن ۋە ئوڭ بىلىكىگە ئۇدۇل كېلىپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ ئوڭ قولى يەنە بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇ بۇ ئالامەتلەرنى ئانتىبىئوتىكلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان.
-
ئانتىبىيوتىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يەنە بىر بىمار ئوكلاخومالىق 44 ياشلىق ئايال مىڭدى ئىكەن.
(مىڭدىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۈشكەن سۈرىتى)
2016-يىلى ئۇ سوقۇر ئۈچەي ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان بولۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىنىپ تەخمىنەن ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن، دوختۇر ئۇنىڭغا يارا ئېغىزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا سىپروپىئون يېزىپ بەرگەن. مىڭدى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە سېسترا بولۇپ، ئۇ خىزمەتتە دائىم بۇ خىل دورىنى كۆرەتتى، شۇڭا دەسلەپتە ئانچە ئەنسىرىمىگەن، ئەمما ئۇ دورا ئىچىشنى باشلىغاندىن كېيىن سەل بىنورماللىق ھېس قىلىشقا باشلىغان. بىر مەزگىل دورا ئىچكەندىن كېيىن ئۇ ئومۇرتقا ئارتېرىيەسى قىستۇرما قەۋىتى، يەنى چوڭ مېڭىنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان ئارتېرىيە يىرتىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان، بۇ ئۇنىڭ سەكتە بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شۇ چاغدا بىرسى كاللامغا بىر پاي ئوق ئاتقان ئوخشايدۇ. مەن ئارقا مېڭەمنى سىلاپ بېقىپ، قان ئىزىنى بايقىمىدىم، ئاندىن كاللامدىكى بىر نەرسە يېرىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ھېس قىلدىم، ئىشقىلىپ بەك قورقۇنۇچلۇق.»
-
ئۈچىنچى بىمار تېكساس ئىشتاتىدىكى 85 ياشلىق بوۋاي جون بولۇپ، ئۇ 2023-يىلى 7-ئايدا قايتا قوزغىلىدىغان سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن دوختۇرغا كۆرۈنگەن.
(جوننىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى ئىدى، ئىلگىرى يۈگۈرۈش مەستانىسى ئىدى)
دوختۇر ئۇنىڭغا ئالتە كۈن مۇشۇ خىل دورىنى بەرگەن، نەتىجىدە ئىككى كۈن دورا يېگەندىن كېيىن، جوننىڭ مېڭىشى قىيىنلىشىپ، خۇددى چوڭ دېڭىزدىكى كىچىك قېيىقتا ماڭغاندەك ئىرغاڭلاپ ماڭغان ناھايىتى ئازاپلانغان. ئۇ ئايالىغا: «بىر پىچاق پۇتۇمغا سانجىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ» دېگەن. ئەر-ئايال توردا يېرىم كۈن ئىزدەپ، بۇ خىل دورىنى 60 ياشتىن ئاشقان ياكى ھەرىكەت مەسىلىسى بار كىشىلەرگە بېرىشكە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى بايقىغان، 85 ياشلىق جون ئەر-ئايال ئىلگىرى قان تومۇر خاراكتېرلىك دەپ دىياگنوز قويۇلغان ئىكەن، بۇ خىل كېسەل ئۇنىڭ مېڭىشى ۋە تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر يەتكۈزگەن، شۇڭا بۇنداق دورىنى ھەرگىز يېمەسلىكى كېرەك ئىدى.
ئەمەلىيەتتە، ئۇ يەنە ئالايىتەن دوختۇر بىلەن ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلغان، نەتىجىدە دوختۇر ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ، جون دورىنى توختاتسىلا بۇ ئەكس تەسىرلەرنىڭ دەرھال يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن دوختۇرنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشمىغان، جون دورىنى توختىتىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان، ئۇ ھەرىكەت قىلىشقا ئامالسىز قالغان، پۇتى نورمال چوڭلۇقنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن كۆپرەك ئىششىپ قالغان. بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن جون بىر كېچىلىككە قاتناشقان، ئۇ ئورۇندۇقتىن تۇرماقچى بولغاندا تۇيۇقسىز چىرقىرىغان، ئۇنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ پەيلىرى يىرتىلىپ كەتكەن.
ھازىر جون ياردەمچى جازىنى ئىشلەتمىسە ماڭالمايدىغان بولۇپ قالغان. «قاتتىق ئاغرىق ۋە تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسى» ئۇنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان، بۇ مەسىلە ئۇنىڭ كۆپ قېتىم يىقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قېتىم يەنە ئۇنىڭ يەلكە يېڭىنى (مۈرە بوغۇمىنى چۆرىدىگەن مۇسكۇل ۋە پەيلەر) يىرتىۋەتكەن.
(ھازىرقى جون)
ئۇلارغا ئوخشاش ئانتىبىئوتىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئەمەلىيەتتە ناھايىتى كۆپ. دەل ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئانتىبىئوتىكنىڭ خەتىرىنى ئېتراپ قىلغان. ئەمەلىيەتتە، ئېغىر ئەكس تەسىردىن باشقا ئانتىبىيوتىكنى زىيادە كۆپ ئىشلىتىشمۇ بەزى باكتېرىيەلەردە دورىغا چىدامچانلىق پەيدا قىلىپ، بۇ خىل باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملىنىشنى كەلگۈسىدە داۋالاش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2019-يىلى ئانتىبىيوتىكلارنىڭ دورىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى دۇنيادىكى ئون چوڭ ساغلاملىق تەھدىتىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن، مۆلچەرلىنىشىچە، ئەگەر ئەھۋال داۋاملىق ناچارلاشسا 10 يىلدىن كېيىنكى 2035-يىلىغا بارغاندا يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئەكسىچە 1.8 يىل قىسقىرايدۇ.
تاليەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر مۇنداق دېگەن: ئانتىبىيوتىك بىر خىل ناھايىتى ئۇلۇغ دورا، لېكىن سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش ۋە ئۆپكە يۇقۇملىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن، ئېنىقلا تېخىمۇ ياخشى سەپلىمە مەۋجۇت دورىلار كېسەلگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەكس تەسىرى تېخىمۇ كىچىك بولغاچقا، ئەمدى ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
قانداقلا بولمىسۇن ئانتىبىيوتىكقا بولغان تونۇشنىڭ تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، دورا ئىشلىتىشنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز...
رومانلار
سېھىرلىك تېۋىپ | ياۋايى ھەۋەس | مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ |