سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
ھوللىۋودنىڭ داڭلىق چولپىنى براد پىت (Brad Pitt) بىلەن ئەنجىلىنا جۇلى (Angelina Jolie) ئاجرىشىپ سەككىز يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇلار توغرىسىدىكى دەۋا تېخى تۈگىگىنى يوق.
ھەممىگە ئايانكى، 2016-يىلىلا ئىككىيلەن ئائىلە زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن ئاجراشقان، شۇنىڭدىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن ئاجرىشىش جېڭى، بالىلارنى بېقىش ھوقۇقى ۋە مال-مۈلۈك تالىشىش ئۈزۈلمىگەن، ھەر خىل دەۋالار تا ھازىرغىچە ئاخىرلاشقىنى يوق.
بۇ ئالتە بالىنىڭ پوزىتسىيەسى ئىزچىل ئاپىسى جۇلىغا مايىل بولۇپ كەلگەن، ھەتتا بىر نەچچىسى «پىت» دېگەن فامىلىدىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلغان.
بۇنىڭغا قارىتا، ئىزچىل جۇلىنىڭ ئوتتۇرىدا سوغۇقچىلىق سالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان، پىتمۇ ئۇنىڭ بالىلارنى ئۆزى بىلەن قارشىلىشىشقا كۈشكۈرتكەنلىكىنى ھېس قىلغان: «ئۇ بالىلار كىچىك ۋاقتىدا مۇشۇنداق قىلدى، بالىلارنىڭ دادىسىغا ھۆكۈم قىلغۇدەك پۇرسىتىمۇ بولمىدى».
بىراق پىتمۇ بالىلار چوڭ بولۇپ، ئىش ئۇقىدىغان بولغاندا، تەبىئىي ھالدا يەنە يېنىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
پەقەت پىتنىڭ ئاتا-ئانىسى-83 ياشلىق ۋىليام ۋە 84 ياشلىق جېن بۇنچىۋالا « مەردانە » ئەمەس.
ئەڭ يېڭى ئاشكارىلىنىشىچە، جۇلى بىلەن پىت يۈز ئۆرۈشكەندىن كېيىن، براد پىتنىڭ 83 ياشقا كىرگەن دادىسى ۋىليام ۋە 84 ياشلىق ئاپىسى جېنمۇ ئەيىبسىز چېتىلىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار ئالتە نەۋرىسى بىلەن يىراقلىشىشقا مەجبۇر بولغان، ئۇلارنىڭ يۈز كۆرۈشمىگىنىگە سەككىز يىل بولغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋىليام بىلەن جېن بىر نەچچە نەۋرىسىگە ئىنتايىن ئامراق ئىكەن.
پىت ئىلگىرى دائىم جۇلى بىلەن بىللە بالىلىرىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ ئۇلارنى يوقلايتتى، ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئارقا ھويلىسى بەك چوڭ بولۇپ، قىشتا بالىلار چانا تېيىلسا، يازدا گۈلخاننى چۆرىدەپ دالىدا قوناتتى قىلاتتى.
بالىلار بوۋا-مومىسى بىلەن چىقىشىپ ئۆتكەچكە، ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى بولغان، ئىلگىرى ئۇلارنىڭ دائىم بىر-بىرى بىلەن ئىللىق ئالاقە قىلغانلىقى، مەسىلەن، بىللە بازار ئايلانغانلىقى سۈرەتكە تارتىۋېلىنغان:
جېن بىلەن جۇلى بالىلىرىنى ئېلىپ سىرتقا مال سېتىۋالغىلى چىققان ۋە باغچىغا بېرىپ ئوينىغان:
ئىككى ياشانغان كىشى ھەمىشە بالىلىرىنى باغرىغا بېسىپ، تولىمۇ ئەتىۋارلىغان:
لېكىن 2016-يىلىغا كەلگەندە ھەممە ئىشلار ئۆزگىرىپ كەتكەن.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پېت بىلەن جۇلى ئاجراشقاندىن كېيىن، بۇ ئالتە بالا بوۋا-مومىسىنى يوقلاپ باقمىغان، ھەتتا 2020-يىلى مومىسى جېننىڭ 80 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدىمۇ نەق مەيدانغا كېلىپ تەبرىكلىمىگەن، باشقا نەۋرە-چەۋرىلەر بىرگە تەبرىكلەشكەن.
ۋىليام بىلەن جېن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر نەچچە بالا بىلەن ئاشكارا سۈرەتكە چۈشكەن ۋاقتى 2014-يىلى جۇلىنىڭ بىر كىنوسىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋاقىت. ئەينى چاغدا جۇلىنىڭ يۈزىگە سۇ چېچىكى چىقىپ قالغان، براد پىت بالىلىرىنى ئېلىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە نەق مەيدانغا كېلىپ تەبرىكلىگەن.
جېن مۇخبىرلار ئالدىدا كېلىنى جۇلىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي: «بىز جۇلىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز. بۇ بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپمۇ نەۋرە-چەۋرىلىرىمىزگە نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ئۇنى چوڭقۇر سۆيىمىز» دېگەن.
ئەنجىلىنا ئىلگىرى قېيىنئاتا-قېيىنئانىسىنى تىلغا ئالغاندا، مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى ۋە بېقىۋالغان قىزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ماختىغان: «ئۇلارنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە، مەن باشقا دۆلەتتىن كەلگەن ئىككى بېقىۋالغان بالام ۋە بېقىۋالغان قىزىم بىلەن بىللە ئىدىم، مەن ئۇلارنىڭ قانداق ئىنكاستا بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم، لېكىن ئۇلار بالىلارغا ئوخشاشلا كۆيۈنەتتى.»
شۇغىنىسى كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان ئائىلە شادلىقى غىل-پاللا ئۆتۈپ كەتكەن، جۇلى بىلەن پىتنىڭ مۇناسىۋىتى ئاران ئىككى يىل داۋاملاشقان، كېيىن بوۋا-مومىلىرى بىلەن نەۋرىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ يىراقلىشىپ كەتكەن.
بۇ يىللاردا، ۋىليام بىلەن جېن ئوغلىنىڭ ۋە بىر نەچچە نەۋرىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىگە قاراپ تۇرغان، ئۇنىڭ ئۈچ بېقىۋالغان ئوغلى بىلەن «ئالاقىسى يوق» بولۇپ، ئۈچ قىزىمۇ ئارقا-ئارقىدىن فامىلىسىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىغان، بۇ قارار ئۇلارغا قاتتىق تەسىر قىلغان.
ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ ئورنىدا بىر نەچچە خەۋەردار كىشى ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن: «ئۇلار ئەۋلادلىرىنى ھاياتىنىڭ بارلىقى دەپ قارايدۇ، ئەمما ئۇلارنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن يىللار بولدى. بۇ خىل ئارازلىق ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن بىر خىل تىراگېدىيە. ئاجرىشىشتىن ئىلگىرى ئۇلار بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، خېلى ئۇزۇن بىللە تۇرغان. مانا ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇرۇنقىدەك كۆرۈشەلمەسلىكى ئادەمنىڭ يۈرىكىنى بەك زېدە قىلىدۇ. ئۇلار 80 نەچچە ياشقا كىردى، ئۇلارنىڭ ئەمدى نەۋرىلىرى بىلەن كۆرۈشەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىسا، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.»
تورداشلارمۇ جۇلىغا ھېسداشلىق قىلغان ھەمدە ئۇنى ئەيىبلىگەن، ئۇلار بۇنى ئۇ بىر قوللۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارىغان:
-بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. 2010-يىلى مەن ئايروپىلاندا جېن بىلەن تونۇشتۇم، ئۇ بارلىق نەۋرىلىرىدىن چەكسىز پەخىرلىنەتتى (ئېسىمدە قېلىشىچە، جەمئىي 13 نەۋرىسى بار ئىدى)، خۇددى بارلىق ئادەتتىكى مومايلارغا ئوخشاش مەن بىلەن توختىماي پاراڭلاشتى.
-بەلكىم بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز دادىسىدىن نەپرەتلىنىشى مۇمكىن، لېكىن مەن ھەممە ئادەمنىڭ مەڭگۈ دادىسى ياكى بوۋا-مومىسى بىلەن كۆرۈشمەسلىكنى قارار قىلغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. جۇلى چوقۇم بارلىق بالىلارغا تەسىر كۆرسەتتى. ئەلۋەتتە، بەختكە يارىشا بۇرۇنقى ئېرىمنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىنتايىن قالتىس، ئىزچىل ئوغلىمىز بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى، مەن ئەزەلدىن بۇرۇنقى ئېرىمنى ياكى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئەيىبلەپ باقمىدىم.
-مەن ئىلگىرى ئارتىس ئەنجىلىنا جۇلىغا قايىل ئىدىم ھەم ئۇنى ھۆرمەتلەيتتىم، مەن ئۇنىڭ ناھايىتى مۇستەقىل بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگەن، لېكىن ئۇ بالىلىرىنى بىر قوللۇق ھالدا باشقا ئائىلىدىكىلەردىن يىراقلاشتۇرۇۋەتتى، يەنە تېخى ئۇلار تپي تۇرمۇشىدىكى ئىشلارغا چېتىۋالدى، بۇ ھەقىقەتەن بەك قورقۇنچلۇق. بۇ قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسىي غۇرۇرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ئۇنىڭ تىپىك شەخسىيەتچىلىكى.
-جۇلى ساغلام بولمىغان بېقىنىش مۇناسىۋىتىگە تولغان ئائىلە قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلغان، ئىچكى جەھەتتە چېگرا ۋە قائىدە يوق، تاشقى ئالاقە راۋان ئەمەس، توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى گۆدەكلەرچە. بۇ بەلكىم ئۇنىڭغا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن، لېكىن يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، بالىلار ئازابقا بەرداشلىق بېرىدۇ.
بىراق بۇ خىل ئەھۋالدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگىرىش بولماسلىقى مۇمكىن. جۇلى بىلەن پىتنىڭ ھاراق زاۋۇتى دەۋاسى ھېلىھەم داۋاملاشماقتا، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى يەنىلا ئىنتايىن قاتمال ھالەتتە. ئەگەر جۇلى ھەقىقەتەن بالىلارنى پىت ۋە پىتنىڭ بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا كۈشكۈرتسە، ئۇنداقتا ئۇلار يارىشىۋېلىشتىن بۇرۇن بوۋا-مومىسى يەنىلا نەۋرىسىنى كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن.
ھازىر ئۇلارنىڭ ئاجراشقىنىغا سەككىز يىلدىن ئاشتى، يەنە تېخى بوۋا-مومىلارمۇ چېتىلىپ قالدى. بۇ ئائىلە جېدىلىنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ...