بۇ شياۋرونىڭ كەنتتە قاپسىلىپ قالغىنىنىڭ ئالتىنچى يىلى. ئالتە يىل ئىچىدە، ئۇ ئون نەچچە قېتىم قاچتى بىراق ھەر قېتىم مەغلۇپ بولدى، ھەر قېتىم باشقىلار ئۇنى تاغارغا سولاپ مۈرىسىگە ئارتىپ، ئەسلىدىكى يول بىلەن بۇ ئەسكى كەنتكە ئېلىپ كېلىپ تاشلىۋەتتى. شياۋرونىڭ ئېسىدە ئېنىق تۇرۇپتۇ، ئون ياشقا كىرگەن يىلى باشقىلار ئۇنى بۇ تىلەمچى كەلسىمۇ يامانلاپ قايتىپ كېتىدىغان جايغا سېتىۋەتكەن. ئۇنى ئالداپ ئېلىپ كەتكەن ئادەم ئوتتۇرا ياشلىق ئايال بولۇپ، ئۇ ھېلىقى موماينى پەقەت بىر قېتىملا كۆرگەن، ئالتە يىل نۇرغۇن ئىشلانى ئۇنتۇلدۇرۇشى مۇمكىن بولسىمۇ لېكىن ئۇ ھېلىقى ساختىپەز، ھىيلىگەر چىراينى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنتۇپ كېتەلمىدى. ئەمما ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، شياۋرو ئالداپ كېتىلمىگەن، بەلكى نامرات ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۆز قولى بىلەن ئادەم بېدىكلىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغان. ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە ئون ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇ ئاتا-ئانىسى ۋە ئاچىسى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بىر ۋاخ تاماقنى يېدى. ئۇ بۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ۋاخ تامىقى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
ئالتە يىلدىن كېيىن ئۇ دائىم ئوچاق بېشىدا ئولتۇرۇپ تۇغۇلغان كۈنى، ئاتا-ئانىسى ۋە ئاچىسىنىڭ چىراي ئىپادىسىنى، ئۆزىنى ئۇزىتىپ قويىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەندىكى قىيالماسلىق ۋە قىيالماسلىق ئىچىدە مەجبۇرىي پەيدا بولغان خىجىللىق ھېسسىياتىنى خىرە شىرە ھېس قىلاتتى.
ئۇزۇنمۇ ئەمەس، قىسقىمۇ ئەمەس بولغان ئالتە يىل ھەش-پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتتى، بۇ ئالتە يىل ئۆز قوينىغا نۇرغۇن تەن بەرمەسلىك ۋە قارشىلىقلارنى يوشۇردى. ئەتە شياۋرۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، لېكىن دەل مۇشۇ تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى ئۇنىڭغا «ھېلىقى» كەلدى... ئۇ دائىم ياندىكى ساراڭ خوتۇندىن قىزلارغا «ھېلىقى» كەلسىلا كىچىك بالا بولماي قالىدۇ، دەپ ئاڭلايتتى. ئۇ دائىم يېرىم كېچىدە ليۇ ھاممىنىڭ ياڭ فۇگۈيگە: «ھېلىقى كەلگەندىن كېيىن مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىل، بىز ئۇنى سېتىۋالغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئالتە يىل بىكارغا باقتۇق! ئۇمۇ بالا تۇغۇپ ئائىلىمىزنىڭ چىرىغىنى ياندۇرىدىغان ۋاقىت بولدى !» دېگىنىنى ئاڭلايتتى.
ليۇ ھامما ياڭ فۇگۇينىڭ ئانىسى بولۇپ، شياۋرونى ئادەم بېدىكلىرىنىڭ قولىدىن سېتىۋالغان ئىدى. ياڭ فۇگۇي مەدەنىيەتسىز، مېيىپ بولۇپ، ئالتە يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق خىمىيە سانائىتى ۋەقەسىدە ئۇنىڭ ئىككى بارمىقى سۇنۇپ، مەيدىسىنىڭ ئاستىدىكى تېرىسى كۆيۈپ چىرىپ كەتكەن بولغاچقا يىل بويى ئۇزۇن چاپان، ئۇزۇن ئىشتان كىيىپ يۈرۈشكە مەجبۇر ئىدى. ئەسلىدە شەھەردە ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان ياڭ فۇگۈي شۇ قېتىمقى ۋەقەدە نامرات يېزىغا قايتىپ كەلدى. ليۇ ھامما بىر ئۆمۈر يىغقان پۇلىنى سەرپ قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر خوتۇن ئېلىپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ شياۋرو ئىدى. شياۋرومۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىيەتتە «كېلىن» ئىكەنلىكىنى ئاستا-ئاستا چۈشەندى.
ئۇ دائىم ياندىكى ساراڭ خوتۇن بىلەن پاراڭلىشاتتى، ساراڭ خوتۇنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بۇ يەرگە ئالداپ ئېلىپ كېلىنگەن ئىدى. ساراڭ خوتۇن بۇ يەرگە يېڭى كەلگەندە، دائىم قېچىپ كېتەتتى، بىر قېتىم كەنت ئېغىزىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، لاي-لاتقا توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىلغا چىقىپ قالغىلى تاس قالدى، نەتىجىدە باشقىلار ئۇنى تۇتۇۋىلىپ قاتتىق تاياق يېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ساراڭ خوتۇن ساراڭ بولۇپ قالدى. ساراڭ بولغان تەقدىردىمۇ يەنىلا بەش بالا تۇغدى. شياۋ رو ئاق كۆڭۈل بولۇپ، دائىم ليۇ ھامما ئەتكەن گۆش مانتىنى ساراڭ خوتۇنغا بېرەتتى، ساراڭ خوتۇننىڭ كۆكسى ساڭگىلاپ تۇراتتى، ئۇ ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۋىلىپ بالىسىنى ئېمىتەتتى، ئۇ شياۋروغا ئوغرى مۈشۈكتەك قاراپ، خۇددى ساراڭدەك «قاچ، دەريانى بويلاپ توختىماي يۈگۈر، ئايغا قاراپ يۈگۈر» دەيتتى. شياۋرو بۇ سۆزنى كاللىسىغا مەھكەم خاتىرىلىدى، بىراق ئالتە يىلدىن بېرى ئۇ بۇ كەنتىنىڭ نەرىدە دەريا بارلىقىنى بايقىمىدى.
ئوچاق بېشىدىكى ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان بولۇپ، شياۋرونىڭ يۈزى ئوتتا قىزىرىپ قىزىرىپ كەتكەنىدى، ئۇ ئوچاققا ئوتۇن سېلىۋاتاتتى. ئوتۇن تۈگەپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ساغرىسىنى كۆتۈرگەن پەيتتە، ئورۇندۇقتا بىر پارچە قان دېغى پەيدا بولدى. شياۋرونىڭ ئەڭ قورقىدىغان ئىشى يەنىلا يۈز بەردى، ئورۇندۇقتىكى بۇ قىزىل رەڭ ئۇنىڭ «ساراڭ خوتۇن» بولۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئۇ بىردىنلا نومۇس ھېس قىلدى، ئىسسىق ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا، تۇزلۇق پۇراق ئۇنىڭغا ليۇ ھامما بىلەن ياڭ فۇگۇينىڭ بۇ ئىشنى بايقاپ قالماسلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئىدىشتىكى سۇنى ئۇسۇپ، توختىماي ياغاچ ئورۇندۇققا قۇيدى، قان داغلىرى سۇيۇقلىنىپ يۇيۇلدى، ئۇ دەرھال ئۆيگە كىرىپ، ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان ئىشتان ئىزدىدى. ليۇ ھامما ئۆينىڭ سىرتىدا يېڭى كەسكەن ئوتۇننى كۆتۈرۈپ ھويلىغا كىردى ۋە يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىدى:
-ليۇ شياۋرو! بىردەمدە نەگە كەتتىڭ؟
شياۋرو كىيىم ئىشكاپىنى ئالدىراپ-تېنەپ ئاختۇرۇپ، يىرتىق ئۇزۇن ئىشتاندىن بىرنى تېپىپ، دەرھال كىيىۋالدى. ئۇ ئۇزۇن كېلىپ قالغان ئىشتاننىڭ بېلىنى كۆتۈرگەچ ئۆيدىن چىقىپ، يۈرىكى پوك-پوك ھالدا ليۇ ھاممىغا قارىدى:
-ئوتۇن كېسىپ كەلدىڭىزمۇ؟
شياۋرو يۈرىكىنىڭ پوك-پوك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، بىراق ئۇ ئەزەلدىن ليۇ ھاممىغا بۇنداق قىزغىن بولۇپ باقمىغان بولۇپ، ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىملىق قىزغىنلىقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قېچىپ كەتمەكچى بولغان چاغلىرى ئىدى. بۇ يىللاردىن بېرى ليۇ ھامما شياۋرودىن ئىزچىل ھوشيار بولۇپ كەلدى، شياۋرونىڭ كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەسلىدىكى بوۋاقنىڭكىدەك سېمىز يۈزىنىڭ بارغانسېرى يۇمرانلىشىپ ئەت قونۇپ چىرايلىق بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ تۇردى، ليۇ ھامما ئۆزى سېتىۋالغان بۇ «كېلىن»نىڭ كاتتا ساھىبجامال بولۇپ قېلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى. ليۇ ھامما شياۋرونىڭ «ئايال» بولۇشىنى كۈتەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كەنتتىكى باشقا بويتاقلار بۇنداق ساھىبجامالنىڭ كويىغا چۈشۈشىدىن ئەنسىرەيتتى.
ليۇ ھامما ئوتۇننى تاشلاپ ئۆيگە كىرىپ، شياۋرونىڭ بىر قولى بىلەن كۆتۈرۈۋالغان، كەڭ كېلىپ قالغان ئىشتىنىنى كۆرۈپ بىر مەھەل گۇمانلىنىپ قالدى. شياۋرو ئىشتىنىنىڭ بېغىنى چىگىپ، ئېگىلىپ ئوتۇننى قۇچاقلىدى:
-ئوت كۆيۈۋاتىدۇ، ئۆچمىدى.
شياۋرو بۇنداق ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمەيتتى، ئۇ ھەتتا ليۇ ھاممىنىڭ ئىشتاننىڭ كەينىگە يۇقۇپ قالغان قىزىل رەڭنى كۆرۈپ قالغىنىنىمۇ بىلمىدى. ليۇ ھاممىنىڭ كۆزلىرى يورۇپ كەتتى، ئۇ نۇر خۇددى يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ ئولجىنى كۆرگىنىگە، ياڭ ئائىلىسىنىڭ كەلگۈسىنى كۆرگىنىگە ئوخشايتتى.
كېيىنكى ئىككى ھەپتىدە شياۋرو ئۆيگە سولاندى. بۇ ئۇزۇن ئىككى ھەپتىدە شياۋرو ناھايىتى جىمىغۇر ۋە ياۋاش بولۇپ قالدى. ئۇ ليۇ ھاممىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلەتتى، ئىلگىرىكى بىر نەچچە قېتىملىق قېچىشتا، ئۇ ليۇ ھاممىنىڭ مىجەزىنى بىلىۋالدى، ليۇ ھامما يۇمشاق گەپنى يەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا قاتتىقلىق قىلىشقا بولمايدۇ.
بۇ كۈنى كېچىدە ھويلىغا قىزىل پانۇس ۋە قىزىل رەختلەر ئېسىلغان بولۇپ، ليۇ ھامما قۇتلۇق كۈننى ھېسابلاپ، ئەتە شياۋرو بىلەن ياڭ فۇگۈينىڭ تويىنى قىلىپ قويماقچى بولدى. شياۋرونىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆيگە ئاللىقاچان مۇداپىئە رېشاتكىسى ئورنىتىلغان ئىدى، شياۋرو يۇمران قوللىرى بىلەن تۆمۈر رېشاتكىنى تۇتۇپ، يېرىقىدىن ليۇ ھاممىغا قارىدى:
-مېنى سىرتقا چىقىپ ھاۋا يەپ كىرگىلى قويۇڭ، سىز مېنى ئىككى ھەپتە سولاپ قويدىڭىز، مېنىڭ يۇيۇنغۇم بار.
ليۇ ھامما شياۋروغا مۇنداقلا بىر قاراپ قويدى:
-مېنى سەن ئۆلگۈر قىزنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ دەپ قالما، پۈتۈن كەنتتە سەندەك ھىيلىگەر، سەندەك ئەسكى قىز يوق.
ليۇ ھامما شياۋرونىڭ «ئەسكىلىكى»نى بۇرۇنلا كۆرۈپ باققان. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇلار بىر توپ ئادەم تاغقا موگۇ تەرگىلى چىققاندا ليۇ ھامما جىق ئىش بىلمىگەچكە يېرىم سېۋەت زەھەرلىك موگۇ تەردى، تاغدىن چۈشكەندە ليۇ ھامما موگۇنى بىللە چىققانلارغا بۆلۈپ بەردى، شياۋرو كەنتتىكىلەرنىڭ قولىدا زەھەرلىك موگۇنى تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، موگۇنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقا مەجبۇر بولدى. شياۋرو كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ليۇ ھامما ئۇنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويدى. شياۋرو ليۇ ھاممىنىڭ زەھەرلىك موگۇ ئۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ گەپ قىلماي، موگۇنى بۆلگەندە ئاندىن ئۇ موگۇنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئېنىقكى، شياۋرو ليۇ ھاممىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان. شياۋرومۇ ھەقىقەتەن شۇنداق ئويلىغان، ئەگەر ليۇ ھاممىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرسە، ئۇ قېچىپ كېتەتتى، كىم بىلسۇن، ليۇ ھامما موگۇنى باشقىلارغا بۆلۈپ بەردى. ئۇ باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ليۇ ھاممىنىڭ نادانلىقى ئاستىدا ناھەق ئۆلۈپ كېتىشىنى خالىمايتتى.
كەچقۇرۇن ياڭ فۇگۈي ئوتىغۇچنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە قايتتى، ئۇ ھويلىدا يالاڭ ئاياغ تۇرۇپ، پۇتىدىكى لاينى يۇيدى. ئۇنىڭ بىر جۈپ يوغان پۇتىنى قورۇق باسقان بولۇپ، ئالتە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ كۆيۈك ئىزى يەنىلا شۇنداق ئېنىق كۆرۈنەتتى. شياۋرو ياڭ فۇگۇينىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن، ئۇ قېتىمقى پارتلاش ۋەقەسى ئۇنىڭ چىرايىنى كۆيدۈرۈۋەتمەي بەكلا رەھىم قىپتۇ دەپ ئويلىدى. ئۇ دېرىزە رېشاتكىسىنىڭ كەينىدە ئولتۇرۇپ، ھويلىدىكى ياڭ فۇگۈيگە قاراپ :
-ھەي! قازاندىكى ئىسسىق مانتىنى ئاپىڭىز سىزگە قالدۇرۇپ قويغان، يېيىشنى ئۇنۇتماڭ !- دېدى.
ياڭ فۇگۇي بېشىنى كۆتۈرۈپ، رېشاتكىنىڭ ئارقىسىغا ئېسىلىپ تۇرغان شياۋروغا قاراپ، ساددىلىق بىلەن كۈلۈپ قويدى ۋە خىجىللىق ئىچىدە ئايىغىنى كىيىپ، پۇتىدىكى سەت تېرىلەرنى توسۇۋالدى، ئۇ دېرىزە تۈۋىگە كېلىپ شياۋروغا قاراپ كۈلدى:
-ئاپام، بىزنى ئەتە توي قىلىسىلەر دەيدۇ.
ياڭ فۇگۇي بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يانچۇقىدىن بىر پارچە توشقان سۈرەتلىك كەمپۈتنى ئېلىپ شياۋروغا سۇندى:
-كەنت باشلىقى بەردى.
شياۋرو سۈتلۈك كەمپۈتنى قولىغا ئېلىپ، ئالىقىنىدا تۇتتى، ئۇ تاقىر باش ياڭ فۇگۈيگە قارىدى، ئەينى يىللاردىكى ۋەقەدە ئۇنىڭ چاچلىرى كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ، 25 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ قارىماققا 35 ياشقا كىرگەندەك كۆرۈنەتتى.
شياۋرو ياڭ فۇگۈيدىن بىزار ئەمەس، شياۋرو قىلىشنى خالىمىغان ئىشلاردا ياڭ فۇگۇي ئۇنىڭ رايىغا باقاتتى، ئەمەلىيەتتە ياڭ فۇگۇي ئۆزىنىڭ قاچاندىن باشلاپ شياۋروغا مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئۇ شياۋروغا قارىغاندىكى كۆزلىرىنىڭ بارغانسېرى مۇلايىملىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، ھەتتا ئۇ نەچچە قېتىم قېچىپ كەتكەندىمۇ ئادەتتە شياۋروغا قاتتىق مۇئامىلە قىلىپ قويغاندىمەنمۇ دەپ ئۆزىدىن ئاغرىنىشنىلا بىلەتتى.
ياڭ فۇگۇي سەل ئەخمەق، ئەمما ئۇنچە ئەخمەق ئەمەس ئىدى. شياۋرومۇ نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ئەرلەرنىڭ چىن كۆڭلىدىن تەسىرلەنگەندە، كۆزلىرىدىن يۇمشاق نۇر چىقىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. شياۋرو رېشاتكىنى تارتىپ تۇرۇپ، ياسالما تەلەپپۇزدا:
-فۇگۈي، مېنى ھويلىدا سالقىنداتقىلى قويۇڭ، بولامدۇ؟ مەن بۇ ئۆيدىن چىقمىغىلى ئىككى ھەپتە بولدى، بەدىنىم پۇراپ كەتتى،-دېدى.
ياڭ فۇگۇي بېشىنى قاتتىق چايقىدى:
-ئانام خاپا بولىدۇ.
-مەن سالقىنداي، سىز ياندا تۇرسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟
ياڭ فۇگۇينىڭ يۇمىلاق يۈزى شارت قىلىپ قىزىرىپ، كېكەچلەپ كەتتى:
-مەن، مەن... يۇيۇنامسىز؟
شياۋرو تەمكىنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىر خىيال بار ئىدى، ئۇ ئالدى بىلەن بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بىر گەپ بولسۇن. ھازىر ليۇ ھامما ئۇخلاپ قالغان بولۇپ، ياڭ فۇگۇي ئۆيگە كىرىپ ليۇ شياۋرۇغا سۇ قاينىتىپ بەردى، ئىسسىق سۇ ھورى ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلدى، ئىسسىق سۇدا ئۇنىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتتىمۇ ياكى شياۋروغا ھەمراھ بولۇپ يۇيۇنۇشنى ئويلاپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي خىجىل بولدىمۇ بىلگىلى بولمايتتى.
شياۋرو قىسقا ۋاقىت ئەركىنلىككە ئېرىشىپ، ھويلىدا يالاڭ ئاياغ شامالداپ ئولتۇردى. ئۇ ئۆيدىكى ياڭ فۇگۇينىڭ كەڭ قورساق سىماسىغا قاراپ، ئوچاق بېشىدا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈردى. بۈگۈن ئاي ئادەتتىن تاشقىرى يۇمىلاق بولۇپ، ئاسماندا ئېسىلىپ تۇراتتى، شياۋرو كەينىدىكى يېرىم يېپىق تۆمۈر دەرۋازىغا قاراپ قويدى، ئۇ بۇنىڭ ئۆزىنىڭ بىردىنبىر قېچىش پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، ئۇ ئەزەلدىن تەن بەرمەيتتى، گەرچە ئۇ ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسمىنىڭ نېمىلىكىنى، يۇرتىنىڭ ئادرېسىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى ئالداپ ئادەم بېدىكلىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزغان چاغدىكى ئاشۇ ناچار رول ئېلىش ماھارىتىنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلىيالايتتى. بۇنى ئويلاپ، ئۇنىڭ توپتوغرا ئالتە يىللىق ئۆچمەنلىكى قايتىدىن يالقۇنجاپ، بارغانسېرى كۈچەيدى. شياۋرونىڭ ئورۇق بەدىنى ھويلىدا ئۈن-تىنسىز غايىب بولدى، يالاڭ ئاياغ يۈگۈرۈۋاتقان شياۋرو كېچە شامىلىغا قوشۇلۇپ، شامالغا ئەگىشىپ كېتىپ قالدى. ئالتە يىل ئىلگىرى، ئۇ قاتتىق ھەسرەت چەككەن ھالدا بۇ يەرگە سېتىۋېتىلگەن، ئالتە يىلدىن كېيىن، ئۇ خۇددى بىر پارچە بۇلۇتتەك، يېرىم يېپىق تۆمۈر ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن چىقىپ قېچىپ كەتتى.
داۋامىنى بۇنى بېسىپ كۆرۈڭ: قاچقۇن كېلىن
قاچقۇن كېلىن |