سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا گۇاڭشى گۇيلىنلىق تيەن ئەپەندى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ياردەم تەلەپ قىلىپ، دادىسىنىڭ 2010-يىلى قالدۇرۇپ كەتكەن يانفونىغا ماس كېلىدىغان باتارېيە تېپىشنى ئۈمىد قىلغان. تيەن ئەپەندىنىڭ دادىسى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان، شۇ چاغدا تيەن ئەپەندى سىرتتا ئەسكەر بولۇپ، دادىسىنى ئۆلگەندە ئۇنى كۆرەلمەي قالغان، دادىسىمۇ سۆز قالدۇرمىغان.
دەپنە مۇراسىمىدىن كېيىن تيەن ئەپەندى دادىسىنىڭ يانفونىنى تاپشۇرۇۋالغان، كېيىن ئۇ كۆڭلى يېرىملىقى سەۋەبىدىن جىق ئىشلارنى ئويلىماي دادىسىنىڭ يانفونىنى كۇتۇپخانىنىڭ تارتمىسىغا سېلىپ قويغان. 14 يىلدىن كېيىن، ئۇ كونا ئۆيىگە كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن بۇ يانفوننى يەنە بىر قېتىم بايقىغان، شۇ چاغدىكى ئەسلىمىلەرنىى ئەسلەپ دادىسىنىڭ يانفونىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغان.
تيەن ئەپەندى ئالىي مەكتەپتىكى چېغىدا ھېسسىيات مەسىلىسى سەۋەبىدىن دادىسىغا دەردىنى تۆككەنلىكىنى ئەسلىگىنىدە، مۇشۇ تېلېفون بىلەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەن. ھازىر ئۇ يەنە بىر قېتىم يانفونىنى بايقىغاندىن كېيىن، زەرەتلەشنى سىناپ باققان بولسىمۇ ئاچقىلى بولمىغان، توردىن قوشۇمچە زاپچاسنىمۇ تاپالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توردىن ياردەم تەلەپ قىلغان. بۇ يازمىلار تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان، 188 مىڭغا يېقىن ئادەم بۇ يازمىنى كۆرگەن، مىڭدىن ئارتۇق سۆز ۋە شەخسىي ئۇچۇرلارنى كۆرگەن.
قىزغىن تورداشلار بەس-بەستە «يانفون رېمونت قىلىش دۇكىنىغا بېرىپ باتارېيە ئالماشتۇرۇش» قاتارلىق تەكلىپلەرنى بەرگەن. شېنجېنلىق خۇاڭ ئەپەندى خۇاچياڭبېيدا يانفون سېتىش ۋە رېمونت قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تيەن ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىپ، يانفون تىپىنىڭ CECT 6000 ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكەن ھەمدە زاپچاس ئىزدەشكە ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەرگەن.
تيەن ئەپەندى يانفوننى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىغانلىقتىن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئالماشتۇرۇلغان باتارېيەنى تاپقاندىن كېيىن، خۇاچياڭبېيغا بېرىپ خۇاڭ ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىشنى، يانفوننى بىخەتەر ئېچىپ، دادىسى خېتى، سىن كۆرۈنىشى، سۈرەت ياكى ئاۋازلىرىنى كۆرمەكچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،كۆپلىگەن مۇخبىرلار ئالاقە سۇپىلىرىدا يېقىن تۇغقىنى قازا قىلغاندىن كېيىن قېلىپ قالغان يانفونىنىڭ ئېچىلمايۋاتقانلىقىنى، ياردەمگەە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
يانفون رېمونت قىلىش بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان گو ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يانفوننىڭ ئاساسىي تاختىسىنى ئۇچار سىزىق ئارقىلىق رېمونت قىلغىلى، باتارېيەنى زاكاز قىلغىلى ياكى ئاساسىي تاختىدىكى ئىچكى ساقلىغۇچ كارتىسىنى چىقىرىش ئارقىلىق ماتېرىيالنى رېمونت قىلغىلى بولىدىكەن، لېكىن توكى ئۈزۈلۈش، مەخپىي نومۇرنى تاپالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭمۇ بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا يانفون ئېچىلغان ھالەتتە ھەرگىز مەخپىي نومۇرنى قالايمىقان سىناپ باقماسلىقنى ئەسكەرتكەن، بولمىسا ئاۋارىچىلىقنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.