سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
دادىسىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا قىينىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، سوت نېمە دەيدۇ؟
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسىبۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن لىسا داۋېنپورت (Lisa Davenport) دوختۇر بولۇپ، سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۆلتۈرگىنى باشقا ئادەم ئەمەس، دەل ئۇنىڭ ئۆز دادىسى...ئۇنىڭ دادىسى باررى (Barrie) ئەنگلىيەنىڭ ئوكسفورد ۋىلايىتىدە تۇرىدىغان بولۇپ، 2022-يىلى 8-ئايدا 86 ياشلىق بارىغا ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ دىياگنوز قويۇلغان.ئاشقازان ئاستى بېزى راكى «راك كېسىلى شاھى» دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ يامان سۈپەتلىك دەرىجىسى يۇقىرى، كېسەللىك ئەھۋالى تېز سۈرئەتتە ناچارلىشىدۇ، ئادەتتە ئاخىرقى باسقۇچقا بارغاندا روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بايقالغاندا كۆپ ھاللاردا ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاخىرقى باسقۇچتىكى بىمارلاردا قاتتىق ئاغرىق كۆرۈلىدۇ، بۇ بىر قەدەر ئازابلىق كېسەللىك.باررى مانا مۇشۇنداق بولۇپ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغاندا، دوختۇر ئۇنىڭ ئۇزۇن ياشىيالمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان.شۇنىڭ بىلەن، باررى ئۆيىگە قايتىپ ئاغرىقنى يېنىكلىتىش داۋالىنىشىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان، ئۇ ئىزچىل ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ، دائىم ھوشىدىن كەتكەن، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئازابنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىپ، تېخىمۇ يۈز-ئابرۇيى بىلەن ئۆلۈمنى كۈتۈۋېلىشنى ئۈمىد قىلغان.ئەمما ئىككى ئايدىن كېيىن، يەنى 10-ئاينىڭ بىر كۈنى، باررىنىڭ كېسىلى يەنە ئېغىرلىشىپ كەتكەن.ئاغرىقنى يېنىكلىتىش داۋالاش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتكەچكە، ئۈنۈمى ئاجىزلاپ كەتكەن، باررى ئاغرىققا چىداپ تۇرالمىغان.قىزى لىسا دادىسىنىڭ بارلىق ئازابلىرىنى كۆرگەن، ئۇ دوختۇر بولغاچقا بۇ ئازابنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا ئۇ چىداپ تۇرالماي، دادىسىنى تېزراق ئاغرىقتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان دادىسىنى بىر ياستۇق بىلەن تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان.لىسامۇ دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن، سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. بىراق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لىسانىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتىنىڭ دادىسىغا ئىچ ئاغرىتىش ئىكەنلىكىنى بايقىغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە باررىنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى دوختۇرخانىغا كۆچۈپ كىرگۈسى يوق ئىدى، قىزى لىسا بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆيىدە دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان، ھەمدە جان ئۈزۈش ئالدىدىكى غەمخورلۇق، داۋالاش بىلەن تەمىنلەيدىغان داۋالاش خادىملىرى بىلەن ئىزچىل ئالاقىلىشىپ تۇرغان.لىسانىڭ بۇ ئەھۋاللىرى تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇنى مەلۇم دەرىجىدە ئەپۇ قىلىشقا بولىدىغاندەك ھېس قىلدۇرغان، شۇڭا ئۇ يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى سوتقا چۈشەندۈرگەن.«دەلىل-ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، باررىغا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلغاندىن تارتىپ ئۇ ئۆلۈپ كەتكۈچە، جاۋابكارنىڭ ئۇنىڭغا تەمىنلىگەن غەمخورلۇقى ياكى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايدىكەن. دەل مۇشۇنداق ئەھۋالدا، لېسا ئۇنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.»لىسانىڭ ئادۋوكاتىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يېنىك ھۆكۈم چىقىرىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرمەكتە.ئادۋوكات لىسانىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھېچقانداق جىنايى ئىشلار جىنايىتى، ئاگاھلاندۇرۇش ياكى ئەيىبلەشكە ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن: «ئۇ كۆيۈمچان، ۋاپادار قىز، ئۇ دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەسئۇل ئايال، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ سالامەتلىكى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ياخشى ئەمەس، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان.»ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل 10-ئايدىن 11-ئايغىچە، لىسا ئۈچ روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە باھالىشىنى قوبۇل قىلغان، ئۇلار بىردەك لىسانى دېلو يۈز بەرگەندە روھىي نورمالسىزلىق ھالىتىدە تۇرغان، دەپ قارىغان.دوختۇر باھالاش جەريانىدا، ئۇنىڭدا ئېنىق كىلىنىكىلىق ئالامەتلەر ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭ كۆپ خىل كېسەللىكلەر ئورتاق كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر-ئىككى كۈندىكى مەسىلە ئەمەسلىكىنى بايقىغان.تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق دېگەن: «ھەر بىر روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى بۇنىڭ ئۇنىڭ ئەقلىي ھەرىكىتى ۋە ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ھېس قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى چۈشەندۈردى. كەسپىي كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە دوختۇرلارنىڭ بۇ پىكىرلىرى كىشىنى قايىل قىلىدۇ.»تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئادۋوكات قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغان، لىسا ئۆزىمۇ سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، ئوكسفورد جىنايى ئىشلار سوتىمۇ بۇ جىنايەتنى مۇۋاپىق دەپ قاراپ، ھازىر ھۆكۈم نەتىجىسىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ئەلۋەتتە توغرا ئىش ئەمەس، لېكىن نۇرغۇن تورداشلار لىسانىڭ ھېكايىسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۇسۇلىنى چۈشىنىدىغانلىقى ۋە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.-بۇ بىچارە ئايال سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنمەسلىكى كېرەك ئىدى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بەك ئازابلاندى، بۇ باررىنىڭ ئۆمرىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئۇ پەقەت باررىنىڭ ئازابلانغان ۋاقتىنى قىسقارتتى. لىسا ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا سۈكۈت قىلىپ، دادىسىنى كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتتى دېسىمۇ بولۇۋېرەتتى.-مەن ئاپامغا بۇنداق قىلسام بولمايدۇ، لېكىن ئۇ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ناھايىتى تەمكىن، بىلىشىمىزچە، ئۇنىڭدا ئاغرىق ياكى بىئاراملىق تۇيغۇسى يوق. ئەگەر ئۇنىڭ چىدىغىلى بولمايدىغان ئازابلارغا بەرداشلىق بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم، ئۇنىڭغا قانداق يۈزلىنىشىمنى بىلەلمەيتتىم. مېنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەچۈرمىشىم بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. مەن بۇ ئايالغا بەكلا ھېسداشلىق قىلدىم.-ئەگەر مەن ئۆلۈم يولىغا ئازابلىق قەدەم قويغان بولسام، ئەتراپىمدا بىرەرسىنىڭ مەن ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئۇ جازاغا ھۆكۈم قىلىنماسلىقى كېرەك. ئۇ قىلغان ئىشىنى دەرھال ئېتىراپ قىلدى، مېنىڭچە بۇ بىر خىل مۇھەببەت ھەرىكىتى.-بوۋام راك كېسىلى بىلەن جان ئۈزۈش ئالدىدا تۇرغاچقا، ئۇ مېنىمۇ مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرۇدى. ئۇ شۇنچە كۆپ ئازاب ۋە قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن مەن ياردەم قىلالمىدىم. بۇ مېنىڭ يۈرىكىمنى پارە-پارە قىلدى. بىز ھەتتا ھايۋانلارنىڭ ئازابلانماسلىقىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇشنىمۇ قوبۇل قىلالمايمىز. مېنىڭچە ئۆلۈۋېلىشقا ياردەم بېرىشنى قايتا ئويلىشىش كېرەك.-دادام يېقىندا قازا قىلدى. بىر ۋاقىتتا مەن تۇيۇقسىز بۇ نۇقتىنى چۈشەندىم. بەزىدە ئادەمنى ھايات قالدۇرۇش رەھىمسىزلىك ئىكەن. نۆۋەتتە، لىسا شەرتلىك كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دېلوسىغا كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلىدىكەن.لېكىن، مەيلى يېنىك جازاغا ئۇچرىسۇن ياكى ئېغىر جازاغا ئۇچرىسۇن، لىسا بەلكىم ئېغىر بىر يۈك بىلەن داۋاملىق تۇرمۇش كەچۈرۈشى مۇمكىن...ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىزتۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدىتەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭيانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552