ئۆز دادىسىنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىشىغا ئۇچرىغان چولپان ماۋ شياۋتوڭ

文摘   2024-11-21 21:46   新疆  

سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ

9-قىسىم يېڭىلاندى


سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

تاماشا چەمبىرىكىدىن ئىبارەت بۇ ئاجايىپ-غارايىپ سەھنىدە، ھەربىر چولپاننىڭ ئارقىسىغا كىشىلەر بىلمەيدىغان ھېكايىلەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بۈگۈن بىز ئۆز دادىسى تەرىپىدىن قاقتى-سوقتى قىلىنغان، تۆت يىللىق ئوغۇل دوستى ئاسىيلىق قىلسىمۇ ئۆزىنىڭ غەيرەت-شىجائىتىگە تايىنىپ، تاماشا ساھەسىدە يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرلىگەن قەيسەر قىز_ماۋ شياۋتوڭ (毛晓彤)نىڭ ھېكايىسىنى كۆرۈپ باقايلى.

ماۋ شياۋتوڭ 1988-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى تيەنجىن شەھىرىدىكى بىر ئاددىي ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئەمما ئۇنىڭ بالىلىق تۇرمۇشى باشقا بالىلارنىڭكىدەك ئاددىي ئۆتمىگەن. ماۋ شياۋتوڭنىڭ دادىسى لى چاۋ (李超) تىپىك «داشقال ئەر» بولۇپ، يەپ ـ ئىچىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش، قىمار ئويناشنىڭ ھەممىسىگە پىششىق، ئائىلىسىگە نىسبەتەن قىلچە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يوق. ماۋ شياۋتوڭ تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، لى چاۋ ھەتتا ئۇنى يۈك دەپ قاراپ، رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتكەن. بەختكە يارىشا ماۋ شياۋتوڭنىڭ ئاپىسى ئۇنى ۋاقتىدا بايقاپ قۇتقۇزۇپ قالغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئانا - بالا ئىككىسى بىر - بىرىگە تايىنىپ ياشاپ، جاپالىق كۈنلەرنى بىرلىكتە باشتىن كەچۈرگەن.

ئاپىسى ماۋ شياۋتوڭنى بېقىش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا چەككەن. ئۇ تۇرمۇشنىڭ ئېغىر بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپلا قالماي، يەنە لى چاۋنىڭ پاراكەندىچىلىكى ۋە تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن. مۇشۇنداق مۇھىتتىمۇ ئاپىسى ماۋ شياۋتوڭنى ياخشى تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭ سەنئەت تالانتىنى يېتىلدۈرگەن. ماۋ شياۋتوڭ تۆت يېشىدىلا تيەنجىن شەھەرلىك كىچىك پەرى مۇزىكا ئۆمىكىگە قاتنىشىپ، ئېلېكترونلۇق رويال ئۆگىنىشكە باشلىغان، كېيىن يەنە پىئانىنو ۋە ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىنىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سەنئەت تالانتىنى نامايان قىلغان.

ماۋ شياۋتوڭ ھارماي-تالماي تىرىشىش ۋە ئاپىسىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى بىلەن مەركىزى تىياتىر شۆيۈەنىنىڭ ئاكتيورلۇق فاكولتېتىغا ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان. لېكىن، بۇ يول ئوڭۇشلۇق بولمىغان. ماۋ شياۋتوڭنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى نەتىجىسى ئەلا بولسىمۇ، لېكىن ماددىي ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت بايلىقى كەمچىل بولغاچقا، بىر مەزگىل ئۇنى ھېچكىم بىرەر ئەسەرگە سۈرەتكە ئېلىشقا تەكلىپ قىلمىغان. ئۇ چاغلاردا ماۋ شياۋتوڭ ساۋاقداشلىرى بىلەن تار ئىجارە ئۆيدە قىستىلىپ ئولتۇرۇپ، نامرات تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئەمما، بۇ ئوڭۇشسىزلىقلار ئۇنى يىقىتالمىغان، ئەكسىچە ئۇنىڭ سەنئەت ساھەسىدە نەتىجە قازىنىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتقان.

ئاخىرى 2010-يىلى ماۋ شياۋتوڭ قەدىمىي تياتىر «ئايال ئىلاھ تۇتۇش» (女神捕)تا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئارتىسلىق ھاياتىنى رەسمىي باشلىغان. كېيىن «جېن خۇەن ھەققىدە قىسسە» (甄嬛传)دە مۇلايىمھەم ئېسىلزادە بانۇنىڭ رولىنى ئېلىپ تونۇلۇشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇنىڭ رول ئېلىش ئىشلىرى بارا-بارا ئىزىغا چۈشۈپ، «دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكى تولۇنئاي پىچىقى» (天涯明月刀)، «ئەۋلىيا بۈركۈت پالۋان» (神雕侠侣)،  «ۋېي ۋېينىڭ كۈلۈمسىرىشى» (微微一笑很倾城) قاتارلىق ئالقىشلىق تياتىرلاردا رول ئېلىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

ئەمما ماۋ شياۋتۇڭنىڭ ئىشلىرى كۈندىن-كۈنگە روناق تېپىۋاتقان پەيتتە، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بىر مەيدان ۋەقە ئۇنى جەمئىيەت پىكرى سەھنىسىگە ئېلىپ چىققان. 2018-يىلى، قانۇن مۇلازىمىتى تەمىنلەيدىغان بىر پىروگراممىدا، ئۆزىنى ماۋ شياۋتوڭنىڭ دادىسى دەۋالغان لى چاۋ قىزىدىن 50 مىليون يۈەن ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى تەلەپ قىلغان. ئۇ پروگراممىدا قىزىنىڭ نام چىقارغاندىن كېيىن ئۆزى بىلەن ئالاقىلاشمىغانلىقىنى ئەيىبلەپلا قالماي، يەنە ئەگەر پۇل بەرمىسە بىللە ئۆلۈپ تۈگىشىمەن دەپ جار سالغان. بۇ ۋەقە ناھايىتى تېزلا تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان.

ماۋ شياۋتوڭ ئۆز دادىسىنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىشىغا قارىتا سۈكۈت قىلىشنى تاللىغان. ئۇ دادىسىنىڭ بۇنداق چاپلىشىۋېلىشى ئۆزىگە چەكسىز ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئەمما لى چاۋ بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنى تارتماي، ئەكسىچە تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ ماۋ شياۋتوڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان. بۇ ۋەقە ماۋ شياۋتوڭنىڭ كەسپى ۋە ئوبرازىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. لېكىن دەل مۇشۇنداق كەچۈرمىشلەر ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتقان. مەيلى قانچىلىك قىيىنچىلىققا يولۇقسۇن، قەيسەرلىك ۋە ئەقىل-ئىدراكنى ساقلاش كېرەكلىكىنى ئۇ ھەرۋاقىت ئۇنۇتمىغان.

ماۋ شياۋتوڭ ئۆز دادىسىنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىشىدىن باشقا يەنە ئوغۇل دوستىنىڭ ئاسىيلىق قىلىشىغا ئۇچرىغان. «چىرايلىق قىزنىڭ ئائىلىسى» (淑女之家) ناملىق فىلىمنى سۈرەتكە ئالغاندا، ئۇ ئەر ئارتىس چېن شياڭ (陈翔) بىلەن مۇھەببەتلەشكەن. لېكىن، قارىماققا شېرىن كۆرۈنىدىغان بۇ مۇھەببەت ئۇزۇن داۋاملاشماي، 2017-يىلى ماۋ شياۋتوڭ تۇيۇقسىز چېن شياڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىغان. سەۋەبى ئۇ مەلۇم بىر كۈنى كەچتە ئۆيگە قايتقاندا، چېن شياڭ بىلەن ئايال ئارتىس جياڭ كەيتوڭ (江铠同)نىڭ «قايناق ھېسسىيات ئويۇنى»نى كۆرۈپ قالغان. ماۋ شياۋتوڭ بۇنداق ئاسىيلىق ئالدىدا جېدەل قىلماي، يۈك-تاقلىرىنى سوغۇققانلىق بىلەن يىغىشتۇرۇپ چېن شياڭنىڭ تۇرالغۇسىدىن كۆچۈپ كەتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق داشقال ئەرگە نىسبەتەن ئەقىل-ئىدراك ۋە سوغۇققانلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

ئۆز دادىسىنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىشى ۋە ئوغۇل دوستىنىڭ ئاسىيلىق قىلىشىنى باشتىن كەچۈرگەن ماۋ شياۋتوڭ بۇنىڭلىق بىلەن چۈشكۈنلىشىپ كەتمەي، ئەكسىچە، ئۆزىنىڭ كەسپى ۋە تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قەدىرلىگەن.

كىنولار


تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章