توختىماي ۋەقە سادىر قىلغان بوئېڭ ئايروپىلانلىرىغا نېمە بولدى؟

文摘   2025-01-04 22:03   海南  

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2024-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە گوللاندىيەنىڭ ئامىستېردامغا قاراپ ئۇچقان بوئېڭ 800-737 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي سۇيۇقلۇق بېسىمىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ، ئارقىدىن ئوسلۇدىكى سانفىيور ئايرودۇرۇمىغا جىددىي قوندى.

بۇ ۋاقىتتا يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇيۇقسىز ئوڭغا سىيرىلىپ، ئۇچۇش-قونۇش يولىدىن ئۇدۇل چىقىپ، ئارقىدىنلا چىملىققا سىيرىلىپ كىرىپ كەتتى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ باردى، بوئېڭ شىركىتىمۇ بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.

ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ نەتىجىسى چىقماي تۇرۇپ، ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن، كورېيە چىجۇ ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى قۇش توپىغا سوقۇلۇپ كەتكەنلىكتىن، ئۇچۇش-قونۇش جازىسىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ، ئاخىرىدا قونۇش يولىنىڭ سىرتىدىكى رېشاتكىسىغا سوقۇلۇپ ئوت كەتتى، 181 ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككى ئايروپىلان خادىمى قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى.

بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ تىپى دەل بوئېڭ 737-800.

ۋەقە تېخى ئاخىرلاشمىدى، يەنىلا كورېيە چىجۇ ئاۋىياتسىيەسى، 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەتىگەندە، ئوخشاش تىپتىكى يەنە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش-قونۇش جازىسىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ، ئۇزۇن ئۆتمەي سۇنۇپ كەتتى، بەخىتكە يارىشا بۇ قېتىم ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

قىسقىغىنە بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئۇدا ئۈچ كۈن ئاۋىياتسىيە ھادىسىسى يۈز بەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى بوئېڭ 737 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىدا كۆرۈلدى.

ھەممىگە ئايانكى، بوئېڭ 737 يۈرۈشلۈك ئايروپىلانى خەلق ئاۋىياتسىيە ساھەسى تارىخىدىكى ئەڭ بازارلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بوئېڭ 737-800 تىپلىق ئايروپىلان 4989 دانە سېتىلغان شۇنداقلا دۇنيادىكى ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىق ئايروپىلان ئەترىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالغان. دۆلىتىمىزدە پەقەت مۇشۇ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىدىنلا 1554ى بار بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بوئېڭ شىركىتى ياسىغان ئايروپىلاننىڭ نامى يىراق-يېقىنغا تونۇلغان.

ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملاشقان ۋەقە بوئېڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان 737 تىپلىق يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا بازىرى ئىتتىك ئايروپىلان دېگەن نامغا ئېرىشەلىشىگە قارىتا گۇمان پەيداد قىلدى.

200گە يېقىن يولۇچىنىڭ قازا قىلىشى راستتىنلا بىر تاسادىبىيلىقمۇ؟ ئىچكى قىسىمدا ئېغىر مەسىلە مەۋجۇتمۇ قانداق؟

دۆلىتىمىزدە 737 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن مىڭدىن كۆپرەكى بار، كەلگۈسىدە چەتئەلدە كۆرۈلگەن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش تىراگېدىيەسى ئېلىمىزدا تەكرارلىنىپ قالامدۇ قانداق؟ ئەجەبا بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر سەپەرگە چىققاندا يەنىلا ئەسلىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ۋە ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇشنى تاللامدۇ؟


«737» تىپلىق ئايروپىلاننىڭ نېمە ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادا بازىرى ئىتتىك؟

بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن، بىز ئالدى بىلەن بوئېڭ 737 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ نېمە ئۈچۈن 5000غا يېقىن سېتىلغانلىقىنى ھەمدە ئاۋىياتسىيە ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان باشلامچى ئايروپىلانغا ئايلانغانلىقىنى چۈشىنىپ باقايلى.

«737» تىپلىق ئايروپىلان ئوخشاش بولمىغان مۇھىت ۋە شارائىتتا نورمال يۈرەلەيدۇ، مەيلى پىژغىرىم ئىسسىق، چىدىغۇسىز ئىسسىق كىلىمات بولسۇن ياكى قار-مۇز بىلەن قاپلانغان سوغۇق كىلىمات بولسۇن نورمال يول يۈرەلەيدۇ. ئۇنىڭ موتورى ۋە سوۋۇتۇش سىستېمىسى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتىمۇ يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن.

شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى ئەتراپىدىكى سوغۇق رايونلاردىمۇ بۇ ئايروپىلاننىڭ گەۋدە ماتېرىيالى ۋە ھىملاش قۇرۇلمىسى ئايروپىلاننىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا نورمال خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

بۇ دەل باشقا ھاۋا بوشلۇقى يولۇچىلار ئايروپىلانىدا يوق ئەۋزەللىك، باشقا ئايروپىلانلار بەك ئىسسىقتا ئۇچالمايدۇ، ياكى بەك سوغۇقتىمۇ بوشلۇققا كۆتۈرۈلەلمەيدۇ، قۇرۇقلۇققا قويۇپ قويۇلسا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە يۈك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز ۋە تۆۋەن ئېگىزلىك پەرقىگە نىسبەتەن، 737 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئوخشاشلا بىمالال تاقابىل تۇرالايدۇ.

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلاردا، شالاڭ ھاۋا دىنامىكىسى ئايروپىلاننىڭ ئىقتىدارىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ، ئەمما 737 موتور تېخنىكىسى ۋە ھاۋا دىنامىكىسى لايىھەسىگە تايىنىپ، مۇشۇنداق قىيىن شارائىتتا ياخشى ئۇچۇش ھالىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بەلباغقا تەۋە ئىكەنلىكى، ئۇچۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېلىمىز شىزاڭغا كىرىدىغان ئايروپىلانغا «قوش ئايروپىلان باشلىقى» تۈزۈمىنى يولغا قويغان، ئاساسلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىدىمۇ 737 تىپلىق ئايروپىلاننى ئاساس قىلىدۇ.

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلارلا ئەمەس، دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن يەر شەكلىدىمۇ ئۇنىڭ كونترول قىلىش ئىقتىدارى ۋە يېقىلغۇ ماي ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، شۇڭا دۆلىتىمىز بوئېڭ 737 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى كۆپلەپ كىرگۈزگەن.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، قىسقا ئۇچۇش يولى ۋە ئۇزۇن ئۇچۇش-قونۇش يولى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش-قونۇش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان سىناقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، 737 تىپلىق ئايروپىلان بۇ جەھەتتە كۈچلۈك ماسلىشىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان.

قىسقا ئۇچۇش-قونۇش يولىدا ئۇنىڭ تورمۇز سىستېمىسى ۋە جانلىق كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئايروپىلاننى چەكلىك ئارىلىقتا بىخەتەر قونۇش ۋە ئۇچۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، بەزى كىچىك رايونلاردىكى ئايرودۇرۇملاردا ئۇچۇش-قونۇش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى چەكلىك بولىدۇ،، ئەمما 737 تىپلىق ئايروپىلان يەنىلا ئوڭۇشلۇق ئۇچۇپ-قونالايدۇ.

ئۇچۇش-قونۇش يولى ئۇزۇن بولغان چوڭ تىپتىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇمدىمۇ، ئۇ ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ سۈرئىتى ۋە توشۇش ئىقتىدارى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باشقا ئايروپىلانلار بىلەن تەرتىپلىك ماسلىشىپ، ئۇچۇش-قونۇشنى تاماملايدۇ.

بۇ ئىقتىدارلاردىن كېيىن، بوئېڭ شىركىتى يەنە 737 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ قىسقا مۇساپىلىق تارماق لىنىيەدىن ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىق غول لىنىيەگىچە بولغان كۆپ خىل ھاۋا يولى ئېھتىياجىغا ماسلىشىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى.

قىسقا مۇساپىلىق تارماق لىنىيە بىر قىسىم تاغلىق رايون ياكى ئارال رايونلىرىنى تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىدىغان كۆۋرۈك بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىق غول لىنىيەدە، ئۇ يەنە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تىجارەت تەننەرخى ۋە ئولتۇرۇش تەسىراتى بىلەن يولۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلدى.

ئەگەر ئاۋىياتسىيە شىركىتى بوئېڭ 737نى كىرگۈزۈشنى تاللىمىسا، بۇ تىپتىكى ئايروپىلان بىلەن ئوخشاش تىپلىق ئايروبۇس 320نى تاللاشقا توغرا كېلىدۇ.

گەرچە ئىككى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ پەرقى چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇچۇش بىخەتەرلىكى كەسپىي تور بېكىتى «airsafe»نىڭ 2019-يىلى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئايروبۇس A 320 يۈرۈشلۈك ئايروپىلانىنىڭ ئىپادىسى بەزى جەھەتلەردە ھەقىقەتەن بوئېڭ 737 يۈرۈشلۈكىدىن سەل ناچار بولغان.

بۇمۇ 737 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ نېمە ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادا ياخشى سېتىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

لېكىن 737 تىپلىق ئايروپىلان شۇنچە ياخشى تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ھەر خىل ھادىسىلەر يۈز بېرىدۇ؟ ئەجەبا 200گە يېقىن يولۇچىنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىشى راستتىنلا بىر تاسادىپىيلىقمۇ؟


ئۇچقۇچى ۋە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھالقىلىق ئامىل

بۇ ئۈچ قېتىملىق ۋەقەنىڭ ماھىيىتىدىن قارىغاندا، گەرچە بوئېڭ 737-800 تىپلىق ئايروپىلاندىن چاتاق چىققان بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يەنىلا ئۈچىنچى تەرەپتە.

28-ئۆكتەبىر گوللاندىيە خان جەمەتى ئاۋىياتسىيەسىدە يۈز بەرگەن سۇيۇقلۇق بېسىم سىستېمىسى كاشىلىسىنى ئايروپىلان سۇيۇقلۇق بېسىمىلىق تۇرۇبا يوللىرىنىڭ ھىملەش دېتاللىرىنىڭ كونىرىشى ۋە سۇيۇقلۇق بېسىم پومپىسىدىكى كاشىلا كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل كونىراش ۋە كاشىلا كۆرۈلۈش ئەھۋالى ئۇزاق ۋاقىت ئۇچۇشقا نىسبەتەن نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئىشلەتكۈچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇچۇشتىن بۇرۇن چوقۇم تەكشۈرۈشى، مەسىلە بار بولسا تۈزىتىشى، يوق بولسا ساقلىنىشى كېرەك.

ئەگەر كۈندىلىك ئاسراش تەكشۈرۈشىدە سۇيۇقلۇق بېسىملىق سىستېمىدىكى يوشۇرۇن مەسىلە بايقالمىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ تەكشۈرۈش تەرتىپىنىڭ مۇكەممەل بولمىغانلىقى ياكى ئىشلىتىلگەن تېخنىكا ۋاسىتىسىدا مەسىلە بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.

ئەمما ھازىر 2024-يىلى، پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ھەر خىل ئىلغار تەكشۈرۈش تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، بۇنداق دەۋردە تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدا يەنىلا مەسىلەر بار دېيىلسە، ئەمەلىيەتكە سەل ئۇيغۇن كەلمەي قالىدۇ.

ئەگەر دادىللىق بىلەن پەرەك قىلساق، ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىكى خادىملار ئۇچۇشتىن بۇرۇن ئايروپىلاننى ئەتراپلىق تەكشۈرمىگەن بولۇشى، شۇ سەۋەبتىن ۋەقە يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.

29-ئۆكتەبىردىكى ۋەقەگە قارايدىغان بولساق، ھادىسە سەۋەبى قۇشقا سوقۇلۇپ كېتىش دەپ بېكىتىلگەن، ئەمما ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئاۋىئاتسىيە ۋەقەلىرىدىن قارىغاندا، قۇشنىڭ سوقۇلۇشى ئادەتتە ئۇچۇش-قونۇش جازىسىغا بىۋاستە ھەم كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

ئۇچۇش-قونۇش جازىسىنىڭ لايىھەلىنىشى ۋە ياسىلىشىدا ئىنتايىن قاتتىق ئۆلچەم ۋە تەلەپ بار، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە مۇداپىئە ئىقتىدارى قايتا-قايتا سىناق قىلىنىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا قۇشنىڭ سوقۇلۇشى پەيدا قىلغان زەربە كۈچى نىسبەتەن چەكلىك بولۇپ، ئۇچۇش-قونۇش جازىسىنىڭ مۇداپىئە توسۇقىنى بۇزۇۋېتەلمەيدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى ھادىسىدە ئۈچ ئۇچۇش-قونۇش جازىسىدا بىرلا ۋاقىتتا كاشىلا كۆرۈلگەن، ئېھتىماللىق ئىلمى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، ئۈچ ئۇچۇش-قونۇش جازىسىدا بىرلا ۋاقىتتا قۇشلارنىڭ سوقۇلۇشى سەۋەبىدىن كاشىلا چىقىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس، نورمال ئۇچۇشتا بۇنداق ئەھۋالدا، قۇشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىسىمۇ، ئۈچ ئۇچۇش-قونۇش جازىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا زىيانغا ئۇچرىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس.

ئەڭ مۇھىمى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە، ئادەتتىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى پىلانلاش ۋە ئۇچۇش جەريانىدا كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قۇشلار توپىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن قۇشلارنىڭ كۆچۈش لىنىيەسىدىن پايدىلىنىش ۋە قۇش ئەھۋالى ئۇچۇرىنى توپلاشقا توغرا كېلىدۇ.

ئەگەر كورېيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى راستتىنلا ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلغان بولسا، نېمە ئۈچۈن يەنە بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؟

ئۇنىڭدىن باشقا، بىز بۇ ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچراشتىن بۇرۇنقى كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ باقايلى، ئايروپىلاننىڭ قانىتى قونۇش قۇرۇلمىسىدا ئەمەس، سۈرئەت ئاستىلىتىش تاختىسى تىك تۇرماي، يەنىلا ئۇچۇش ھالىتىدە تۇرغان.

بۇ نېمە دېگەن گەپ؟ ئايروپىلان خادىملىرى قونۇش تەرتىپىنى ئىجرا قىلمايلا بىۋاستە قونغان، بەلكىم قۇش زەربىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئايروپىلان خادىملىرى ئالاقزادە بولۇپ كېتىپ، تىراگېدىيە كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.

تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئۇچقۇچىنىڭ مەسىلىسى.

30-ئۆكتەبىردىكى ئۇچۇش-قونۇش جازىسىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ جىددىي قايتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ مېخانىكىلىق ئاسراش مۇۋاپىق بولماسلىق ياكى زاپچاسلارنىڭ كونىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، بۇ يەنىلا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ مەسىلىسى.

ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىمۇ ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش-قونۇش جازىسىنى لايىھەلەش، ياساش جەھەتتە نۇقسان بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئۇلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر غەزەپلىنىپ ئالدىنقى ئون يىلدىكى ھېسابات دەپتىرىنى قاتتىق تەكشۈرمىگەن بولاتتى!


كىشىلەر 737 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئىشەنسەك بولامدۇ؟

جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، 737 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇنچە ئۇزۇن ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتىنى باشتىن كەچۈردى، سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكى يەنىلا بىزنىڭ ئىشىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ، بىزنىڭ ئاۋىياتسىيە سىستېمىمىزمۇ ھەرقانداق ئاۋىياتسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىشكە يول قويمايدۇ.

جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى (CAAC) ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ تىجارىتى ۋە ئايروپىلاننى ئاسراش قاتارلىقلارغا قارىتا قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپى بار بولۇپ، 1995-يىلى 7-ئايدىلا ئالاقىدار نىزاملارنى ئېلان قىلغان، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ ۋە تەستىقلاپ، تىجارەتنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بوئېڭ 737 يۈرۈشلۈك ئايروپىلانىغا قارىتا، CAAC خەلقئارا تەرەپلەرنىڭ ھادىسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە بولغان ئىنكاسىغا داۋاملىق دىققەت قىلىپ، ۋاقتىدا ئۇچۇشقا ماس كېلىدىغان بۇيرۇق ۋە بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىپ، ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدىن مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ، ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئۇچقۇچىلارنى تەربىيەلەش ۋە تەكشۈرۈش ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، ئۇچقۇچىلار ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە كىرىشتىن بۇرۇن، مەخسۇس ئاۋىئاتسىيە مەكتىپىدە تەربىيەلىنىپ، مۇناسىپ ئۇچۇش كىنىشكىسىگە ئېرىشىشى كېرەك.

ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە كىرگەندىن كېيىن، بوئېڭ 737 يۈرۈشلۈك ئايروپىلانلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا مەخسۇس تەربىيەلىنىدۇ، بۇ ئايروپىلانلارنىڭ مەشغۇلات تەرتىپى، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇچقۇچىلارنىڭ ئۇچۇش ماھارىتى ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى پىششىق ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كەلگۈسىدىكى بوشلۇقتا كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىدۇ.

2020-يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇدا 10 يىل بىر ئاي، 86 مىليون 690 مىڭ سائەت بىخەتەر ئۇچۇپ، ئۇدا 18 يىل ھاۋا مۇداپىئە بىخەتەرلىكىدە جاۋابكارلىق ھادىسىسى پەيدا قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن بىخەتەرلىك دەۋرىنى ياراتتى.

2022-يىللىق ئىستاتىستىكا ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، زور ھادىسە نىسبىتىنىڭ ئون يىللىق دومىلىما قىممىتى 0.011 (ھەر مىليون قېتىم) بولۇپ، دۇنيادىكى كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەن، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ بىخەتەر ئىكەن قاتناش قوراللىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بىلەن ئوخشاش، ھەتتا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنىڭكىدىن ياخشى، دەپ قارىلىدىكەن.

رومانلار
ياۋايى ھەۋەس
جانغا زامىن ئايال ئالاھىدە خادىم
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز

تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章