سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
يىلان قىز 6-بۆلۈم كەلدى
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
بىر قۇرامىغا يەتكەن ئايال ئۆزى يالغۇز يىراق سەپەرگە چىقىپ، ئاپىسىغا خەۋەر قىلمىغاچقا، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. ساقچىلار ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى تاپقان بولسىمۇ، يەنىلا ئائىلىسىدىكىلەر ئىشەنمىگەن.
بۇنداق غەلىتە ۋەقەلىك ھوللىۋودنىڭ ئايال چولپىنى شەنېل مايا بەنكس (Chanel Maya Banks)نىڭ بېشىغا كەلگەن.
ئىشلارنى 10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
شۇ كۈنى بەنكس ئاپىسىغا تېلېفون قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئالاقىلاشمىغان. ئىككى كۈندىن كېيىن، ئاپىسى قىزى بەنكسنىڭ خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالمىغاندىن كېيىن، تىت-تىت بولۇشقا باشلىغان، ئالدى بىلەن قىزى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلاشقان، نەتىجىدە قىزى تېلېفوننى ئالالمىغان.
شۇنىڭ بىلەن ئاپىسى تىت-تىت بولۇپ، بەنكسكە بىرەر ئىش بولدىمىكىن دەپ گۇمانلىنىشقا باشلىغان، بەنكسنىڭ بىر نەۋرە سىڭلىسىمۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا: «بەنكس 48 سائەت ئىچىدە مەن ياكى ئاپىسى بىلەن ئالاقىلەشمىدى!» دېگەن.
11-ئاينىڭ 7-كۈنىگە كەلگەندە، ئاپىسى بىلەن نەۋرە سىڭلىسى بەنكس بىلەن قايتا ئالاقىلاشقان بولسىمۇ، يەنىلا ھېچقانداق شەپە بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن لوس ئانژېلېس ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلاردىن بەنكسنىڭ تۇرالغۇسىغا بېرىپ پاراۋانلىق تەكشۈرۈشى (welfare check)نى تەلەپ قىلغان.
پاراۋانلىق تەكشۈرۈشى دېگىنىمىز، بىراۋ ياشانغان ياكى ياردەمگە موھتاج بولغان ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشالمىغاندا، يەنە كېلىپ ئۆزى بېرىپ تەكشۈرۈشكە ئامالسىز قالغاندا، ساقچىلاردىن ياردەم سوراپ، ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
نەتىجىدە لوس ئانژېلېس ساقچىلىرىنىڭ ئىككى قېتىملىق پاراۋانلىق تەكشۈرۈشىدە بەنكسنىڭ ئۆيىدە يوقلىقى مەلۇم بولغان. شۇنىڭ بىلەن بەنكسنىڭ ئاپىسى بىلەن نەۋرە سىڭلىسى جىددىيلىشىپ، ئىككىسى ئۇدۇل لوس ئانژېلېسقا بېرىپ، ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ يوقاپ كېتىش دېلوسىنى مەلۇم قىلغان.
ئارقىدىن بەنكسنىڭ تۇرالغۇسىغا بېرىپ بەنكسنىڭ ئېرىنى تاپقان، لېكىن بەنكسنىڭ ئېرى مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «بەنكس ياخشى ياشاۋاتىدۇ، ھەم ناھايىتى بىخەتەر، ئىككىڭلار ئەمدى ئارتۇقچە غەم يېمەڭلار.»
بىراق، بەنكسنىڭ ئاپىسى ۋە نەۋرە سىڭلىسى ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنمەي، بىۋاستە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىغا ئادەم ئىزدەش ئېلانى چىقىرىپلا قالماي، يەنە بەنكس تۇرۇشلۇق كوچىنىڭ ھەممە يېرىگە تەشۋىقات ۋارىقى چاپلىغان.
ئاپىسى ۋە نەۋرە سىڭلىسىنىڭ بەنكسنىڭ ئېرىگە ئىشەنمەسلىكى ئەقىلگە مۇۋاپىق. ئىككىيلەن ئىلگىرى تۇرالغۇغا كېلىپ تەكشۈرگەندە، بەنكسنىڭ نەرسىلىرىنىڭ ئاساسەن ئۆيدە قالغانلىقىنى، ئىتقىمۇ ھېچكىمنىڭ قارىمىغىنىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېرىنىڭ «ئانچە ماسلىشىپ كەتمەيدىغانلىقى»نى بايقىغان.
شۇنىڭ بىلەن ئاپىسى بىلەن نەۋرە سىڭلىسى «ئەھۋال بىنورمال»، بەنكسنىڭ يولدىشىنىڭ بەلكىم باشقىلار بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىكى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.
ئەلۋەتتە، ئۇلار گۇمانلانسىمۇ پايدىسى يوق، ساقچىلار ئادەم تېپىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك.
يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن، لوس ئانژېلېس ساقچىلىرى تېكساس ئىشتاتى ساقچىلىرىنىڭ خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، ئۇلار بەنكسنى تاپقان، بۇ چولپاننىڭ ھەممە ئىشلىرى ياخشى، ھېچقانداق ئالاھىدە ئىش يوق بولۇپ، ئاپىسى بىلەن نەۋرە سىڭلىسى خاتىرجەم بولسا بولىدىكەن.
ئەمما لوس ئانژېلېس ساقچىلىرى ئىنكاس قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئالدىدا، ئاپىسى بىلەن نەۋرە سىڭلىسى زادىلا ئىشەنمىگەن، يەنە تېخى ساقچىلار تاپقان بەنكسنى ساختا، ھەرگىزمۇ ھەقىقىي بەنكس ئەمەس دەپ تۇرۇۋالغان.
بەنكسنىڭ ئاپىسى ۋە نەۋرە سىڭلىسىنىڭ ئاشكارا گۇمانىغا قارىتا، لوس ئانژېلېس ساقچىلىرى بۇنىڭغا كۆنەلمەي، «بەنكسنىڭ يوقاپ كېتىش دېلوسى»نى بىۋاسىتىلا ئاياغلاشتۇرغان.
ئەلۋەتتە، ئاپىسى بىلەن نەۋرە سىڭلىسى بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تورداشلارغا داۋاملىق مۇراجىئەت قىلغان: «ياردەم قىلىپ ھەقىقىي بەنكسنى تېپىپ بېرىڭلار!»
ساقچى تەرەپ بىلەن ئېرى ئۇنىڭ ساق-سالامەت تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن ئاپىسى بىلەن نەۋرە سىڭلىسى ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالدى، تېپىلغىنى ئۆزى ئەمەس، دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان.
ئىش چوڭىيىپ، مەملىكەت بويىچە زىلزىلە پەيدا بولغاندىن كېيىن بەنكس ئاخىرى پەيدا بولغان، ئۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ پىروگراممىنى سىنغا ئېلىپ، بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەن. ئەسلىدە، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاپىسىنىڭ جاھىللارچە جىسمانىي جەھەتتىن كونترول قىلىشىغا ئۇچرىغاچقا، ئۇ بىر قېتىم ھەقىقىي قېچىپ كېتىشنى قارار قىلغان.
ئۇ ئۆزىنىڭ يوقاپ كەتمىگەنلىكىنى، لوس ئانژېلېستىن ھەقىقىي ئايرىلىشىنىڭ بىر ھەپتە بۇرۇنقى ئىش ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئىلگىرى ئاپىسى بىلەن ئالاقىلاشمىغانلىقىنى، ئاپىسى ۋە نەۋرە سىڭلىسىنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىشى بىلەن «يوقاپ كەتكەن»لىكىنى ئېيتقان:
«مەن بىر قۇرامىغا يەتكەن ئادەم، ھەر كۈنى ئاپامغا تېلېفون قىلىپ ئىز-دېرىكىمنى مەلۇم قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ قېتىم ئالاقىلەشمەي تۇيۇقسىز ئايرىلىپ كېتىشتىكى مەقسەت ئاپامنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن. ئىلگىرى مەن ھەر قېتىم سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كەلمەكچى بولغاندا، ئۇ بىرىنچى بولۇپ ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا پەيدا بولاتتى. يا بولمىسا ساقچىغا بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ تەكشۈرۈپ بېقىشنى ھاۋالە قىلاتتى. لوس ئانژېلېس ساقچىلىرى مېنىڭ ئىزىمغا چۈشتى، تېكساس ساقچىلىرى مېنى تەكشۈردى، بىر مىنۇتمۇ توختىماستىن كۆزىتىش ئاپپاراتى ئارقىلىق مېنىڭ ئورنۇمنى بېكىتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېتەرلىك، مېنى يالغۇز قويساڭ بولمامدۇ!؟»
بۇ گەپنى قىلىۋاتقان بەنكس 36 ياشلىق ئايال ئىدى.
بەلكىم، نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، خىزمەتكە قاتنىشىش ۋە يالغۇز ياشاش ئاتا-ئانىسىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. لېكىن بەنكس ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ ئاپىسىنىڭ كونتروللۇقىدىن ئاسان قۇتۇلالمايدىغاندەك قىلىدۇ.
كىنولار