بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
تايسون بىلەن جېك پائۇل بوكس مۇسابىقىسى نەچچە ئون مىليون تاماشىبىننى جەلپ قىلدى، گەرچە تايسون مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن پۇل تاپتى. شۇ مۇسابىقىدە تاختا كۆتۈرگەن قىز سىدنىي توماس كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇسابىقىنىڭ يەنە بىر يەڭگۈچىسىگە ئايلاندى، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى مەستانىلىرى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، نۇرغۇن ماختاشلارغا ئېرىشتى، ئۇ قوشۇمچە مودېل بولۇپ، باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇ مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرۈشنى پىلانلىغان.
بوكس سەھنىسىدىكى رىۋايەتلىك شەخس مايك تايسون (Mike Tyson) بىلەن توردىكى داڭلىق بوكسچى جېك پائۇل (Jack Paul) تېكساس ئىشتاتىنىڭ ئارلىڭتون (Arlington)دىكى ATT تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە نەچچە ئون مىليون تاماشىبىننى جەلپ قىلدى، مەيلى نەق مەيدانغا بېرىپ قوللىغانلار بولسۇن ياكى «ۋاڭفېي» ئۇلاپ تارقىتىش ئارقىلىق كۆرگەنلەر بولسۇن بۇ قىزنى چوقۇم كۆردى.
بۇنداق كۆرۈلۈش نىسبىتى، مەيلى كىم يەڭسۇن، ئىككىلى تەرەپ يەڭگۈچىگە ئايلىنىدۇ، ئەمەلىيەتمۇ شۇنداق، گەرچە ھازىر 58 ياشقا كىرگەن تايسون 27 ياشلىق پائۇلنى يېڭەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاشۇ كۆپ سوممىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئويلىغاندەك ياخشى ئوينالمىغان ھالەتتىمۇ نۇرغۇۇن كىشىلەر تايسوننىڭ بوكس پەلىيىنى قايتا كىيگەنلىكىدىن ھاياجانلانغانلىقى ئېنىق.
ئەمما شۇ يەر ۋاقتى 17-نويابىردىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىدە يەنە بىر غەلىبە قىلغۇچى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ بوكس سەھنىسىگە چىقىپ، تاختىنى ئېگىز كۆتۈرۈشكە مەسئۇل بولغان «پىلاكاتچى قىز» سىدنېي توماس، بۇ سېرىق چاچلىق قىز ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق «كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك تارتىۋېلىپ، ھەقىقىي غەلبە قىلغۇچى» دەپ ئاتالغان.
گەرچە شۇ كۈنى بىر قانچە «پىلاكاتچى قىز» پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما بسىدنېي توماس ھەممىنىڭ دىققىتىنى بەك تارتقان.
ئادەتتە، سىدنېينىڭ تەبەسسۇمى ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارىلىدۇ. بەزىلەر مۇنداق دېگەن: «مەيلى نېمىنى ئاڭلىسۇن ياكى نېمىنى كۆرسۇن، ئۇ ھەمىشە كۈلۈمسىرەپ تۇرىدۇ، بۇ مېنى ياخشى ھېس قىلدۇردى». يەنە بەزىلەر: «<پىلاكاتچى قىز> ئەزەلدىن ناھايىتى چىرايلىق، لېكىن سىدېنىغا ئوخشاش ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىدىغان قىزلار كۆپ ئەمەس، پەرىزىمچە ئۇنىڭ ئادەتتىكى كەيپىياتىمۇ ناھايىتى تۇراقلىق بولۇشى مۇمكىن.»
ئەمەلىيەتتە، سىدېنىنىڭ تەبەسسۇمى پەقەت تايسون پائۇل ئۈچۈنلا ئەمەس، باشقا مۇسابىقىلەر ئېلىپ بېرىلغاندا ياكى ئاخىرلاشقاندا، ئۇ كامېرانى كۆرسىلا، ھەممىسىدە كۈلۈمسىرەپ تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ تەبەسسۇمى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، شۇڭا بوكىسچىلارنىڭ زىيارەت جەريانىدا قانداق ئۇ دائىم بوكىسچىلارنىڭ كەينىدە تۇرۇپ خۇددى ئۆزى زىيارەت قىلىنىۋاتقاندەك خۇشال كۈلىدۇ.
گەرچە ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن ماختاشلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، سىدېنى يەنىلا كەمتەرلىك بىلەن مۇنداق دېگەن: «ئىككى گىگانت چولپان بىلەن بوكس سەھنىسىگە چىقىپ، مۇشۇنداق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتى بولۇشنى مەن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئىش.»
ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا، ئاندىن ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ئېنىق بولغان گۈزەل سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىگەن، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ مۇسابىقە ئارىلىقىدىكى مۇزىكىغا ئەگىشىپ لەرزان ئويناۋاتقان ھالىتىنى، بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىكى قىسقا سىن كۆرۈنۈشىنى ھەمبەھىرلەپ، بىر مىليون 100 مىڭ ئادەمنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سىدېنى بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى مەستانىلىرىنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئېشىپ، بىر كېچىدىلا 872 مىڭغا يەتكەن، بۇ ئىلگىركىدىن نەچچە يۈز مىڭ مەستانىنى جەلىپ قىلغان.
بۇمۇ ئۇنى ھەيران قالدۇرغان، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئانامەي، مەن ئويغانغاندا سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنىڭ ماڭا چەكسىز مۇھەببەت ۋە مەدەت بەرگەنلىكىڭلارنى بايقىدىم. سىلەرگە بولغان مىننەتدارلىقىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن، خۇشاللىقىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. مەن ھەممىڭلارنى ياخشى كۆرىمەن، سىلەرنىڭ ياخشى نىيەتلىك سۆزلىرىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.»
روشەنكى، سىدېنىنىڭ تەبەسسۇمى يۈزەكى بولۇپلا قالماستىن، «مەستانە بولۇش» ئىشىدىمۇ ئۇ ناھايىتى قالتىس ئىش قىلغان.
ئىشتىن سىرتقى مودېل بولغان سىدنېي مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى 21 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئۇ ھازىر باشقۇرۇش ئىلمىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ بىر يىل بۇرۇن ئوقۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ، بەلكىم ئۇ تور چولپىنى بولۇش يولىغا قاراپ مېڭىشى مۇمكىن.
كىنولار