توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
مايك تايسون (Mike Tyson)نى بەلكىم ھەممەيلەن تونۇشى مۇمكىن؟ بۇ سابىق ئامېرىكىلىق بوكسچى 1985-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، بوكس ساھەسىدىكى رىۋايەتلىك شەخس دەپ ئاتالغان. تايسون «تۆمۈر ئادەم تايسون» ۋە «چۇس مىجەز تايسون» دەپ ئاتالغان، كېيىن نام-شۆھرىتى تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، مىجەزى چۇس بولغاچقا «يەر شارىدىكى ئەسكى ئادەم» دەپ ئاتالغان، ئۇ كەسپىي ھاياتىدا ھەر خىل ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى ۋە قىممەت باھالىق قول سائەتلىرىنى تاقىغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر قول سائىتىنىڭ ھېكايىسى بار.
بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قەدەر قىزىقارلىق سائەت ھېكايىسى شۇكى، تايسون تاقىۋالغان ئۆزگىچە گراف قول سائىتى ئەمەلىيەتتە بىر گراف ئۈنچە-مەرۋايىت دۇكىنىدىن «ئېلىپ چىقىلغان»، تايسون بىر مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇن، گراف ئۈنچە-مەرۋايىت دۇكىنىغا بېرىپ، بىر ئۈنچە-مەرۋايىت قول سائىتى، شۇنداقلا ئالماس بىلەيزۈك، يەنە بىر ئالماس يانچۇق سائىتىنى تاللاپ، سىرتقا چىقىشتىن دۇكان ئىگىسىگە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ خىراجەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
تايسوننىڭ داڭقى سەۋەبلىك گراف ئۈنچە-مەرۋايىت دۇكىنى ئۇنى توسىمىغان، كېيىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ۋەكىلى تايسوندىن قول سائىتىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن ئۇ سائەتنى قايتۇرۇپ بەرسە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇلاپ تارقىدىغان بىر مەيدان مۇسابىقىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى ئامالسىزلىقتىن سائەتنىڭ يۇقىرى سوممىلىق پۇلىنى تۆلەشكە مەجبۇر بولغان، تايسون بۇرۇنقىدەكلا ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئىش قىلىش ئۇسۇلىنى ساقلاپ قالغان ھەمدە مۇسابىقە يىغىلىشىدا بۇ قول سائىتىنى تاقاپ، ئۆزىنىڭ ئورنىنى نامايان قىلغان.
ئالتە ئايدىن كېيىن، تايسون لوندونغا قايتىپ كېلىپ، 6-ئايدا لۇ ساۋارېس بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتناشقان، ئۇ يەنە بىر قېتىم شۇنداق قىلغان، يەنە ئۈنچە-مەرۋايىت دۇكىنىغا بېرىپ ئىستېمال قىلغان، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپتىن چىقىمنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان، ئەپسۇس ئۈنچە-مەرۋايىت دۇكىنى ئۇنى «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلمايدىغان بولغان، تايسون قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۈنچە-مەرۋايىت دۇكىنىدا جېدەل چىقارغاندىن كېيىن، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشكەن، مۇشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق تايسون بارا-بارا ئۆزىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى نابۇت قىلغان.
ئەلۋەتتە نام چىقىرىش ۋە ۋەيران بولۇش تايسوننىڭ كىلاسسىك ھېكايىسىدىكى بارلىق ئامىللار. ئۇنىڭ تەپ تارتماي قىلغان ئەيش-ئىشرەتلىك قىلمىشى بۇ بوكسچىنى 2003-يىلى ۋەيران بولۇشقا ئىلتىماس قىلىشقا مەجبۇر قىلغان، گەرچە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 20 يىلدا ئۇ 400 مىليون دوللار كىرىم قىلغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ناچار ئادەتلىرى سەۋەبلىك ئاخىرى زور بەدەل تۆلىگەن، دەسلەپكى يىللاردىكى تايسوننىڭ سودا قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بولسا، قېرىغاندا ھەممە ئادەم ئۇنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ قالغان. گەرچە ئۇنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بىز يەنىلا تايسون تاقىغان ھەشەمەتلىك سائەتلەرنى ئېسىمىزدە ساقلايمىز.
تايسون ياخشى كۆرىدىغان سائەتلەر ئالتۇن سائەت، ئاق ئالتۇن سائەت ۋە ئالماس سائەتلەردىن ئىبارەت. دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇ كارتىئېرنىڭ پۈتۈن ئالتۇنى پاساغا بەك ئامراق بولۇپ، ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن. بۇ سائەت تايسوننىڭ ۋاستىچىسى دون كىڭ، تايسونغا سوۋغا قىلغان، ئۇنىڭ ۋاستىچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن نازۇك، ۋاستىچى دون كىڭنىڭ قولىدا ئوخشاشلا بىرسى بار، تايسوننىڭ ۋەيران بولۇشى بۇ ۋاستىچىدىن ئايرىلالمايدۇ، كېيىن ئىككىيلەن يەنە پۇل سەۋەبلىك مۇناسىۋىتىنى بىراقلا ئۈزگەن.
تايسون گۈللەنگەن مەزگىلدە، پۇل تېپىشنىڭ ھەممىسى مىنۇت بويىچە ھېسابلىناتتى، 2005-يىلى ئۇ «چېكىنگەن» ۋاقىتتا، 50 مەيدان ئۇتۇش، ئالتە مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن بوكس سەھنىسىدىن چېكىنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 44 مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىنى KO قىلغان. تايسوننىڭ بەزى مۇسابىقىلىرى پەقەت بىر مىنۇتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان، يەنى سەھنىگە چىقىپ بىر مىنۇت ئوينىسىلا غايەت زور مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بۇ مەزگىلدە تايسوننىڭ ھەر خىل داڭلىق سائەتلىرى، تەلۋىلەرچە مال سېتىۋېلىشى بىر قەدەر داڭلىق بولغان.
تايسون ۋەيران بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل نامرات تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئىلگىرىكى شان-شەرەپلەر بىراقلا يوق بولغان، بۇ تايسونغا نىسبەتەن چوڭ زەربە بولۇپ، يۇقىرى ئىستېمال قىلىشقا ئامالسىز قالغان، نۇرغۇن قىلمىشلىرى چەكلىمىگە ئۇچرىغان، بۇ چاغدا تايسوننىڭ بۇ قول سائىتى پۈتۈن ئالتۇندىن Rolexنىڭ دەسلەپكى دەرىجىدىكى ئوستېر شەكىللىك تۇراقلىق قول سائىتىگە ئۆزگەرگەن، بۇ سائەتنىڭ باھاسى 7000 دوللاردىن ئاشقان، تايسون ھاياتىدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى كۈتۈۋالغان.
تايسون يامان يولدىن قايتىپ، كىشىلىك ھاياتىنىڭ تۆۋەن پەللىسىدىن ئاستا-ئاستا قۇتۇلۇپ، سودا پائالىيەتلىرىنى باشلىغان، شۇنداقلا نەشرىيات بىلەن ھەمكارلىشىپ كىتاب نەشر قىلغان، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ بوكس مۇسابىقىلىرىنى چۈشەندۈرگەن، تۈرلۈك سودا پائالىيەتلىرىدە بۇنىڭ تۈرتكىسىدە تايسون ئاستا-ئاستا نورمال تۇرمۇشقا قاراپ ماڭغان، قولىدىكى سائەتمۇ ئاق ئالتۇن رەڭلىك دىتوناغا ئالماشقان، ئىلگىرىكى تايسون ئالماسنى، ئالتۇن سائەتنى ياخشى كۆرەتتى ھەمدە كۆز-كۆز قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرەتتى، بىراق ھازىر ئاق ئالتۇنلۇق قول سائىتى تاقىغان تايسون تېخىمۇ كەمتەر بولۇپ، ئۆزىنى كۆپ تۇتىۋالغان ئىدى.
بارا-بارا ياخشى بولۇپ كەتكەن تايسون يەنە بىر ئاق ئالتۇن كارتىيا پاسا سېتىۋالغان، بىلىشىمىز كېرەككى، ئۇ ئىلگىرى ۋاستىچىسى بىلەن ئايرىلماس بولۇپ قالغان، كېيىن مالىيە مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئايرىلىپ كەتكەن، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا تايسوننىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە ۋاستىچىنىڭ قالايمىقان مالىيە ئىشلىرى بىلەن ناھايىتى چوڭ مۇناسىۋىتى بار، تايسون يەنە بىر ئاق ئالتۇن پاشانى تاقىۋالغان بولۇپ، ۋاستىچىسى دون كىڭنى سېغىندىمۇ ياكى ئۆزىنى بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، بىر ئەقىل-پاراسەتكە ئېرىشىشكە ئاگاھلاندۇردىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ.
تايسون قەرز كىرىزىسىغا پېتىپ قالغاندىن كېيىن، خۇبلوت قول سائىتى تايسون ئۈچۈن بوكس پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، ئەينى چاغدا خۇبلوت تايسون ئۈچۈن مەخسۇس خاتىرە سائەت ياساپ بەرگەن، خۇبلوت ئەينى چاغدا مەخسۇس 12 دانە سائەت ياسىغان، پەقەت كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش، تايسوننىڭ ئىمزا قويۇپ سېتىش پائالىيىتى، مەبلەغ توپلاش ئارقىلىق تايسوننىڭ قەرزىنى قايتۇرماقچى بولغان.
2021-يىلى خۇبلوت يەنە بىر قېتىملىق بوكس پائالىيىتىدە بوكس ئالاھىدە خاتىرە نۇسخىسىدىكى قول سائىتىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭغا يېشىل ساپالدىن ياسالغان سائەت قېپى، K ئالتۇن تۇتقۇچ بېشى ئىشلىتىلگەن، سائەت 9 دا بوكس بەلگىسى بار، يەر شارى بويىچە چەكلىك مىقداردا 10 دانە سېتىلغان، خۇبلوت تايسوننىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى تۆۋەنلىگەندە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقان، بۇ خۇبلوت بىلەن تايسون ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇقنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن، كېيىنكى مەزگىللەردە تايسونمۇ خۇبلوت سۇپىسى ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم تەشۋىق قىلغان.
داڭق چىقىرىش ۋە ۋەيران بولۇش، گۈللىنىش-خارابلىشىش، شان-شەرەپ ۋە ئار-نومۇس، بۈگۈنكى كۈندە 60 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان تايسون كۆپ كەمتەر بولۇپ كەتكەن، مەيلى گۈللىنىش-خارابلىشىش بولسۇن، تايسون ئىزچىل داڭلىق سائەت تاقاش ئادىتىنى ساقلاپ كەلگەن، بۇ بەلكىم تايسوننىڭ سالاھىيەتكە بولغان ئەڭ ئاخىرقى جاھىللىقى بولۇشى مۇمكىن.
كىنولار