-ئۆتۈنۈپ قالاي، بۈگۈنچە ئارامىمدا قويۇڭ ماقۇلمۇ؟... مەن... ئاچام بۇ گەپنى سىزگە ئوچۇق ئېيتمىسام بولمايدىغانلىقىنى دېگەن... بۈگۈن سىزگە ئەسقاتالمايمەن... مەن... ھەيزدە...
بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆزلىرى چەكچەيگەن ھاشىم قەقەچ ئېڭىشىپ تۇرۇپ شەرۋانەمنىڭ يۈزىگە سىنچىلاپ قارىدى. ئۇنىڭ يالغان ئېيتمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، تاپسىغا چۈشۈپلا چىراغپايدىكى پەنەر چىراغنى كۆتۈرۈپ دىكىلداپ تالاغا چىقىپ كەتتى. ھاشىم قەقەچنىڭ ھاجەتخانا كاتىكىگە قاراپ باققىلى ماڭغىنىنى پەملىگەن شەرۋانەم ئۇلۇغ- كىچىك تىنىپ لېۋىنى چىشلىدى.
دەرھەقىقەت شۇنداق بولدى. ھاجەتخانا كاتىكىنىڭ چىراغ يورۇقىدا قىپقىزىل پارقىراپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن، گەندە پۇرىقىغا ھېچ ئوخشىمايدىغان قاڭسىق قان ھىدى كېلىپ تۇرغانلىقىنى بايقىغان ھاشىم قەقەچ ھەقىقەتەن بۇ ئىشقا چىنپۈتتى. ئاندىن ھوجرىغا يېنىپ كىرىپ، يېشىنىشكىمۇ جۈرئەت قىلالماي يۇم- يۇم يىغلاپ ئولتۇرغان شەرۋانەمنى مۈرىسىدىن قۇچاقلاپ ئۆزىگە تارتتى ۋە:
-ھېچقىسى يوق، كۈنلەر تېخى ئۇزۇن، ئەنسىرىمەڭ، سىزنى ئارامىڭىزغا قويىمەن، ئوڭشالغىنىڭىزدىن كېيىن بىر گەپ بولسۇن،- دېدى. ئاندىن ئۇنى كىچىك بالىنى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈپ ئۆزى سېلىپ راسلىغان ئورۇنغا ئەكىلىپ ياتقۇزۇپ، ئۆزىمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ «خوتۇنى» نى چىڭ قۇچاقلاپ ياتتى. شەرۋانەم ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا قارشىلىق كۆرسەتمىدى. ئەكسىچە ھاشىم قەقەچنىڭ ۋۇجۇدىدىن كېلىۋاتقان، ھىدلىمىغىلى ئۇزۇن بولغان ئەرلىك ھىدى ئۇنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، خېلىدىن بېرى بېسىقىپ قالغان ئاياللىق ئىستەكلىرىنى قوزغاپ ئۈلگۈردى...
ئەتىگەندە كۆزىنى ئېچىپلا يانپېشىنىڭ بىنورمال ھۆل ئىكەنلىكىنى سەزگەن ھاشىم قەقەچ شەرۋانەمنى ئويغىتىۋەتمەسلىككە تىرىشىپ، ئاستاغىنە يوتقاننى قايرىپ تۆۋەنگە قارىدى. قارىدىيۇ، تولىمۇ نومۇسلۇق، يېقىمسىز بىر ھالدىن كۆڭلى غەش بولۇپ ئىچى سىقىلدى. چۈنكى شەرۋانەمدىن ماڭغان كۆپ مىقداردىكى خۇن ئۇلار ياتقان كۆرپىنىڭ داس ئورنىچىلىك يەرنى بۇلغىۋەتكەن ۋە ھاشىم قەقەچنىڭ ئاق رەڭلىك كېچىلىك تامبىلىنىمۇ قىپقىزىل بويىۋەتكەن ئىدى. ئەمدى شەرۋانەمنى ئويغاتماي بولمىدى، بۇنداق يېتىۋەرسە، ھېلى چوڭلاردىن بىرەرسى كىرىپ قېلىپ يوتقان- كۆرپىنى شۇلار يىغقۇدەك بولسا ئاندىن بۇ كارامەتنى كۆرۈپ قېلىپ ھەممەيلەن سەتلىشەتتى.
7-باب
مېھرىيار ئاغىچا ھامىلىدار
(6)
سەيدۇللا باي ئايسەنەمنى بېقىۋېلىپ، بالا بېقىۋالغانلىقى شەرىپىگە پۈتۈن قەسىردىكى خىزمەتكار، مالايلارنىڭ ھەممىسىگە ئاش تارتىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىپ ئارىدىن ئون ئۆتكەندە، ئېرى شۇ بالىنى قەسىرىگە ئېلىپ كىرگىنىدىن باشلاپ كەيپىياتى ياخشى بولۇپ باقمىغان، قاچانلا قارىسا يىغا ماراپ، خاپىغان چىراي كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالغان مېھرىيار ئاغىچا خېنىم كىچىككىنە بىر ئىش ئۈچۈن گۈلساھىپخانغا كايىۋېتىپ، تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپ قالدى. قەسىردە ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ ئىش ئەلۋەتتە ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى. خىزمەتكارلار يۈگۈر- يۈگۈر بولۇشۇپ، بىرى سەيدۇللا بايغا خەۋەر يەتكۈزگىلى، يەنە بىرى ئائىلە مەخسۇس تىۋىپىنى چاقىرغىلى، يەنە بىرى مېھرىيار خېنىمغا ئىچكۈزگىلى سۇغا يۈگۈردى. سائادەت خېنىم بىلەن سەيدۇللا باي مېھرىيار خېنىمنىڭ بېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ چېكىلىرىنى ئۇۋۇلاپ، رەڭگىرويىغا دىققەت قىلىپ ئولتۇرغان شۇ مەزگىلدە ئالدىراپ- تېنەپ تېۋىپمۇ يېتىپ كەلدى. ئۇ بىر ھازا تومۇر تۇتۇپ، مېھرىيار خېنىمنىڭ كۆز قارچۇقلىرى ۋە باشقا ئالامەتلەرنى تەپسىلىي كۆزەتكەندىن كېيىن ۋىللىدە كۈلگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ، قول باغلاپ تۇرۇپ سەيدۇللا بايغا ئىگىلدى ۋە:
-مۇبارەك بولسۇن بېگىم! ھەممىلىرىگە مۇبارەك بولسۇن! ئاغىچا خېنىمنىڭ بويىدا بار ئىكەن، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ماغدۇرسىزلىق ھەم سېزىكنىڭ باشلىنىشى سەۋەبىدىن ھوشىدىن كېتىپتۇ، باشقا چوڭ ئىش يوق،- دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەيدۇللا بايمۇ، سائادەت خېنىممۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇشقان خىزمەتكارلارمۇ قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەيلا قېلىشتى. كېلىن بولۇپ بۇ ئۆيگە كىرگەندىن تارتىپ تاكى ئون ئىككى يىلغىچە كۆتۈرمىگەن قورساقنى ئەمدىلا تالادىن بىر بالا بېقىۋېلىپ ئەكىرىپ ئون كۈن بولار- بولماستا كۆتۈرۈپ قالغىنى نېمە دېگەن گەپ؟ ئىشلار قانداقسىگە مۇنداق بولىدۇ؟ زادى نېمىشقا مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قالىدۇ؟ بۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ ئەقلى يەتمەيتتى. تېۋىپ كېلىشنىڭ ئالدىدىراق ھوشىغا كەلگەن، تېۋىپنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئۆز قۇلاقلىرى بىلەن ئاڭلىغان مېھرىيار ئاغىچا خېنىممۇ گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا قېيىنئانىسى بىلەن ئېرىگە ئەركىلەپ قارىدى. ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىنىڭ تېگىگە نامەلۇم بىر مەنا يوشۇرۇنغان بولۇپ، سەيدۇللا باي ئۇنى سېزەلمىدى. بىراق زېھنى ئۆتكۈر، تولىمۇ چېچەن سائادەت خېنىم بۇ خىيالنى بىر قاراپلا بىلىۋالدى. شۇنداقتىمۇ ئالدىراپ ئېغىزىدىن چىقارماي، «ھامان بىر كۈنى دەيسەنغۇ بۇ گەپنى» دېگەندەك، كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىگە سېلىپ قويدى.
راست دېگەندەك، ھامىلدارلىقى مەلۇم بولۇپ ئىككى كۈندىن كېيىن مېھرىيار ئاغىچا خېنىم بىلەن سەيدۇللا باي ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جېدەل بولدى. سەيدۇللا باي ئايسەنەمنى داۋاملىق بېقىپ قېلىۋېرىدىغان پىكرىدە چىڭ تۇردى، ئەمما مېھرىيار ئاغىچا خېنىم ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، قىلغىلى بولىدىغانلىكى جېدەلنىڭ ھەممىسىنى قىلدى.
-بۇنىڭدىن بۇرۇنغۇ مېنى «تۇغمىدىڭ» دېدىلە، گاھى ئاشكارە، گاھى گەپ ئەگىتىپ، يەنە گاھى سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ يۈرۈپ بۇ تەرىپىنى ئوبدانلا چاندۇرۇپ كەلدىلە، قۇلىقىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ يۈزىگە دېمىسەم بىلەلمەيدۇ، دەپ ئويلاپ قاپتىلا، قىلچە كۆڭۈل ئاياپ ئولتۇرماي دېگەن ئۇ يابتا گەپلىرىنى مەن ئوبدان چۈشىنەلەيمەن، ئېتىمنى تۇتۇپ چاقىرىپ تۇرۇپ ئۆزۈمگە دېمىگەنلىرى بىلەن «ئون ئىككى يىلدىن بېرى ماڭا بالا تۇغۇپ بېرەلمىدىڭ» دەپ خېلى ئاھانەت قىلىۋالدىلا، شۇنچە يىلدىن بېرى ئېغىرقات بولمىغانلىقىم راست بولغاندىن كېيىن مەنمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلماي دەردىمنى ئىچىمگە يۇتتۇم، نېمە دېسىلىرى سىلىنىڭ راست بولدى، قانداقلا ئويلىسىلا يەنىلا سىلىگە يول قويدۇم، ئۆتۈپ- تېشىپ ئەل- مەھەللە، يۇرت خەلقىنىڭ ئالدىدا بېشىمغا دەسسەپ تالادىن بالا ئەكىرىپ بېقىۋالماقچى بولدىلا، «مېنىڭ يۈزۈمگە سەت بولىدۇ، ئۇنداق قىلمىسىلا» دېسەم پەقەتلا ئۇنىمىدىلا، سىلىگە بولۇشۇپ ئانىكاممۇ «ئەگەر بۇ بالىنى باققىلى قويمايدىغان بولساڭ ئۆينى بىكارلا، سېنى ئاناڭنىڭ ئۆيىگە يولغا سېلىۋېتىپ ئاندىن بۇ بالىنى بېقىۋېرىمىز، يەنە تېخى ئوغلۇمغا باشقا خوتۇن ئېلىپ بېرىمەن» دەپ تەھدىت سالدى، ئامالسىز سىلەرگە يول قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم، ئۆزۈم خالىمىساممۇ مەن تونۇمايدىغان خەقنىڭ بالىسىنى «بالام» دەپ چاقىرىپ، كۈندە نەچچە ۋاق قۇچىقىمغا ئېلىپ ئەركىلىتىپ يۈردۈم، بۇنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك ئازاب بولغانلىقىنى سىلى ھەرگىز ئويلاپ يېتەلمەيدىلا... مانا ئەمدى ياخشى، بويۇمدا بار ئىكەن، مەنمۇ بالا تۇغالايدىكەنمەن، دېمەك مەن تۇغماس ئەمەسكەنمەن، شۇنداققۇ؟ مەن بالا تۇغالايدىكەنمەن، قورسىقىمدا سىلىنىڭ بالىلىرى بار ئىكەن، شۇنداق تۇرسا، ئايسەنەم دېگەن ھېلىقى ساقلاندىنى يەنە نېمىشقا داۋاملىق باقىمىز؟ ئىشقىلىپ مەن ئەمدى ھەرگىز ئۇنىمايمەن، مەنمۇ ئۆزۈم تۇغۇپ باقىمەن، ئەمدى خەقنىڭ بالىسىنى باقمايمەن، ماڭا ھەم قورسىقىمدىكى ماۋۇ بالىغا ئازراق مېھىرلىرى بولسا سىلىمۇ ئۇ بالىنى باقمىسىلا،- دېدى مېھرىيار ئاغىچا خېنىم ئەسلىدىكى ئېغىر- بېسىق، تەمكىن، كەمسۆز مىجەزىنى بىراقلا ئۆزگەرتىپ، خۇددى ئۆينىڭ پۈتۈن ھوقۇقى ئۆز قولىغا ئۆتكەندەكلا بىر ئىشەنچ بىلەن.
-ۋوي! تۇيۇقسىز نېمە بولىۋاتىلا ئاغىچا خېنىم؟ ئۆزلىرىنى تونۇغىلى بولمايدىغۇ بۈگۈن؟ ئەمدى بۇ «قورساق كۆتۈردۈم» دەپلا ھۆرمەت، پەدىشەپنى بىريانغا قايرىۋەتسەك بولماس؟ ئەڭ مۇھىمى، مەن ئاۋۇ بالىنى «تۆت كۈن توختاپ بىرەرسىنى تېپىپ بېرىۋېتىمەن» دەپ ئەكەلمىگەن بۇ ئۆيگە، «چوقۇم بېقىۋالىمەن، مېنىڭ بالام بولىدۇ، بىزنىڭ ئۆينىڭ ئېشىنى يەپ، بىزنىڭ ئۆينىڭ بالىسى بولۇپ چوڭ بولىدۇ» دەپ ئەكەلگەن، ئەمدى سىلى قورساق كۆتۈرۈپلا ئۇنى ئۆيدىن ھەيدىۋېتىمەن دېسىلە، تېخى بىر ئايلىقمۇ بولمىغان بىچارە بالا نەگە بېرىپ نەدە تۇرىدۇ؟ ئۇنى كىم باقىدۇ؟ كىم ھامىيلىقىغا ئېلىپ چوڭ قىلىدۇ؟ بۇلارنى ئويلاپ باقتىلىمۇ؟
-ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ كارىم يوق، «خەقنىڭ بالىسىنى ئۆيگە كۆتۈرۈپ كەلسىلە» دەپ سىلىگە مەن ئۆگىتىپ قويمىدىم، ياخشى ئىش قىلغۇلىرى كەلسە بۇنىڭدىن باشقىمۇ نې- نې ياخشى ئىشلار بار ئىدى، سىلى قېرىشقاندەك ھېچقانداق ئىشنى تاللىماي مۇشۇنى تاللىۋاپتىلا، بۇ ئىشنىڭ مېنىڭ يۈزۈمگە قانچىلىك سەت تۇرىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلاشماپتىلا، سىلىگە ئامالنىڭ يوقىدىن ماقۇل دېگەن شۇ چاغدىمۇ ئىچ- باغرىمنى ھەرە، قوڭغۇزلار يەپ ئارام بەرمىگەن مېنىڭ، ھازىرمۇ ئەھۋال يەنىلا شۇ، ئەگەر شۇ بالا بۇ ئۆيدىن كەتمەيدىغان بولسا بۇ ئۆينىڭ ئاش- نېنى گېلىمدىن تىكەن ئۆتكەندەك ئۆتىدۇ...
-شۇنداق بولغاندا زادى قانداق قىلىپ بېرىشىمنى خالايدىلا؟
-ئۇ بالا بۇ ئۆيدىن كەتسۇن، يا بىرەرسىگە بېرىۋەتسىلە، يا تاپقان يەرگە ئاپىرىپ شۇ يەرگە تاشلاپ قويۇپ كەلسىلە.
-باشقىلارغا بېرىۋېتەلمەيمەن، ئورمانلىققا ئاپىرىپ تاشلاپ قويۇپ كەلسەم ئۇ يەردە ئۆلۈپ قالسىچۇ؟
-بۇ ئۆزىنىڭ پىشانىسى، ئىشقىلىپ مېنىڭ كارىم يوق، بۇ ئۆيدە ئۇ بالا تۇرسا مەن تۇرمايمەن.
-ئەمىسە ماقۇل،- سەيدۇللا باينىڭ «ئەمىسە ماقۇل» دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ مېھرىيار خېنىم ئېرىگە لەپپىدە بىرنى قارىدى ۋە ۋىللىدە كۈلدى، لېكىن دەرھاللا گەپنىڭ كەينىگە گەپ ئۇلاندى،- ئۇ بالا بۇ ئۆيدە تۇرىۋېرىدۇ، سىلىنىڭ تۇرغۇلىرى كەلمىسە ئانىلىرىنىڭ ئۆيىگە كەتسىلىمۇ مەيلى، مېنىڭ بالامنى ئاشۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ يەڭگىپ تەييار قىلسىلا، بالا تۇغۇلغاندا بېرىپ ئەكىلىۋالىمەن، بالىنى ئېلىپ كېلىۋالامدىم ياكى سىلىنىمۇ بىللە قوشۇپ ئەكىلىۋالامدىم، بۇ شۇ چاغدىكى كەيپىياتىمغا باغلىق.
سەيدۇللا باينىڭ بۇ گېپى مېھرىيار ئاغىچا خېنىمنىڭ بېشىغا كالتەك بىلەن ئۇرغاندەك بىلىندى. ئۇ ئۆز كۆڭلىدە ئېرىنى «ئۆز پۇشتىدىن بالىسى بولىدىغانلىقىنى بىلسە ھېچنېمىگە قارىماي مېنى ئاسراپ ئاۋايلايدۇ، مېنىڭ گېپىمنى يىرمايدۇ، ھېلىغۇ ئۇ ماڭقا شۇمنى ھېمايە قىلىپ تاش چىشلەپ تۇرىۋېلىش ئىكەن، ئانىسىنىڭ پىكرىنىمۇ ئىلىك ئالمايدۇ، ئەمدى مېنىڭ دېگىنىم دېگەن، قىلغىنىم قىلغان بولىدۇ...» دەپ ئويلاپ ئۆزىگە ھەقىقەتەن بەك زىيادە ئىشىنىپ كەتكەن ئىدى. كۈتۈلمىگەندە سەيدۇللا باي ئۇنىڭ پىكرىگە قارشى مۇقام توۋلاپ چىقىپ، ئاغىچا خېنىمنىڭ بارلىق گۈزەل چۈشلىرىنى بىر يولىلا سۈپۈرۈپ تاشلىغان ئىدى.
ئېرى سەيدۇللا باي شۇ گەپلەرنى دەپ بولغاندىن كېيىن، ئاغىچا خېنىمغا قەھرلىك بىرنى ئالىيىۋېتىپ، چوڭ- چوڭ چامدىغىنىچە ھوجرىدىن چىقىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆز ياشلىرىنى زادىلا توختىتىۋالالمىغان، بۇ ئىشنى ئۆزىگە زور ئۇۋالچىلىق ھېس قىلغان مېھرىيار ئاغىچا خېنىم خاس دېدىكى ھەبىبەنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا:
-ماڭ، سەن دەرھال بېرىپ ئاچامنى چاقىرىپ كەل، مېنى «مەسلىھەتلەشمىسەك بولمايدىغان جىددىي ئىش بار، ھازىرنىڭ ئۆزىدە كەلسۇن» دېدى، دېگىن، چاققان بول، بىر چۆگۈن سۇ قاينىغىچە بېرىپ كېلىپ بول،- دەپ بۇيرۇدى.
ئاغىچا خېنىمنىڭ يىغلاپ ئېقىپ كەتكەن ئوزايىغا قاراپ چوقۇم چوڭ بىر ئىش بولغانلىقىنى پەملىگەن ھەبىبە كەينىگە بۇرۇلغىنىچە ئىشىككە قاراپ ئۇچتى. ئاغىچا خېنىمنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئالاھەزەل بىر چۆگۈن سۇ قاينىغۇدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ھەبىبە مېھرىيار ئاغىچا خېنىمنىڭ چوڭ ئاچىسى ماھىبەدەر ئاغىچىنى باشلاپ كەلدى. مېھرىيار ئاغىچا خېنىم ئاچىسى بىلەن خۇددى ئانىسى ئۆلگەندەك ھازا ئېچىپ يىغلاپ كۆرۈشتى. يىغلاپ بولالماي ھېقىقداپ ئاۋازىمۇ چىقماي قالغان سىڭلىسىنى كۆرگەن ماھىبەدەر ئاغىچا رەڭگى ئۆچكەن ھالدا ئۇنى باغرىغا باستى ۋە كۆڭلىنى ياساپ تەسەللىي بەردى. خېلىدىن كېيىن سەل ئېسىگە كەلگەن مېھرىيار خېنىم ئاچىسىغا بولغان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى ئەينەن ئېيتىپ قايتىدىن تۆكۈلدى.
-ئۇ... ئۇنداق دېگەنلىرى بىلەن خېنىم ئاچا، ماۋۇ ئاچچىقىمغا چىدىيالمايۋاتىمە مەن، سەيدۇللا بېگىم قاراپ تۇرۇپ ياتباش بىر بالىنى بېقىۋېلىپ، بۇ ئۆينىڭ چوڭ بالىسىنىڭ ئورنىغا شۇ بالىنى دەسسىتىپ قويماقچى بولۇۋاتسا، يەنە تېخى نەدىن كەلگىنى ئېنىق ئەمەس ئاشۇ بالىنى مەن «بالام» دەپ بېقىپ چوڭ قىلىدىكەنمەن، ئۇۋالچىلىق ئەمەسمۇ بۇ؟... ھۈھۈھۈ...