سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
20 يىل ئىلگىرى ياپونىيە ساسېبو باشلانغۇچ مەكتىپىدە پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان مەكتەپ قاتىللىق دېلوسى يۈز بەرگەن. 20 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر بۇ قاتىللىق دېلوسى قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلگەن.
بۇ قىزچاقنىڭ ئادەتتە ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى، تىنچ ھەم ئادەتتىكىچە بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6-يىللىقىغىچە ھېچقانداق نورمالسىزلىقنى بايقىمىغان، ئەمما شۇ چاغدا يۇقىرى يىللىقتىكى باشقا بىر قىزنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن تاكى ئۇنىڭدا ھېچقانداق ھاياتلىق ئالامىتى قالمىغۇچە ساقلىغان. ئاندىن سىنىپتىن چىقىپ، باشقىلاردىن ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇ دېلو سادىر قىلغاندا ئاران 11 ياشتا ئىدى.
تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، بۇ ئىش خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ تاشقى قىياپىتى «ئوماق» بولغاچقا، بىر قىسىم تورداشلار ئۇنى «تارىختىكى ئەڭ ئوماق قاتىل» دەپ ئاتىغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆزى بىر نەچچە يىلدىن كېيىن مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرگەن بولۇپ، بىر كۈنمۇ تۈرمىدە يېتىپ باقمىغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدىنمۇ كەچۈرۈم سوراپ باقمىغان.
بۇ 11 ياشلىق سوغۇق قانلىق قاتىل قىزنىڭ ئىسمى ناتسۇمى سۇجى (Natsumi Tsuji).
ئۇ بەش جانلىق ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، مومىسى، ئاتا-ئانىسى ۋە ئاچىسى بىلەن بىللە جىمجىت كىچىك كەنتتە ياشايدىغان بولۇپ، دادىسى سەكتە بولغاچقا كىرىمى چەكلىك ئىدى، شۇڭا ئىزچىل مومىسى ھالىدىن خەۋەر ئالغان.
گەرچە ئائىلە ئەھۋالى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆيىگە ئىككى دانە كومپيۇتېر سەپلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى مەخسۇس ناتسۇمى سۇجى ئىشلىتەتتى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ بىر قەدەر ھەشەمەتلىك ئىش ئىدى.
باشقىلارنىڭ نەزىرىدە، دېلو يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى ناتسۇمى سۇجىنى باشقىلار ياخشى بالا ئىدى. ئۇ ئەزەلدىن مەكتەپكە كېچىكمەيتتى ياكى بالدۇر قايمايتتى، يەنە تېخى ئاكتىپلىق بىلەن دەرس تەكرارلايتتى، ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى، تاپشۇرۇقنى تەرتىپلىك ئورۇندايتتى، قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرەتتى، يەنە دائىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇئەللىمدىن ياردەم كېرەك ياكى ئەمەسلىكىنى سورايتتى.
لېكىن، بەزى ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ «خاتالىق ئۆتكۈزگۈچى»گە ئىنتايىن سەزگۈر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئەگەر بىرەرسى ئۇنى ئەخمەق قىلسا، ئۇ چوقۇم قارشى تەرەپنى قوغلاپ يىقىتىۋېتەتتى.
5-يىللىققا چىققاندىن كېيىن، بۇ خىل قىلمىش بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، كىچىككىنە سۈركىلىش چوڭ توقۇنۇشىغا ئايلانغان، ئەتراپتىكى بىر قىسىم ساۋاقداشلارمۇ ئۇنىڭدىن بارا-بارا يىراقلاشقان.
بىراق، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مىتاراي ساتومى (Mitarai Satomi) يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن ياخشى دوست ئىدى.
مىتاراي ساتومىنىڭ ئاپىسى قازا قىلغاندىن كېيىن، دادىسى ئۇنى ئىنىسى بىلەن بىللە ساسېبوغا ئېلىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى قىز رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ناھايىتى تېزلا ئايرىلماس يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغان.
شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ دادىسى ئىككى قىزنىڭ ھەممە پائالىيەتلىرىنى دېگۈدەك بىللە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسلەپ: «ئۇلار ئەسەرلەرنى پېرسوناژلارغا بۆلۈپ ئوقۇيتتى، بىللە كارتون رەسىم كۆرەتتى، ئۆزئارا ئۆيگە بېرىپ ئوينايتتى، ھەر قايسى جايلارغا ئىجتىمائىي تەشكىلات پائالىيىتىگە بىللە قاتنىشاتتى، يەنە كۈندىلىك خاتىرىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولاتتى» دېگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ناتسۇمى سۇجى كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئىنتايىن پىششىق بولۇپ، مىتاراي ساتومى ئۇنى «ئۇستاز» دەپ قارىغان، ئىككىيلەن يەنە Cafesta ناملىق ئېلېكتىرونلۇق ئېلان تاختىسى سۇپىسىنى ئورتاق يۈرگۈزگەن.
ئۇلارنىڭ بۇ تور بەتكە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزىنىڭ ھەر خىل ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان، ناتسۇمى سۇجى ئىلگىرى Cafestaدا ئۆزى يازغان ئەسەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشىپ، ئاخىرىدا پەقەت «زۇلمەت قىزى»نىڭ ھايات قالغانلىقىلا ھېكايە سۆزلىنەتتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پېرسوناژ «مىتاراي ساتومى» دەپ ئاتىلاتتى.
2004-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، مۇناسىۋىتى يېقىن ئىككى ئادەمنىڭ دوستلۇقى بۇزۇلۇپ قالغان. ئىككىيلەن ئويناۋاتقاندا، مىتاراي ساتومى ئۆزىگە يۆلىنىپ ئولتۇرغان ناتسۇمى سۇجىغا قاراپ: «سىز نېمانداق ئېغىر» دېگەن.
ئەسلىدە بىر يېنىك چاقچاق ئىدى، ئەمما بۇ گەپ ناتسۇمى سۇجىنىڭ سەزگۈر نۇقتىسىغا تېگىپ كەتكەن. ئۇ دەرھال ئاچچىقلانغان ھالدا: «قانداق گەپ بۇ؟» دېگەن.
شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن توختىماي تالاش-تارتىش قىلغان، مىتاراي ساتومى ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ «Cafesta» ناملىق سۇپىسىغا ناتسۇمى سۇجىنىڭ گەپ قىلغاندىكى تەلەپپۇزىنى «غىلجىڭ قىزچاق»قا ئوخشايدىغانلىقىنى يازغان.
بۇ يازما گەرچە قىسقا بولسىمۇ، لېكىن خۇددى ئۇچقۇندىن يانغىن چىققاندەك، ئىككىسىنىڭ زىددىيىتىنى بىراقلا قوزغىۋەتكەن.
ناتسۇمى سۇجى مىتاراي ساتومىنىڭ سۇپىدىكى ئۆزىگە بەرگەن باھاسىنى كۆرگەندىن كېيىن، قاتتىق غەزەپلەنگەن. ئۇ ھەرىكەت قوللىنىشنى قارار قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى كۈندىلىك خاتىرە ئالماشتۇرغاندا ھەمبەھرلىگەن ھېسابات مەخپىي نومۇرىدىن پايدىلىنىپ، مىتاراي ساتومىنىڭ ھېساباتىغا كىرىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھېلىقى ئۇچۇرنى جىمجىتلا ئۆچۈرۈۋەتكەن.
لېكىن، مىتاراي ساتومى ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ سۆزىنىڭ ئۆچۈرۋېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر يازمىنى ئېلان قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن ناتسۇمى سۇجىنىڭ تاقىتى پۈتۈنلەي توشۇپ، مىتاراي ساتومىنىڭ ھېساباتىنى فورماتلاپ، ھەممە نەرسىنى دەسلەپكى ھالەتكە قايتۇرۇۋەتكەن، ھەتتا باش سۈرىتى ۋە باش بەت تەڭشىكىمۇ قۇرۇقداپ قويغان.
مىتاراي ساتومى ھېسابات نومۇرىنىڭ يەنە بىر قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بايقاپ، دەرھال تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى يازغان:
ھەي، يەنە كەپتۇ! نېمىشقا باش سۈرەت يوقاپ كېتىدۇ، باش بەتمۇ ئەسلى ھالەتكە قايتىدۇ؟ بۇنى چوقۇم ھېلىقى بىرنېمە قىلدىغۇ دەيمەن! ھى، ھى... راستلا كاللىسى يوق ئىكەن. ھى، ھى... (゜∀゜)
-------
ناھايىتى قاملاشمىغان ئىش قىپتۇ. لېكىن كىمنىڭ قىلغانلىقىنى بىلگەندەك بولدۇم. نوچاڭ بولسا چىقىپ ئېتىراپ قىلدى.
كۆپچىلىك، بۇ نېمىگە سىلەر قانداق قارايسىلەر؟ تېزدىن قارىشىڭلارنى بىلدۈرۈڭلار.
كېلەر قېتىم يېڭىلايمىز.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككىيلەن ۋە بىر نەچچە دوستى بىلەن كۈندىلىك خاتىرە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىمۇ بەزى كىچىك زىددىيەتلەر سەۋەبىدىن كەسكىن توقۇنۇشقا باشلىغان. ناتسۇمى سۇجىنىڭ مۇنداق بىر مۇقىم ئادىتى بار بولۇپ، كۈندىلىك خاتىرىنى تۆۋەندىكى بىر كىشىگە يوللىغاندا، «next〇〇» دەپ يېزىپ، ئاندىن شۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويىدىكەن.
بىر دوستى مەقسەتسىزلا بۇ ئادەتنى دورىغاندا، ناتسۇمى سۇجى قاتتىق نارازى بولۇپ، بۇنى ئۇنىڭ شەخسىي ئۇسلۇبىنى «كۆچۈرۈش» دەپ قارىغان.
دوستى كەچۈرۈم سورىغاندا، مىتاراي ساتومى كۈندىلىك خاتىرىسىگە زاڭلىق قىلغان تەلەپپۇزدا مۇنداق دەپ يازغان: «NEXT بىر ئادەتتىكى ئىنگلىزچە سۆز، كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا سىز پەيدا قىلغان ئەمەس. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىنگلىز تىلى بىلىدىغان تۇرسا، نېمىشقا بۇ سۆزنى ئىشلەتسە بولمايدىكەن؟ بۇ ھەرگىزمۇ كۆچۈرمىچىلىك ھېسابلانمايدۇ.»
بۇ ئىشلار ناتسۇمى سۇجىنى تېخىمۇ نارازى قىلغان.
ئارقىدىن، مىتاراي ساتومى دوستىغا بىر پارچە كىچىك قەغەز بېرىپ، ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدىن چېكىنىپ چىقماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قەغەز ئەڭ ئاخىرىدا ناتسۇمى سۇجىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ۋە كۈندىلىك خاتىرىسىدىكى مەسخىرە سۆزلىرى خۇددى يىڭنىگە ئوخشاش ئۇنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغان.
2004-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈش سائەت 12دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، باشقىلار چۈشلۈك تاماق يەۋاتقاندا، ناتسۇمى سۇجى مىتاراي ساتومىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەڭگىل تەلەپپۇزدا: «يېقىندىن بۇيان ھەددىڭىزدىن بەك ئېشىپ كەتتىڭىز، بۇ ياققا كېلىڭە» دېگەن.
مىتاراي ساتومى كۆپ ئويلانمايلا ناتسۇمى سۇجىغا ئەگىشىپ سىنىپتىن چىققان.
ئىككىيلەن ئالدى-كەينى بولۇپ كارىدورنى كېسىپ ئۆتۈپ، سىنىپنىڭ شىمالىغا 50 مېتىر كېلىدىغان تەكرارلاش سىنىپىغا كەلگەن. بۇ يەرگە ئادەم ئاياغ باسمىغان بولۇپ، يېپىۋېتىلگەن دېرىزە پەردىسىدىن غۇۋا كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى.
بىرئازدىن كېيىن ناتسۇمى سۇجى مىتاراي ساتومىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، تۇيۇقسىز سول قولى بىلەن كۆزىنى توسۇۋېلىپ، سوغۇققىنە قىلىپ: «مىدىرلىماڭ» دېگەن.
كېيىنكى سېكۇنتتا مۇزدەك بىر تىغ ئۇنىڭ گۈزەل بوينىنى تىلىۋەتكەن.
مىتاراي ساتومى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ تىركىشىشكە ئۇرۇنۇپ، ئىككى قولىنى پۇلاڭلىتىپ قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولغان.
ئەمما، ناتسۇمى سۇجى توختاپ قالمىغان، ئۇ قولىدىكى قەلەمتىراشنى قايتا-قايتا سانجىغان. ئۇزاق ئۆتمەي، مىتاراي ساتومى قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىنى يوقىتىپ، پولغا يىقىلغان.
مىتاراي ساتومى يىقىلغاندىن كېيىن، ناتسۇمى سۇجى دەرھال بۇ يەردىن ئايرىلمىغان. ئۇ قارشى تەرەپنىڭ بەدىنىگە قاراپ، ئۇنى يېنىك سىلاپ، قول لۆڭگىسى بىلەن قولىدىكى قاننى سۈرتكەن، ھەتتا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ مىتاراي ساتومىنىڭ چىرايىغا قارىغان.
15 مىنۇتتىن كېيىن، مىتاراي ساتومىنىڭ ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن سىنىپتىن چىققان. سائەت 12دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، سىنىپ مەسئۇلى ناتسۇمى سۇجىنىڭ پۈتۈن بەدىنى قان بولۇپ كەتكەن ھالدا ئىشىك ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، قولىدا قان بىلەن بويالغان قەلەمتىراش ۋە ھۆل بولۇپ كەتكەن قول لۆڭگىنى تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى، چىرايىدىن ھېچقانداق ئىپادە چىقمىغانلىقىنى كۆرگەن.
سىنىپ مەسئۇلى ئۇنى زەخىملەندى دەپ ئويلاپ، دەرھال ئالدىغا بېرىپ تەكشۈرگەن. ئەمما، ناتسۇمى سۇجى بېشىنى چايقاپ، پەس ئاۋازدا: «بۇ مېنىڭ قېنىم ئەمەس... دەپ پىچىرلىغان. ئاخىرىدا، ئۇ تەكرارلاش سىنىپى تەرەپنى كۆرسەتكەن.
ساقچىلار يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ناتسۇمى سۇجى ئۆزىنى قاچۇرمىغان. ئۇ ساقچىلارغا ئۇدۇللا: «ئۇنى مەن قەلەمتىراش بىلەن ئۆلتۈردۈم» دېگەن.
ئۇ ئۆزىنىڭ پىلانىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ شەنبە كۈنى تەييارلىق قىلىپ بولغانلىقىنى، ئەسلىدە دۈشەنبە كۈنى قول سېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى، لېكىن بايقىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئەڭ ئاخىرىدا سەيشەنبە كۈنى قول سېلىشنى تاللىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەسلىدە مىتاراي ساتومىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈشنى ياكى بىگىز سانجىشنى ئويلاشقانلىقىنى، لېكىن ئالدىنقى كۈنى كەچتە بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدىن قەلەمتىراش بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىكىنى كۆرگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇ «تېخىمۇ ئىشەنچلىك» بولغان بۇ ئۇسۇلنى تاللىغانلىقىنى ئېيتقان.
«مەن سول قولۇم بىلەن ئۇنىڭ كۆزىنى توسۇپ، تاكى قارشى تەرەپ مىدىرلىمىغۇچە ئارقىدىن قول سالدىم.»
بۇ دېلو ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ياپونىيە جەمئىيىتىنى زور زىلزىلىگە سالغان.
كىشىلەرنىڭ ناتسۇمى سۇجىنىڭ سوغۇق قانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمىگەن. شۇنى بىلىش كېرەككى، مىتاراي ساتومىنىڭ بوينىدىكى يارا ئېغىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 سانتىمېتىرغا، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 سانتىمېتىرغا يەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە نورمال قۇرامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ بوينىنىڭ دىيامېتىرىمۇ 13 سانتىمېتىردىن 15 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ.
لېكىن، ياپونىيە قانۇنىدا 14 ياشتىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ بەلگىلەنگەن. ساقچىلار ناتسۇمى سۇجىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇ يەنىلا جىنايى ئىشلار سوتىنى قوبۇل قىلمىغان.
2004-يىلى 9-ئايدا، ئۈچ ئايلىق روھىي دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ ئاسپېرگېر يىغىندى كېسىلى (تەنھالىق كېسىلىگە ئوخشاش بىر خىل ئىجتىمائىي ئالاقە توسالغۇسى)گە گىرىپتار بولغانلىقىنى بېكىتكەن، كېيىن ئۇنىڭغا توچىگى ناھىيەلىك دۆلەتلىك باشقۇرۇش مەكتىپىگە يۆتكەپ كېلىنىپ، ئىككى يىللىق تۈزىتىش ۋە ئەركىنلىك چەكلىمىسىنى قوبۇل قىلغان.
كېيىنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ناتسۇمى سۇجى بۇ مەكتەپتە ناھايىتى «گەپ ئاڭلايدىغان» بولۇپ كەتكەن. ئۇ ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرمايلا قالماي، يەنە نەمۇنىلىك ئوقۇغۇچى دەپ تەرىپلەنگەن. ئاتا-ئانىسى يوقلىغاندا ناھايىتى تىنچ بولۇپ، ئايرىلىدىغان چاغدىمۇ ئۇ ئۆينى ئويلىماي، داۋاملىق تىرىشقان.
2005-يىلى ئۇ ھەتتا «ساسېبو باشلانغۇچ مەكتىپى» ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن رەسمىي ئوقۇش پۈتتۈرگەن.
2006-يىلى سوت مەھكىمىسى ئۇنى تەربىيە بېرىپ تەسىرلەندۈرۈشنى تاماملىمىدى، دەپ قارىغان، 2008-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئۇنى ئەركىنلىككە چىقارغان.
لېكىن، ئۇزاق مۇددەتلىك «نەزەربەند» جەريانىدا، ئۇ باشتىن-ئاخىر مىتاراي ساتومىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن كەچۈرۈم سورىمىغان. ناتسۇمى سۇجى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئامما ئالدىدا بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى «يىراقنى كۆرەلمەسلىك جىنايىتى» ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن كەچۈرۈم سورىماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مىتاراي ساتومىنىڭ دادىسى دېلو يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، «كۈندىلىك خەۋەرلەر»دە ئاشكارا ھالدا: «ئەگەر كەچۈرۈم سورىماقچى بولسىڭىز ھەر ۋاقىت قارشى ئالىمەن» دېگەن.
لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ناتسۇمى سۇجى ئەزەلدىن ئۆزى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدىن كەچۈرۈم سورىمىغان.
ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگىنى شۇكى، بۇ ئىش توردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، زور ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغان.
ۋەقە يۈز بەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە سالاھىيىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدالغاچقا، ناتسۇمى سۇجى دەسلەپتە « قىزچاق A» دەپ ئاتالغان. لېكىن، جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارى ۋە تورنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، تاراتقۇلار ۋە تورداشلار ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى ۋە چىرايىنى بىلگەن.
ناتسۇمى سۇجىنىڭ چىرايلىق قىياپىتى ئويلىمىغان يەردىن توردا ئۇنى غەلىتە قىلىپ داڭق چىقارغان.
ئۇنىڭغا بەزى تورداشلار «تارىختىكى ئەڭ ئوماق قاتىل» دەپ نام بەرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇنجى سۈرەتتە ئۇ «NEVADA» دېگەن خەت بېسىلغان تەنھەرىكەت كىيىمى كىيىۋالغان بولغاچقا، تورداشلار ئۇنى «قاتىلچاق نېۋادا» دەپ ئاتىغان.
(سىنىپنىڭ ئوپچە سۈرىتى)
ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ نامسىز مۇنبەر سۇپىسى بۇ ئىشنى كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەر داۋاملىق قىزىپ كەتكەن، ھەتتا مەخسۇس مۇزاكىرە بۆلىكىمۇ پەيدا بولغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى كارتون سۇپىلىرىدا يەنە «قاتىلچاق نېۋادا» باش تېما قىلىنغان ئىككىنچى قېتىملىق ئىجادىيەت پەيدا بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە رەسىم، مۇزىكا ۋە سىن قاتارلىقلار بار، يەنە بەزىلەر ئوخشاش تەنھەرىكەت كىيىمىنى كىيىپ پائالىيەت قىلغان...
دېلونىڭ ئۆزىدىكى رەھىمسىزلىك بىلەن ئامما پىكرىنىڭ بولمىغۇر ھالىتى روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان.
كىشىلەر ئەسلىدە بىر مەيدان جىنايەتسىز ھاياتلىقنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئائىلىنىڭ ئازابىنى ئېسىدە ساقلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن كىشىلەر ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ ئوبرازىنى بىر خىل «مەدەنىيەت بەلگىسى»گە ئايلاندۇرۇپ، كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان دەرىجىدە بۇرمىلىغان.
تېخىمۇ چاتاق بولغىنى شۇكى، 2019-يىلى ساسېبو ياچېيكىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى خاتا ھالدا دېلو خاتىرىسىنى كۆيدۈرگەن.
ياپونىيەنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن، سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو خاتىرىسى بەلگىلىك ساقلاش مۇددىتى بويىچە تۈرگە ئايرىپ باشقۇرىدىكەن.
بەزى ئادەتتىكى دېلولار مەلۇم مۇددەت ساقلانغاندىن كېيىن ئۈزۈل-كېسىل كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ، بارلىق ھۆججەتلەر بىتچىت قىلىنىدۇ، كېيىن بەزىلەر دېلونىڭ تەپسىلىي خاتىرىسىنى كۆرمەكچى بولغان بولسىمۇ، يەنىلا تاپقىلى بولمايدۇ.
بۇ دېلو يۈز بەرگىنىگە 20 يىل بولغان بولسىمۇ، يەنىلا ياپونىيە خەلقىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن. قانۇن قاتلىمىدا، 14 ياشتىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، ناتسۇمى سۇجى «قىزچاق A» دېگەن بەلگىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ، ئىككى قېتىم ئىسىم ئۆزگەرتكەندىن كېيىن توي قىلىپ بالىلىق بولۇپ، نورمال ئادەم تۇرمۇشىنى باشلاپ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىن ئىز-دېرەكسىز يوقالغان.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مىتاراي ساتومىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بولسا يەنىلا ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۈرەت ۋە سىزغان رەسىملىرىنى ئۆيىدە ساقلاپ، كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلالمىغان...