چىرىكلىك دېلوسىنى پاش قىلغان مۇخبىرئېچىنىشلىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى

文摘   2025-01-08 21:47   海南  

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1-ئاينىڭ بېشىدا ھىندىستاننىڭ چاتتىسگار ئىشتاتىدا بىر قاتىللىق دېلوسى يۈز بەرگەن. شۇ جايدىكى بىر ئەركىن مۇخبىر مۇكېش چاندراكارنىڭ يېڭى يىلدا ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ جەسىتى ھويلىدىكى بىر گەندە كۆلچىكىدە بايقالغان.

(مۇكېش)

جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مۇكېش قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن رەھىمسىز ئازابقا ئۇچرىغان، ئۇ ھايات ۋاقتىدا تىغسىز ئۈسكۈنىنىڭ كۆپ قېتىم ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېغىر يارىلانغان. ئۇنىڭ بېشىنىڭ 15 يېرى سۇنغان، بوينى سۇنغان، بەش تال قوۋۇرغىسى سۇنغان، يۈرىكى، جىگىرى تۆت پارچە بولۇپ كەتكەن، بىر قولىمۇ سۇنۇپ كەتكەن. ساقچى تەرەپ قولىدىكى چەكمە ئارقىلىق ئۇنىڭ جەسىتىنى تەستە پەرق ئەتكەن.

(مۇكېش)

ساقچىلار بۇ مۇخبىرنىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىشتىن بۇرۇن بىر مىليارد 200 مىليون رۇپىيەگە چېتىشلىق تاشيول ئاممىۋى قۇرۇلۇشى چىرىكلىك دېلوسىنى پاش قىلغانلىقىنى ئېنىقلىغان. بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇكېش NDTV تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا بىر خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، بىجابۇلنىڭ گانگرۇر بىلەن شىرولىنى تۇتاشتۇرىدىغان يول قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ چىرىكلىككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان، ھۆكۈمەت بۇ خەۋەرگە دىققەت قىلىپ، بۇ تۈرنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تاشيول قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ تەننەرخى ئەسلىدە 500 مىليون رۇپىيە بولۇپ، لېكىن ھېچقانداق قوشۇمچە خىزمەت قوشۇلمىغان ئەھۋالدا 1 مىليارد 200 مىليون رۇپىيەگە يەتكەن، ئەڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇش تاماملانغاندا، بۇ يولنىڭ ھەر كىلومېتىرلىقىنىڭ تەننەرخى بىر مىليارد رۇپىيەگە يەتكەن، شۇنداقلا يولدىكى 35 ئازگال بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئەسلا ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن.

ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق باش جىنايەتچى بۇ تۈرنى ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەر سۇرېش چاندراكا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. ئۇ تېخى مۇكېشنىڭ تۇغقىنى ئىكەن. قاتىللىق دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن شۇ جايدىكى ساقچىلار دېلوغا چېتىشلىق تۆت كىشىنى قولغا ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدە مۇكېشنىڭ يىراق ئىنىسى سۇرېشمۇ بار ئىكەن، دېلوغا چېتىشلىق ئىككى كىشىنىڭمۇ مۇكېش بىلەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بار ئىكەن.

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرىگە قارىغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مۇكېشنىڭ ئاخبارات كەسپى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان. ئۇ زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا ئېغىر ئۇچرىغان چاتتىسگار ئىشتاتىنىڭ بىجاپۇر رايونىدىكى باساگۇدا تۇغۇلغان، كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر زوراۋانلىق ۋەقەسى سەۋەبىدىن يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ، بىجابۇلنىڭ پاناھلىنىش لاگىرىغا كۆچۈپ كەتكەن. مۇكېشنىڭ دادىسى ئۇ ئىككى ياش ۋاقتىدا قازا قىلغان، ئانىسى ئۇنى ئاكىسى يۇكېش بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغان، ئانىسىنىڭ مائاشى ناھايىتى ئاز بولۇپ، ھەر كۈنى ئاران 300 رۇپىيە (تەخمىنەن 26 يۈەن خەلق پۇلى) تاپىدىكەن، ئائىلىسى نامرات بولغاچقا ھەتتا سۈت سېتىۋالالمايدىكەن.

(مۇكېش ئائىلىسى سۈرىتى)

مۇكېش چوڭ بولغاندىن كېيىن ھاراق سېتىش، ۋېلىسىپىت رېمونتچىسى بولۇش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدىغان، ئانىسى راك كېسىلىدەك ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا، 17 ياشلىق مۇكېش پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپىسىنى داۋالىماقچى بولغان، ئەمما ئۇنىڭ يېنىدا ئاران 50 مىڭ رۇپىيە (تەخمىنەن 4300 يۈەن خەلق پۇلى)، بۇ پۇل ھېچنېمىگە يەتمەيدۇ، پەقەت ئاپىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە قاراپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

(مۇكېش)

2012-يىلى مۇكېش ئاكىسى يۇكېشنىڭ تۈرتكىسىدە ئەركىن مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. 10 نەچچە يىلدىن بۇيان مۇكېش ئەركىن مۇخبىر سالاھىيىتى بىلەن ھىندىستاننىڭ باستا ناھىيەسى رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت ۋە ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇخبىرلارغا ھەمكارلىشىپ، شۇ جايدا خەۋەر بېرىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن.

ئۇ نۇرغۇن تاراتقۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىلگىرى ھىندىستاندىكى بىر داڭلىق دۆلەت ئاخبارات قانىلىنىڭ ئالاھىدە مۇخبىرى بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان چاتتىس ئىشتاتىنىڭ گالباس رايونىدىكى ھەر خىل ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى خەۋەر قىلىپ كەلگەن. 2021-يىلى مۇكېش بىجاپۇر شەھىرىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى خەۋەر قىلىپ، يەتتە ياش مۇخبىر بىلەن بىرلىكتە بىخەتەرلىك قىسىمىغا ياردەملىشىپ سۆھبەتلەشكەن ھەمدە تەھدىتكە ئۇچرىغان مەركىزىي زاپاس ساقچى قىسىمىغا ياردەم بەرگەن.

(مۇكېش)

باشقا مۇخبىرلارنىڭ ئېيتىشىچە، مۇكېش دائىم شۇ جايدا ئۇلارغا يول باشلاپ بېرىدىكەن ياكى موتوسىكلىت بىلەن ئۇلارنى تەستە ماڭىدىغان جايلارغا ئاپىرىپ قويىدىكەن، ئەزەلدىن ھەق ئالمايدىكەن. ئۇ ئۆزى ئەركىن مۇخبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن خەۋەر بىلەن تەمىنلەپ ئېرىشكەن كىرىمى تۆۋەن ھەم ئىنتايىن تۇراقسىز بولۇپ، ئىزچىل 2200 رۇپىيە (188 يۈەن خەلق پۇلى)لىق بىر ئۆينى ئىجارىگە ئالغان، يەنە بۇ ئۆينى ئىجارىگە ئالغان باشقا مۇخبىر دوستلىرىمۇ بار بولۇپ ئۇ بۇ ئۆيدە بەش يىل تۇرغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ ئالاقە تورىدا «Bastar Junction» قانىلى ئېچىپ، ئاممىۋى قۇرۇلۇشتىكى چىرىكلىك ۋە مەھەللە بىخەتەرلىكى قاتارلىق نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى مەخسۇس خەۋەر قىلغان، ئۇنىڭ جەمئىي 100 نەچچە مىڭ مەستانىسى بار.

كۆپلىگەن سىن كۆرۈنۈشى باستا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى بىجابۇلنىڭ دوختۇرخانىسى ۋە داۋالاش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى خەۋەر قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. مۇكېشنىڭ دوستىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئالاقە سۇپىسى ھەر ئايدا ئۇنىڭغا 20 مىڭ رۇپىيە (تەخمىنەن 1700 يۈەن) كىرىم قىلىپ بېرىدىكەن، بەزىدە 50 مىڭ رۇپىيە (تەخمىنەن 4300 يۈەن خەلق پۇلى) كىرىم قىلالايدىكەن، مۇكېش مۇشۇ قانالغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى ئاخىرى مۇقىملاشتۇرغان، لېكىن بۇ ۋاقىتتا تىراگېدىيە يۈز بېرىدىغانلىقىنى كىم ئويلىغان دەيسىز؟

(مۇكېش)

12-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇكېش ئاخبارات قانىلىدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە مۇتاۋېندىغا بېرىپ، بۇلتۇرقى مەلۇم بىر خەۋەرنى ئىز قوغلىغان. مۇكېش ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى يولدا يېڭىدىن سېلىنغان بىر يولنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىغا دىققەت قىلغان، قايتىدىغان چاغدا خىزمەتداشلىرى بۇ يولنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، يول سۈپىتىنىڭ ناچارلىقىنى تەكىتلىگەن.

12-ئاينىڭ 24-كۈنى بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ھۆكۈمەت ناسار رايونىغا بارىدىغان يول قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولۇپ، يولنىڭ ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگىرى يەنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇشنىڭ يىراق تۇغقىنى سۇرېشنىڭ چىرىكلىك جىنايىتى بايقالغان.

يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، سۇرېش بۇ جايدا ئەڭ باي بولۇپ، يېقىندا بىر مەيدان ھەشەمەتلىك ئويۇن ئۆتكۈزگەن، ھەتتا بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان ئىجارىگە ئېلىپ، رۇسىيە ئۇسسۇلچىسى ياللاپ ئويۇن قويغان. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇكېش دېلوغا چېتىشلىق يەنە بىر كىشىنىڭ سۇرىشنىڭ ئىنىسى رىتېش چاندراكانىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن، يانفونى ئىزچىل ئېتىك ھالەتتە تۇرغان، مۇكېشنىڭ ئاكىسى يۇكېش ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ، ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ دېلو مەلۇم قىلىپ ئۇنى ئىزدىگەن.

(مۇكېش)

ساقچىلار مۇكېشنىڭ يانفون ئورنى ۋە يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە سىن كۆرۈنۈشىگە ئاساسەن بىجاپۇر شەھىرىدىكى بىر ھويلىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ھويلىدىكى سېمونت كۆمۈلۈپ قالغان گەندە كۆلچىكىدە ئۇنىڭ جەسىتىنى بايقىغان. قورۇنىڭ ئىگىدارى دەل ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەر سۇرىش ئىدى.

قاتىللىق دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن شۇ جايدىكى مۇخبىرلار بۇ قاتىللىق دېلوسىنى توختىماي خەۋەر قىلغان، ھىندىستان ئاخبارات كومىتېتىمۇ چاتتىسگال ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتىدىن ئالاقىدار دېلولار توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا، شۇ جايدىكى ساقچىلار تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سۇرېش تاشيول تۈرىنىڭ مەسئۇلى ماھىندرا رامتېك ۋە مۇكېشنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى دىنېش، رىتش چاندراكانى قولغا ئالغان. پەقەت سۇرېشنىڭلا قارىسى كۆرۈنمىگەن.

مۇخبىرلار مەيداننى قامال قىلىپ، سۇرىشنىڭ بىجاپۇر قاتارلىق باستا رايونىدىكى مال-مۈلكىنى تۇتۇپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار يەنە سۇرېش ۋە قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان باشقا كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش، ئۇنىڭ بانكا ھېساباتىنى پېچەتلەشنى تەلەپ قىلغان، نارازىلىق بىلدۈرگەن مۇخبىرلار يەنە بىجابول ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا خىزمەتتىن توختىتىش جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ساقچىلار سۇرىشنىڭ ئىزىغا چۈشۈش ئۈچۈن 200 يېپىق يوللۇق تېلېۋىزورنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈپ، 300گە يېقىن يانفون نومۇرىنى ئىز قوغلاپ، ئۇنىڭ تۆت بانكا ھېساباتىنى توڭلىتىپ قويغان، ئاخىرىدا ئۇنىڭ شوپۇرىنىڭ ئۆيىگە يوشۇرىنىۋالغانلىقى ئېنىقلانغان.

ساقچىلارنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، مۇكېش قاتىللىق دېلوسى يۈز بېرىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن قاتىللىق دېلوسى يۈز بەرگەن قورۇغا بارغان، لېكىن 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش  پىلانلانغان. ئالدى بىلەن باش نازارەتچى رىتېش بىلەن ماھېندىرا تۆمۈر كالتەك بىلەن بىرلىشىپ مۇكېشقا ھۇجۇم قىلىپ، نەق مەيداندا ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن، سۇرېش بىلەن دىنېز قوشۇلۇپ، جەسەتنى گەندە كۆلچىكىگە يوشۇرۇپ، سېمونت بىلەن توسۇپ قويغان دېگەن، ئۇلار يەنە مۇكېشنىڭ تېلېفۇنى بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتكەن تۆمۈر كالتەكنى بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان رىتېش ئىزچىل مۇكېش بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئىككىيلەن دائىم جەسەت يوشۇرۇلغان گەندە كۆلچىكى ئەتراپىدا پەي توپ ئوينايدىكەن.

گەندە كۆلچىكى

ئەمما، مۇكېش يول تۈرىدىكى چىرىكلىكنى پاش قىلغاندىن كېيىن، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ كەتكەن. سۇرىش خېلى بۇرۇنلا دائىم يول سۈپىتى ناچار خەۋەرلەرنى خەۋەر قىلىپ تۇرىدىغان مۇكېش ۋە چىرىكلىشىش دېلوسىدا تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان يەرلىك ئەمەلدارلاردىن نارازى بولۇپ، مۇكېشنى ئۆزلىرىگە توسقۇنلۇق قىلدى، دەپ قارىغان. مۇكېشنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ھىندىستان ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. شۇ جايدىكى مۇخبىرلارنىڭ ئېيتىشىچە، باستادىكى ٪95 مۇخبىر مائاشسىز بولۇپ، مۇكېش قىزغىنلىق بىلەن 10 نەچچە يىل بەرداشلىق بەرگەن. ھىندىستاندا مۇخبىرلىق ئاساسەن يۇقىرى خەۋپلىك كەسىپلەرگە تەۋە، تاراتقۇ نازارەت قىلىش تەشكىلاتى بولغان دۆلەت چېگراسى يوق مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستاندا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچتىن تۆتكىچە مۇخبىر خىزمەت سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن.

مەسىلەن، 2022-يىلى 5-ئايدا قانۇنسىز قۇم قازغۇچىلارنى خەۋەر قىلىپ داڭق چىقارغان ئەركىن مۇخبىر سۇباش كۇمار ماتو، بىخار ئىشتاتىدىكى ئۆيىنىڭ سىرتىدا سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان تۆت ئەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلغان.

ھەققانىيەت ۋە باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان سادالار تا بۈگۈنگىچە بىخەتەرلىكنىڭ كاپالىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ لېكىن يەنىلا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلىشنى خالايدىغان كىشىلەر يەنىلا بار...

رومانلار
ياۋايى ھەۋەس
جانغا زامىن ئايال ئالاھىدە خادىم
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ



ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز

تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章