ئەر چولپان مەست بولۇپ قېلىپ ئايال قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ...

文摘   2025-01-07 21:52   海南  

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھەر يىلنىڭ ئاخىرىدا 12-ئايدىن باشلاپ، ياپونىيەلىكلەر قاۋاقخانا ۋە ئاشخانىدا ھەر خىل تىپتىكى «كونا يىلنى ئۇزىتىش يىغىلىشى» ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلار بۇنداق يىل ئاخىرىدىكى چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.

خىزمەتداشلار، دوستلار بىلەن يىغىلىپ تاماق يېگەندە ئازراق ھاراق ئىچىش ئارقىلىق كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى، كەيپىياتنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. لېكىن ھەرگىز كۆپ ئىچمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك، مەستلىك ئەس-ھوشى جايىدا بولماسلىق، ھەرىكەت كونتروللۇقىنى يوقىتىش، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6-يانۋار ياپونىيە تاراتقۇلىرى داڭلىق ئەر ئارتىس يوشىكاۋا (30 ياش) مەست بولۇپ قالغاندىن كېيىن ياندىكى ئايال قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بۆسۈپ كىرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ۋەقە 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 يېرىم ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، يوشىكاۋا توكيو شەھىرى مىناتو رايونىغا جايلاشقان ياتىقىنىڭ يېنىدىكى قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بۆسۈپ كىرگەن. ياندىكى ئايال قوشنىسى بۇنى بايقىغاندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، يوشىكاۋا ئالدىنقى كۈنى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە دوستى بىلەن ھاراق ئىچكەن بولۇپ، مەست ھالەتتە ئىكەن. ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئالدىدا، يوشىكاۋا مۇنداق دېگەن: «ئالدىنقى كۈنى كەچتىن باشلاپ ھاراق ئىچىپ، مەست بولۇپ قالدىم ھاجەتخانىغا بارغۇم كېلىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرىپ قالدىم.»

نۆۋەتتە، ساقچىلار پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرىش جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.

(ياپونىيەلىك ئەر ئارتىس يوشىكاۋا)

بۇ ئىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ياپونىيەلىك تورداشلار بەس-مۇنازىرە قىلىشقان:

«ئۇ پەقەت مەست بولۇپ قېلىپ، ياتاق بىناسىغا خاتا كىرىپ قاپتۇ.»

«يوشىكاۋامۇ تۇيۇقسىز باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرسە گەرچە ئۇ ئارتىس بولسىمۇ ئادەم بەك قورقۇپ كېتىدۇ.»

«يوشىكاۋانىڭ ھەقىقەتەن كېسىلى بار ئىكەن، لېكىن قوشنىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى يوقمۇ؟ ئۇ قانداق ئاچتى؟»

«نەق مەيداند كۆرۈنۈشلىرىنى يوللىمامسىلەر؟»

(ئىزاھات: يوشىكاۋا خىروشى ھەقىقىي ئادەم نۇسخىسىدىكى «سامانيولى» فىلىمىدە ئودا باش ساتورۇ ئوكىنىڭ رولىنى ئالغان)

«چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا سەل ياخشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ھېلىمۇ ياخشى يېرىم كېچىدە بۇنداق ئىش يۈز بەرمەپتۇ.»

ھەتتا يەنە نۇرغۇن تورداشلار ئەگەر يوشىكاۋاغا ئوخشاش كېلىشكەن يىگىت ئۆيگە بۆسۈپ كىرسە، ئۆزلىرىنىڭ قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇلار مۇنداق دېيىشكەن:

«ئەگەر يوشىكاۋا بىزنىڭ ئۆيگە خاتا كىرىپ قالغان بولسا مەن ئۇنى ئەرز قىلماي قارشى ئالغان بولاتتىم.»

«ھەي، ئۇ بىزنىڭ ئۆيدىكى ھاجەتخانىغا كەلسىكەن دەيمەن!»

«يوشىكاۋا بەك ئوماق، شۇڭا ئۇنى ئەپۇ قىلىشقا بولىدۇ.»

«ئەگەر يوشىكاۋا بىزنىڭ ئۆيگە كەلسە، مەن نورمال كۈتىمەن. ھا ھا ھا.»

يەنە بەزى تورداشلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر ئەڭ باش قاتۇرىدىغىنى ئاساخى پىۋىسىنىڭ تەشۋىقات تارماقلىرى ئىكەن.

يوشىكاۋا دەل ياپونىيە ئاساخى پىۋىسىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ، بۇلتۇر 10-ئايدا يېڭى ئېلان ئىشلىگەن. ھازىر يوشىكاۋا مەست بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئايال قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاساخى پىۋىسى تەرەپ ھازىر بۇ ئىشنى ئېنىقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە تاماشا ساھەسىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يوشىكاۋا ئادەتتە ھاراق ئىچىشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. 2021-يىلى 12-ئايدا يوشىكاۋا ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسىدا ئۆزىنىڭ بېسىمنى يېنىكلىتىشتىكى ئۇسۇلىنىڭ ھاراق ئىچىش ئىكەنلىكىنى، ئادەتتە كۆپ ئىچىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

يوشىكاۋا «كۆك ئاسمانغا ئۆرلەش»نى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا، ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىر كۈن ھاراق ئىچمىسەم ياخشى ئۇخلىيالمايمەن.»

2018-يىلى يوشىكاۋا بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئاپلېسىن قىيامى» ناملىق كىنونى سۈرەتكە ئالغان ئايال ئارتىس ساكۇراي نايىكومۇ مۇنداق دېگەن: «يوشىكاۋانىڭ ھاراق كۆتۈرۈشچانلىقى ناھايىتى ياخشى».

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى يوشىكاۋا باش رول ئالغان كىنو «AWAKE» نىڭ تۇنجى قويۇلۇش باسقۇچىدىكى سەھنە يۈز كۆرۈشۈش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ رول ئېلىش ئۈچۈن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرغانلىقىنى، «ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن تەييار چۆپ يەيدىغانلىقىنى، ئىككى بوتۇلكا پىۋا ئىچىدىغانلىقىنى، ئەتىسى ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن دەرىجىدىن تاشقىرى بىئاراملىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى» ئېيتقان.

نۆۋەتتە، يوشىكاۋا يەنىلا ئاساخى پىۋىسىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى، بۇ ھەمكارلىق دەل ئۇنىڭ ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرۈش ئوبرازىغا ئاساسەن ئىلگىرى سۈرۈلگەن. گەرچە كەلگۈسىدە يەنىلا ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراشقا توغرا كەلسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىمقى ۋەقە يوشىكاۋا ۋە ھاراق ماركىسىنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

ھاراق ئىچىش بەدەنگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ھاراق ئىچىپ مەست بولۇش مۇشۇنداق كاللىنى توغرا ئىشلىمەيدىغان قىلىپ قويۇشى ممكىن. مەستلىكتە ئۆزىنى قويۇۋېتىپ ھەرقانداق ئىشنى قىلىۋېلىپ ئاخىرىدا يېشىلگەندە پۇشايمان قىلغاننىڭ قىلچىلىك پايدىسى يوق.


رومانلار


ياۋايى ھەۋەس
جانغا زامىن ئايال ئالاھىدە خادىم
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ



ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز

تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章