ئېلون ماسك ئەڭ ناچار سەتچىلىكنى ئاشكارىلىدى

文摘   2025-01-19 22:45   海南  

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

يېقىندا، ماسك بىر چوڭ ئىش قىلغان بولۇپ، ئىشنىڭ سەۋەبى سەل مۇرەككەپ. قىسقىسى، ماسك بىلەن ئەنگىلىيە ئىشچىلار پارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە خېلى ئۇزۇن بولغان، بۇ قېتىم بولسا رەسمىي تۇتۇشۇپ قالغان. ماسك ئالاقە تورىدا تەلۋىلەرچە نەچچە ئون ئىشنى تىلغا ئالغان، يەنە بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى سىتارمېر ئالىي تەپتىش ئەمەلدارى بولغان مەزگىلدە يۈز بەرگەن، پۈتۈن ئەنگىلىيەنى زىلزىلىگە سالغان سەتچىلىكنى تېپىپ چىققان. بۇ سەتچىلىك بولسا بىر كوللىكتىپنىڭ ئاز دېگەندە 1400 نەپەر قىزغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغانلىقى، دورا بېرىپ، جىنسىي ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغانلىقى ئىكەن.

لېكىن، دېلونىڭ خاراكتېرى ئىنتايىن ناچار بولسىمۇ، تېگىشلىك دەرىجىدە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنماي، ئەكسىچە، يۈزەكى بىر تەرەپ قىلىنغان. ماسك ئۇدۇللا مۇنداق دېگەن: «ئەينى چاغدا ئەنگىلىيەنىڭ باش تەپتىش ئەمەلدارى بولغان، ھازىر ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بولۇۋاتقان ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى گىل سىتارمېر ئەيىبلەشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ». ئۇ قىلچە يۈز خاتىرە قىلماستىن: «سىتارمېر دېگەن رەزىل ئادەم» دەپ ئەيىبلىگەن.

ھەتتا ئۇ ئەنگىلىيە ئىشچىلار پارتىيەسىنى بىۋاسىتە «ئەنگىلىيە باسقۇنچىلىق پارتىيەسى» دەپ ئاتىغان. بۇ سۆزلەر ھەممىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولغان، لېكىن دېلو بەك كىشىنى چۆچۈتىدىغان بولغاچقا، ئەكسىچە ماسكنىڭ نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرى پەيدا بولغان. بۇ تەشكىللىك بالىلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش سەتچىلىكى ئەنگىلىيەنىڭ جەنۇبىي يوركشىرنىڭ روتلېم شەھىرىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، دېلونىڭ ۋاقىت ئارىلىقى 1997-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە داۋاملاشقان، ئاز دېگەندىمۇ 1400 قىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئايلانغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنگىلىيەلىك ئاق تەنلىك قىزلار بولۇپ، لېكىن ئاسىيا قان سىستېمىسىدىكى قىزلارمۇ ئوخشاشلا ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋە باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ئۇلارنىڭ يېشى كۆپىنچە 11 ياشتىن 15 ياشقىچە بولۇپ، ھەتتا 10 ياش ۋە ئۇنىڭدىن كىچىكلەرمۇ بار ئىكەن. بۇ قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى نامرات ئائىلىدىن كىلىپ چىققان ياكى ئائىلە ئەھۋالى ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولۇپ، پىسخىكا ياكى ئائىلە قىيىنچىلىقىغا يولۇققانلار ئىكەن.

ساددىلىق ۋە ئاجىزلىق ئەڭ ئاسانلا جىنسىي ئېكسپىلاتاتسىيەنىڭ نىشانى بولۇپ قالىدىغان بولۇپ، شۇڭا جىنايەتچىلەر ئۇلارغا كۆز تىككەن. جىنسىي ئېكسپىلاتاتسىيە قىلمىشى ئادەتتە ئازدۇرۇشتىن باشلىنىدىغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە، بۇ بەلكىم بىر زىيانسىز ئاددىي گەپكە سىلىشتەك كۆرۈنىشى مۇمكىن ئىكەن. مەسىلەن، قارىماققا يېشى ئانچە چوڭ ئەمەس ئوخشاش ياشتىكى ئوغۇل بالا يورۇق چىراغ بار مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشى، كېيىن ئىككىيلەن «دوست» بولۇپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

كېيىن بۇ ئوغۇل بالا قىز بالىغا سوۋغات بېرىدىكەن، ئاندىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ ئوينايدىكەن، يالغاندىن ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ماددىي سوۋغات بېرىش ئۇسۇلى بىلەن قىزنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرىدىكەن، ئاندىن ئۇنى ئۆز تەۋەلىكىگە ئېلىپ بېرىپ، «يېشى چوڭ دوستى»غا تونۇشتۇرىدىكەن. بۇ يېشى چوڭ ئەرلەر قىزلارغا ھاراق ئىچكۈزىدىكەن ياكى دورا بېرىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ يېشى چوڭ ئەرلەر ئۇلارنىڭ «ئوغۇل دوستى»غا ئايلىنىدىكەن. لېكىن ئېكىسپىلاتاتسىيە شۇنىڭ بىلەنلا ئاياقلىشىپ قالمايدىكەن.

جىنايەتچىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قىزلارغا ھاراق ۋە زەھەر بېرىپ، ئۇلارنىڭ تېنى ۋە روھىنى كونترول قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارغا باشقا ئەرلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق «قەرز»نى قايتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىزلار تېخىمۇ چوڭ كىشىلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدىكەن ھەمدە بارا-بارا بۇنىڭغا كۆنۈپ قالىدىكەن. كېيىن خورلاش قىلمىشى بىر ئادەم قاتنىشىشتىن ئون نەچچە ئادەم قاتنىشىشقا تەرەققىي قىلىپ، بارغانسېرى كۈچىيىدىكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار يەنە دائىم باشقا شەھەر-بازارلارغا ئېلىپ بېرىلىپ، باشقا بالا ئىشقىۋازلىق خۇمارى بار تەشكىلاتلارغا سېتىلىدىكەن.

بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇ جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش سەۋەبىدىن تۇغۇلغان بالا.

نېمىشقا بۇ قىزلار مۇشۇنداق ئىشلارنى قوبۇل قىلىدۇ؟ چۈنكى ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغان ئادەم يوق، ئۇلار ئەسلىدىنلا نامرات، ئاجىز ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، يېشى كىچىك، تەربىيە ئېلىش دەرىجىسى تۆۋەن. بۇ جىنايەتچىلەر ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، يەنە مەقسەتلىك ھالدا بۇ قىزلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى توپلاپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قەيەردە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالغان. ئەگەر بۇ قىزلار چېكىنىپ چىقماقچى بولسا، جىنايەتچىلەر ئۇلارنى قورقۇتقان، ئۆيىنىڭ سىرتىدا ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇپ، دېرىزىلىرىنى چېقىۋەتكەن، تېلېفون قىلىپ ئۇلارنى ھاقارەتلىگەن، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئانىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىنى بوزەك قىلىمىز، دەپ تەھدىت سالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىزلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلىنىڭ ھەمكارلىشىش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە باشلىغان.

13 ياش ۋاقتىدا بوزەك قىلىنغان بىر قىز مۇنداق دېگەن: «كېيىنكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئۆزۈمنىڭ ئانىسى بولۇپ قالىدىغاندەك ھېس قىلدىم، ئۇلار ئىلگىرى دائىم ئانامنىڭ ئىزىغا چۈشەتتى، شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ قاچان مال سېتىۋالغىلى نەگە بارىدىغانلىقىنى بىلەتتى». يەنە بىر 15 ياشلىق قىز ئۆزىنىڭ ئۆلۈمدىن پەقەت «قاش بىلەن كىرپىك»چىلىك يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇلار ھەتتا بۇ قىزلارغا بېنزىن چېچىپ ئوت قويماقچى بولغان ھەمدە ئۇلارنىڭ پات ئارىدا ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

بۇنداق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە، قىزلار كۆپ ھاللاردا ياردەم تەلەپ قىلىدىغان ئادەم ياكى ئورۇن تاپالماي، پەقەت قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان، بۇ ئىش تاكى بالا ئىشقىۋازلىرى ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى سەۋەبىدىن ئۇلارغا بولغان قىزىقىشىنى يوقىتىپ، رەھىمسىزلەرچە ئۇلارنى كوللېكتىپتىن قوغلاپ چىقارغانغا قەدەر داۋاملاشقان. ئەمما، بۇ ۋاقىتتىكى قىزلار بۇ كوللېكتىپ تەمىنلىگەن زەھەر، ھاراق، كىشىلىك ئالاقە تۇرمۇشى، «ھېسسىيات»، ھەتتا ئائىلىگە بېقىنىۋالىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. بۇ چاغدا، بۇ بىر توپ كىشىلەر بۇ قىزلارغا ئۆزلىرىنى تېخىمۇ كىچىك قىزلار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ داۋاملىق تەشكىلاتتا قېلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ھېچكىم جاننى تىكىپ قويۇپ قارشىلىق كۆرسىتىشنى خالىمايمۇ قالمىغان، بىراق، ساقچىلار دائىم بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالغان. 2014-يىلى ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، گەرچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار كۆپ قېتىم ساقچىغا مەلۇم قىلغان ھەمدە قىزلارنىڭ جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق ۋە جىنسىي ئېكسپىلاتاتسىيەگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئېنىق ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ساقچىلار ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈش تەدبىرى قوللانمىغان.

بەزى ساقچىلار ھەتتا بۇ قىزلارنى «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن» بۇ كوللىكتىپقا قاتناشقان، ئۇلارنىڭ قىلمىشى «شەخسىي تاللاش»تىن كېلىپ چىققان، دەپ قاراپ، بۇنى جىنسىي ئېكسپلاتاتسىيە دېلوسى دەپ بېكىتمىگەن، ھەتتا بەزى ئەھۋاللاردا، قىزلارنىڭ ئۇلارغا بەرگەن دوكلاتىغا يۈزەكى ھالدا سەل قارالغان.

ئىلگىرى بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاپتوموبىل ئىچىدە مەجبۇرىي جىنسىي قىلمىش سادىر قىلىۋاتقاندا، بىر ساقچى جىنايەتچىگە يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى سورىغان. جىنايەتچى بولسا بىۋاستە ئەپلەپ-سەپلەپ سوئالدىن ئۆزىنى قاچۇرغان، ئاندىن ساقچى ئاپتوموبىلى ئۇدۇللا كېتىپ قالغان.

يەنە بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىشنى قارار قىلغان. جىنايەتچىلەر ئۇنىڭ دېلو مەلۇم قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىنىڭ دېرىزىسىنى چېقىپ، ئاكىسىنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۇۋەتكەن. بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەڭ ئاخىرىدا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ساقچى ئىدارىسىغا بېرىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز جىنايەتچىلەرنىڭ 11 ياشلىق سىڭلىسىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكى، ئۆزىنىڭ قايسى يولنى تاللاش ئىختىيارلىقى بارلىقى توغرىسىدىكى قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇ بۇ سەۋەبلىك بىرسىنىڭ جىنايەتچىگە خەۋەر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىغا ئىشەنگەن.

يەنە بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى 14 يېشىدا ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ بۇ ئىشنى ئانىسىغا ئېيتقان. ئانىسى ئۇنى ساقچىغا مەلۇم قىلدۇرغان، ئىككى ساقچى كېلىپ ئۇنىڭ نۆۋەتلىشىپ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان چاغدىكى كىيىملىرىنى، يەنى جىنايى قىلمىش توغرىسىدىكى كۈچلۈك ئىسپاتنى ئېلىپ كەتكەن. بۇ ئىسپاتلار توپتوغرا ئالتە خالتا بولۇپ، لېكىن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ساقچىلار ئۇنىڭغا بارلىق كىيىملىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساقچىلار ئۇنىڭغا ئەرز قىلماسلىق توغرىسىدا ئىزچىل نەسىھەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا بۇ ئىشقا دېلو تۇرغۇزۇلمىغان.

ئۇزاقتىن بۇيان، ھەتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بۇ نامرات ئائىلىلەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى قوغدىمايدىغانلىقىغا، ھەتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. بۇ بالىلار ھەرگىزمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەپ قارالمايدىغان بولۇپ، ساقچىلار بۇنداق ئائىلىدىن كېلىپ چىققان قىزلارغا ھېسداشلىق قىلمىغان، ئۇلار بۇنى پەقەت «ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسىلىسى» دەپ قاراپ، بۇ قىزلارنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر»، ساقچىلارنىڭ قوغدىشىغا ئەرزىمەيدۇ، دەپ قارىغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارلىرى.

يەنە بىر سەۋەب شۇكى، بۇ جىنايەتچىلەر گۇرۇھى ئاساسلىقى جەنۇبىي ئاسىيا پۇشتىدىن بولغان ئەرلەر ئىكەن. ساقچى ۋە ھۆكۈمەت ئۇلارنى قاتتىق جازالاشنى خالىمايدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئالاقىدار تېمىلارنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ، قول تۇتىدىغان، «توغرا بولمىغان» ئىرقىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. ئۇلار بۇنداق قىلغاندىن كۆرە، 14 ياشلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلىسىنىڭ خاراكتېرىنى بىۋاسىتە بېكىتىپ، دېلونى «ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلغان دەپ چۈشەندۈرگەن تۈزۈك» دەپ ئويلىغان. نەچچە قېتىملىق مەشغۇلاتتىن كېيىن، دېلوغا چېتىشلىق قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان، ھەتتا بىر تەرەپ قىلىنمىغان.

بۇ جىنايەتچىلەر ياش ھەم ئاجىز قىزلارغا سىستېمىلىق جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان، ئەمما كۆپ ساندىكىلىرى جازا ئۆتىگەن يەتتە يىل ئىچىدىلا قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، نۇرغۇنلىرى ھازىر تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپمۇ بولغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئالاقىدار تارماقلاردىن ياردەم سورىغاندا، تېگىشلىك قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن، بىر قىسىم قىزلار ھەتتا خورلاشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ئاخىرىدا بۇ سەتچىلىك 16 يىل جەريانىدا ئىزچىل يامراپ كەتكەن. ساقچىلار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىقى ئاخىرىدا سانسىزلىغان سەبىي قىزلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئېكسپىلاتاتسىيەگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە تېخىمۇ بالدۇر ئارىلىشىش ئارقىلىق چەكلىگىلى بولىدىغان ئىشلار ئىكەن.

بۇ ئىشلاردىن نۇرغۇن ئەنگىلىيەلىكلەر ئىنتايىن غەزەپلەنگەن ۋە مۇنداق دېگەن: «بىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك، چۈنكى بۇ جىنايەتچىلەرگە يول قويغان ۋە ياردەم بەرگەنلەر ھازىرغىچە ئەيىبلەنمىدى». ساقچىلار، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، مەركىزىي ھۆكۈمەت خادىملىرى ئەسلىدە بۇ قىزلارنىڭ بۇنداق ئىشقا يولۇقۇشىنى توسۇپ قالالايدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇنى كۆرمەسكە سالغان، ھەتتا بۇنى «تۇرمۇشتىكى تاللاش» دېيىشكەن.

غايەت زور تالاش-تارتىش ئالدىدا، ئىشچىلار پارتىيەسى بۇ جىنايەت تەشكىلاتىنى يېڭىدىن مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈش تەلىپىنى يەنىلا رەت قىلغان. بىراق، بۇ ئىش زور خەلق پىكرى قوزغىغانلىقتىن، تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ھۆكۈمەت ۋە ساقچىلارنى بۇنداق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈشكە ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە، تارىخنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇراجىئەت قىلغان. ئىشچىلار پارتىيەسى نەچچە ھەپتە تىركەشكەندىن كېيىن بەرداشلىق بېرەلمەي قالغان، 1-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى ئىۋېت كۇپېر كۆپ يىللاردىن بۇيان ئەيىبلەنگەن بالىلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش شايكىلىرىغا قارىتا بىر قاتار يېڭى مەركىزىي ھۆكۈمەت قوللايدىغان يەرلىك تەكشۈرۈشلەرنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. مەيلى ماسك ئەڭ دەسلەپتە نېمە سەۋەبتىن كونا ئىشنى قايتا تىلغا ئالغان بولسۇن، ھازىرغا كەلگەندە، ئامما پىكرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا تەكشۈرۈشنى قايتا باشلاش بىر ياخشى ئىش بولۇپ قالغان. مەيلى ئىلگىرى بۇ ئىشلارغا چوڭقۇر پېتىپ قالغان قىزلار بولسۇن ياكى كەلگۈسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بولغان قىزلار ئۈچۈن بولسۇن، بۇ كۈرەش ھەققانىيەت، ۋىجدانغا مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا پۈتكۈل ئەنگىلىيە جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالغان.

رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章