سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
يىلان قىز 6-بۆلۈم كەلدى
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
يېقىندا، ياپونىيە تاماشا ساھەسىدە يۈز بەرگەن بىر چوڭ ئىش ياپونىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى مەستانىلىرىنى ھەيران قالدۇرغان.كورېيە پۇشتىدىن بولغان ئايال چولپان كاڭ جىيوڭ (كورېيەنىڭ داڭلىق گۇرۇپپىسى KARAنىڭ ئەزاسى) يېقىندا ياپونىيە تاماشا ساھەسىگە قايتىپ كەلگەن، يەنە تېخى ياپونىيەدىكى كونا خوجايىنى سىۋىت پوۋېر ئىش بېجىرىش ئورنى بىلەن توختام ئىمزالىغان.غەلىتە يېرى شۇكى، ياپونىيە تاراتقۇلىرى بەش يىل ئىلگىرى جىيوڭنىڭ شىركەتنىڭ ئايال باش دىرېكتورىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەچكە، كورېيەگە قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.توغرا، ياپونىيە سىۋىت پوۋېر شىركىتىنىڭ ئايال باش دىرېكتورىنىڭ قول ئاستىدىكى ئايال سەنئەتكارلارنى بوزەك قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.شىركەتتىكى ئايال ۋاكالەتچىلەر ھەتتا ئەر ئارتىسلارنىڭ ئىچ كىيىملىرىنى قولى بىلەن يۇيۇپ، 24 سائەت نازارەت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۇلارنى ئۆز يېنىغا «سولاپ» قويغان.جىيوڭنىڭ قايتىپ كېلىشى بىلەن، بەش يىل جىمىپ كەتكەن بۇ خەۋەر قايتا پەيدا بولغان.بىز ئاۋۋال سىۋىت پوۋېر ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ياپونىيە تاماشا ساھەسىدىكى ئورنى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.1996-يىلى قۇرۇلغان «سىۋىت پوۋېر ئىش بېجىرىش ئورنى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «سىۋىت» دېيىلىدۇ)دا، دەسلەپكى مەزگىلدە توختاملاشقان سەنئەتكارلار ئاساسلىقى ئاياللار ئىدى.سىۋىت كۈندىلىك تاماشا چەمبىرىكىدىكى كىچىك ئىش بېجىرىش ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گەرچە شىركەتنىڭ كۆلىمى كىچىك، خىزمەت ئىستاژى ئۇزۇن بولمىسىمۇ، ئەمما قارمىقىدىكى ئايال سەنئەتكارلارنىڭ گۈزەللىكى ساھەدە ئېتىراپ قىلىنىدۇ.مەسىلەن، سىۋىتنىڭ بايرىقى ئاستىدىكى خورىكىتا ماكى، مېيسا كۇروكى، كىرىتانى مىرېي قاتارلىقلار مەيدانغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ياپونىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى چەمبىرىكىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلانغان، شۇڭا سىۋىتنى مەستانىلەر «كىچىك خانىش ئوردىسى» دەپ ئاتىغان.ۋەقەگە چېتىشلىق كاڭ جىيوڭ كورېيە قىزلار گۇرۇپپىسى KARAنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 2014-يىلى گۇرۇپپىدىن چېكىنگەندىن كېيىن ياپونىيە soloدا نام چىقارغان، ئۇنىڭ ئەينى چاغدا ياپونىيەدە ئىمزالىغان شىركىتى دەل سىۋىت ئىدى.سىۋىت كاڭ جىيوڭ بىلەن توختام ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نۇرغۇن بايلىق ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت بەرگەن. باش دىرېكتور ئۇنىڭغا «جىيوڭ» دېگەن سەھنە نامىنى قويۇپلا قالماي، يەنە شىركەت قارمىقىدىكى ژۇرناللاردا مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ، جىيوڭنى ئاساس قىلىپ بىر ھەجۋىي رەسىم سىزىپ، بىر ئەسەر نەشر قىلدۇرغان.جىيوڭنىڭ ياپونىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا كۆپرەك پەيدا بولۇشى ئۈچۈن، باش دىرېكتور يەنە قول ئاستىدىكى بارلىق ئايال سەنئەتكارلاردىن تىياتىرنى قوبۇل قىلغاندا جىيوڭنى باغلاپ قويۇشنى، ئۇنىڭغا تىياتىردىكى رولنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشنى ھەمدە تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ باش ناخشىسىنىمۇ چوقۇم جىيوڭنىڭ ئېيتىشىنى تەلەپ قىلغان.باش دىرېكتورنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، جىيوڭ ياپونىيە تاماشا ساھەسىدە تېزلا نام چىقىرىپ، ياپونىيەدىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان چەتئەللىك ئايال سەنئەتكارلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.ئەمما 2019-يىلى ياپونىيە تاراتقۇلىرى جىيوڭنىڭ شىركەتكە ئۇقتۇرۇش قىلمىغان ئەھۋالدا، تۇيۇقسىز ئوغرىلىقچە كورېيەگە قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. سەۋەبى، ئايال باشلىق ئوكادا نائومى جىيوڭنى بەك ئەتىۋارلاپ كەتكەچكە، قارشى تەرەپ بەرداشلىق بېرەلمەي، ئالدىراپ-تېنەپ ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەن...ياپونىيە تاراتقۇلىرى ھەقىقىي ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، يەنە ئالايىتەن مۇخبىرلارنى سىۋىتقا بېرىپ ئىشپىيون بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان، نەتىجىدە بۇنىڭ ئارقىسىدىكى تېخىمۇ چوڭ ئىشنى قېزىپ چىققان.2019-يىلى «باشلىقنىڭ ئەتىۋارلىشى» ۋەقەسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ياپونىيە تاراتقۇلىرى سىۋىت پوۋېر ئىش بېجىرىش ئورنىغا بېرىپ يۈز تۇرانە سوئال سورىغان. نەتىجىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ، باشلىق ئوكادا نائومى بۇ قاراشنى ئىنكار قىلغان ھەمدە جىيوڭنىڭ قايتىپ كېلىپ داۋاملىق خىزمەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە بىر قەدەر ئوبىكتىپ خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇخبىرنى سىۋىتنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىگە داۋاملىق ئەگىشىشكە ئورۇنلاشتۇرغان.ئەجىر بىكارغا كەتمىگەن، 2021-يىلى ياپونىيە تاراتقۇلىرى جىيوڭ بىلەن سىۋىتنىڭ توختامنى بىكار قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، سىۋىتنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلىغان ھەمدە بۇ ئورۇننىڭ بايرىقى ئاستىدىكى ئايال سەنئەتكارلارغا پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىنى ۋە زومىگەرلىك قىلغانلىقىنى قېزىپ چىققان.ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوكادا نائومى سىۋىتنىڭ باشلىقى قوشۇمچە چولپان قازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1996-يىلى ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيە مىقياسىدا ئۆز قولى بىلەن گۈزەل قىز مايسا ئىزدىگەن.مەسىلەن، ياپونىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى مەستانىلىرى «تۆت چوڭ سەھنە تۈۋرۈكى»نىڭ بىرى دەپ ئاتىغان دەپ ئاتالغان خورىكىتا ماساكى (Horikita Maki) مەيدانغا چىقىشتىن بۇرۇن يۇرتىدا يىراق-يېقىنغا داڭقى چىققان گۈزەل قىز ئىدى. ئوكادا نائومۇ كوچىدا خورىكىتا ماكىنى تاسادىپىي كۆرۈپ قالغاندىن كېيىن، كۆپ قېتىم قارشى تەرەپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ خىزمەت ئىشلىگەن، ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا خورىكىتا ماكى بىلەن توختام ئىمزالىغان.(خورىكىتا ماكىنىڭ كىچىك ۋاقتى)دەل كېلىپ قالغىنى شۇكى، كىرىتانى مىرېي مەيدانغا چىقىشتىن بۇرۇن «چىبا ناھىيەسىدىكى بىرىنچى گۈزەل قىز» بولۇپ باھالانغان. ئوكادا نائومى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئالايىتەن چىبا ناھىيەسىگە كېلىپ، كىرىتانى مىرېينىڭ ئاتا-ئانىسىنى يوقلىغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپنىڭ قىزى بىلەن توختام ئىمزالاشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.(كىرىتانى مىرېينىڭ كىچىك ۋاقتى)ئوكادا نائومىنىڭ «كۆزى ئۆتكۈر» بولغاچقا، نۇرغۇن گۈزەل قىزلارنى ئۆزىنىڭ شىركىتىگە جەلپ قىلىپ، نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئۇلارنىڭ تاماشا ساھەسىگە يول ئېچىپ بەرگەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوكادا نائومى ئۇلار ئۈچۈن ئاياللار ئارىسىدىكى يېقىنچىلىق تېمىسىدىكى سۈرەتلەرنى تارتىشنى پىلانلىغانلىقى ئۈچۈن، سىرتقى دۇنيانىڭ گۇمانىغا ئۇچرىغان.(خورىكىتا ماكى ۋە مېيسا كۇروكىنىڭ سۈرىتى)كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، سىۋىتنىڭ قول ئاستىدىكى بۇ ئايال ئارتىسلار تۇنجى قېتىم نام چىقارغاندىن تارتىپ، 20 نەچچە يېشىدىلا، ئارقا-ئارقىدىن بالىلىق بولۇش ياكى توي قىلىشنى باھانە قىلىپ، چەمبىرەكتىن چېكىنىشنى ۋە قىسمەن يوشۇرۇن چېكىنىشنى تاللىغان.شۇڭا، سىۋىت بايرىقى ئاستىدىكى ئايال سەنئەتكارلارنى سىرتقى دۇنيا كەسىپچانلىقى يوق، بايلىقنى يەپ بولۇپلا قېچىپ كېتىدۇ دېگەن. ئەمما كىم ئويلىغان دەيسىز، چەمبىرەكتىن چېكىنىشتىكى بۇ سەۋەبلەر بەلكىم ئايال سەنئەتكارلار ئامالسىز قالغاندا تاللىغان ئۆزىنى قوغداش ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىن.ئەسلىدە، ئوكادا نائومى توكيونىڭ مەركىزىي سودا رايونىغا 500 مىليون ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 23 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) قىممىتىدىكى ئۈچ قەۋەتلىك ھەشەمەتلىك ئۆي سالغان.ھەشەمەتلىك ئۆينىڭ بىرىنچى قەۋىتى شىركەتنىڭ ۋاكالەتچىسىگە، ئىككىنچى قەۋىتى بالا باققۇچىغا، ئۈچىنچى قەۋىتى ئۇ ۋە شىركەتنىڭ ئايال سەنئەتكارلىرىغا تەقسىم قىلىنغان.ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىۋىت بىلەن توختاملاشقان ئايال سەنئەتكارلارنىڭ كۆپىنچىسى قۇرامىغا يەتمىگەن. ئۇلار ئۆزى يالغۇز يۇرتىدىن توكيوغا كەلگەندىن كېيىن، ئوكادا نائومىنىڭ 3-قەۋەتتىكى ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.ئوكادا نائومى يىل بويى ئۇلار بىلەن بىر قەۋەتتە، ھەتتا بىر كارىۋاتتا ياتقان ۋە بىللە تاماق يېگەن، بىللە تۇرغان، سىرتقا چىققاندىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە چىقىپ، پات-پات ئۇلارنى پاراكەندە قىلىپ تۇرغان.قۇرامىغا يەتمىگەن بىر قىز سەنئەتكار بۇ خىل بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئاغرىپ يېتىپ قالغان. سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يۇقىرى سوممىلىق توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى تۆلەپ بولسىمۇ، توختامنى تېزدىن بىكار قىلىشنى خالىغان. تاراتقۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بۇنداق ئەھۋال جىيوڭ ۋە باشقا ئايال سەنئەتكارلاردىمۇ يۈز بەرگەن.بۇ سىۋىتنىڭ بايرىقى ئاستىدىكى زور بىر تۈركۈم ئايال ئارتىسلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ياشلىقىنى بىكاردىن-بىكار ئىسراپ قىلىشنى خالايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيە تاراتقۇلىرى يەنە ئوكادا نائومىنىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرنى بوزەك قىلىدىغان رەزىل ئەپت-بەشىرىسىنى قېزىپ چىققان.ياپونىيە تاراتقۇلىرى ئوكادا نائومىنىڭ شىركەتتىكى خىزمەتچىلەرگە ئاستىرتىن مۇئامىلە قىلىش پوزىتسىيەسىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى، ئادەتتە ئازراقلا كۆڭۈلسىزلىك بولسىلا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۇلارنى «كالۋا»، «توخۇ پوقى» دەپ تىللايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ شىركەت توپىدىكى پاراڭ خاتىرىسىمۇ «ئۆل»، «يوقال» دېگەندەك يامان گەپلەر بىلەن تولغان.تېخىمۇ ئېشىپ كەتكىنى شۇكى، سىۋىت ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى ئازراق ھوقۇقى بار باشقۇرغۇچىلار خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ قول ئاستىدىكى سەنئەتكارلارغا قول سالغان. ئايال ئارتىسلار توي قىلىشىنى باھانە قىلىپ، ئايال باشلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالىسىمۇ، لېكىن ئەر ئارتىسلارنىڭ ئايال باشلىقنىڭ نامى بىلەن پاراكەندىچىلىك سېلىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان،ئەسلىدە سىۋىت ئىش بىجىرىش ئورنى يېقىنقى ئون نەچچە يىلدا بىر قانچە ئەر سەنئەتكار بىلەن توختاملاشقان.(كىرىتانى مىرېي ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى تاكاسۇگى ماخىرو)باشلىق ئوكادا نائومىنىڭ يېپىشقاقلىقىغا ئوخشاش، سىۋىتنىڭ قول ئاستىدىكى ئايال ئارتىسلار كوچىدا چىرايلىق يىگىتلەرنى كۆرسىلا، قارشى تەرەپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە قايتا-قايتا نەسىھەت قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەت ئىمزا قويۇشقا ماقۇللىغان.مەسىلەن، گەنلى سىۋىت ئاستىدىكى تۇنجى ئەر سەنئەتكار تاكاسۇگى ماخىرو باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا، چولپان قازغۇچىلار ئۇنى خاتا ھالدا قىز بالا دەپ قېلىپ، توختام تۈزگەن.2020-يىلى تاكاسۇگى ماخىرو بىلەن سىۋىتنىڭ توختامى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىركەتنىڭ كېيىنكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى توختامىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ئاشكارىلانغان.كېيىن ياپونىيە تاراتقۇلىرى ئۇنىڭ توختامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنىڭ بۇ ئايال باشلىقنىڭ «يېپىشقاقلىقى» سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئايال باشلىق تاكاسۇگى ماخىرو 17 ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۇنىڭ بارلىق تۇرمۇشى ۋە ئارتىسلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. ئۇ تاكاسۇگى ماخىرونىڭ باشقا ئاياللار بىلەن سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىدا پاراڭلىشىشىغا يول قويمىغان.تاكاسۇگى ماخىرونىڭ ھېسسىياتلىق تىياتىردا رول ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ يەنە نەق مەيداندىكى كۆرۈنۈشنى ئۆزگەرتىشنى ۋاقىتلىق تەلەپ قىلغان، نەتىجىدە ھېچقانداق رېژىسسور تاكاسۇگى ماخىرونى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالماس بولۇپ قالغان، بۇمۇ ئۇنىڭ ئىستىقبالىنى كېچىكتۈرگەن.يەنە كېلىپ ئايال باشلىق تاكاسۇگى ماخىرونىڭ ھەر ۋاقىتلىق ھەرىكىتىنى مەلۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان، ھەتتا ئىچ كىيىملىرىنى ئۆز قولى بىلەن يۇيۇپ بەرگەن. ئەمما سىۋىت دەسلەپتە بۇ خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلغان.ئارقىدىنلا توردا تاكاسۇگى ماخىرونىڭ رول ئېلىش ماھارىتىنىڭ ناچارلىقى، ئەمما مىجەزىنىڭ ئوساللىقى، شۇنداقلا ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغانلىقى، ئىستىقبالىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى توغرىسىدا نۇرغۇن ماقالە ۋە ئوبزورلار تارقالغان. تورداشلار بۇ بەلكىم سىۋىتنىڭ سەنئەتكارنىڭ توختامنى بىكار قىلغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قەستەن يازغان قارا چاپلاش يازمىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشقان.بۇ مەينەت ۋاسىتىلەر يەنە نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە بەزى سەنئەتكارلارنىڭ سىۋىتتا قېلىشنى تاللىغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. چەمبىرەكتە ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئالاقىسى بولمىغان يېڭى كەلگەن كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىۋىتقا توختامنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، زور سوممىلىق توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەپلا قالماي، يەنە قارشى تەرەپنىڭ تۆھمەت قىلىشى ۋە مەجبۇرلىشىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغانلىقتىن ئىبارەت بۇ خىل قارشىلىشىشقا سېلىشتۇرغاندا، بوزەك قىلىنغان سەنئەتكارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈن-تىنسىز بەرداشلىق بېرىشنى تاللايدۇ.ئەمدى ۋەقەنىڭ ئۆزىگە قايتىپ كېلەيلى. سىۋىتتىن قېچىپ چىققان جىيوڭ نېمە ئۈچۈن بەش يىلدىن كېيىن بۆرە ئۇۋىسىغا قايتىشنى تاللىدى؟ بۇ مەسىلە ياپونىيەلىك تورداشلارنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىكى پەرىزىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالغان. ئەزەلدىن تورداشلارنى بىكاردىن-بىكار ئاۋارە قىلمايدىغان ياپونىيە تاراتقۇلىرىمۇ بۇنىڭ ئارقىسىدىكى سىرنى داۋاملىق چوڭقۇر قېزىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.كىنولار
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىزتۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدىتەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭيانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552