سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
يىلان قىز 6-بۆلۈم كەلدى
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
سىمون ۋايت ياش، چىرايلىق ئايال ئادۋوكات، ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ھاياتى 28 يېشىدا ئاخىرلاشتى.
تاراتقۇلارنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 21-نويابىرىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە كېنت ۋىلايىتى ئوپىنتونلىق سىمون لائوستا ساياھەت قىلىۋاتقاندا باشقىلار قۇيۇپ بەرگەن مېتىل ئالكوگول ئارىلاشتۇرۇلغان ھاراقنى ئىچىپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن، ئۇزاق ئۆتمەي ۋاپات بولغان.
سىمون ئۆلگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، لائوس ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا رايونلارغا ساياھەتكە بارىدىغان ئەنگلىيەلىكلەرنى ئېھتىيات قىلىشنى ئەسكەرتتى.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ قىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 كىشى لائوسنىڭ شىمالىدىكى مەلۇم بازىرىدىكى بىر قاۋاقخانىدا مېتىل ئالكوگول ئارىلاشتۇرۇلغان ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئىچكەنلىكى ئۈچۈن، ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، ئەھۋالى خەتەرلىك بولغاچقا، ھاياتلىق ئالامەتلىرىنى قامداش سىستېمىسى ئارقىلىق ھاياتىنى قوغداشقا توغرا كېلىدىكەن.
سىمون بۇ قاۋاقخانىدا ھاراق ئىچىپ قازا قىلغان بەشىنچى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى.
ئاۋسترالىيەلىك ئايال بيانكا جونېس (رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك) ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ياقا يۇرتتا ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، 20 نەچچە ياشلىق دانىيەلىك ئىككى ئايال ۋە 56 ياشلىق بىر ئامېرىكىلىق ئەرمۇ مېتىل ئالكوگولنىڭ زىيىنىدىن قۇتۇلالماي، ھاياتىدىن ئايرىلغان.
قازا قىلغان بەش ساياھەتچىنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرچە تەپسىلاتىنى دەلىللىگىلى بولمايدىكەن.
بىئانكا بىلەن بىللە لائوسقا ساياھەتكە بارغان خوللىي بوۋلېسنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك، ئۇنىڭ بەختسىزلىكتىن قۇتۇلالايدىغان-قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
سىموننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ يەرگە ساياھەتكە بارغان دوستلىرى ئالاقە تورىدا باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «بارلىق يەرلىك كۈچلۈك ھاراقلاردىن يىراق تۇرۇڭ» دېگەن.
ئىگىلىنىشىچە، سىمون ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىچكەن ھاراقنى ماگىزىن ھەقسىز تەمىنلىگەن بولۇپ، ئۇلار ھاراق ئىچىش جەريانىدا، بەلكىم باشقا ماددىلار مەجبۇرىي قۇيىۋېتىلگەن دەپ گۇمان قىلىنغان.
ئەنگلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ساياھەت قوللانمىسىدا مۇنداق دېيىلدى: «مەيلى ئەر ياكى ئايال ساياھەتچىلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئىچىملىكلىرى ياكى يېمەكلىكلىرىگە چەكلەنگەن بۇيۇملارنىڭ سېلىنغانلىقى، بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. يېمەكلىك ياكى ئىچىملىكنى ھېچكىم قارىمايدىغان يەرگە قويماڭ. قاۋاقخانا، كۇلۇب، ئاشخانا ۋە يىغىلىشلاردا ناتونۇش كىشىلەر بەرگەن ئىچىملىكنى قوبۇل قىلغاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك. ئەگەر بىرەرسى كۈچلۈك ھاراق بىلەن تەمىنلىسە، بولۇپمۇ ھەقسىز تەمىنلىسە، ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىش كېرەك.»
بۇ ئىش دەل مۇشۇ مېھمانخانىنىڭ قاۋاقخانىسىدا يۈز بەرگەن، لېكىن دىرېكتور قوشۇمچە ھاراق تەڭشىگۈچى ئۆزىنىڭ ھەرقانداق نامۇۋاپىق قىلمىشى بارلىقىنى ئىنكار قىلغان، ئۇ يەنە ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان لائوستا ئىشلەنگەن «يولۋاس» ماركىلىق ۋودكا ھارىقىنى «گۇۋاھنامە ئالغان بىر سودىگەردىن سېتىۋالغان» دەپ چىڭ تۇرغان، ھەمدە ھاراقنىڭ بۇلغانمىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان.
ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ۋەقە داۋاملىق تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ، گەرچە بەش ئادەم ئۆلگەن بولسىمۇ، تېخى ھىچكىم ئەيىپلەنمىگەن.
كىنولار