بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەنگلىيەلىك 20 ياشلىق قىز دېستىنې تەقلىدىي خىزمەت ئىشلىگەن ئاددىي ۋىدېيوسىنى ئېلان قىلىپ داڭق چىقارغان، ئۇ جىمجىتلىقى، كەسىپچانلىقى ۋە ئەدەبلىكلىكىگە تايىنىپ 250 مىڭ مەستانىگە ئېرىشكەن، ئۇ يەنە «قورۇما خانىشى» دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ مۇقىم كەيپىياتى ۋە دوستانىلىقى ئۇنى ئالقىشقا ئېرىشتۈرگەن.
دېستىني خارولد، ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن ئەنگلىيەلىك قىز، بىراق ئۇنىڭ خىزمەت ئىستاژى خېلى ئۇزۇن، ئۇ ھازىر ۋۇستېردا جۈنبييۇدييې مايدا پىشۇرۇلغان بېلىق قورۇمىسى دۇكىنىدا خىزمەت قىلغىلى تۆت يىل بولغان.
ئۇزۇندىن بۇيان دېستىنىنىڭ نامى چىقمىغان، لېكىن ھازىر ئۇ «تور چولپىنى»غا ئايلىنىپ، بىر كېچىدىلا 250 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار بولغان. بۇ ئۇنىڭ ئاتالمىش «مودېل» بولۇشنى قارار قىلغانلىقى، گۈزەل سۈرەتلەرنى سېتىپ پايدا ئالغانلىقىدىن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە، ئۇ سىن كۆرۈنىشىدە پەيدا بولغاندا، يەنىلا خىزمەت كىيىمى كىيگەن.
شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، دېستىنى يېقىنقى بىر مەزگىلدە ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن «تور سەنىمى» بولۇپ قالغان، ھەتتا «قورۇما خانىشى» دېگەن گۈزەل نامغا ئېرىشكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ يىل 10-ئايدىن باشلاپ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا سىن مەزمۇنىنى ئېلان قىلغان دېستىنى ھەقىقەتەن تېز سۈرئەتتە داڭق چىقارغان بولۇپ، ئون كۈندىن كېيىنلا 25 مىليون 700 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلۈشكە ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ ۋىدېئو ئېلان قىلىنغان بىر كۈن ئىچىدىلا 10 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن.
ئۇنداقتا ۋىدىيودا دېستىنى زادى نېمە ئىش قىلدى؟ مەستانىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ پەقەت جىمجىت خىزمەت قىپتۇ.
لېكىن دېستىنىنىڭ ئېلان قىلغان سىن كۆرۈنۈشىدىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ تېلېكامېرادىكى ھەقىقىي خىزمەت ئەمەس، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش كۆرۈنۈشىگە تەقلىد قىلىنغان. ئۇ زاكاز تالونىنى ئېلىپ، مايدا پىشۇرۇلغان ياڭيۇ قەلەمچىسىنى خېرىدارلارغا سۇنغان ھەمدە خېرىدارلار بۇيرۇتقان ئىچىملىكلەرنى ئورتاقلاشقان.
گەرچە بۇ بىر ئاددىي كۆرۈنۈش بولسىمۇ لېكىن كىشىلەر دېستىنىنىڭ سېتىش ماھارىتىگە ھەۋەس قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئەدەبلىكلىكىنى ماختاشقان.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ خېرىدارلارغا قايتا-قايتا «مەرھەمەت» ۋە «رەھمەت» دېگىنىگە دىققەت قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا دوستانە خوشلىشىپ: «كۈنلىرىڭىزنىڭ خۇشال-خۇرام ئۆتۈشىنى تىلەيمەن» دېيىشكەن. بىر مەستانە باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇ بەك ئوماق، ناھايىتى ئەدەپلىك ھەم ناھايىتى كەسىپچان.» يەنە بىر مەستانە: «مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئەدەپلىك كۈتكۈچىنى كۆرۈپ باقمىغان» دېگەن. ئۈچىنچى كىشى: «مېنىڭ بۇ قىزنى بەكمۇ چۈشەنگۈم بار، ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدىم» دېگەن.
ۋىدىيودا دېستىنى مۇلازىمەت قىلغان خېرىداردىن ئەمەلىيەتتە پەقەت بىرلا ئادەم بار، ئۇ بولسىمۇ سۈرەتتىكى بۈدرە چاچلىق ئەر، شۇنداقلا ئۇنىڭ خىزمەتدىشى. يەنە بىر مەستانە مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ قىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ئۇ ناھايىتى تەمكىن، ئاۋازى ناھايىتى يېقىملىق، ئۇ ئىنتايىن كەسپىي كۈتكۈچى!»
ئادەتتە دېستىنىنىڭ جىمغۇرلىقى ۋە كەسىپچانلىقى ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشىدىكى سەۋەب دەپ قارىلىدۇ. بەزىلەر مۇنداق دېگەن: «گەرچە نۇرغۇن ياشلار باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بولۇش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى ئۈمىد قىلسىمۇ، ھەتتا كامېرا ئالدىدا ۋارقىراپ-جارقىراپ تەلۋىلەشكەن قىياپەتنى ئىپادىلىسىمۇ، لېكىن دېستىنى مۇقىم كەيپىياتقا تايىنىپ ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشتى، ئۇنىڭ دوستانىلىقى ۋە ئايرىمىچىلىقى بۇ يەڭگىل دەۋردە ئاز ئۇچرايدۇ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە نۇرغۇن كىشىلەرگە قىزىقارلىق تۇيۇلدى.»
بەلكىم ئۇ ئادەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك، گەرچە دېستىنى ۋىدىيودا سېنارىيە بويىچە رول ئالغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا كىشىگە ناھايىتى تەبىئىي تۇيغۇ بېرىدۇ، بىر خىل چىنلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ.
قىزىقارلىق يېرى شۇكى نۇرغۇن كىشىلەر دېستىنىنىڭ ھەر بىر سىن كۆرۈنۈشىنىڭ ئاخىرىدا چىقارغان «ھىم» دېگەن ئاۋازىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، بۇ ئۇنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئالاقە تورى دەۋرى ھەقىقەتەن ئاجايىپ، قايسى خىل ئۇسلۇبنىڭ تورداشلارنىڭ كۆڭلىگە دەل ۋاقتىدا تېگىشى ناتايىن، شۇنداقلا مەزمۇن ئىشلىگۈچىنى بىر كېچىدىلا داڭلىق شەخسكە ئايلاندۇرالايدۇ.
كىنولار