30- قىسىم
" ئەلفىرە"
بىرىدىنلا كىسەلخانىنىڭ ئىشىكى چېكىلدى.
ئەلفىرە ئالدىراپلا تىلفۇننى يىغىشتۇرۇپ،بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى.
ئىشىك سىرتىدا ئاق كۆينەك كىيۋالغان ئەركىن تۇراتتى.
ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرگىنىچە سورىدى"ئىشىڭىز بارمۇ؟"
"ئەتە سائادەت خانىمنىڭ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى"
ئەركىن يىنىكلا يۆتىلىپ گىپىنى داۋام قىلدى"ئەپەندىم مېنى سىزگە بۈگۈن بازارغا چىقىپ ئايلىنىپ شاھناز مەلىكىگە ياخشى كىيملەرنى تاللىسۇن دەپ قوي دىگەنىدى.ئەتە ئەپەندىم بىلەن سائادەت خانىم بىللە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا شاھناز مەلىكىنىڭ سالاھىيتىنى ئاشكارلايدىكەن،شۇڭا ئۇ ئېسىلراق كىينمىسە بولمايدۇ"
"ماقۇل"
ئۇ ھەقىقەتەن شاھنازنى ياخشى بىر ياساندۇرۇپ قويمىسا بولمايتتى.
نىمىلا بولسۇن ئەتە ،شاھنازنىڭ بۇ ئائىلىدە مۇستەقىل ياشاشنى باشلىغان تۇنجى كۈنى.
ئەتە زىياپەتتىن كىيىن،شاھنازنىڭ سالاھىيتى ئاشكارلىنىپلا قالماستىن،يەنە ئۇنىڭ مۇستەقىل ياشاشقا قەدەم ئالغان تۇنجى كۈنى بولۇپ قالىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئەلفىرە شاھنازنى ئېلىپ بازار ئايلانغىلى چىقتى.
چۈنكى ئىلگىرى ھەرقىتىم ئۇ شاھنازنى ئېلىپ چىققان ۋاقتتىلا ۋەقە يۈز بەرگەچكە،بۇ قىتىم ئۇلار سودا ساراينى ئايلانغانىدىمۇ ئون نەچچە قوغدۇغۇچى ئەگىشىپ يۈردى.
ئىلگىرى چەتئەلدە، ئەلفىرە دائىم ئالدىراش بولۇپ قىلىپ،ئىزچىل شاھنازنى ئېلىپ بازار ئايلانغىلى چىقىپ باقمىغان.
شۇڭا سودا سارايغا كىلىپلا،بۇ جىنتەك قىز خۇددى كىچىك ھەرىدەك،سودا سارايدىكى كىيىم كىچەك دۇكانلىرىنى يۈگىرەپ تاقلاپ ئايلىنىپلا يۈردى.
تاكى
"ھەي،نەدىن كەلگەن بالا بۇ،مېنى سوقىۋەتتى!"
"كە....كەچۈرۈڭ"
بالىلار كىيىمنى تاللاۋاتقان ئەلفىرە بۇ ئاۋازدىن ،ئالدىراپلا قىزىنىڭ قىشىغا باردى"نىمىش بولدى؟"
ئۇنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ،شاھناز ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپ يىغلامسىراپ دىدى"مەن ....مەن ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇ مومامنى سوقۇپ قويدۇم....."
"نىمىشقا بۇنداق قالايمىقان يۈگىرەپ يۈرگەنسىز"
ئەلفىرە ئامالسىز قىزىنى ئەيىبلەپ قويۇپ،بېشىنى كۆتۈرۈپ سورىدى"سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟"
يەرگە يىقىلغان ئايالنى ئەلفىرە شۇنداق سورىغاچ يۆلىدى.
"ھىچ ئىش بولمىدى"
ناھايتى تونۇش ئاۋازدىن ئەلفىرەنىڭ بىردىنلا كۆزلىرى يوغىناپ كەتتى.
ئۇ بۇ ئايالغا قاراپ چاقماق سوققاندەك قىمىر قىلالماي قالدى.
بۇ شاھناز سوقىۋەتكەن ئايال،دەل ئۇنىڭ ئۆز ئانىسى رەھىمە ئىدى.
"ئاپا،سىز نىمانداق ئاستا ماڭىسىز؟"
يىراقتىن شەھىدەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
رەھىمە خانىم ئالدىراپلا يۇقىرى ئاۋازدا جاۋاپ بەردى"مەن بۇ ياقتا"
ئەلفىرە بۇ ۋاقىتتا دەرھال شاھنازنى ئېلىپ كىتىشى كىرەكلىكىنى بىلەتتى.
ئۇ بۇنداق ئاپسىنىڭ ئالدىدا شەھىدە بىلەن تىكلىشىپ قېلشنى خالىمايتتى.
بىراق ئۇنىڭ ئىككى پۇتى خۇددى كىشەنلەپ قويغاندەك مىدىر سىدىر قىلمىدى.
ئالتە يىل كۆرۈشمەپتۇ.
كۆز ئالدىدىكى بۇ ئوتتۇرا ياشلىق ئايال،ئۇنىڭ ئالتە يىل كۆرۈشمىگەن ئۆز ئانسى.
ئۇنىڭ گىلى قۇرىدى،ئازراق جىددىيلەشتى،بىرنىمىلەرنى دىگۈسى بار ئىدى،بىراق ھىچنىمە دىيەلمەيۋاتاتتى.
"نىمىش قىلۋاتىسىز؟"
بۇ ۋاقىتتا،شەھىدە يىتىپ كەلدى.
ئۇ بىرقاراپلا رەھىمە خانىمنىڭ ئالدىدىكى ئەلفىرە بىلەن شاھنازنى كۆردى.
ئۇنىڭ لىۋىدە مەنسىتمىگەندەك كۈلكە پەيدا بولدى"ھەجەپ توغرا كەپ قاپتۇ ھە!"
بۇ بىرنەچچە كۈندە،ئۇ ئەنزەرنىڭ نەزەربەنتى ئاستىدا يۈردى،ئاخىردا ئامال قىلالماي،رەھىمە خانىمنى ئەكىلىۋىلىپ،ئاندىن بازار ئايلىنىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشكەنىدى.
بىراق ئىشكتىن چىقىپلا بۇ ئىككىسىگە ئۇچراپ قىلىشىنى ئويلىمىغانىدى.
رەھىمە خانىم ئەجەبلىنىپ سورىدى"شەھىدە ،سىلەر تونۇشامسىلەر؟"
"تونۇشماي قالامدۇق؟"
شەھىدە بۇرنىنى قېقىپ دىدى"ئاپا،بۇ قىزچاق،ھېلىقى مەن سىزگە دىگەن شاھناز شۇ"
رەھىمە خانىمنىڭ كۆز ئالدى بىرىدىنلا يورۇپ كەتتى.
ئۇ ئالدىراپلا زوڭزىيىپ، ئەلفىرەنىڭ كەينىگە مۈكىنىۋالغان شاھنازغا قاراپ دىدى"مۇشۇ قىزىم ئەقىدەنىڭ بالىسىكەندە؟"
نەۋرىسىنىڭ ئازراق قورۇققانلىقىنى كۆرۈپ،ئۇ يەنىلا قىزغىنلىق بىلەن كۈلۈپ دىدى"قورۇقماڭ،مەن مومىڭىز!"
ئۇ گىپىنى دەپ بولۇپلا،شاھنازنى باغرىغا بېسىپ دىدى"ئوماق قوزام"
ئالتە يىل ئىلگىرى ئەقىدە ئۆلۈپ كەتكەندىن بۇيان رەھىمە خانىم بۇ شەھەرگە قايتا كىلىپ باقمىغانىدى،ئۇ ھەتتا شەھىدە بىلەن ئەنزەرنىڭ چاي ئىچۈرۈش مۇراسىمىغىمۇ كەلمىگەن.
ئۇ ئەنزەرنىڭ ئائىلىسىگە ئۆزىنىڭ قىزىنىڭ ئۆلىمىگە سەۋەپچى بولغانلىقى ھەم كىچىك قىزىنىمۇ ئالداپ ئىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆچمەنلىك قىلاتتى.
رەھىمە خانىم ھەم چۆچىگەن ھەم خۇشال بولغان ھالدا،شاھنازنى قۇچاقلاپ تۇرغان قوللىرى تىتىرىگەن پىتى دىدى"شاھناز ،مومىڭىز سىزنى ياخشىراق كۆرۋالسۇن!"
كۆز ئالدىدىكى بۇ بىردىنلا قىزغىن بولۇپ كەتكەن ئوتتۇرا ياشلىق ئايالغا،شاھناز نىمە قىلارنى بىلەلمەي قالدى.
ئۇ قۇتقۇزۇش سىگىنالى چىققان كۆزلىرى بىلەن ئەلفىرەگە قارىدى.
ئەلفىرە بولسا بېشىنى چايقاپ،ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلماسلىقىنى ئىشارەت قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بۇ زىرەك گەپ ئاڭلايدىغان قىز،تاتلىقىنە بىرنى چاقىرىدى"موما"
"ئوۋ!بەك ياخشى بولدى"
رەھىمە خانىمنىڭ ھاياجانلىق ياشلىرى تۆكۈلدى،ئۇ بىر تەرەپتىن يېشىنى ئىيتقاچ،يەنە بىر تەرەپتىن شاھنازنى قۇچاقلاپ توختىماي دىدى"مومىڭىز بەك خۇشال بولدى،بەك خۇشال بولدى!"
كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرگە قاراپ، ئەلفىرەنىڭ كۆڭلى بەكلا پاراكەندە بولدى.
چەتئەلدىكى بۇ يىللاردا،ئۇنىڭ ئەڭ قىيمىغىنى،ئۇزۇن ۋاقىت كۆرۈشمىگەن ئاتا ئانسى بولدى.
ئۇ ئەمدىلا ھوشىغا كەلگەن چاغدىلا،ئۇ نىجاتقا ئاتا-ئانىسنىڭ خەۋىرىنى ئۇقۇشۇپ بىرىشنى ئېيتقانىدى،ئۇلار قىزىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن،ئاپسى ئېغىر كىسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكىلى قىل قاپتۇ،دادىسىنىڭ كۆڭلى جايىدا بولمىغاچ،خىزمەتتە دائىم خاتالىق يۈز بەرگەچكە،ئىشتىن قۇغدىلىپ،پەقەت باشقىلارغا پارچە پۇرات ئىش قىلىپ تۇرمۇشنى قامدايدىغان ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ.
ئۇ بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن،كىسەل كارۋىتىدا بەك ئۇزۇن يىغلىغانىدى.
ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى،بەلكىم بۇ دۇنيادىكى يەنىلا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەن بىردىنبىر كىشلەر بولىشى مۇمكىن،تېخىغىچە ئۇنى ئەسلەپ يۈرۈپتۇ.
بىراق ئۇ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن،ئۈچ بالىسىنىڭ كىيىنلىكى ئۈچۈن،ئاتا ئانسى بىلەن ئالاقە قىلسا بولمايتتى.
نىجات ئۇنىڭغا ئاتا ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ،شۇنىڭىدىن باشلاپ ئۇنىڭغا ئاتا-ئانسى توغۇرسىدا ھىچقانداق ئۇچۇرنى دەپ بەرمىگەنىدى.
نىجات ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى دەپ بەرمىگەن،ئۆزى تېخى ئوغۇرلىقچە تەكشۈرۈشكە پىتىنالمىغانىدى.
چۈنكى ئۇ ئاتا ئانىسىنىڭ خەۋىرىنى بىلسە،ئۆزىنىڭ چىدىيالماي ۋەتەنگە قايتىپ كىلىپ،ئەنزەرنىڭ ئالدىدا ئاشكارلىنىپ قىلىشتىن قورۇققانىدى.
مۇشۇنداق قىلىپ مانا ئالتە يىل ئۆتۈپ كەتتى.
ئالتە يىلدىن كىيىن،ئۇ ئاپسىنىڭ ئالدىدا تۇرسىمۇ،ئۇنى تونىيالمىدى.
رەھىمە خانىم بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئەلفىرەگە كۈلۈپ قارىغىنىچە سورىدى"سىز شاھنازنىڭ بالا باققۇچىسىمۇ؟"
ئەلفىرە ئۇنىڭغا قارىغىنىچە قىتىپ قالغاچقا،ناھايتى تەسلىكتە بېشىنى لىڭشىتىپ دىدى"ھەئە مەن شۇ"
"مەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۋىتەي،مەن شاھنازنىڭ مومىسى بولىمەن"
كۆز ئالدىدىكى بۇ خىزمەتكارنىڭ نىمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغان تۇرقىغا قاراپ،رەھىمە خانىمدا بىرخىل تونۇش تۇيغۇ پەيدا بولدى.
بىراق ئۇ ئىلگىرى بۇنداق چىرايلىق خىزمەتكارنى كۆرۈپ باقمىغانىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭقۇر بىرنى تىنىۋىتىپ سورىدى"مەن سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنىڭ شاھنازنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىكەنلىكىنى بىلىمەن،شۇڭا ئاۋال سىزدىن سورىۋالاي،مەن شاھنازنى ئېلىپ بىللە تاماق يىسەم بولامدۇ؟مېنىڭ باشقىچە مەقسىتىم يوق،پەقەت...."
ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى"شاھنازنى مېنىڭ چوڭ قىزىم تۇغقان،ھازىر چوڭ قىزىمنىڭ ھايات ياكى ئۆلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس،شۇڭا مېنىڭ بۇ چوڭ نەۋرەم بىلەن ياخشىراق بىللە بولۋالغۇم بار ئىدى،بولامدۇ؟"
ئەلفىرە لىۋىنى چىشلىگىنىچە ماقۇل بولدى"بولىدۇ"
ئەمىلىيەتتە ئۇ رەت قىلسا بولاتتى،بىراق قارشى تەرەپ ئۇنىڭ ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن ئاپىسى بولغاچقا،رەت قىلشىقا كۆڭلى بارمىدى.
"نىمىشقا ئۇنىڭغا مەسلىھەت سالىسىز"
شەھىدە ئۇنىڭىغا بىرنى ئالىيىپ قويۇپ دىدى"ئۇ دىگەن بىر مالاي خالاس،سىز دىگەن شاھنازنىڭ مومىسى،مومىسىنىڭ نەۋرىسى بىلەن تاماق يىگۈسى بولسا،يەنە ئۇنىڭ پىكىرىنى ئېلىش ھاجەتمۇ؟"
رەھىمە خانىم شەھىدەنى ئەيىبلەپ ئۇنىڭغا تىكىلدى"بۇ دىگەن باشقىلارنىڭ خىزمىتى،ئەلۋەتتە سورىشىمىز كىرەك!"
ئۇ گىپىنى دەپ بولۇپ، ئەلفىرەگە قاراپ كەچۈرۈم سوراپ دىدى"سەت بولدى.مېنىڭ بۇ كىچىك قىزىم مۇشۇنداق ئەركە ئۈگىنىپ قالغان"
يەنە شۇ بۇرۇنقى جايىدا تۇرغان ئەلفىرە ئاپىسىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ،كۆڭلى بەك بىئارام بولدى.
ئىلگىرى ئۆزىمۇ،ئاپىسى تەرىپىدىن ئاسىرلىپ قانات يېپىلىپ،ئەركە ئۈگەنگەن بالا ئىدى.
بىراق ھازىرقى ئۇ بىر يات ئادەم.
ئەلفىرەنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كىيىن،رەھىمە خانىم شاھنازنى قۇچاقلاپ كۆتۈرگىنىچە،بۇرۇلۇپ سودا ساراينىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى رىستۇرانغا قاراپ ماڭدى.
ئەلفىرە بىلەن شەھىدە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
"مەن دەيمەن سىزگە نىمە جاپا ئەلفىرە؟"
شەھىدە ئىككى قولىنى قولاشتۇرۇپ،چىرايىدا ھاكاۋۇرلۇق چىقىپ تۇرغان ھالەتتە شاھنازنىڭ كەينىدىن قاراپ گىپىنى داۋام قىلدى"مۇشۇ كىچىككىنە جىنتەك ئۈچۈن،قايتا قايتىلاپ ھاياتىڭىزنى سەپ بىرىشكە ئەرزىمدۇ،ئەمدى نەتىجىدىچۇ،ئۇ يەنىلا مېنىڭ ئاچامنىڭ قىزى،يەنىلا مېنىڭ ئاپامنىڭ نەۋرىسى بولدىغۇ؟مانا بىز ھەقىقىي بىرئائىلە كىشلىرى.سىزچۇ؟"
شەھىدە قىشىنى ئېتىپ دىدى"ھىچنىمگە ھىساپ ئەمەس"
ئەلفىرە بېشىنى تۆۋەن قىلىغنىچە ھىچنىمە دىمىدى.
"بىراق سىزمۇ خاتىرجەم بولۇڭ،مەن ۋاقتىنىچە بۇ جىنتەكنى ھىچنىمە قىلمايمەن."
شەھىدە ئەتراپتىكى ئەنزەرنىڭ ئادەملىرىگە بىرنى قارىۋىتىپ دىدى"ئەنزەر بۇنى گۆھەردەك ئەتىۋارلاپ ساقلاۋاتسا"
ئۇ ھەقىقەتەن ۋاقتىنچە ئۇنىڭغا قول سالالمايدۇ.
بۇلارنى ئويلاپ،شەھىدە ئەلفىرەگە بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى.
ئەگەر مۇشۇ ئۆلگۈر ئايال بولمىغان بولسا،ئۇ ئاللىبۇرۇن ئەقىدەنىڭ بۇ يىتىمىكىنى يوقىتىپ بولغان بولاتتى.
ھەرگىزمۇ ھازىرغىچە بۇنداق سوزۇلۇپ يۈرمەيتتى.
ئەلفىرە يىنىكلا ئۇنىڭغا قاراپ،تۆۋەن ئاۋازدا دىدى"ئۇ پەقەت ئالتە ياشلىق بالىغۇ"
شەھىدە سوغۇق كۈلۈپ دىدى"ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ"
گەرچە ئۇ ئالتە ياشلىق بالا بولسىمۇ،يەنىلا ئۇنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ!
پەقەت ئەقىدە بىركۈن ئوتتۇرىغا چىقمايدىكەن،بۇ بالا بىركۈن ئۇنىڭغا كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ تۇرىۋىرىدۇ.
رەھىمە خانىم شاھناز ئەلفىرە ۋە شەھىدەلەرنى ئېلىپ بىر غەرىپچە تاماقخانىغا كەلدى.
كۈتكۈچى تاماق تىزىملىكىنى ئىپ كەلدى.
رەھىمە خانىم تاماق تىزىملىكىنى نەۋرىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ،ئۇنىڭغا ئاۋايلاپ دىدى"بۇ خەتلەرنى تونۇمسىز؟سىزنىڭ نىمە تاماقلارنى يىگۈڭىز بار؟"
شاھناز بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن دىدى"مېنىڭ بىركىشىلىك ئۈرۈك تەملىك دۇفۇ يىگىم بار"
رەھىمە خانىم بىر ئاز ھەيرانلىق ھەم خۇشال بولغان ھالدا سورىدى"سىزمۇ ئۈرۈك تەملىك دۇفۇنى ياخشى كۆرەمسىز؟سىزنىڭ ئاپىڭىزمۇ مۇشۇ خىلدىكى تاتلىق تۈرۈمگە بەك ئامراق ئىدى،ھەرقىتىم ئۇنى سىرتقا ئاچىقسام ئۇ شۇنىلا يەيتى!"
شاھناز ئوغۇرلىقچە ئەلفىرەگە بىرنى قارىۋىتىپ دىدى"ئەمىلىيەتتە مەن ئۇنى يىيشنى ياقتۇرمايمەن....مەن بۇنى ھاممام ئۈچۈن بۇيرۇتتۇم"
شاھناز ئىلگىرى ئاپسىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە،ئۇنىڭ ئاپسىنىڭ قىشىدا ئولتۇرۇپ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئۈرۈك تەملىك دۇفۇ يىگۈسى بارلىقىنى يازغانلىقىنى كۆرگەنىدى.
بۈگۈن گەرچە سالاھىيتى ئوخشىمسىمۇ،بىراق يەنىلا ئۇنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
رەھىمە خانىمنىڭ كۈلكىسى قىتىپ قالدى.
بىراق ئۇ يەنىلا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەلفىرەگە قاراپ كۈلۈپ دىدى"سىزمۇ ئۈرۈك تەملىك دۇفۇنى يىيشنى ياخشى كۆرىدىكەنسىزدە؟شاھنازنىڭ ئاپىسىمۇ ئۇنى يىيىشنى ياخشى كۆرەتتى...."
ئەلفىرە بېشىنى تۆۋەن قىلىپ،ئۆزىنىڭ ياش تۆككەنلىكىنى ئامال قىلىپ يۇشۇرۇپ دىدى"بەك توغرا كەپ قاپتۇ"
"شۇنى دىمەمسىز"
رەھىمە خانىم ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويۇپ گىپىنى داۋام قىلدى"بۇ ئەخمەق قىز،مەن ئەينى چاغدا ئەنزەرگە ياتلىق بولما،بۇنداق ئادەم ساڭا چىن كۆڭلىدىن مۇئامىلە قىلمايدۇ دىگەنىدىم،بىراق ئۇ مېنىڭ گىپىمنى ئاڭلىمىدى،ھەتتا مەن بىلەن ئانا بالىلىقتىن كەچكىلى تاس قالغانىدى."
رەھىمە خانىم گېپىنىڭ ئىچىدە گەپ يۇشۇرۇپ ئەپسۇسلاندى"ئەپسۇس،ئەقىدەدەك شۇنداق ياخشى بالا...."
"ئاپا"
بىر چەتتە ئولتۇرغان شەھىدە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئاچچىقلىغاندەك ئەسكەرتتى"كۈتكۈچى تېخى سىزنىڭ تاماق بۇيرۇتىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرۋاتىدۇ"
ئۇ ئاپىسىنىڭ ئەقىدەنى تىلغا ئېلىشىنى پەقەتلا ياقتۇرمايتتى.
كىچىكىدىن تارتىپ،ئەقىدە رەھىمە خانىمنىڭ پەخىرى ئىدى،ئۆزى بولسا كىچىكىدىن تارتىپ تاكى ئەقىدە ئۆلگۈچە ئۇنىڭ سايسى بولۇپ ياشاپ كەلدى.
شۇڭا ئىش ئۇققىدەك بولغاندىن باشلاپ،شەھىدەنىڭ ئەقىدەگە بىرخىل يامان غەرىزى ۋە ئۆچمەنلىكى بار ئىدى،
"ھە،ئەمىسە تاماق بۇيرۇتايلى"
شەھىدەنىڭ گىپى بىلەن رەھىمە ئاپاش ئېسىنى يىغدى.
ئۇ چوڭقۇر بىرنى ئۇھسىنىۋىتىپ بىر تەرەپتىن شاھنازنىڭ يەيدىغان تامىقىنى سورىغاچ ،بىر تەرەپتىن تاماق بۇيرۇتتى.
ئارلاپ ئۇ يەنە ئەلفىرەگە قاراپ سورىدى"خانقىز،سىز ئاچچىق يەلەمسىز؟"
"ھەئە نىمە بولسا مەيلى"
ئەلفىرە ئىزچىل بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئۇنىڭغا قاراشقا پىتىنالمىدى.
توپتوغرا ئالتە يىل بوپتۇ، بۇ ئالتە يىللىق سېغىنىشتىن ئۇنىڭ يۈرەكلىرى تىتىرەپ كىتىپ باراتتى.
سېغىنغان ئادىمى كۆز ئالدىدا تۇرسىمۇ،ئۇنىڭغا تونۇشلۇق بىرەلمەي ،باشقا بىر سالاھىيەت بىلەن كۆرىشىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ بۇنداق ئاچچىق ئازاپلارغا يولۇقىشىغا پۈتۈنلەي ئەنزەر بىلەن شەھىدە سەۋەپلىك.
بۇلارنى ئويلاپ،ئۇنىڭ مۇشتۇملىرى چىڭڭىدە تۈرۈلدى.
تاكى ئەلزادنىڭ كىسىلى ساقايغىچە ئۇ چىدايدۇ،ئاندىن ئۇلارغىمۇ بۇنداق ئازاپنى بىر بىرلەپ تېتىدۇ!
"مۇشۇلار بولسۇن"
رەھىمە ئاپاش،تاماقلارنى بۇيرۇتۇپ بولۇپ،شاھنازنى قۇچاقلىغىنىچە ھىلى ئۇنى ھىلى بۇنى سورىدى.
ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ سورىغىنى ئەقىدەنىڭ ئىزدىرىكى ئىدى.
شاھناز ئەلفىرەگە بىرنى قاراپ قويۇپ،ئاندىن ناھايتى ئېھتىيات بىلەن ئېغىز ئاچتى"ئاپام دىگەن،ئۇنىڭ ھازىر ناھايتى مۇھىم قىلىدىغان ئىشى باركەن،ئۇ شۇ ئىشلىرىنى قىلىپ بولغاندا،ئاندىن قايتىپ كىلىدىكەن"
ئۇ گىپىنى دەپ بولۇپ،قاپقارا كۆزلىرى بىلەن مومىسىغا قارىغىنىچە دىدى"ئاپام يەنە،قايتىپ كىلىپ سىز بىلەن ئۈرۈك مىغىزى دۇفۇسىنى يىگۈسى بارلىقىنى دىگەن"
ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىدىن رەھىمە خانىم بىلىپ بىلمەي ئەقىدەنى ئەسلەپ قالدى.
بۇ ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ قالغان ئاپاش ئوغۇرلىقچە يىشىنى ئېيتىۋىتىپ دىدى"بۇ ئەخمەق بالا...نىمە ئىش بىزدەك ئالتە يىل كۆرۈشمىگەن ئانىسدىنمۇ ئۆتە مۇھىم بولغىيتتى....."
"بەلكىم ئاچامنىڭ كۆڭلىدە ئۇنىڭدىن مۇھىم نەرسە باردۇ"
رەھىمە ئاپاش شەھىدەگە ئوغۇرلىقچە بىرنى ئالىيىپ قويدى،بىراق چىرايىدىكى كەيىپىيات ئۆزگىرىش راستىنلا سەمىمىي ئىدى.
ئۇ ئاپىسىغا قاراپ،گىپىنىڭ تىگىدە گەپ باردەك دىدى"بەلكىم ئاچامنىڭ كۆڭلىدە،بىزدەك تۇققانلىرى،ئۇنىڭدەك مۇھىم بولماسلىقىمىز مۇمكىن"
رەھىمە ئاپاشنىڭ چىرايى ئۇشتۇمتۇتلا تاتىرىپ كەتتى.
تۈنۈگۈن ئاخشام،شەھىدە ئەقىدەنىڭ ئەمىلىيەتتە ئۆلمىگەنلىكىنى،يەنە تېخى بالىسىنى ئەۋەتكەنلىكىنى،دىگەندىن كىيىن ئۇ بىر كىچە ئۇخلىيالمىدى.
ئۇنىڭ كاللىسىدىن پەقەتلا ئۆتمەيۋاتاتتى.
ئەقىدەدەك ئۇنداق ۋاپادار بالا،نىمىشقا ۋەقەگە يولۇققاندىن كىيىن،ئېنىقلا ھايات تۇرۇپ،ھەتتا ئۆيدىكىلەرگە تىنىچ ئامانلىقىنىمۇ بىلدۈرمەيدۇ.
ھەتتا ئالتە يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن،ئاران قىزىنى ئەۋەتىپتۇ.
ئۇ شاھنازنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتلىقىنى ھەممەيلەنگە بىلدۈردى.
بىراق ئۆزى بولسا پەقەت ئوتتۇرغا چىقمىدى.
ئۇ زادى قانداق مۇھىم ئىشلارنى قىلىۋاتقاندۇ؟
ئىشنىڭ مۇھىملىقىدىن ئۇ ئالتە يىل كۆرۈشمىگەن ئاتا ئانىسى بىلەنمۇ ئالاقىلاشمىدى،ئالتە يىل بۇ شەھەردىن ئالاقىسىنى ئۈزدى.
ھەتتا ئالتە يىلدىن كىيىن،قىزىنىمۇ ئۇدۇللا ئەنزەرنىڭ قىشىغا ئەۋەتىپتۇ.
ئەجىبا ئۇ شاھنازنىڭ ئەنزەرنىڭ قىشىدا ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ قىلىشىدىن ئەنسىرمىگەنمىدۇ؟
رەھىمە خانىم بىر كىچە ئويلاپمۇ،بۇ ئىشلارنى كاللىسدىن ئۆتكۈزەلمىدى.
مانا ھازىر،شەھىدەنىڭ دىگەن بۇ گەپلىرى بىردىن بىردىن يىڭنە بولۇپ يۈرىكىگە سانجىلدى.
"ئاپا،سىزمۇ بەك كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىپ كەتمەڭ"
ئاپىسىنىڭ ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇرسىمۇ،شەھىدە يەنىلا ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چېچىپ ئۇنىڭ يېغىرسىنى تاتلىدى"ئاچام ئەزەلدىن مۇشۇنداققۇ؟ئەينى يىلى بىز ئۇنى ئەنزەرگە ياتلىق بولما دىسەك،ئۇ ئۆز بىشىمچلىق قىلىپ گىپىمىزگە كىرمىگەن،ھەتتا ھىچنىمىگە قارىماي ئۆينى ئاستۈن ئۈستۈن قىلۋەتكەن ئەمەسمىدى؟ئەگەر مەن ئۇنىڭ قىشىدا خىزمەت قىلمىغان بولسام،ئۇ بىزدىن ئادا جۇدا بولۇپ كىتەتتى"
رەھىمە ئاپاش چوڭقۇر ئۇھسىنىپ،كۆز چاناقلىرىدا ھەسرەتلىك نۇرلار چاقنىدى"شۇنى دىمەمسەن،ئۇ ئىزچىل بەك جاھىل،بىزنىڭ گەپلىرىمىز ئۇنىڭ نەزىرىدە ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ،بولدىلا بۇلارنى دىيىشمەيلى"
ئۇ گىپىنى دەپ بولۇپ،شاھنازنى قۇچاقلىغىنىچە يەنە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.
بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرغان ئەلفىرە بولسا،بۇ ئىككىسىنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ،ئۈستەل ئاستىكى قوللىرىنىڭ مۇشتىمى تېخىمۇ چىڭ تۈرۈلدى.
ئۇنداق ئەمەس!
ئەھۋال ئۇلارنىڭ دىگىنىدەك ئەمەس!
ئۇ ئەزەلدىن ئاتا ئانىسىنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق،ھەم ئەزەلدىن ئۆيگە قايتماسلىقىنى ئويلىغان ئەمەس!
ھەتتا ئەينى يىلى ئەنزەر بىلەن توي قىلغان ۋاقتىدا،ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئادا جۇدا بولۇشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن.
ھەممىسگە شەھىدە سەۋەپكار.....
ئۇ ۋاقىتتا،ئۇ ھەممىدىن بەك شەھىدەگە كۆيۈنەتتى،ھەممىدىن بەك ئۇنىڭغا ئىشىنەتتى.
شەھىدە ئۆز ئاغزى بىلەن دىگەن:
"ئاچا،سەن خاتىرجەم ھالدا ئەنزەر ئەپەندىگە ياتلىق بولىۋەر،ئۆيدىكىلەرگە مەن بار.ئاپام دادام سەن بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزىمىز دەيدۇ،بىراق ئۇلار پەقەتلا سېنى قورقىتىپ قويىۋاتىدۇ،ئۇلار ھەممىدىن ساڭا بەك ئامراق،بۇنىسى ساڭا ئېنىققۇ؟سەن ئۆزۈڭنىڭ ئويلىغىنىڭ بويىچە قىلىۋەر،دادام ئاپام تەرەپكە مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن"