ئەما نازىنىن 56-قىسىم

文摘   2024-09-29 21:25   新疆  

 aziza  
 
ئەما نازىنىن

«رومان»

ئاپتورى :  بۇزۆھرەگۈل يۈسۈپ 
 ئەما نازىنىن 1-قىسىم
ئەما نازىنىن 2-قىسىم
ئەما نازىنىن 3-قىسىم
ئەما نازىنىن 4-قىسىم
ئەما نازىنىن 5-قىسىم
ئەما نازىنىن 6-قىسىم
ئەما نازىنىن 7-قىسىم
ئەما نازىنىن 8-قىسىم
ئەما نازىنىن 9-قىسىم
ئەما نازىنىن 10-قىسىم
ئەما نازىنىن 11-قىسىم
ئەما نازىنىن 12-قىسىم
ئەما نازىنىن 13-قىسىم
ئەما نازىنىن 14-قىسىم
ئەما نازىنىن 15-قىسىم
ئەما نازىنىن 16-قىسىم
ئەما نازىنىن 17-قىسىم
ئەما نازىنىن 18-قىسىم
ئەما نازىنىن 19-قىسىم
ئەما نازىنىن 20-قىسىم
ئەما نازىنىن 21-قىسىم
ئەما نازىنىن 22-قىسىم
ئەما نازىنىن 23-قىسىم
ئەما نازىنىن 24-قىسىم
ئەما نازىنىن 25-قىسىم
ئەما نازىنىن 26-قىسىم
ئەما نازىنىن 27-قىسىم
ئەما نازىنىن 28-قىسىم
ئەما نازىنىن 29-قىسىم
ئەما نازىنىن 30-قىسىم
ئەما نازىنىن 31-قىسىم
ئەما نازىنىن 32-قىسىم
ئەما نازىنىن 33-قىسىم
ئەما نازىنىن 34-قىسىم
ئەما نازىنىن 35-قىسىم
ئەما نازىنىن 36-قىسىم
ئەما نازىنىن 37-قىسىم
ئەما نازىنىن 38-قىسىم
ئەما نازىنىن 39-قىسىم
ئەما نازىنىن 40-قىسىم
ئەما نازىنىن 41-قىسىم
ئەما نازىنىن 42-قىسىم
ئەما نازىنىن 43-قىسىم
ئەما نازىنىن 44-قىسىم
ئەما نازىنىن 45-قىسىم
ئەما نازىنىن 46-قىسىم
ئەما نازىنىن 47-قىسىم
ئەما نازىنىن 48-قىسىم
ئەما نازىنىن 49-قىسىم
ئەما نازىنىن 50-قىسىم
ئەما نازىنىن 51-قىسىم
ئەما نازىنىن 52-قىسىم
ئەما نازىنىن 53-قىسىم
ئەما نازىنىن 54-قىسىم
 
 سالونىمىزدىن ئەسەر سېتىۋالغاندا ھەر قانداق مەسىلىگە يولۇقسىڭىز باشقۇرغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىڭ  ئۈندىدار: 2099928447     

              

 
 

 
 
 

56- قىسىم 


گۆھەرنىسا بالىلىرى بىلەن قۇرباننىڭ يېنىدا قالدى. قۇربان تاكسى توستى  ھېچ تاكسىلار توختىمىدى.  ئىليار ۋە ئۈمىدجانمۇ  تاكسى توستى.  بالىلار تاكسى توسۇش ئۈچۈن  يولنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرغان  چاغدا  قۇربان گۆھەرنىسانىڭ يېنىغا كىلىپ تېلېفونىنىڭ ئاۋازىنى ساقلا ئىتىۋىتىپ  گۆھەرنىسا بىلەن ئۆزىنى رەسىمگە تارتىۋالدى. تېلېفوننىڭ ئاۋازى ئىتىك بولغاچقا رەسىمگە تارتقاندا  چاسسىدە  ئاۋاز چېقمىغانلىقى ئۈچۈن  گۆھەرنىسا قۇرباننىڭ  رەسىمگە تارتقىنىنى بىلمىدى.  بىر چاغدا بىر تاكسى توختىدى.  قۇربان  تاكسى شوپۇرى بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ  كۆرۈشۈپ پاراڭلىشىپ كەتتى.  گۆھەرنىسا تاكسىنىڭ سەل نىرىسىدا بولغاچقا  قۇربان بىلەن تاكسى شوپۇرىنىڭ نېمە دېيىشكەنلىكىنى ئىنىق ئاڭلىمىغان  بولسىمۇ  ئۇلارنىڭ قىزغىن پاراڭلاشقىنىنى بىلدى.  كېيىن گۆھەرنىسا ئىككى بالىسى بىلەن تاكسىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىغا چىقتى،  قۇربان تاكسى  شوپۇرىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرۇپ يېزىغا ماڭدى. قۇربان يېزىغا  چېقىپ بولغىچە  تاكسى شوپۇرى بىلەن تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ  ماڭدى.  گۆھەرنىسا تاكسى شوپۇرىنىڭ ئاۋازىنى  مانا ئەمدى يىقىندا تۇرۇپ ئاڭلىغاچقا  ، بۇ شوپۇرنى  تونۇۋالدى.  -بۇ  ھەسەننىڭ  يىقىن ئاغىينىسى  ئەمەسمۇ، ھەسەن  نەچچە قېتىم بۇ ئاغىينىسىنى ئۆيگە باشلاپ كىرگەن،  ھەتتا ھەسەن نەچچە قېتىم غەرق مەسىت بولۇپ قالغىنىدا   مۇشۇ ئاغىينىسى  يۆلەشتۈرۈپ  ئۆيگە ئېلىپ كەپتىكەن.  دەرۋازىنى ئېچىپ ھەسەننى ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ  يۆلەپ  بولغىچە سەت ھىجىيىپ  ئۇيەر،  بۇيەرلىرىمنى تۇتۇپ  ئەدەپسىزلىك قىلغان ئىدى. گەرچە چىرايىنى  كۆرەلمىسەممۇ،  ئۇنىڭ بۇ خىقىراق ئاۋازىنى  ئۆلسەممۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن.  بۇ قانداق  ئىش ئەجەبا  قۇربان  بۇ شۇپۇر بىلەن تونۇشسا،  ھەسەن بىلەنمۇ تونۇشامدىغاندۇ؟ گۆھەرنىسا ئەنە شۇنداق  ئويلىغانسېرى  ئىچىگە قورقۇنۇچ  كىرىۋىلىپ  بەكلا بىئارام بولۇپ كەتتى.  ھەسەن  ئاغىينىلىرىنى ئۆيگە قەتىي باشلاپ كەلمەيتتى. چۈنكى  گۆھەرنىسانىڭ ئىككىلا كۆزى  كۆرمەس بولۇپ  قالغاندىن  كېيىن  ئۇنىڭدىن بەكلا نۇمۇس قىلىدىغان بولۇپ قالغان بولۇپ،  ئاغىينىلىرىنى ئۆيگە باشلاپ  كەلسە،  قارىغۇ خوتۇنۇڭ  بىلەن قانداقراق ئۆتىۋاتىسەن،  بەزى  ئىشلاردا لەززىتى  بولامدىكەن، -دېگەندەك  لاۋزا چاقچاقلارنى قىلىپ  زىتىغا تەگسە،  نۇمۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولىمەن دەپ  ئەنسىرەيتتى.  بۇ تاكسى شوپۇرىنىڭ ئىسمى  قەيسەر بولۇپ  ئۇ ھەسەن تۇرۇشلۇق كەنىتتىن ئىدى. ئەمما ئۇ  1-مەھەللىدىن،  ھەسەن 2-مەھەللىدىن بولۇپ  ئىككىسى ئايرىم مەھەللىدىن ئىدى.  ئۇلار ھەر ئىككىلىسى ھاراققا ئامراق بولغاچقا  ئەڭ يىقىن ئۈلپەتداش بولۇپ قالغان.  بىر ئىككى قېتىم ھەسەن قەيسەرنى   قوتىنىدىكى  بۇقىسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن  كۈندۈزى  ئۆيىگە باشلاپ كەلگەن،  بۇ چاغدا گۆھەرنىسانى ئۆيدىن چىقما  دەپ  قويۇپ،  قەيسەرنى قوتانغا ئەكىرىپ بۇقىسىنى كۆرسىتىپ، ھويلىغا چىقىپ پىشايۋاننىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ، بۇقىنى ساتسا  قانچە پۇلغا ئالىدىغانلىقى،  قانداق بۇقا  قىممەت، قانداق بۇقا ئەرزان  دەپ  شۇ توغۇرلۇق پاراڭلاشقان ئىدى.  گۆھەرنىسا ئۆيدە ئولتۇرۇپ  ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئىنىق ئاڭلىغان ئىدى.  كېيىن بىر نەچچە قېتىم ھەسەن بەكلا مەست بولۇپ قالغان چاغ
دا  دەل مۇشۇ قەيسەر  ئۇنى يۆلەپ ئۆيگە ئەكىلىپ قويغان بولۇپ،  گۆھەرنىسا چېقىپ دەرۋازىنى ئاچقاندا،چالا مەسىت تۇرغان  قەيسەر گۆھەرنىساغا قاراپ  شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ.  -سى…سىز…نىمانداق  چىرايلىق، ھە…ھەسەنگە  زايا  كېتىپسىز جۇمۇ، -دەپ  گۆھەرنىسا ھەسەننى ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ يۆلەپ بولغىچە  گۆھەرنىسانىڭ  بىقىنلىرىنى،  ساغرىسىنى سىلاپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. گۆھەرنىسا  زەردە بىلەن ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرۋىتىپ  ھەسەننى ئېلىپ  ئۆيگە  كىرىپ كەتكەن ئىدى.  گۆھەرنىسا ئەنە شۇ چاغدا  قەيسەردىن،  ۋە ئېرى ھەسەندىن قاتتىق يىرگەنگەن بولۇپ،  بىر كېچە  ئۇخلىماي  يىغلىغان ئىدى.  مانا ھازىر  دەل  ئۆزى يىرگەنگەن ئادەمنىڭ ماشىنىسىغا چىقتى. ھىلىمۇ ياخشى  قەيسەر  قۇربان بىلەن پاراڭلىشىپ  ، پاراڭ بىلەن بولۇپ  كېتىپ گۆھەرنىساغا قارىمىدى.  ناۋادا  قارىغان بولسا  ئۇ گۆھەرنىسانى  تونۇپ قالاتتى.  گۆھەرنىسا  قەيسەرنىڭ  ئۆزىنى كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن   بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئولتۇرۋالدى.  ماشىنا يېزىغا چىقىپ  قۇربان  كۆرسەتكەن  يول بىلەن مېڭىپ  گۆھەرنىسانىڭ  ئۆيى ئالدىغا كىلىپ توختىدى.  قەيسەر  قۇربانغا قاراپ   بىر نەرسىنى سورىماقچى  بولغان ئىدى. قۇربان  جىم دېگەندەك  قىلىپ   ئېغىزىنى تۇتتى. شۇڭا  قەيسەر گەپ قىلماي ئولتۇردى. گۆھەرنىسا  ماشىنىدىن قانداق چۈشتىكىن  ئۆزىمۇ بىلمەي  قۇربانغا  خوش دېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ  ئۈمىدجاننىڭ قولىنى  چىڭ تۇتقىنىچە  دەرھال  ئۆيگە كىرىپ كەتتى.ئىليار  قۇربان بىلەن خوشلىشىپ  ئۇلارنىڭ كەينىدىن كىردى. بۇ چاغدا  ئەسئەت ۋە  ئەمەتجان  ئۇلارنىڭ يولىغا  قاراپ تۇرغان بولۇپ  ، ئۇلارنىڭ دەرۋازىدىن كىرگىنىنى كۆرۈپ  ئۇف…دېيىشتى.  گۆھەرنىسا ھۇجرا ئۆيىگە كىرىپ بولۇپمۇ يۈرىكىنىڭ دۈپۈلدەك تىز-تىز  سوقۇۋاتقىنىنى ئاڭلاپ  قولى بىلەن يۈرىكىنى چىڭڭىدە بىسىۋالدى.  -ئانا نېمە بولدى، بىئارام بولىۋاتامسىز؟ -دېدى گۆھەرنىسا بىلەن بىللە ھوجرىغا كىرگەن ئۈمىدجان.  -ياق بالام ھېچنىمە بولمىدى،  ماشىنىدا شۇ سەل بېشىم قايدى. ھازىر ئوڭشلىپ قالدىم،  مىڭڭە  چىقىپ ئاكىڭىز بىلەن  يېتىپ قىلىڭ، ئەتە مەكتەپكە بارىسىز  شۇڭا  سەھەر تۇرمىسىڭىز  بولمايدۇ، -دېدى گۆھەرنىسا. ئۈمىدجان  ماقۇل دېگەندەك  بېشىنى لىڭشىتىپ  قويۇپ  ئۆزىنىڭ ياتىدىغان ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. گۆھەرنىسا كارۋاتقا چىقىپ ياتقان بولسىمۇ  كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەي  ئۇيان  ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ  يېتىپ يەنە قۇرباندىكى  بىنۇرمال ئەھۋالنى ئويلىدى.  -ئۇ زادى كىم؟ نېمە ئۈچۈن ماڭا يېقىنلىشىدۇ، پۇلىنى خەجلىگىلى يەر تاپالمىغان ئەخمەق  بولمىسىلا    مەندەك  ئىككى بالىسى بار مىيىپ،يەنە تېخى ئېرى بار  بىر ئايالغا، پۇل خەجلىمەيدۇ.  بۇ ئىشلاردا  زادى بىر  مەسىلە بار،  ئەتە  قۇرباندىن ئىنىق سوراپ باقاي،  ھىلىقى  شوپۇنى تونىيامدۇ  يوق،  ناۋادا  ئىككىسى  تونۇش ئەل-ئاغىينە بولۇپ قالسا،  قۇرباننىڭ  ھەسەن بىلەنمۇ  ئالاقىسى بار دېگەن  گەپ،  ھەسەننىڭ  ئاجراشمايمەن دەپ تۇرىۋىلىشىدىمۇ چوقۇم بىر سەۋەب بار، مەن بۇلارنى ئىنىقلاپ چىقمىسام بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ، -گۆھەرنىسا ئەنە شۇلارنى  ئويلاۋىرىپ  بىر چاغدا بېشى ئاغرىپ يوتقاننى بېشىغا پۈركەپ جىممىدە ياتتى.  ئۇ ئىشلارنى ئويلىماسلىققا نەچچە تىرىشقان بولسىمۇ يەنىلا كاللىسىغا كىرىۋىلىپ  ئاخىرى كۆز يۇمماي تاڭ ئاتقۇزدى.ئەتتىگىنى  باشلىرى گاراڭ ھالەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ  يۈز- كۆزلىرىنى يۇيۇپ،ئۈستەل  ئالدىغا كەلگەندە  رۇشەنگۇل  ناشتىلىققا  سۈيقئاش ئەتكەن بولۇپ ئۈستەلگە  قاتار  ئاش  قويىۋاتاتتى.  -ئاچا كېچىدىن ياخشى   ئۇخلىيالمىدىڭىزمۇ نېمە؟  قاپاقلىرىڭىز  ساڭگىلاپ  چىرايىڭىز خۇنۈك تۇرىدىغۇ؟ -دېدى رۇشەنگۇل  گۆھەرنىسانىڭ چىرايىغا، قاراپ.  -ياقەي  ياخشى ئۇخلىغان ئىدىم بولمىسا،  ئاخشام سەل ماشىنىدا بېشىم قايغان ئىدى،  شۇنىڭ ئاسارىتى  چىقىپ بولالمىغان ئوخشايدۇ، -دېدى گۆھەرنىسا قوشۇقنى قولىغا ئالغاچ.

باشقىلار گەپ قىلماي  ناشتا قىلىشقا باشلىدى.  بالىلار مەكتەپكە ماڭدى.  ئەمەتجان بىلەن ئەسئەت  ۋە رۇشەنگۇل ئېتىزغا ماڭدى. مەرەمخان  قوتاندىكى  قوي-كالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن  چىقىپ كەتتى.  گۆھەرنىسا  بىر قولىدا  قولتۇق ھاسىسى  بىر قولىدا  سىلاشتۇرۇپ  يۈرۈپ  ھويلىنى سۈپۈرۈپ بولۇپ  ھويلىدىكى سۇپىدا ئولتۇرۇپ  تېلېفونىنى ئېلىپ   قۇربانغا ئۇچۇر قىلدى. ئاخشام ئۆيگە كىلىپلا يوتقانغا كىرىپ خوررەكنى بولۇشىغا تارتىپ ئۇخلىغان قۇربان،تېخى ئەمدى ئويغىنىپ  يوتقاندىن قوپقىلى خوشياقماي، تۇرغىنىدا  تېلېفونىغا تاراڭڭىدە قىلىپ ئۇچۇر كەلدى. ئۇ  تېلېفوننى قولىغا ئېلىپ  كەلگەن ئۇچۇرنىڭ  گۆھەرنىسانىڭ ئىكەنلىكىنى  كۆرۈپ  خۇشال بولۇپ كەتتى. گۆھەرنىسانىڭ تۇنجى بولۇپ  تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزى  ئۇچۇر قىلغىنىنى كۆرگەن  قۇربان راستىنلا   خوش بولۇپ كەتكەن ئىدى. چۈنكى بۇرۇن  ھېچقاچان  گۆھەرنىسا ئۇچۇر قىلىپ باقمايتتى.  قۇربان  ئۆزى نەچچە ئۇچۇر قىلسا ئاندىن جاۋاپ قايتۇراتتى. ئۇ گۆھەرنىساغا قانچە يىقىنلاشسا  ھەسەن ئۇنىڭغا  پۇلنى ئايىماي ئاتاتتى. تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىمۇ  ھەسەن ئۇنى ئالدىرتىپ.  -نىمانداق لامىزەللە ئاداشسەن، بىر خوتۇن كىشىنىمۇ ئىندەككە كەلتۈرەلمەي  يۈرەمسەن،  بۇ قېتىم بەكرەك كۈچىمىسەڭ  بولمايدۇ.  ئۈچىنجى قېتىملىق  سوت ئېچىلىشتىن بۇرۇن   ماڭا ئىسپات بولغىدەك  سۈرەت كېرەك.  ئىككىنجى قېتىملىق سوتتا  ئۇ خوتۇننى قارىلاپ  يۈرۈپ  ساقچىخانىغا كىرگۈزۋىتىپ  بارغىلى قويمىغان ئىدىم. شۇ چاغدا  سوتنى بىكار قىلامدىكى دېسەم، نەدىن پەيدا بولدى  بىر  سۇ قاپىقى، چېڭگىلىۋاشتىن  بىرسى  گەپ  قىلىپ يۈرۈپ  سوتنىڭ ئېچىلىش  ۋاقتىنى كەينىگە سۈردى. بۇ قېتىم يەنە ئىسپات تاپالمىسام  ئىشىم چاتاق بولىدۇ، تۇتە ماۋۇ بەشمىڭ يۈئەننى،  خەجلىسەڭمۇ خەجلەپ  ئىشنى تىزراق  بىجىرگىن دەپ، ئۇنىڭغا بەشمىڭ يۈئەن بولاق ئېتىپ بەرگەن ئىدى. شۇڭا قۇربان گۆھەرنىسانىڭ ئۆينىڭ ئەتراپىدا پايلاپ يۈرۈپ  پانۇس بايرىمى كۈنى  گۆھەرنىسانىڭ كەينىدىن شەھەرگە بىللە كىرگەن ئىدى.  گۆھەرنىسا ۋە  ئەسئەت  قاتارلىقلارنىمۇ ھەسەن ئىتىپ بەرگەن پۇللارغا مېھمان قىلدى. ئۇ كۈنى قىلغان ئەجرىگە يارىشا  گۆھەرنىسانى ئۆزى بىلەن قوشۇپ نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتىۋېلىپ  سەل  ھاردۇقى چىققان ئىدى.


aziza
ئەڭ يېڭى ئاۋازلىق رومان، پوۋېست ھىكايىلەر يوللىنىدۇ قوشىۋېلىڭ
 最新文章