كورېيەلىك 32 ياشلىق ساھىبجامال ئۆزىنى مەلۇم قىلدى

文摘   2024-11-19 21:47   新疆  
سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ



تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورېيەلىك ھاۋا رايىدىن مەلۇمات بەرگۈچى ئايال دىكتور كىم ناجۇڭ گۈزەللىكى ۋە ئىپادىلەش كۈچىگە تايىنىپ، ئالاقە تورىدا ناھايىتى يۇقىرى ئالقىشقا ئېرىشكەن.
تېخى ئالدىنقى ھەپتە، 32 ياشلىق بۇ قىز مەستانىلىرىگە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىشنى ئېلان قىلدى، يەنى ئۇ فىلىپپىنغا بېرىش سەپىرىدە چەكلەنگەن بۇيۇملارنى چەككەن. كىم ناجۇڭ ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنداق دېدى: «مەن فىلىپپىندىكى ۋاقتىمدا چېقىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان نەرسىگە چېقىلىپ، ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن ئۆزۈمنى مەلۇم قىلدىم.»
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە ئۆز ھاياتىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى، مەستانىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن كورېيەنىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن ياردەم سوراشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«بۇ مانىلادىكى كونراد مېھمانخانىسى، مېنىڭ ھاياتىم خەتەر ئىچىدە... مەن ئايرودۇرۇمغا بارالمايمەن، تاكسىغا ئولتۇرالمايمەن، چۈنكى مەن بەك قورقىمەن، ‐ ‐» دېدى كىم ناجۇڭ شۇ چاغدا، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر مەھەل تاققا-تۇققا گەپ قىلىشقا باشلىدى.
دېيىلىشىچە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ مۇزسىمان زەھەرگە چىقىلغانلىقى مەلۇم بولغان، بىراق ئۇ ئەلچىخانا بىلەن ئوڭۇشلۇق ئالاقىلىشىپ، يەنىلا كورېيەگە قايتىپ كەلگەن.
شۇ يەر ۋاقتى 18-نويابىر كۈنى كىم ناجۇڭنىڭ ئادۋوكاتى بايانات ئېلان قىلىپ، كورېيەدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئۇنىڭ ئادۋۇكاتى، ئۆزىنىڭ خېرىدارىنىڭ چەكلەنگەن بۇيۇملارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چەكمىگەنلىكىنى، بەلكى مەجبۇرلانغان ئەھۋالدا شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى.
بىر باياناتتا ئادۋوكات ئەينى چاغدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى. ئاشكارىلىنىشىچە، كىم ناجۇڭنىڭ فىلىپپىننى زىيارەت قىلىشى شۇ جايدا ئۆزىنىڭ ھۆسن تۈزەش مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىچ كىيىم ماركىسىنى تەشۋىق قىلىش، ھەمدە قارىشى تەرەپ بىلەن كەلگۈسى تەرەققىياتنى پىلانلاش ئۈچۈن ئىكەن. بۇ مەزگىلدە ئۇ بىر ياش سودىگەر بىلەن تونۇشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى A ئەپەندى ئىكەن.
ئېيتىلىشىچە، A ئەپەندى بىلەن تاماق ئۈستىلىدە قەدەھ كۆتۈرۈپ پاراڭلىشىۋاتقاندا، كىم ناجۇڭنىڭ ئىككى قولى تۇيۇقسىز باغلىنىپ، كۆزى لاتا بىلەن تېڭىپ قويۇلغان. ئارقىدىنلا «نەيچە» دەك بىر بۇيۇم ئۇنىڭ بۇرنىنىڭ يېنىغا قويۇلۇپ، ئۇنى ئىس-تۈتەكنى سۈمۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كىم ناجۇڭنىڭ ئەينى چاغدىكى ھالىتىنى ھېلىقى A ئەپەندى يانفوندا سۈرەتكە تارتىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلەتكىنى يەنىلا كىم ناجۇڭنىڭ يانفونى ئىكەن.
ئادۋوكاتنىڭ ئېيتىشىچە، A ئەپەندى ئۆزىنىڭ قولىدا «ئىسپات» بار دەپ قارايدىكەن، ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىدىكەن، بۇمۇ كىم ناجۇڭنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشنى تاللىشىدىكى سەۋەب ئىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ئادۋوكات يەنە A ئەپەندىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولغان كىم ناجۇڭغا تەھدىت سېلىپ: «مەن ئاسانلا ئادەم ئۆلتۈرەلەيمەن» دېگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
كورېيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىم ناجۇڭنىڭ دېلوسى تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇ تۇرۇشلۇق گيېئوڭگى ئۆلكىسى شىمالىي قىسىم ساقچى نازارىتىنىڭ زەھەر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بۇنىڭغا داۋاملىق مەسئۇل بولىدىكەن.

كىنولار

تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章