دىققەت قىلىڭ! كەسپىي ئالدامچى نۇرغۇن پۇل قويۇۋەتتى

文摘   2025-01-23 21:54   海南  

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەگەر ئالدامچىلىق تېلېفونى تاپشۇرۇپ ئالسا نۇرغۇن كىشىلەر دەرھال ھودۇقۇپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق ئادەم بالدۇرراق ئېسىنى يىغىپ قارشى تەرەپنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىمىسىلا ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى ئۈزۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، چوقۇم ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر تۇرمۇشتا ئادەم ئالدامچىلىق تېلېفونى ياكى ئالدامچىلىق ئۇچۇرىغا ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلىسە ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم سوراش كېرەك. ئەھھھ، ئەگەر ساقچىلارمۇ ئالدىنىپ قالسا ئۇنداقتا قانداق بولار؟؟؟

بۇ يىل 1-ئاينىڭ 14-كۈنى سەيشەنبە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لار ئەتراپىدا، ياپونىيەنىڭ توكۇشىما ناھىيەسىدىكى 50 نەچچە ياشلىق بىر ئايال ئالدامچىلىق تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان. تېلېفوندىكى ئەر ئۆزىنى خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى دەپ ئاتاپ، ئايالنىڭ تور ھەققىنى تاپشۇرمىغانلىقىنى، ئەگەر تاپشۇرمىسا ئۇنى ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەر ئايالنىڭ ئۆزى بىلەن بىر تەرەپتىن سۆزلىشىش ھالىتىنى ساقلىشىنى، تېلېفوننى قويۇۋەتمەسلىكنى، يەنە بىر تەرەپتىن بانكىغا بېرىپ پۇل يۆتكەشنى تەلەپ قىلغان. دەسلەپتە بۇ ئايال ئىشىنىپ، قارشى تەرەپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، قولىغا يانفوننى ئېلىپ، سىرتقا چىقىپ بانكىغا بارغان. ئۇ يېرىم يولغا كەلگەندە ئىشنىڭ سەل چاتاقلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنى بەلكىم ئالدامچىلىق تېلېفونى قوبۇل قىلغان بولۇشۇم مۇمكىن دەپ قارىغان.

شۇنىڭ بىلەن ئايال يانفونىنى ئېلىپ يېقىن ئەتراپتىكى ئاببو شەھىرىدىكى ساقچىخانىغا كېلىپ، ساقچىلاردىن تېلېفوننى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. ئەينى چاغدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان 20 نەچچە ياشلىق بىر ئەر ساقچى تېلېفوننى ئېلىپ، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېيتىپ: «مەن ساقچى» دېگەن.

ئەمما تېلېفوندىكى ئالدامچى تەجرىبىسى مول بولۇپ، قىلچە ھودۇقماستىن: «مەن پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا گەپ قىلىمەن. ئەگەر ئۆزى بولمىسا بەزى ئىشلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ.» دېگەن. ئەر ساقچى ئارتۇق سورىماي يانفونىنى ئايالغا قايتۇرۇپ بەرگەن، كېيىنكى ئەھۋاللارغا كۆڭۈل بۆلمىگەن.

ئايالنىڭ پەرىزىچە، بۇ ساقچى ھېچقانداق نورمالسىزلىق ھېس قىلمىغان ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنداقتا راستتىنلا چاتاق يوقكەن دەپ قاراپ، يانفونىنى ئېلىپ ساقچىخانىدىن ئايرىلغان. نەتىجىدە ئايال ئالدامچىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، قولايلىق دۇكانغا كېلىپ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى (ATM)دا مەشغۇلات قىلىپ 300 مىڭ ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 14 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) يۆتكەپ بەرگەن.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئايال يەنە بىر ئەر ئۇرغان تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغان. قارشى تەرەپ ئايالنىڭ يەنە تاپشۇرمىغان بىر قىسىم ھەققى بارلىقىنى ئېيتقان. ئايال قارشى تەرەپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بانكىغا كېلىپ ATM ئارقىلىق يەنە 500 مىڭ ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 23 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) يۆتكەپ بەرگەن. ئەتىسى يەنى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بانكا تەرەپ «بۇ بەلكىم ئالدامچىلىق بولۇشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتكەندىن كېيىن ئايال ئاندىن ئۆزىنىڭ ئالدامچىنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان. بەختكە يارىشا ئىككىنچى قېتىملىق 500 مىڭ ياپونىيە يېنىنى مېمورىئال قىلىش تاماملانماي بانكا ئايالنىڭ بىر قىسىم ئىقتىسادىي زىيىنىدىن ساقلاپ قالغان.

بۇ ئىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئاپوچى نوگاۋا ساقچى مەھكىمىسى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئايالدىن كەچۈرۈم سورىغان. توكۇشىما ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى تۇرمۇش بىخەتەرلىكى پىلان بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ساقچىلارنىڭ ئالدامچىلىقنى تونۇپ يېتەلمەي ئىقتىسادى زىيان پەيدا قىلغانلىقىدىن بەك ئەپسۇسلاندىم. بۇنىڭدىن كېيىن ئالدامچىلىق ۋاستىسى ۋە تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىغا قارىتا كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىمىز.»

ياپونىيەلىك تورداشلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:

«ھەر قېتىم ئالدامچىلىق خەۋەرلىرىنى كۆرسەم، دۇنيادا قانداق ئادەملەر تونۇمايدىغان بىر ئادەمگە ئىشىنىپ پۇل ئۇرۇپ بېرىدىغانلىقىدىن بەكلا ھەيران قالىمەن.»

«بۇ بىر ھاماقەت ساقچى ئىكەن.»

«بۇ ئايالنىڭ ساقچىخانىغا بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق بوپتىغۇ.»

«تېمىسىنى كۆرۈپلا كۈلۈپ كەتتىم، ھا ھا ھا... ساقچىلارمۇ چوقۇم كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىشى كېرەك»

«بۇ ساقچىمۇ بەك ئىقتىدارسىز ئىكەن.»

ساقچىلار بۇ ئايالنىڭ زىيىنىغا مەسئۇل بولۇشى، ئۇنىڭ ئالدانغان پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.»

ياپونىيە ساقچى ۋازارىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە ياپونىيەنىڭ مەملىكەت بويىچە «ئالاھىدە ئالدامچىلىق» دېلوسى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان 58 مىليارد 120 مىليون يېن (تەخمىنەن 2 مىليارد 700 مىليون يۈەن خەلق پۇلى)غا يەتكەن.

ئاتالمىش ئالاھىدە ئالدامچىلىق دېگىنىمىز، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا تېلېفون قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆرۈشمىگەن ئەھۋالدا قارشى تەرەپنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، بەلگىلەنگەن ئامانەت پۇل ھېساباتىغا پۇل پېرېۋوت قىلدۇرۇپ، نەق پۇل قاتارلىق پۇل، مال-مۈلۈكنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتەك جىنايى قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.

ھەر خىل ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرىدىن قارىغاندا، ئەپچىللىك بىلەن نىقابلىنىپ مۇلازىمەت ھەققىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلىپ، قارشى تەرەپنى ساراسىمىگە سېلىپ، ئەڭ كۆپ پۇل-مالنى ئالداپ ئېلىۋالغان «ساختا ھەق ئېلىش ئالدامچىلىقى» ئىنتايىن كۆپ بولماقتا.

بۈگۈنكى كۈندە ئېھتىياتسىزلىقتىن ھەتتا ياپونىيە ساقچىلىرىمۇ ئالدىنىپ قالدى. ئالدامچىلىق ھەقىقەتەن ھەممە يەردە بار، كۆپچىلىك چوقۇم قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.

رومانلار

سېھىرلىك تېۋىپياۋايى ھەۋەسمانا مەن ھەقىقىي سۇنۋۇكۇڭ


ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章