بىرسى جوۋ شىڭچىنى دوراپ تور چولپىنىغا ئايلاندى

文摘   2025-01-18 23:30   海南  

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

1-ئاينىڭ 14-كۈنى جوۋ شىڭچى (周星驰)نى دورىغۇچى بىر مەيدان بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى باشلىغان، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە نەچچە مىليون تاماشىبىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە كىرگەن، سوۋغات تېمى ھەش-پەش دېگۈچە قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن. بۇ بىۋاستە كۆرسىتىش قىلغۇچى جوۋ شىڭچى بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاشقى قىياپىتى ۋە سالاپىتىگە تايىنىپ، يەنە بىر قېتىم نۇرغۇن تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. گەرچە بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە ئىشلىتىلگىنى بىر «نامسىز ھېسابات نومۇرى»، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارقا كۆرۈنۈشى پەقەت «غەربكە ساياھەت ھەققىدە لاپ» ناملىق كىنودىكى رەسىم بولسىمۇ، لېكىن بۇ تور چولپىنىنىڭ ئىپادىسى يەنىلا كىشىلەرنى ئىختىيارسىز ھالدا جوۋ شىڭچى ئىلگىرى بىزگە ئېلىپ كەلگەن كىلاسسىك كۆرنۈشلەرنى ئەسلەتكەن.

بۇلتۇر 8-ئايدىلا بۇ تور چولپىنى مەلۇم بىر سۇپىدا بىۋاستە كۆرسىتىشى 28 مىليون كۆرۈرمەننى جەلپ قىلغان، تورداشلار بەس-بەستە «يالغان نەرسىنى كۆپچىلىكمۇ ياخشى كۆرىدۇ» دېيىشىپ، جوۋ شىڭچىنىڭ مەستانىلەرنىڭ قەلبىدە  غايەت زور سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. گەرچە بەزى تورداشلار چاقچاق قىلىپ «پەقەت چىشى ئوخشىمايدىكەن، باشقا يەرلىرى پۈتۈنلەي ئوخشايدىكەن» دېيىشكەن بولسىمۇ، لېكىن تېخىمۇ كۆپ باھالار ئۇلارنىڭ جوۋ شىڭچىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئەگەر جوۋ شىڭچى راستتىنلا قايتىپ كېلىپ بىۋاسىتە كۆرسەتسە، تېخىمۇ قىزىپ كېتىشى مۇمكىن دېگەنلەرنى ئويلىغان.

62 ياشلىق جوۋ شىڭچى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىدىن بارا-بارا چېكىنىپ، دىققىتىنى رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ خىزمىتىگە قاراتقان. لېكىن ئۇنىڭ جۇڭگو شياڭگاڭ كىنو ساھەسىدىكى ئورنى يەنىلا تەۋرىنىپ قالمىغان، يەنىلا مىليونلىغان كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى «چولپان» سانىلىپ كەلمەكتە. يېقىندا، ئۇ بىر قېتىملىق شەخسىي يىغىلىشتا ئاز ئۇچرايدىغان ھالدا پەيدا بولغان بولۇپ، گەرچە ياشىنىپ قالغان، چىرايىدىن يىللارنىڭ ئىزنالىرى كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۆزىگە خاس بىرىكىش كۈچى ۋە يۇمۇرىستىك تۇيغۇسىنى نامايان قىلغان، مەستانىلەر ئۇنىڭ ئەزەلدىن ئايرىلىپ باقمىغانلىقىنى، پەقەت باشقا بىر خىل ئۇسۇل بىلەن تۇرمۇشىمىزدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان.

جوۋ شىڭچىنىڭ سىرلىق تۇيغۇسى ئىزچىل ئۇنىڭ تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلىشىدىكى بىر چوڭ سەۋەب بولۇپ كەلگەن. گەرچە ئۇ ئاندا-ساندا ئالاقە ئاكونتى ئېچىپ مەستانىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئالدى تەرەپتىن تارتىلغان سۈرەتلىرى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا ئارقىسىدىن قاراپ ياكى يان تەرەپتىن پەيدا بولۇپ، دۇنيادىن ئايرىۋېتىشتەك كەمتەر ئوبرازىنى ساقلاپ قالغان. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، لېكىن مەستانىلەر جوۋ شىڭچى بىلەن تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى ئورتاقلىشىشتەك يېقىنچىلىقىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ كەلگەن ھەم ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان. يېقىندا مەلۇم بىر تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە، ئۇ ئاددىي كىيىم كىيىپ، چەمبىرەكتىكى دوستلىرى بىلەن چۈشكەن سۈرىتىمۇ ئۇنىڭ بىر خىل چەكلىمىسىز، ھەقىقىي، تەبىئىي قىياپىتىنى نامايان قىلغان.

جوۋ شىڭچىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەرگىزمۇ بىر كۈچەپلا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ئىش ئەمەس. جۇڭگو شياڭگاڭ سەنئەت ساھەسىدىكى «چولپان بايۋەچچە» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم سىمسىز خادىملارنى تەربىيلەش سىنىپىغا قاتناشقان، ئۈچىنچى قېتىم ئاران تەستە قوبۇل قىلىنغان. دەسلەپتە ئۇ نامى چىقمىغان يۈگۈر-يېتىم ئارتىس ئىدى، تاكى لى شيۇشيەن بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئاندىن «چاقماق ئاۋانگارتى»دا رول ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ كىنو بىلەن ئەڭ ياخشى يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن جوۋ شىڭچى ناھايىتى تېزلا «قىمار شاھى» (赌神)، «تەڭداشسىز پالۋان»، «جىڭۋۇ سارىيى» (精武门) قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن جۇڭگو شياڭگاڭ كىنولىرىنىڭ بېلەت كىرىمى كاپالىتىگە ئېرىشكەن.

لېكىن، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىغان، مەلۇم بىر كىنو ئۇنىڭ رېژىسسورلۇققا قاراپ ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بەرگەن. بۇ كىنودا ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىغا بولغان ئىنكاسى نامايان بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ رېژىسسورلۇق ساھەسىگە يول ئېچىپ بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن جوۋ شىڭچىنىڭ كىنوسى كۆڭۈل ئېچىش بولۇپلا قالماي، يەنە ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بەدىئىي ئەسەر بولۇپ قالغان.

جوۋ شىڭچىنىڭ كىنولىرى قارىماققا بىمەنە، كۈلكىلىك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن كۆپ ھاللاردا ئىجتىمائىي رېئاللىق توغرىسىدىكى تەنقىد ۋە تەپەككۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەيلى «كومېدىيە شاھى» (喜剧之王)دىكى يىن تيەنشيۇ بولسۇن ياكى «شاۋلىن پۇتبولى» (少林足球) دىكى شاد-خۇرام چولپانلار بولسۇن، ھەممىسى كىشىلەرگە تۇرمۇشتىكى ئاچچىق ۋە يۇمۇرنى ھېس قىلدۇرغان. بۇ خىل ئۆزگىچە تۇرمۇش پوزىتسىيەسى جوۋ شىڭچىنىڭ كىنوسىنى سانسىزلىغان كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس كىلاسسىك ئەسەرگە ئايلاندۇرغان.

ئىجادىيەت بوشلۇقىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، جوۋ شىڭچى بىلەن نۇرغۇن ھەمكارلاشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ئاستا-ئاستا زىددىيەت پەيدا بولغان، رېژىسسور بىلەن ئارتىس سالاھىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل توقۇنۇشمۇ جوۋ شىڭچىنى كىنو ساھەسىدە يالغۇز قالدۇرغان. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى يەنىلا توختاپ قالمىغان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جوۋ شىڭچى رېژىسسورلۇق قىلغان كىنو ئەسەرلىرى يەنىلا ئۈزۈلمىگەن، 2013-يىلى «غەربكە ساياھەت ھەققىدە لاپ»، 2016-يىلى قويۇلغان «ساھىبجامال بېلىق» (美人鱼) ناملىق كىنو قويۇلغان، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئۈزۈكسىز ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۆزىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە 62 ياشلىق جوۋ شىڭچى يەنىلا پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، بىر ئەسەرنى ئىجاد قىلماقتا. گەرچە يىللار ئۇنىڭ يۈزىدە ئىز قالدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ھېلىقى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق  بولغان «كومېدىيە شاھى»، خىرىس ۋە ھالقىش جەريانىدا ئۈزۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان سەنئەتكار. ئۇنىڭ ھەر بىر كىنوسى، ھەر بىر رولى تاماشىبىنلارغا تۇرمۇشتىكى ئاچچىق ۋە ئۈمىدنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەيلى ئۇ قەيەردە تۇرۇۋاتقان بولسۇن، جوۋ شىڭچىنىڭ يۇمۇرىستىكلىقى ۋە ئەقىل-پاراسىتى مەڭگۈ ھەر بىر جۇڭگو كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە ساقلىنىپ، كىنو تارىخىدا كەم بولسا بولمايدىغان رىۋايەتكە ئايلىنىدۇ.

رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章