سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەنگلىيەدە قىرغاۋۇللار يامراپ ئاپەتكە ئايلانغان بولۇپ، گەرچە ھۆكۈمەت نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللانغان، ھەتتا قىرغاۋۇل ئوۋلىغانلارغا فوندستېرلىڭ مۇكاپات بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمى يەنىلا كۆرۈنەرلىك بولمىغان، قىرغاۋۇللارنىڭ سانىمۇ قىلچە ئازايمىغان ۋە پائالىيەت دائىرىسىمۇ يىلدىن-يىلغا كېڭىيىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن چارە تاپالمىغان.
ئەنگلىيە تاراتقۇسى «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» نىڭ 2020-يىلى ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، پۈتكۈل ئەنگلىيەدە ئەينى چاغدا تەخمىنەن 60 مىليون قىرغاۋۇل بار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، غايەت زور يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كەلگەن. ئەنگلىيەنىڭ سەھرا يوللىرىدا، دائىم قىرغاۋۇللارنىڭ يول بويىدىكى ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن تۇيۇقسىز ئۇچۇپ چىققانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، يولدىن ئۆتكەنلەر بۇنىڭدىن چۆچۈپ كېتىدۇ، شۇڭا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللاردىمۇ غايەت زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت.
ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولغاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن قىرغاۋۇلغا سوقۇلۇپ كەتسە، ئاپتوموبىل ۋەيران بولۇپ ئادەم ئۆلۈپ كەتمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا زىيان كىچىك بولمايدۇ. تېخىمۇ قورقۇنچلىق يېرى شۇكى، بۇنداق ئىشقا يولۇققاندا پەقەت ئۆزىنى نەس باسىدۇ، تۆلەمگە ئادەم تاپالمايدۇ، كىم قىرغاۋۇللارنىڭ ھەممىسىنى ياۋايى بولسۇن دەپتىكەن! بۇ قىرغاۋۇللار ئۇزۇن يىل دالىدا ياشاپ، ياخشى ماھارەت يېتىلدۈرگەن بولۇپ، ناھايىتى تېز يۈگۈرۈپلا قالماي، يەنە ئاندا-ساندا قىسقا ئارىلىققا ئۇچالايدۇ، ئىنسانلار ئۇنى تۇتۇش ياكى ھەيدەش ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭغا يېتىشەلمەيدۇ.
قىرغاۋۇللارنىڭ ئەنگلىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يامراپ ئاپەتكە ئايلىنىشى ئاھالىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ قويغان. ئۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپلا قالماستىن، ھەتتا ئۆزى تېرىغان ئاشلىقلارمۇ دائىم قىرغاۋۇللارنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ تۇرغان. بۇ قىرغاۋۇللارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان، يەرلىك كىشىلەر پەقەت بىر قىرغاۋۇل ئۆلتۈرسىلا، مۇناسىپ نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئويى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، قىرغاۋۇللار يامراپ كەتكەچكە، ھۆكۈمەت تىزگىنلەشكە ئامالسىز قالغانىكەن، ئۇنداقتا خەلقنى سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. نېمىلا دېگەن بىلەن ئادەم كۆپ بولسا كۈچمۇ كۆپ بولىدۇ، شۇڭا كۆپ قىسم خەلقنى ھەرىكەتلەندۈرسىلا، قىرغاۋۇللارنىڭ سانىنى كونترول قىلىشنىڭ ئانچە قىيىن يېرى يوق. لېكىن ئەنگلىيەلىكلەر يەنىلا ئىشنى ئاددىي ئويلىغان، گەرچە فوندستېرلىڭ قاتارلىق بىۋاسىتە رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قىرغاۋۇللارنىڭ سانىنى كونترول قىلالمىغان.
قىرغاۋۇللار دالىدا ياشاش سەۋەبىدىن ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ، ئازراق شەپە چىقىپ قالسىلا قېچىپ كېتىدۇ ھەمدە مەخسۇس ئوت-چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن يەرلەرگە كىرىۋالىدۇ. ھەتتا بىردەمدىلا قويۇق ئورمانلىقلارغا غايىپ بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك ياخشى چەنلەپ ئاتمىسا، قىرغاۋۇل سىزىپ قالدىمۇ بىردەمدىلا قېچىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوق چىقارسىمۇ بەك يېقىن ئارىلىقتىن ئاتقىلى بولمايدۇ، بولمىسا قىرغاۋۇل بايقاپ قالسىلا كۆزدىن غايىپ بولىدۇ.
ھۆكۈمەت پۇل، خەلق كۈچ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن قىرغاۋۇلغا قارشى جەڭدە ئەنگلىيەلىكلەر ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ يەنىلا يېڭىلگەن. مۇكاپاتلاش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندا، پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ، سىرتقا چىقىپ قىرغاۋۇل ئوۋلىغانلىق ئىشىنى زادىلا تىلغا ئالمايدۇ، چۈنكى ئۇلار بىر كۈن ئىچىدە بىرمۇ قىرغاۋۇر ئوۋلىيالمىغىدەك ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئۆتمۈشىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمايدۇ. بۇ خۇددى ئەتراپىمىزدىكى بېلىق تۇتۇشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلارنىڭ جابدۇقلىرى تولۇق بولۇپ، ئاپتوموبىل ھەيدەپ بىر نەچچە سائەت سۇ ئامبىرىغا بېرىپ بېلىق تۇتسا، نەتىجىدە بىر كۈن ئولتۇرۇپ بىر تالمۇ بېلىق تۇتالمىغانغا ئوخشاش. ئاخىرىدا پەقەت «نەتىجە موھىم ئەمەس، جەرياندىن خۇشاللىق تاپسام بولدى» دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بەرمەكتىن باشقا ئامال يوق.
روشەنكى، ئەنگلىيەلىكلەر بۇنچىۋالا كەڭ قورساقلىقنى قىلالمايدۇ. بىر كۈن ئالدىراش پايپاسلاپ يۈرۈپمۇ، ھېچقانداق ھوسۇلغا ئېرىشەلمىگەچكە، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار بۇ «ئۇلۇغ مۇھىت ئاسراش ئىشى» دىن ۋاز كەچكەن. شۇ سەۋەبتىن ئەنگلىيە قىرغاۋۇللىرىنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپەيگەن، ئاخىرىدا «قىرغاۋۇللار دۆلىتى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. چۈنكى ئەنگلىيەدە قىرغاۋۇللار ھەقىقەتەن كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار يەنىلا ئوچۇقتىن-ئوچۇق يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېتىۋىلىپ، باشقىلارغا خالىغانچە كاشىلا قىلىشقا، كىشىلەر نورمال تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلالايدۇ.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا قىرغاۋۇللار، لېكىن ئەنگلىيىدە ئۇلار ئاپەت ھېسابلىنىپ يوقۇتۇلماقچى، لېكىن باشقا دۆلەتلەردە بولسا ئۇلار قوغدىلىدىغان ھايۋان، كىمكى ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرسە، چوقۇم جازاغا ئۇچرايدۇ.
قىرغاۋۇلنىڭ ئىلمىي نامى ھالقىسىمان بويۇنلۇق قىرغاۋۇل. ئۇنىڭ تېنى كىچىك، قۇيرۇقى ئۇزۇن، پۈتۈن بەدىنىنى رەڭگارەڭ پەيلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، گەرچە ئۇچۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن ناھايىتى جانلىق يۈگۈرەلەيدۇ، سۈرئىتى ئادەمنىڭكىدىن تېز. دالىدا ياشايدىغان ھالقىسىمان بويۇنلۇق قىرغاۋۇل ئاساسلىقى ئوت-چۆپ ئۇرۇقى، مېۋە قاتارلىقلارنى ئوزۇق قىلىدۇ، بەزىدە ھاشاراتلارنىمۇ تۇتۇپ يەيدۇ.
ئەڭ ئەجەللىك يېرى شۇكى، بۇ شاۋقۇن پەيدا قىلىشقا ئىنتايىن ماھىر جانلىق. ئۇلار ئەگەر تاغ-دەريالار ئىچكىرىسىگە كىرىپ ياشىغان بولسا يەنە مەيلى ئىدى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئادەم ئاياغ باسمايدىغان بۇنداق يەرلەردە ئۇلار قانچە سايرىسىمۇ ئىنسانلارغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بىراق ئۇلار دائىم ئىنسانلار رايۇنىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايلاردا پەيدا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرقىرىغاندىكى ئاۋازى ھەقىقەتەن كىشىنى ساراسىمىگە سالىدۇ. بولۇپمۇ قىرغاۋۇللار توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىرسى چىللىسا ھەممىسى بىللە چىللايدۇ. ئۇلارنى قوغلىماق تېخىمۇ تەس، بەك بىزار بولۇپ كەتكەندە ئۇلارنى قوغلىماقچى بولسىڭىز، سىز يېقىن بارماي تۇرۇپلا قېچىپ كېتىدۇ، لېكىن سىز ئارقىغا ياندىڭىزمۇ يەنە قايتىپ كېلىپ داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئەنگلىيەدە دەسلەپتە قىرغاۋۇللار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، لېكىن كۈن بويى بىكار يۈرۈپ، ئىش تاپالماي قالغان كىشىلەر مەخسۇس قىرغاۋۇللارنى دالىغا قويۇپ بېرىپ ئوۋلىغان، بۇ ھەتتا تەرەققىي قىلىپ بىر خىل مودا ئېقىمغا ئايلانغان. لېكىن بۇ ئاقسۆڭەكلەرمۇ قىرغاۋۇلنىڭ كۆپىيىش كۈچىنىڭ بۇنچە كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقىنىڭ شۇنچە ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان. بەزى «توردىن چۈشۈپ قالغان توخۇ»لار ھايات قالغاندىن كېيىن، توختىماي كۆپىيىپ ئاخىرىدا يامراپ ئاپەتكە ئايلانغان.
ئەنگلىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى ئاران 60 مىليوندىن ئاشىدۇ، ھازىر قىرغاۋۇللارمۇ 60 مىليوندىن ئاشىدۇ، ناھايىتى تېزلا قىرغاۋۇللارنىڭ سانى ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ سانىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ قىرغاۋۇللار ئاساسەن دېگۈدەك ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئۈچ ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋالغان. چەتئەللەردە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ يامراش ۋەقەلىرى مەۋجۇت. بۇ يىل ئەتىيازدىن بۇيان، فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر كىچىك بازاردا تۇيۇقسىز نۇرغۇن ياۋا توشقانلار پەيدا بولغان، ئۇلار ھەممە يەردە ئورەك كولاپ، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان، شۇ جايدىكى نۇرغۇن گولف توپ مەيدانلىرىدا ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ناھايىتى تېزلا ۋەيران بولغان.
ياۋا توشقاننىڭ ئاپەت پەيدا قىلىشى ئاۋسترالىيىدىمۇ مەۋجۇت. كۈچلۈك كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈشەندىلىرى ئاز بولغاچقا، ئادەم بىلەن توشقان 100 يىلدىن ئارتۇق جەڭ قىلغان، ھازىر ئاۋسترالىيەنىڭ ياۋا توشقانلىرى 10 مىلياردتىن ئاشىدۇ. يەنە ئاۋسترالىيەنىڭ ياۋا ئۆچكىلىرىمۇ ئاپەت پەيدا قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادى ۋە مۇھىتىغا غايەت زور بۇزغۇنچىلىق قىلغان. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ھەر يىلى ياۋا ئۆچكىنىڭ بۇزغۇنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئاز دېگەندىمۇ 220 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى زىيان تارتىدىكەن.
گەرچە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يەرلىك كىشىلەرنى بۇ ھايۋانلارنى يوقىتىشقا ئىلھاملاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيەنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىغان.