ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
44 ياشلىق رۇچىكا تاندون ھىندىستاندىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى. 8-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىز بىر ناتونۇش ئەرنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان، قارشى تەرەپ ئۆزىنى «فېدېراتسىيە ساقچىسى» دەپ ئاتىۋالغان. «ساقچى» قاتتىق تەلەپپۇزدا تاندونغا بىرمۇنچە گەپ قىلغان. يەنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئانىسى بىر بانكا ھېساباتىنى ئورتاق ئىشلىتىدىكەن، شۇڭا ئۇ ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ ساتقان جىنايەتچىلەرنىڭ ئورنىدا پۇل يۇيۇشقا چېتىلىپ قاپتۇ، ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلىدىكەن.
(تاندون)
تاندون يەنە قارشى تەرەپنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىن باشقىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان، قارشى تەرەپتىن: «ئۇنى قولغا ئالايلى! بەش مىنۇت ئىچىدە ھەرىكەت قىلىمىز» دېگەن ئاۋاز چىققان. تاندون قورقۇپ كەتكەن، ئۇ قارشى تەرەپكە ئۆزىنى خاتا تونۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ چۈشەندۈرگەن، چۈشەندۈرۈشلىرىنىڭ ھەممىسى بەك مۇجمەل بولۇپ قالغان.
ئەمما قارشى تەرەپتىكى «ساقچى» ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە پۈتۈنلەي پىسەنت قىلماي، يەنە بۇ پۇل يۇيۇش دېلوسىنىڭ فېدېراتسىيە دېلوسى ئىكەنلىكىنى، «دۆلەت بىخەتەرلىكى»گە چېتىلىدىغانلىقىنى، چوقۇم تېزدىن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. تاندون قاتتىق يالۋۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ بۇ ئىش سەۋەبلىك ئۆزىنى قولغا ئالماسلىقىنى ئۈمىد قىلغان.
«ساقچى» بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن تەلەپپۇزىنى پەسەيتىپ مۇنداق دېگەن: «جىسمانىي جەھەتتىن قاماق جازاسى كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ، لېكىن سىز چوقۇم <ئېلېكتىرونلۇق قاماش>نى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك!»
ئاتالمىش «ئېلېكتىرونلۇق قاماش» دېگىنىمىز، تاندوننىڭ ھەر كۈنى يان تېلېفونىنى «ساقچى»نىڭ سىنلىق سۆزلىشىشىگە ئۇلاپ، تېلېكامېرانى پۈتۈن كۈن ئېچىپ، قارشى تەرەپنىڭ يىراقتىن نازارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. تاندون ھەم قورقۇپ ھەم گاڭگىراپ قالغان، تۈرمىدە ياتماسلىق ئۈچۈن، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ دېگىنىدەك قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە، تاندون سىن كۆرۈنىشى ئارقىلىق ئۈچ ئەر، بىر ئايالنى كۆرگەن، قارشى تەرەپ ئۆزىنى «ساقچى» ۋە «سوتچى» دەپ ئاتاپ، ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا «ئېلېكتىرونلۇق قاماق جازاسى»نىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ھۆججىتىنى كۆرسەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىزچىل سىن كۆرۈنىشىنى ئېچىپ، «ئېلېكتىرونلۇق قاماق جازاسى»نى قوبۇل قىلغان. مەيلى تاماق ئېتىش، ئۇخلاش، ھەتتا يۇيۇنۇش (ئۇنىڭ مۇنچىغا كىرگىنىنى كۆرۈش) بولسۇن ھەممىسىدە سىن ئېچىشى كېرەك.
شۇنداق بولۇپلا قالماي، بۇ بىر توپ «قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار» يەنە تاندوندىن ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىدىن رۇخسەت سوراشنى تەلەپ قىلغان، تاندونمۇ «ئېلېكتىرونلۇق قاماش» بەلگىلىمىسىگە بويسۇنغان. شۇنداق قىلىپ، توپتوغرا بىر ھەپتە ئىچىدە، تاندون سىرلىق «قانۇن ئىجرا قىلغۇچى» سەۋەبلىك 24 سائەت نازارەت قىلىنىپلا قالماي، يەنە 700دەك سوئال سوراققا تارتىلغان، بۇ ئۇنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتى قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ. ھەتتا، تاندون يەنە بىر قېتىملىق سىن كۆرۈنىشى ئارقىلىق «سوتتا قاراپ چىقىش»نى قوبۇل قىلغان.
«سوت ئېچىلغان» كۈنى تاندون ئالايىتەن ئاق رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى كىيىپ، يانفوننىڭ ئۇ تەرىپىدىكى سوتچىغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن. «سوتچى» يەنە ئۇنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەپ مۇنداق دېگەن: «چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ، ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ سىز پەقەت پۇل يۇيۇش دېلوسىغا چېتىلىپ قالدىڭىز، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئەمەس.»
بىر ھەپتە «ئېلېكتىرونلۇق قامالغان»دىن كېيىن، تاندون ئاخىرى خۇش خەۋەرنى كۈتۈۋالغان. بىر قانچە «قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم» تاندونغا، پۇل يۇيۇش گۇمانىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بارلىق پۇلىنى چوقۇم بىر «قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم» بېكىتكەن ھېساباتقا يۆتكەش كېرەكلىكىنى، بۇ پۇللارنى ھۆكۈمەت «تەكشۈرۈپ»، قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن داۋاملىق ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، بولمىسا ھەممە مۈلكىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
تاندون تەبىئىي ھالدا بەك قورقۇپ كەتكەچكە، دەرھال بانكىغا بېرىپ بارلىق يىغقان پۇللىرىنى ئېلىپ، «قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم» بېكىتكەن ھېساباتقا پېرېۋوت قىلغان. تاندون ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئاخىرى جىنايى ئىشلار بويىچە تەكشۈرۈشتىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىدىن خۇشال بولۇۋاتقاندا، «قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار» خۇددى ئىستەك ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئالاقىلاشمىغان. تاندون دوختۇرخانىغا قايتىپ بىر ھەپتە ئىشلىگەندىن كېيىن، ئاخىرى ئېسىگە كېلىپ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلغان.
تاندون ئاخىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى جاپا تارتىپ يىغقان 25 مىليون رۇپىيە (2 مىليون 100 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) مال-مۈلۈكنىڭ مۇشۇنداق قىلىپ «قانۇن ئىجرا قىلغۇچى» قىياپىتىگە كىرىۋالغان جىنايەتچىلەرگە ئۆز قولى بىلەن بېرىۋەتكەنلىكىنى بىلگەن.
ئۇ دەرھال تورغا چىقىپ ئىزدەپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ «ئېلېكتىرونلۇق قاماش» ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغان. ئاتالمىش «ئېلېكتىرونلۇق قاماش» ئالدامچىلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىندىستاندا كەڭ تارقالغان يېڭى تىپتىكى ئالدامچىلىق بولۇپ، ئالدامچىلار ھەمىشە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ساختا ئەيىبلەش، قولغا ئېلىش ياكى باشقا قانۇنىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئالداپ پۇل-مالنى ئۆزىگە يۆتكىگۈزىدۇ.
ھىندىستان ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، ھىندىستاننىڭ «ئېلېكتىرونلۇق قاماش» ئالدامچىلىقىنىڭ سوممىسى بىر مىليارد 200 مىليون رۇپىيە (100 مىليون يۈەن خەلق پۇلى)گە يەتكەن، بۇ تېخى مەلۇم قىلىنمىغان نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
ئالدانغان بۇ پۇللارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەلدىكى ھېسابات نومۇرىغا يۆتكەلگەن ياكى شىفىرلانغان پۇلغا ئالماشتۇرۇلۇپ، ئىز قوغلاش تەسكە توختىغان. كىممۇ ئويلىغان دەيسىز، بىر چاغلاردا، ئومۇميۈزلۈك ياۋروپا-ئامېرىكا تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىنىڭ مەنبەسى بولغان ھىندىستان ھازىر ئۆزىمۇ تور ئالدامچىلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى بولۇپ قالغان.
(مودى كۆپچىلىكنى ئالدىنىپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇردى)
ھەتتا ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بۇ يىل 10-ئايدىكى سۆھبىتىدە پۇقرالارغا مۇنداق ئالاھىدە تاپىلاپ مۇنداق دېگەن: «ناتونۇش قانۇن ئىجرا قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلغاندا قورقماڭ، سىز ھېچقانداق ئىش قىلمىغان بولسىڭىزلا بىزنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرىمىز تېلېفون ياكى سىنلىق سۆزلىشىش ئارقىلىق سىزنى ئىزدىمەيدۇ!»
ئاڭلىماققا ئورۇنلۇقتەك قىلسىمۇ، لېكىن كونكرېت دېلو مىساللىرىغا كەلسەك، كۆپ ساندىكى ئالدامچىلىقلار كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن، ۋەقەلىكى بوللىۋودتىكى چوڭ فىلىملەرگە ئوخشاش بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش تەس. مەسىلەن، ئىلگىرى تاندون دوختۇر دۇچ كەلگىنى دەل مۇشۇنداق كۆڭۈل قويۇپ ئوينالغان «ئېلېكتىرونلۇق قاماش» ئالدامچىلىقى بولۇپ، ئۇلار بىر قاتار «رول ئېلىش»، كەيپىياتنى كونترول قىلىش ۋە ئۇزاق مۇددەت «قايىل قىلىش» ئارقىلىق، «سىناقتىن» ئۆتكەندىن كېيىن ئاخىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى پۇل يۆتكەشكە ئۈندەيدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ.
دېھلى ئەتراپىدىكى مۇخبىر نىلانجان مۇخوپادخيايمۇ بۇ يىل 7-ئايدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئالدامچىلىققا ئۇچرىغان. ئۇ ئوخشاشلا سىرلىق «قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم»لار سەۋەبلىك پۇل يۇيۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن، كېيىن 28 سائەتلىك «ئېلېكتىرونلۇق قاماق جازاسى»نى قوبۇل قىلغان.
بەختكە يارىشا، كېيىن بىر «ساقچى» ئۇنىڭدىن: «سىز نېمە ئۈچۈن سىز مەبلەغ سالغان فوندنى قايتۇرۇۋالمىدىڭىز؟» دېگەن. بۇ سوئال مۇخوپادخياينى گۇمانغا سېلىپ قويغان، ئۇنىڭ تەجىربىسىگە ئاساسلانغاندا، ساقچىلار سىن كۆرۈنىشى سۆزلىشىشتە بۇنداق سۇئالنى سورىمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپ ئۇنىڭدىن پۇلنى «بەلگىلەنگەن ھېسابات»قا يۆتكەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، مۇخوپادخياي دەرھال ھوشىغا كېلىپ، قارشى تەرەپ بىلەن سىنلىق سۆزلىشىشنى كەسكىنلىك بىلەن ئۈزۈۋەتكەن.
ئىشتىن كېيىن مۇخپادخياي ھەسرەتلىنىپ مۇنداق دېگەن: «ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن ئۆزۈمنى ئەخمەقتەك ھېس قىلدىم.»
تاندون ۋە مۇخوپادخياي قاتارلىقلارنىڭ دېلوسى بىلەن ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ خىل جىنايەتكە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان. ھازىرغا قەدەر، ساقچىلار ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن «ئېلېكتىرونلۇق قاماش» ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 18 ئادەمنى قولغا ئالغان.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئالدامچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئەر-ئاياللار ئىكەنلىكى، ئىنگلىز تىلى ۋە ھىندىستاننىڭ يەرلىك تىلىنى ناھايىتى راۋان بىلىدىغانلىقى بايقالغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە IT ئىنژىنىرى، ئېلېكتىرونلۇق بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسى، يەنە بانكا مۇتەخەسىسى بولۇش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن.
دەل مۇشۇنداق «كەسپىي ساپا» بولغاندىلا، ئاندىن خېلى كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى قورقۇتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار تاندون دوختۇر ۋە مۇخوپادخياينىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، تاندون دوختۇر قاتناشقان ئىلمىي يىغىن قاتارلىقلارنى ئەينەن سۆزلەپ بېرىدۇ، شۇنداقلا قاراتمىلىق ھالدا ئۇلارنى ئىشەندۈرىدۇ.
ئەلۋەتتە، مەيلى قانداق كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن، ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىدا بەزى نۇقسانلار كۆرۈلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن يېڭى تىپتىكى ئالدامچىلىققا نىسبەتەن، كىشىلەر تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك.
كىنولار