تايلاند تارىخىدىكى زەنجىرسىمان قاتىل ئۆلۈم جازاسىغاھۆكۈم قىلىندى

文摘   2024-11-22 21:45   新疆  

سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ

يىلان قىز 6-بۆلۈم كەلدى

شاڭگۇەن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى تايلاند باڭكوكتىكى بىر سوت مەھكىمىسى سىرىپون خانىمنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلغان، جاۋابكار 36 ياشلىق ئايال سارارات راڭسىۋۇتاپون (Sararat Rangsiwuthaporn) قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

بۇ پەقەت سارارات دۇچ كەلگەن تۇنجى قاتىللىق دېلوسى سوتى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ساقچىلار ئۇنىڭ جەمئىي 14 تونۇش دوستىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بايقىغان، ئۇنىڭدىن باشقا 13 قاتىللىق دېلوسىغا تېخى سوت ئېچىلمىغان. ئۇ سىيانىدنى زەھەر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن دېلو سادىر قىلىشقا ئادەتلەنگەن بولغاچقا، يەرلىكتە «سىيانىد خانقىزى» دەپ ئاتالغان، ئىگىلىنىشىچە، سارارات تايلاند تارىخىدىكى دېلو سادىر قىلىش سانى ئەڭ كۆپ زەنجىرسىمان قاتىل ئىكەن.

2023-يىلى 4-ئايدا سارارات زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سىرىپون بىلەن سىرتقا چىقىشقا كېلىشكەن. پىرىستاندىكى كۆزىتىش ئاپپاراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سىرىپون ساراراتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆزى يالغۇز بىر خالتا بېلىقنى ئېلىپ سۇ بويىغا قاراپ ماڭغان، ئارقىدىن يولدا ھوشىدىن كەتكەن. بۇ چاغدا سارارات يول بويىدىكى ھاجەتخانىدا ئىدى، ئۇ تېخى سىرىپون ئۈچۈن داڭلىق ماركىلىق سومكىسىنى ساقلاپ بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، سارارات ياردەم تەلەپ قىلىشقا تىرىشمىغان، ئەكسىچە سىرىپوننىڭ يانفونى، داڭلىق ماركىلىق سومكىسى ۋە نەچچە مىڭ دوللار قىممىتىدىكى نەق پۇلىنى ئېلىپ كەتكەن.

سىرىپون 10 ياشلىق بىر قىزىنى قالدۇرۇپ كەتكەن، سىرىپوننىڭ ئاپىسى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، «چاقماق چاققاندەك بولۇپ، قوبۇل قىلالمىغان»، ئۇنىڭ دېيىشىچە، سىرىپوننىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى، تەبىئىي يۈرەك زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئارقىدىن ساقچىلار سىرىپوننىڭ جەسىتىدىن ئاز مىقداردا سىيانىد ئىزىنى بايقىغان.

ساقچىلار تەكشۈرۈش جەريانىدا، ساراراتنىڭ نەق مەيداندىن ئايرىلغاندا ئولتۇرغان ئاپتوموبىلىنىڭ بىر ئايال ساقچىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئايال ساقچىنىڭ خىزمەت جەريانىدا ساراراتنىڭ بۇرۇنقى ئېرى (بىر ساقچى) بىلەن قويۇق ئالاقە قىلغانلىقىنى بايقىغان. ساقچىلار بۇ يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، 2015-يىلىدىن باشلاپ يۈز بەرگەن سسيانىدىن زەھەرلىنىش دېلوسىنى پاش قىلغان.

بۇ دېلولارنىڭ بۇرۇن پاش قىلىنماسلىقىدىكى سەۋەپ، سارارات ساقچى ئىدارىسىنىڭ قانات ئاستىغا ئېلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئېرىمۇ سىرىپون دېلوسىدىكى سوتتا قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ياردەملەشكەنلىكى ئۈچۈن 16 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىشقا قاتناشقان باشقا تىل بىرىكتۈرگۈچىلەرگىمۇ بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلگەن.

سارارات بۇلتۇر قولغا ئېلىنغاندا ھامىلىدار بولۇپ، كېيىن تۈرمىدە بويىدىن ئاجراپ كەتكەن. ساراراتنىڭ دېلو سادىر قىلىشتىكى مەقسىتى ئاساسلىقى مال-مۈلۈككە ئېرىشىش بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئۇ بىر دوستى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن كۆپ مىقداردا قەرز ئالغان، ئىش ئاشكارىلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا دوستىنى ئۆلتۈرۈپ «قەرزنى تۈگەتكەن». ساراراتنىڭ پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇ توردا قىمار ئويناشنىڭ قىلتىقىغا چوڭقۇر پېتىپ قالغان بولۇپ، قىمار خۇمارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇ ھەتتا بىر كۈندىلا 10 مىليون تايلاند باتى (تەخمىنەن 2 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) زىيان تارتقان.

تايلاند گەرچە ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاز ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئالدىنقى قېتىم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋاقىت 2018-يىلى، يەنە بىر قېتىملىقى 2009-يىلىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ دېلونى سوت قىلىش جەريانىدا، ساراراتنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشنى مۇراجىئەت قىلغان. لېكىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك پىكرى ئاخىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن، نۇرغۇن ئائىلە ئەزالىرى ئۆلۈم جازاسىدىن باشقا ھېچقانداق ئاقىۋەتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دېلو بېجىرىشكە قاتناشقان بىر ساقچىمۇ مۇنداق دېگەن: «ئائىلە ئەزالىرىنىڭ گەپلىرى كىشىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدۇ، بەزى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى، بەزىلىرى ئەمدىلا ھاياتىدىكى تۇنجى بالىسىنى كۈتۈۋالغان، يەنە بەزىلەر يېقىندا توي قىلماقچى بولغانلار...»

كىنولار


تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章