ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
سۈرەتتىكى بۇ قىزنىڭ ئىسمى كاتى شالكا بولۇپ، لوندونلۇق، ئەمدىلا 28 ياشقا كىرگەن، ھازىرغىچە 10 نەچچە يىللىق كېسەللىك تارىخى بار. ئۇ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ، قورسىقىنىڭ ئىككى تەرىپى ئىزچىل ئاغرىغان، كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، لېكىن ئۇ خېلى كۆنۈپ قالغان بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت كېسەللىك ئازابى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن.
(كاتى شالكا)
ئەمما 2018-يىلىغا كەلگەندە ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تۇيۇقسىز ناچارلىشىپ، بىر قېتىم خىزمەت جەريانىدا بىۋاسىتە ھوشىدىن كېتىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي داۋالانغان. كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا ئۇ دوختۇرخانىدا كىرىپ-چىقىپ، ھەر خىل تەكشۈرۈشلەرنى قىلغان، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا دوختۇر بەرگەن دىياگنوز ئۇنى ئۆزىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىغاندەك ھېس قىلدۇرغان، دوختۇر ئۇنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى، بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ پەقەت ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش بولۇشى ئىكەنلىكىنى، يەنە تېخى ئۇنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ كاتى ھەل قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس بولۇپ، ئۇ يەنىلا ئاغرىققا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، كېيىن يەنە بىر نەچچە قېتىم جىددىي قۇتقۇزۇشقا كىرگەن، ھەر بىر دوختۇر ئوخشاش جاۋاب بەرگەن: «بۇ پەقەت سىزنىڭ ھەيز مەسىلىڭىز. سىز ھامىلدار بولمىغانلىقىڭىزنى جەزملەشتۈرەلەمسىز؟ ئاياللاردا مانا مۇشۇنداق ئەھۋال بولىدۇ» دېگەن.
يەنە بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان كاتىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئاخىرى چىداپ تۇرالماي، دوختۇردىن كاتىغا تېخىمۇ تەپسىلىي سىكاننېرلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان. دوختۇر شۇنداق قىلغان، لېكىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار يەنىلا كاتىنىڭ بەدىنىدە مەسىلە يوق دەپ چىڭ تۇرغان، ھەتتا بىر مەھەل ئۇنى روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە يۆتكىمەكچى بولغان.
كېيىن بىر مەسلىھەتچى دوختۇر ئۇنىڭ دەسلەپكى تەسۋىر كۆچۈرۈش تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئەسلەپ، ئاندىن مەسىلە بارلىقىنى، يەنى ئۇنىڭ سول تەرەپتىكى تۇخۇمدان ۋېناسىنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ نورمالسىزلىقىنى، بەلكىم مەلۇم بىر خىل قان تومۇر مەسىلىسى پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايقىغان.
مەسلىھەتچى دوختۇر كاتىغا بىر مۇتەخەسسىسنى تەۋسىيە قىلغان، بۇ قېتىم ئاخىرى نەتىجىسى چىققان، مۇتەخەسسىسلەر دەرھال ئۇنىڭ ھەقىقىي كېسىلى-ياڭاق قىسقۇچ ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىنى بايقىغان، قىسقارتىلىپ NCS دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ بىر خىل ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە سول بۆرەك ۋېناسى قورساق ئائورتا ۋە ئۈچەي بېغىش پەردىسىنىڭ ئۈستۈنكى ئارتېرىيەسى بېسىۋالغانلىقتىن بىر خىل بېسىم پەيدا بولۇپ، قان سىيىش ۋە قورساق ئاغرىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.
بۇ خىل كېسەلنىڭ شۇنداق ئاتىلىشىدىكى سەۋەب، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۆرەك ۋېناسى بېسىلىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن، خۇددى ياڭاقنىڭ شاكىلى قورسىقىڭىزنى قاتتىق قىسىۋالغانغا ئوخشاش، كاتى ئاخىرى ئۆزىنىڭ كېسىلىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەن.
ئېنىق دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، كاتى 2020-يىلى 2-ئايدا سول بۆرىكىنى ۋېنا تومۇرىغا يۆتكەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان، ئۇ يەنە ئەنگلىيەدە يەتتىنچى بولۇپ بۇ ئوپېراتسىيەنى قوبۇل قىلغان بىمار ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئەھۋالنىڭ ياخشىلانمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاغرىقىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان، كېيىن يەنە ھەر خىل داۋالاشلارنى قىلغان بولسىمۇ، ياخشىلىنىش بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە بەزىلىرى ئاغرىقنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، لېكىن دوختۇرلار ئۇنىڭ بۇ ئاغرىقىنى كۆرگەندە: «ئىشلار نورمال» دېگەنلا گەپلەرنى قىلغان.
يىل بويى كېسەل ئازابى ئىچىدە يۈرگەن كاتى ئۆزىنىڭ قانداق ھېسسىياتتا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن، يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇنىڭ بەدىنى قاتتىق ئىششىپ كەتكەن بولۇپ، قارىماققا راستتىنلا ھامىلىدار بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى.
ئۇ چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولغان، لېكىن گۈزەل مەنزىرە ئالدىدا تۇرۇپ ئازابنى ھېس قىلىپ، ھۇزۇرلىنىشنى خالىمىغان، بۇ جەرياندا يەنە بىر شۇم خەۋەرگە ئېرىشكەن، يەنى بىر دوختۇر ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ئۇقتۇرۇش قىلغان، تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققان ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ ۋېنا تومۇرى يەنە توسۇلۇپ قالغان بولۇپ، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنمىسا بولمايدىكەن.
شۇنىڭدىن كېيىن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئازاب باشلانغاندا، كاتى ئوخشاش بولمىغان ئوپېراتسىيەلەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان، لېكىن ئۇنىڭ قارىشىچە، بارلىق داۋالاشلار پەقەت ئاغرىق توختىتىشقىلا ئەھمىيەت بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تۈپتىن ساقايتمىغان.
كۆپ قېتىم داۋالىنىپمۇ ياخشى بولمىغان كاتى ئاخىرىدا پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىنىپ، ئۆزىنى مەڭگۈ ياخشى بولالمايمەن، دەپ قارىغان. لېكىن ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى ۋاز كەچمىگەن، يېقىندا ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر يېڭى مۇتەخەسسىس بىلەن ئالاقىلاشقان، قارشى تەرەپ ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئۇنىڭ ئازابىنى يېنىكلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق بۇنىڭغا 50 مىڭ فوندستېرلىڭ سەرپ قىلىنغان ئۇ بۇنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان ۋە ھازىر ئوپراتسىيە ھەققى توپلاۋېتىپتۇ.
نۇرغۇن تورداشلار كاتىنىڭ كەچۈرمىشىنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دوختۇرلارنىڭ يۈزەكى دىياگنوزىدىن غەزەپلىنىپ، ئاياللارنىڭ ئازابىنى نورماللاشتۇرماسلىق، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماسلىق كېرەك، ھەرقانداق بىر ئىشنى باھانە قىلىپ سەل قارىماسلىق كېرەك دەپ قارىغان.
ئۇلار مۇنداق دېيىشكەن:
«مەن دوختۇرنىڭ ئايال بىمارلارغا ئەھمىيەت بەرمەسلىكىدىن بەكلا زېرىكتىم، ھەمىشە <ھەيز> ياكى <ئاياللار مۇشۇنداق>نى باھانە قىلىپ ئۇلارنى كەتكۈزىۋېتىدۇ، بۇنداق ئىشلارغا بىز تېخىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك!»
ھەقىقەتەن، ئەگەر دوختۇرلار دەسلەپكى مەزگىلدە تېخىمۇ ئەستايىدىل تەكشۈرەلىگەن بولسا بەلكىم كاتى بۇرۇنلا ئېنىق دىياگنوز قويۇپ، ۋاقتىدا داۋالاشنى قوبۇل قىلالىغان بولۇشى، ئۇنچە كۆپ جاپا تارتمىسىمۇ بولاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ گىرىپتار بولغان كېسەللىك ناھايىتى ئاز كۆرىلىدىغان كېسەللىك ئىكەن، بۇمۇ بىمارلارغا دائىم خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
ئىلگىرى بىر نەچچە بىمارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش كەچۈرمىشى تاراتقۇلار تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان، ھەممىسى كاتى بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
مەسىلەن، ئامېرىكىلىق قىز مېچچېلى ئالىي مەكتەپ ۋاقتىدىن باشلاپلا قورسىقى ئېغىر ئاغرىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشقا توسقۇنلۇق قىلغان، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىمۇ 18 كىلوگىرام چۈشۈپ كەتكەن، نۇرغۇن دوختۇرلار ھەمىشە «بەلكىم ئۇ دەم ئېلىشقا بېرىشى، مېۋە يېيىشى كېرەك بولۇشى مۇمكىن» دېگەن تەكلىپلەرنى بەرگەن، تاكى 50-دوختۇرغا كۆرۈنگەندىلا ئاندىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان.
فىلورىدا ئىشتاتىلىق ئانا مېلىسسا مالونمۇ شۇنداق، ئىككىنچى بالىنى تۇغقاندىن كېيىن قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەن، لېكىن بارلىق مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭغا: «ھەممە ئىشلار قارىماققا ناھايىتى ياخشى كۆرۈنىدۇ، سىز بەك ياخشى» دېگەن. كېيىن ئۇ ئامالسىز ئۆزى يالغۇز تەتقىق قىلىپ، باشقا بىمارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئاندىن «ياڭاق قىسقۇچ يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى» دېگەن بۇ كېسەلنىڭ بارلىقىنى بىلگەن.
ئەڭ ئاخىرىدا دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوخشاش كېسەللىك ئالامىتى بار تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ھەقىقىي كېسەللىك سەۋەبىنى تېزدىن تېپىشنى ئەسكەرتىشنى قارار قىلغان. قانداقلا بولمىسۇن بۇ بىر نەچچە بىمارنىڭ كەچۈرمىشىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز...