ئوپېراتسىيە پىچىقى سەۋەبلىك ئوت كېتىپ بىمار كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتتى

文摘   2025-01-22 21:51   海南  

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا ئامېرىكا ئورېگون ئىشتاتلىق سوت مەھكىمىسى بىر غەلىتە داۋالاش ھادىسىسى تۆلەم دېلوسىغا قاراپ چىققان. بىر بىمار ئوپېراتسىيە قىلىنىۋاتقاندا داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئوت ئېلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە ئوت تۇتىشىپ كەتكەن. تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، ئوپېراتسىيەدە قىسمەن ناركوز قىلىنغاچقا، ئۇ شۇ چاغدا تېخى سەگەك ھالەتتە ئىدى. بۇ ئورۇنسىز ئاپەت بۇ ئەرنىڭ يۈز قىسمىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ كۆيۈپ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاخىرىدا ئۇ داۋالاش ھادىسىسى يۈز بېرىپ ئالتە ئايدىن كېيىن بەختكە قارشى قازا قىلغان.

بۇ قېتىمقى داۋالاش ھادىسىسىنىڭ تەپسىلاتىنىڭ ئۈزۈكسىز ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، سىرتتىكىلەر ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنىڭ تېخى ئاز ئەمەسلىكىنى بىلگەن...

2022-يىلى 12-ئايدا 51 ياشلىق مۇردوك تىل تەڭگىسىمان ھۈجەيرە راكى سەۋەبىدىن ئورېگون ساغلاملىق ۋە ئىلىم-پەن داشۆسى دوختۇرخانىسىغا كىرىپ داۋالانغان. بىر قېتىملىق تەپسىلىي دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن داۋالاشقا مەسئۇل دوختۇر خوۋارد ئۇنىڭغا قىسمەن ناركوز قىلغاندىن كېيىن كاناي نەيچىسىنى يان تەرەپتىن كېسىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرماقچى بولغان. ئوپېراتسىيە قىلىشتىن بۇرۇن تېببىي خادىملار داۋالاش ئىسپىرت پاختىسى بىلەن مۇردوكنىڭ بېشى ۋە يۈزىنى سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلغان.

ئەمما دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن دوختۇر خوۋارد ئىسپىرتنىڭ تولۇق قۇرۇشىنى ساقلىمايلا توكلۇق ئوپېراتسىيە پىچىقىنى ئېچىپ مەشغۇلات قىلغان.

بۇ باسقۇچتا توكلۇق ئوپېراتسىيە پىچىقى ئۇچقۇنى مۇردوكنىڭ يۈزىدىكى قالدۇق ئىسپىرتنى بىۋاسىتە كۆيدۈرگەن. بىر مەھەل مۇردوكنىڭ بېشىغا ئوت كېتىپ، ئوپېراتسىيە دەرھال ئاخىرلىشىشقا مەجبۇر بولغان. شىددەتلىك ئوت يالقۇنى گەرچە مۇردوكنىڭ ھاياتىغا زىيان يەتكۈزمىگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ يۈزىدىمۇ كەڭ كۆلەملىك كۆيۈك يارىسىنى پەيدا قىلغان.

بىر مەزگىل يارىسىنى تازىلاپ تېڭىپ قويغاندىن كېيىن مۇردوكنىڭ يۈزىدە نۇرغۇن يارا ئىزى ۋە يارا ئېغىزى پەيدا بولغان. بۇ ئوچۇق يارا ئېغىزى ئۇنىڭ چىرايىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي يارا ئېغىزىنىڭ يۇقۇملىنىشى ئۇنىڭ تىل راكىنى داۋالاش سۈرئىتىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. مۇردوكنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئورۇنسىز ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئورېگون ساغلاملىق ۋە ئىلىم-پەن داشۆسى دوختۇرخانىسى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشنى قارار قىلغان. لېكىن ئۇنىڭ باش قىسمىنىڭ كۆيۈپ كېتىشى مۇردوكنى نورمال گەپ قىلالمايدىغان قىلىپ قويغان، ئوپېراتسىيە جەريانىدا يۈز بەرگەن قورقۇنچلۇق كەچۈرمىشنى نورمال تەسۋىرلەپ بېرەلمىگەن، ئۇ پەقەت ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى سېلىشتۇرۇپلا ئەسلىگە كەلتۈرەلىگەن.

ئۇنىڭ ئارىلاپ-ئارىلاپ تەسۋىرلىرىدىن ئائىلىسىدىكىلەر تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بىر پاكىتنى ئاڭلىغان. ئەسلىدە، ئوپېراتسىيەگە ئوت كەتكەندە قىسمەن ناركوز قىلىنغان مۇردوك يەنىلا سەگەك ھالەتتە ئىكەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈزىگە ئوت كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى مۇردوك ۋەقە يۈز بېرىپ ئالتە ئايدىن كېيىن راك كېسىلى بىلەن 52 يېشىدا قازا قىلغان. ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن كۆيۈك يارىسى ئېلىپ كەلگەن ئازابنى يەتكۈچە تارتقان. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئورېگون ساغلاملىق ۋە ئىلىم-پەن داشۆسى دوختۇرخانىسى، ئوپېراتسىيە دوختۇرى خوۋارد ۋە 10 تېببىي خادىمنىڭ ھەممىسىنى سوتقا ئەرز قىلىپ، ئۇلاردىن 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 6 مىليون 580 مىڭ يۈەن) تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلغان.

ھازىر بۇ دېلو تەكشۈرۈلمەكتە، قاراپ چىقىش تەپسىلاتى تېخى ئېنىق ئەمەس. چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا تاشقى كېسەللىكلەر شۆيۈەنىنى ئالايىتەن زىيارەت قىلغان بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ مەسئۇلى بۇ دېلونىڭ ئالاھىدە ئەھۋال ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى ئوپېراتسىيە ئۆيىدە ھەم ئوت مەنبەسى، ئوكسىگېن، ئىسپىرت تۈرىدىكى يېقىلغۇ بار بولۇپ، «كۆڭۈلدىكىدەك ئوت ئاپىتى شەرتى»گە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

كونسېرۋاتىپلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكىدا ھەر يىلى 90-100 قېتىم ئوپېراتسىيە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىدىكەن. بۇ خىل ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دوختۇرخانا تەرەپ ئوكسىگېن، يېقىلغۇ ۋە ئوت مەنبەسى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغاندىن باشقا يەنە قەرەللىك ھالدا ئوپېراتسىيە ئۆيىدىكى خادىملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشى ھەمدە ئىمكانقەدەر ئۆي ئىچى، ئوكسىگېننىڭ قويۇقلۇقى %30تىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك.

ئامېرىكا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى شۆيۈەنى يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «بۇنداق قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش ھەرگىزمۇ قورقۇتقانلىق ئەمەس، چۈنكى دوختۇرخانىنىڭ ئوپېراتسىيە ئۆيىدە دائىم ئوت ئاپىتى يۈز بېرىدۇ، نۇرغۇن ئوپېراتسىيەلەرنىڭ ئارقىسىدا ئويلىمىغان ئىشلار بار».

ئوپېراتسىيە ئوت ئاپىتى ۋەقەسىگە ئۇچراپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئالدى ـ كەينىنى سېلىشتۇرۇمىسى

2017-يىلى كانادادىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانا بىر بىمارغا كاناي ئۆسمىسىنى كىچىكلىتىش ئوپېراتسىيەسى قىلىۋاتقاندا باش ئوپېراتسىيەچى دوختۇرنىڭ قولىدىكى لازىر نۇرلۇق ئۈسكۈنىدە تۇيۇقسىز ئۇچقۇن يېنىپ بىمارنىڭ كانىيىغا ئوت كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىمار ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە ئۈچ ئاي ياتقاندىن كېيىن ئاندىن ھاياتى ئاخىرلاشقان.

بۇ دېلونى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل تەكشۈرۈش تەشكىلاتى تەكشۈرگەندىن كېيىن ناركوز قىلغۇچىنىڭ ئوپېراتسىيەگە ئېھتىياجلىق بولغان %30-%40 تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى ئوكسىگېننى خاتا ئىشلەتكەنلىكتىن ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلگەن. بۇنىڭ بىلەن دوختۇرنىڭ قولىدىكى لازېر نۇرلۇق ئەسۋاپ دەرھال ئوت ئېلىپ مۇشۇنداق ئاقىۋەت كېلىپ چىققان.

2019-يىلى رۇمىنىيەدە 66 ياشلىق بىر ئايال ئاشقازان ئاستى بېزى راكى ئوپېراتسىيەسىنى قوبۇل قىلىۋاتقاندا، باش ئوپېراتسىيەچى دوختۇرنىڭ توكلۇق ئوپېراتسىيە پىچىقى تېببىي ئىسپرت بىلەن ئۇچراشقانلىقتىن ئوت ئېلىپ بىمارنىڭ پۈتۈن بەدىنىدە %40لىك كۆيۈك يارىسى پەيدا بولۇپ تېرە ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان. بۇ بىمار ئېغىر كېسەل بولۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىنمۇ يەنىلا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.

ئوپىراتسىيەخانا ئىچىدىكى ئۈسكۈنىلەر، ئوت ۋە يېقىلغۇلارنى قاتتىق كونترول قىلغان، ئوپىراتسىيە جەريانىدا ئاندا-ساندا كۆرۈلگەن تاشقى كاشىلىلاردىن ساقلانماق تەس. 2016-يىلى 4-ئايدا ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدىكى بىر ئايال بىمار بالىياتقۇ بوينى ئۆسمىسىنى كېسىپ ئالدۇرىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز پۈتۈن بەدىنىگە ئوت كېتىپ، بەل، پۇتىنىڭ كۆپ قىسمى كۆيۈپ يارىلانغان.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت دەرھال 3-تەرەپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بۇ ۋەقەنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تۆت ئاي زىيارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ھەقىقىي ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا قويغان...

ئەسلىدە بۇ بىمارنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئۈچۈن لازىر نۇر ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىش كېرەك ئىكەن. باش ئوپېراتسىيىچى دوختۇر لازېر نۇرىنى ئاچقاندا بىمار ئوسۇرۇپ قويغان. ئوسۇرۇقنىڭ تەركىبىدە ھىدروگېن، ئېتىل قاتارلىق كۆيۈشچان گازلار بار. يېنىشچان گازنىڭ قويۇقلۇقى %40تىن ئاشسا يالقۇنغا ئايلىنىشى مۇمكىن. ئوت يالقۇنى يەنە بىمارنىڭ بەدىنىدىكى كېسەللىك كىيىمىنى كۆيدۈرۈپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ بەدىنىدە كەڭ كۆلەمدە كۆيۈپ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بىمارنىڭ ئۈچىيىگە چىققان كېرەكسىز گاز سەۋەبىدىن ئوپېراتسىيىگە ئوت كېتىش ئەھۋالى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

بۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دوختۇرلار دائىم بىمارلاردىن ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن تاماق يېمەسلىك، سۇ ئىچمەسلىكنى ھەمدە ئۈچەينى تازىلاپ، چوڭ تەرەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك. شۇڭا دوختۇرخانا تەرەپمۇ بۇنىڭدىن كېيىن بىمارنىڭ مەقئىتىگە ھۆل داكا سېلىپ، تۇيۇقسىز ھاۋا ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئويلىشىدۇ.

ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدە يۈز بەرگەن بۇ غەلىتە گەپلەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن تورداشلار ئويلىغانسېرى قورققانلىقىنى ھېس قىلغاندىن باشقا، يەنە بەس-بەستە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇلار مۇنداق دېيىشكەن:

«راستىنى دېگەندەك دوختۇر بولۇشمۇ بەك تەس ئىكەن.»

«مېنى يەنە بىر خىل يېڭى قورقۇنچ چىرمىۋالدى.»

«تۈگەشتىم، مەن ئىلگىرى بۇنداق ئىشنى ئاڭلاپ باقمىغان. ئۇ نەس باسقۇر شۇنچە كۆپ قورقۇنچلۇق ئىشلارنى باشتىن كەچۈردى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بۇ دەۋادا غەلىبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

«مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇنىڭغا بىر مىليون دوللار تۆلەشمۇ كۆپ ھېسابلانمايدۇ، چوقۇم تېخىمۇ كۆپ بېرىشى كېرەك.»

يۇقىرىقى قورقۇنچلۇق داۋالاش ھادىسىلىرىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، شۇنى دېمەي تۇرالمايمىزكى، دۇنيا بەك چوڭ، داۋالىنىدىغانلار تېخىمۇ كۆپ، بۇنداق ئىشنىڭ ئاز يۈز بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز...

رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章