دوستىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالغان بالىنىڭ يۈزىنى قەستەن كۆيدۈرىۋەتتى

文摘   2025-01-07 21:52   海南  

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تىفېنى ۋېست قاتتىق غەزەپلەندى، ئۇ ئۆزىنىڭ 12 ياشلىق ئوغلىنىڭ پەقەت بىر كېچە سىرتقا چىقىپ قويغىنىغا نېمىشقا بۇنچە ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئويلاپ يېتەلمىگەنىدى.

(تىفېنىنىڭ ئوغلى)

بۇ كۈنى ئۇنىڭ ئوغلى دوستىنىڭ ئۆيىدە قونىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۈچ دوستىمۇ بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى 12-15 ياشلىق يىگىتلەر ئىدى. (يېشى تۈپەيلى بۇ ئوغۇللارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئاشكارىلانمىغان. )

كەچتە تىفېنىنىڭ ئوغلى بالدۇر ئۇخلاپ قالغان. لېكىن نېمە ئۈچۈنكىنتاڭ، قالغان ئۈچ ئاتالمىش دوست تىفېنىنىڭ ئوغلىغا «چاقچاق» قىلىشنى قارار قىلغان، ئۇلار قىزىق سۇنى ئۇنىڭ يۈزىگە قۇيسا چوقۇم بەك قىزىقارلىق بولىدۇ دەپ قارىغان. ئۇزاق ئۆتمەي تىفېنىنىڭ ئوغلى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ، 2-دەرىجىلىك كۆيۈپ يارىلانغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان.

تىفېنىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ «چاقچاق» ئوغلىغا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قوش جاراھەت ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، دوختۇر ئۇنىڭغا ئوغلىنىڭ بىر ئۆمۈر ساقايماسلىقى مۇمكىنلىكىنى، بۇ تارتۇق ۋە ئاغرىقنىڭ ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان...

(تىفېنىنىڭ ئوغلى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر)

لېكىن تىفېنى ئائىلىسىدىكىلەرنى ئەڭ ئازابلىغىنى ئوغۇل بالىنىڭ بەدىنىدىكى يارا ئەمەس ئىدى. تىفېنى بىلەن بالىسىنىڭ ھاممىسى ئۇنىڭدىن شۇ كۈنى كەچتە نېمە ئىش بولغانلىقىنى، يەنە ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇنداق پېشكەللىكلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى سورىغاندا، بالا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان. كۆپچىلىك ئۇنىڭدىن «خاپا بولۇش ياكى قايغۇرۇش»نى ھېس قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، بالىدا ھېچقانداق ئىنكاس بولمىغان. پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئاندىن بۇ بالىنىڭ نۇرغۇن قېتىم «بىمەنە چاقچاق»قا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ھېس قىلغان، شۇۇڭا بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا نورمال تۇيۇلغان ياكى قورققانلىقى سەۋەبلىك دېيەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن.

(ۋەقە يۈز بەرگەن ئۆي)

بالىنىڭ ھاممىسى مۇنداق دېگەن: «ئىش چىققاندىن كېيىن، ئائىلىمىز ۋەيران بولدى.»

دوختۇرلار تىفېنىنىڭ ئوغلىنىڭ بالنىتسىدا ئاز دىگەندىمۇ 12 كۈن يېتىشىنى ئېيتقان، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر خىزمىتىنى توختىتىپ، نۆۋەتلىشىپ ئوغۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئاكىسى بىلەن يەڭگىسى خىزمەتتىن ئىستېپا بەرگەن، چۈنكى ئۇلار دائىم كاماندىروپكىغا چىقىدىغان بولغاچقا، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىغان.

ئائىلىدىكىلەر كىرىمدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن داۋالىنىش خىراجىتى ئاز بولمىغان، بۇ ئەسلىدىنلا باياشات بولمىغان ئائىلىلەرنى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ئۇلار ھازىر يەنە بالىنىڭ پىسخىكىلىق مەسلىھەت ئېلىشىغا ياردەم بېرىدىغان بىر قىسىم پۇلغا جىددىي ئېھتىياجلىق، ئۇلار بالىنىڭ ئازابتىن تېزراق ئەسلىگە كېلىشىنى، يەنە بىر قېتىم كەڭ قورساق كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

يەنە تەلىيىگە بالىنىڭ بەختسىزلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن توردىكى ناتونۇش كىشىلەر ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، روھىي جەھەتتىن مەدەت بەرگەندىن باشقا، يەنە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن. ھازىر بۇ بالا ئاۋگۇس كۆيۈپ يارىلىنىش مەركىزىگە ئاپىرىلغان بولۇپ، ئانىسى تىفېنىمۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، مەخسۇس ئۆيىدە بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقتا.

گەرچە دوختۇر 2-دەرىجىلىك كۆيۈك يارىسىدا ئۆمۈرلۈك يارا ئىزى قېلىشى مۇمكىن دېگەن بولسىمۇ لېكىن تىفېنى مۇنداق دېگەن: «ئوغلۇم ئىنتايىن قەيسەر، ئۇ چوقۇم بارلىق قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، تۇرمۇشنى ئىزىغا سالالايدۇ»

تىفېنىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ ئۈچ ئاتالمىش دوستنى ئەرز قىلغان بولۇپ، ئۇلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋاقتىنچە قويۇپ بېرىلىپ، كېلەر ئايدىكى جىنايى ئىشلار ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنى كۈتۈۋېتىپتۇ.

يىگىتنىڭ كەچۈرمىشىنى كۆرگەن تورداشلارمۇ ئىنتايىن غەزەپلەنگەن، ئۇلار مۇنداق دېيىشكەن:

«بۇ ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەس، بۇ دەل ئالدىن پىلانلانغان يامان نىيەتلىك ھۇجۇم. بۇ ئۈچ ئوغۇل بالا دوستى ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنىڭغا قەستەن زىيانكەشلىك قىلىپ، ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆمۈرلۈك تارتۇق قالدۇردى.»

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ 12-15 ياشلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۆيدە ئەركىن يۈرەلەيدىغان بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولسا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قوش ئازابقا دۇچار بولىدىكەن.

يەنە بەزى تورداشلار مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بالىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئارىلاشماسلىقى بۇلارنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنداق ئوغۇللارنى ئۆيدە ئېلىپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئۇلار چوقۇم مەلۇم ئاقىۋەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بۇ نوقۇل بىمەنە چاقچاق ئەمەس، ئاسانلىقچە ئەپۇ قىلىشقا بولمايدۇ.»

«بۇ ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەس، ئۇ بالىلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇلار ئۆز بالىسىنى ياخشى باشقۇرمىدى، بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ بالىسى سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە تۇرغاندا، سىز چوقۇم خەقنىڭ بالىسى بولسىمۇ ياخشى قارىشىڭىز كېرەك.»

«يۈزىگە قايناقسۇ چېچىپ 2-دەرىجىلىك كۆيۈك بولۇپ قېلىش بۇ چاقچاققا ياتمايدۇ، بۇ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش. بۇ بالىلار يېتەرلىك چوڭ، ئۇلار چوقۇم بۇ خىل قىلمىشنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىدۇ.»

«ھازىر ئازراق ئېسىنى بىلىدىغان قايسى بالا قايناقسۇنىڭ قىزىقلىقىدىن كۆيدۈرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ؟ ئېنىقكى بۇ چاقچاق ئەمەس.»

يەنە بەزى تورداشلار: «بۇلارنىڭ ھەممىسى قىسقا فىلىمنىڭ يامراپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان ئىشلار، ئۇلار قىسقا فىلىملەرنى تولا كۆرۈپ مۇشۇنداق خىيالدا بولغان.»

يەنە بەزىلەر بۇنى تور بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بۇ پەقەت رەھىمسىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەن:

«ئۇ 2003-يىلى ئىدى، ئۇ چاغدا تور يوق ئىدى. مەن بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى تونۇيمەن، ئەينى چاغدا ئۇ دوستىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن، نىقاب تاقاپ، توك ھەرىسى بىلەن ئۇنى ئورنىدىن تۇرۇشقا چاقىرغان، نەتىجىدە ئۇنىڭ قولىنى كېسىۋەتكەن ئىدى.»

«مەن بۇنى بىمەنە چاقچاق دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايمەن. بىزنىڭ بازاردىكى بىر بالىنى باشقىلار گۈلخانغا ئىتتىرىۋەتتى. ئۇ ھايات قالدى، لېكىن خېلى چوڭ تارتۇق قالدى، مۇسكۇل توقۇلمىلىرى مەڭگۈلۈك زىيانغا ئۇچرىدى. مەن تېخى ئۇنىڭ بىلەن ۋاسكېتبول ئويناپ باققان.»

بەزىلەر بۇ بىر توپ بالىلارنىڭ مۇشۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن تىفېنىنىڭ ئوغلىنى يېنىغا چاقىرغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن. نېمىلا دېگەن بىلەن قايناقسۇنى بىر ئادەمگە چېچىۋەتسە قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟

ئەمەلىيەتتە بىزگە مەلۇمكى، ياش-ئۆسمۈرلەر، بولۇپمۇ ئوغۇللار ئىجتىمائىي تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، ئاقىۋىتىنى ئويلاشماي، قىزىقىش بىلەن ھەقىقەتەن ئاسانلا بەزى ئاقىلانە بولمىغان ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ، ھەتتا بەزى رەھىمسىز ئىشلارغا پېتىپ قالىدۇ. لېكىن بۇلار ئۇلارنىڭ جازادىن قۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولالماسلىقى كېرەك، دېلو سوت قىلىنغاندىن كېيىن بۇ بىچارە يىگىتكە ئازراق بولسىمۇ ئادالەتنى ياقلاپ، ئۇنى قارا تۇماندىن قۇتۇلدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز...


رومانلار


ياۋايى ھەۋەس
جانغا زامىن ئايال ئالاھىدە خادىم
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ



ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز

تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章