90 ياشتىن ئاشقاندىمۇ يەنىلا سەھنىدە چاقناۋاتقان رىۋايەتلىك مودېل

文摘   2025-01-19 22:45   海南  

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مودېللىق ساھەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان دوستلارنىڭ ھەممىسى بۇ ساھەدە ياشلارنىڭ پەقەت ياشلىقىدا بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنالايدىغانلىقىنى، 15 ،16 يېشىدا نام چىقارغان مودېللارنىڭ سان-ساناقسىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. مۇشۇنداق بىر مودېل 90 نەچچە يېشىدىمۇ T سەھنىسىدە چاقناپ، سانسىزلىغان داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ گۈزەللىكى ياشلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بەلكى يېشىدىن ھالقىغان سېھرىي كۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇ دەل كارمېن دېل ئورېفىس (Carmen Dell Orefice).

1946-يىلى نيۇيوركتا.

قار-يامغۇرلۇق بىر چۈشتىن كېيىن، كارمېن دېل ئورېفىسنىڭ تۇرمۇشىدا تۇنجى قېتىم ئۆزگىرىش بولغان. ئۇ 13 ياشقا كىرگەن بولۇپ، يەنىلا ئادەتتىكى قىزلاردەك، ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ بالېت ئۇسسۇلى ئوينىغىلى بارغان، ئۇ كۆڭلىدە ئارزۇغا تولغان بۇ شەھەردىن ئۆزىگە تەۋە كىچىك بۇلۇڭنى تاپالىساملا، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغان.

لېكىن، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇنىڭ ھاياتى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇ ئادەملەر توپى ئارىسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، تۇيۇقسىز بىر ئىللىق قولنىڭ ئۇنىڭ مۈرىسىگە تەگكەنلىكىنى ھېس قىلغان.

«سىز مودېل بولۇشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟» بۇ بىر چىرايلىق ئوتتۇرا ياشلىق ئايال بولۇپ، كۆزلىرىدىن رەت قىلغىلى بولمايدىغان بىر خىل ئىشەنچ چىقىپ تۇرغان ئىدى.

كارمېن بېشىنى بۇراپ، كۆڭلىدە سەل گۇمانلانغان ھالدا بۇ ئايالغا قارىغان، ئۇ قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنمەيتتى. ئۇ خېرمان لانزخوفنىڭ ئايالى، ئەينى چاغدا فوتو سۈرەت ساھەسىدە نام-ئابرۇيى بار ئايال ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى كۆزىتىشكە تولغان بولۇپ، خۇددى كارمېننىڭ روھىنى كۆرەلەيدىغاندەك قىلاتتى.

-مودېل؟-بۇ چاغدا كارمېننىڭ ئاۋازى سەل تىترەپ كەتكەن ئىدى.

-ھەئە، مودېل. سىزدە تۇغما مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى بار!-خانىم مىيىقىدا كۈلۈپ قۇيۇپ، تەمكىن ئەمما قەتئىي تەلەپپۇزدا:-مەن دو تىكىشىمەن، مودا ساھەسى سىزگە مۇھتاج-دېگەن.

ئۆزىنىڭ نام چىقىرىشىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان بىر قىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر جۈملە سۆز ئۇنىڭ قەلبىگە چاقماق چاققاندەك تەسىر قىلغان. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، كارمېن تەكلىپكە بىنائەن تۇنجى قېتىملىق سۈرەتكە تارتىش سىنىقىغا قاتناشقان. گەرچە ئۇ يەنىلا سەل جىددىيلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن كامېرا ئالدىدىكى ئۇ ناھايىتى تەبىئىي بولۇپ، خۇددى ھەر بىر ھەرىكىتى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولغان چاقچاققا تولغاندەك قىلغان.

شۇ دەقىقىدىن باشلاپ، كارمېننىڭ ئىسمى نيۇيوركتىكى مودا چەمبىرىكىدە پەيدا بولۇپ، شۇ دەۋردىكى ئەڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە يېڭى چولپانلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

-كارمېن، سىز قارىماققا كىلاسسىك رەسىمگە ئوخشايدىكەنسىز.-بۇ بىر جۈملە ماختاش مودا ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق فوتوگرافلارنىڭ بىرى بولغان ئېۋىن پېڭ (Evin Peng)نىڭ ئېغىزىدىن چىققان ئىدى، ئۇ كامېرا ئارقىلىق قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى نۇرنى قېزىپ چىقالايدىغان ئادەم. شۇڭا كارمېننىڭ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقاندىكى جىددىيلەشكىنى توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇ، ئۇ شۇ چاغدا ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئېۋىن پېڭغا ئوخشاش گىگانت ئۇستاز بىلەن بىللە خىزمەت قىلىش ھەر بىر ياش مودېلنىڭ ئارزۇسى ئىدى.

-توختاڭ، مىدىرلىماڭ. سىز كامېرا ئارقىلىق ئىچكى دۇنيارىڭىزنى تارتىۋېلىشىڭىز كېرەك.-ئېۋىن پېڭ سوغۇق ھەم دىققىتىنى يىغىپ پەس ئاۋازدا سۆزلىگەن. ئۇنىڭ كۆزلىرى كامېرادىن تېشىپ ئۆتۈپ، كارمېننىڭ كۆزىگە ئورناپ قالغان.

كارمېن كۆزىنى يۇمۇپ، نەپىسىنى تەڭشەپ، ئۆزىنىڭ ئوي-خىياللىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويغان. ئۇ مۇكەممەل ئەمەس، چىرايىدا يەنە نازۇكلۇق بار، لېكىن ئۇ ئۇنىڭ گۈزەللىكىنىڭ تاشقى قىياپەتلا ئەمەس، بەلكى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئىچكى مىجەز-خۇلق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ كامېرا بىلەن كۆز ئارقىلىق سۆھبەتلىشىشكە ئۇرۇنۇپ، ئۆزىنىڭ بارلىق ھېسسىياتىنى سىڭدۈرگەن.

بۇ سۈرەت تېز سۈرئەتتە كىلاسسىك بولۇپ قالغان. كارمېننىڭ چىرايى مۇكەممەل بېزەلمىگەن، بەلكى ئويمىغان بىر خىل ئىپتىدائىي گۈزەللىكنى ساقلاپ قالغان. ئۇ خۇددى بىر پارچە ماي بوياق رەسىم ئىچىدىن چىققان ساھىبجامالغا ئوخشاپ قالغان ئىدى، شۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭ گۈزەللىكى بىلەن سەنئەتنىڭ پارلاق نۇرى ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ئىدى.

ئۇ بارا-بارا مودا ساھەسىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىلىق مودېللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇ ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەندە «Vogue»نىڭ مۇقاۋىسىغا ئۆزىنىڭ سىماسىنى قالدۇرۇپ قويغان، بۇمۇ ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ يېڭى بىر يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىدىن دېرەك بەرگەن.

كارمېن 18 ياشقا كىرگەندىن كېيىن يەر شارى مودا ساھەسىنىڭ سەھنىسىدە دائىم پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ئۇ نۇرغۇن ئالىي دەرىجىلىك ماركىلارنىڭ ئېلانىنى سۈرەتكە ئېلىپ، ئەڭ داڭلىق مودا كىيىم كۆرگەزمىسىدە مېڭىپ، لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ ئەتىۋارلىق چولپىنىغا ئايلانغان. ھەتتا تىئېررى مۇگلېر (Thierry Mugler)مۇ ئۆزى تېلېفون قىلىپ تەكلىپ قىلغان، مۇگلېر ئەينى چاغدىكى مودا ساھەسىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كارمېن دەل ئۇنىڭ كېيىنكى يۈرۈشلۈكىنىڭ باش قەھرىمانىغا ئايلانغان.

كارمېن مۇگلېرنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، پارىژ مودا كىيىم ھەپتىلىكى سەھنىسىگە چىققان. شۇ دەقىقىدە، ئۇ ئەمدى مودا ساھەسىگە ئەمدىلا قەدەم قويغان ياش قىز ئەمەس، بەلكى دۇنيا مەركىزىدە تۇرغان مودا خانىشى بولغان. ئۇ ھەر بىر قەدىمىدە ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلغان، تاماشىبىنلارنىڭ نەزىرىمۇ ئۇنىڭ قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ ماڭغان.

بۇ چاغدا كارمېن مودېللا ئەمەس، بەلكى بىر ئەۋلاد مودا بەلگىگە ئايلانغان.

كارمېن دېل ئورېفىسنىڭ كەسپىي ھاياتى ئۆزگەرمىگەن ئەمەس. ئۇنىڭ باشتىن كەچۈرگىنى پۈتكۈل دەرىجىدىن تاشقىرى مودېللار كەسپىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى «ئالتۇن دەۋر»دىن 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان كەسكىن رىقابەت ۋە رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشكىچە بولغان پۈتكۈل جەريانى. بۇ جەرياندا كارمېن مودا ساھەسىدىكى كەسكىن ئۆزگىرىشلەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ھەر بىر دەۋر دولقۇنىدا ئۆزىگە تەۋە ئورۇننى تاپقان.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، مودېللارنىڭ ئوبرازىغا ئادەتتە كىلاسسىك نەپىس ۋە مۇكەممەل بەدەن شەكلى ئۆلچىمى ئېنىقلىما بەرگەن. ئەينى چاغدىكى مودا ساھەسى ئەنئەنىۋى فوتو سۈرەت ماھارىتىگە تېخىمۇ تايانغان، مودېللارنىڭ كۆپىنچىسى فوتوگرافلار، لايىھەلىگۈچىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، مودا ئېقىمىنىڭ «جانلىق ئېلانى»غا ئايلانغان. بۇ چاغدىكى مودېللار بەدەن شەكلىنىڭ مۇكەممەل نىسبىتى ۋە كىيىم-كېچەكنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى بىلەن ئېكرانغا قايىل بولغان.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن مودا ساھەسىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولغان. «قىسقا يوپكا»نىڭ مودا بولۇشىغا ئەگىشىپ، ياش مودېللار مودا چەمبىرىكىدە يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلەشكە باشلىغان. مودېل نوقۇل گۈزەللىك قاچىسى بولماستىن، بەلكى مۇستەقىل خاراكتېر ۋە ئىجادىي ئىپادىلەيدىغان سەنئەت ۋاستىسىگە ئايلانغان. بۇ مەزگىلدە، Twigy Gigy قاتارلىق خاسلىققا ئىگە مودېللار ۋەكىللىكىدىكى، ئەنئەنىۋى مودېل ئېستېتىكىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا باشلىغان، كارمېن دەل بۇ يۈزلىنىشكە ماسلاشقان، ئۇنىڭ چىرايى ۋە سالاپىتى بۇ دەۋرنىڭ يېڭى بەلگىسىگە ئايلانغان.

لېكىن ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىش 1970-يىلى يۈز بەرگەن. مودا ساھەسىدىكى يۆنىلىش بەلگىلىرى فوتوگرافلار ۋە لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ ئەركىن ئىجادىيىتىگە يۈزلىنىشكە باشلىغان، مودېللار بۇ ئىجادىيەتلەرنىڭ «ۋاسىتىسى»غا ئايلانغان. بۇ مەزگىلدە، تېخىمۇ كۆپ مودېللار كامېرا ئالدىدا ئۆزىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئۇسلۇبىنى قانداق نامايان قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان، سۈرەتكە ئېلىشمۇ تەدرىجىي ھالدا تېخنىكىدىن سەنئەتكە يۈزلەنگەن. كارمېن بۇ مەزگىلدە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر فوتوگراف ۋە لايىھەلىگۈچىلەر بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ، مودا چەمبىرىكىدىكى چولپانغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە مودا ئېقىمىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلانغان.

ھالبۇكى، كارمېن دېل ئورېفىسنى ھەقىقىي رىۋايەتكە ئايلاندۇرغىنى ئۇنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىنكى ماسلىشىش ئىقتىدارى ئىدى. رەقەملىك فوتو سۈرەت تېخنىكىسىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، مودېللىق كەسپى يېڭى رىقابەتنى كۈتۈۋالغان. ئىلگىرىكى كىلاسسىك، تىنچ ھالەتتىكى سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇللىرى خىرىسقا ئۇچراپ، تاۋارلاشقان ۋە رەقەملەشكەن دەۋر يېتىپ كەلگەن. گەرچە كارمېن ئەمدى ياش بىر ئەۋلاد مودېللار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مودا ئاساسى ۋە ئۆزگىچە سەنئەت خاراكتېرى بىلەن بۇ تىپ ئۆزگەرتىش مەزگىلىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ماسلاشقان.

گەرچە كارمېن دېل ئورېفىسنىڭ مودېللىق ھاياتى گۈل-گىياھلار بىلەن تولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھېسسىيات تۇرمۇشى سىرتقى دۇنيا كۆرگەندەك ئۇنداق ئوڭۇشلۇق بولمىغان.

تۇنجى قېتىم ھېسسىياتنىڭ داۋالغۇشىنى كۈتۈۋالغان ۋاقتى دەل ئۇنىڭ 20 ياش ۋاقتى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ پارىژدا مودا كىيىم كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، فىرانسىيەلىك داڭلىق فوتوگراف پىئېر برۇننېت (Pierre Brunet) بىلەن ئۇچراشقان. ئۇلارنىڭ تونۇشى بىر سەنئەت كەيپىياتىغا تولغان يىغىلىشتا بولۇپ، برۇننېتنىڭ كۆزلىرى ئۆتكۈر ھەم چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئۆزگىچە مىجەزى كارمېننى چوڭقۇر جەلپ قىلغان. ئىككىيلەن ناھايىتى تېزلا قىزغىن مۇھەببەتكە پېتىپ قالغان، كارمېن بۇ مۇناسىۋەتكە چەكسىز ئۈمىد باغلاپ، ئۆزىنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان ئادەم تاپالىدىم دەپ قارىغان.

لېكىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇ بۇ ھېسسىياتنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ئۇنچە گۈزەل ئەمەسلىكىنى بايقاشقا باشلىغان. برۇننېتنىڭ مىجەزى ھاكاۋۇر ھەم ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ، ئۇ كارمېننىڭ كەسپىي جەھەتتىكى يۈكسەك دەرىجىدە ئاشكارىلىنىشىنى قوبۇل قىلالمىغان، ھەتتا ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكىنى چەكلەشكە باشلىغان. بىر قېتىملىق كەسكىن تالاش-تارتىشتىن كېيىن، كارمېن بۇ مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان.

كارمېننىڭ ھېسسىيات دۇنياسى بۇ مەغلۇپ بولغان مۇھەببەت بىلەن توختاپ قالمىغان. بىر نەچچە يىللىق ئەندىشىدىن كېيىن، ئۇ ئىككىنچى يولدىشى جەك گولدمان (Jack Goldman) بىلەن ئۇچراشقان. جەك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەر، مۇلايىم ھەم ئېغىر-بېسىق، بۇرۇنقىدەك كارمېننىڭ كەسپىنى تەھدىت دەپ قارىمىغان. ئۇلارنىڭ تونۇشى رومانتىكلىققا ۋە تاتلىققا تولغان بولۇپ، ئاستا-ئاستا كارمېندا بۇ مۇناسىۋەتكە تايىنىۋېلىش پەيدا بولغان.

ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار توي قىلىپ، كارمېن ئانا بولغان. ئۇ ئانىسىنىڭ گۈزەللىكى ۋە مىجەزىگە ۋارىسلىق قىلغان قىزىغا دىنا دەپ ئىسىم قويغان. كارمېن ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئانا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان، لېكىن بۇ رولنىڭ يېتىپ كېلىشى ئۇنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ بېيىتقان.

90-يىللارغا كەلگەندە كارمېن ئوتتۇرا ياش باسقۇچىغا قەدەم قويغان. لېكىن، يىللار ئۇنىڭ مودا ساھەسىدىكى سېھرىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرماستىن، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. قېرىلىق سەۋەبىدىن مودېللىق ساھەسىدىن چېكىنىپ چىققان نۇرغۇن كەسىپداشلارغا ئوخشىمايدىغىنى، كارمېن ياشتىن ھالقىغان بىر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق سەھنىدە يەنىلا جانلىق ھەرىكەت قىلغان. ئۇنىڭ گۈزەللىكى نوقۇل ياش گۈزەللىك ئەمەس، بەلكى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇجەسسەملەنگەن نازاكەت ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ھازىرغا قەدەر كارمېن 90 ياشتىن ئاشقان. ئۇنىڭ ئىسمى ئەمدى مودا ساھەسىنىڭ سىمۋولى بولماستىن، بەلكى سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى رىۋايەتكە ئايلانغان. ئۇ مودا ساھەسىدە ئادەتتە پەقەت ياش چىرايلار يېتەكچىلىك قىلىدىغان قائىدىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مودا ژورناللارنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان، شۇنداقلا نۇرغۇن داڭلىق ماركىلارنىڭ ئېلانىنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان.

گەرچە ئۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھىي ھالىتى ئىنتايىن ياش. بەزىلەر مۇراسىمدا ھەر خىل ھەشەمەتلىك ماركىلارغا ئوبراز ۋەكىلى بولغان، زىيارەت جەريانىدا جىنسىي تۇرمۇش توغرىسىدا پاراڭلاشقان.

شۇ كۈنى كارمېن يەنە بىر قېتىم كامېرا ئالدىدا پەيدا بولغان. ئۇنىڭ تېرىسى ياش ۋاقتىدىكىدەك سۈزۈك ئەمەس ئىدى، ئاق چاچلىرى ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ چېچىغا يامىشىپ چىققان، لېكىن ئۇنىڭ كۆزلىرى يەنىلا شۇنداق ئۆتكۈر بولۇپ، چوڭقۇر كۆزلىرىدىن يىللارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جىمجىتلىقى چىقىپ تۇرغان .

-سىز قانداق قىلالىدىڭىز؟-بىر ياش مودېل قىزىقىپ ئۇنىڭدىن:-سىز نېمىشقا شۇنچە گۈزەل تۇرىسىز، ھەتتا نۇرغۇن ياشلاردىن ئېشىپ كېتىسىز؟-دەپ سورىغان.

كارمېن مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ:-چۈنكى مەن ھەقىقىي گۈزەللىكنىڭ قەلبىدىن كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. يىللار گۈزەللىكنى يوقاتمايدۇ، ئۇ پەقەت سىزنىڭ قانداق نازاكەتلىك بىلەن قېرىغانلىقىڭىزدۇر!-دېگەن

شۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان ياش مودېللار ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالغان، ئۇلار نېمىنىڭ ۋاقىتتىن ھالقىغان ھەقىقىي سېھرىي كۈچ ئىكەنلىكىنى، يەنى تاشقى قىياپەتنى ئاسراپلا قالماي، يەنە قەلبىدىكى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ئىشەنچنى كۆرگەن.

رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章