سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بۇ يىل 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى لاسېي شەھىرىدىكى تىمبېرلىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ سىرتىدا بىر قېتىملىق ئەمەلگە ئاشمىغان قاتىللىق دېلوسى يۈز بەردى. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى 17 ياشلىق قىز بولۇپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغانلار ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىكەن، يەنى 44 ياشلىق ئېسان ۋە 40 ياشلىق زارا.
(تىمبېرلىن ئوتتۇرا مەكتىپى)
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئامېرىكىدا تۇرىدىكەن. بۇ قىز ئەسلىدە مەكتەپ تۇرمۇشىنى نورمال ئۆتكۈزەتتى، يەنە تېخى ئوغۇل دوستىمۇ بار ئىدى، لېكىن ئاتا-ئانىسى تۇيۇقسىز ئۇنى ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە قايتىپ ياشانغان بىر ئەرگە ياتلىق بولۇشنى تەلەپ قىلغان. قىز بۇنىڭغا قوشۇلمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى «ئۆلتۈرىۋېتىمىز» دەپ تەھدىت سالغان. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «ئىززەت-ئابرۇيى»نى قوغداش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلماقچى بولغان.
دېلو يۈز بېرىشتىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى، ئاتا-ئانىسى قىزدىن ئوقۇشتىن چېكىنىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنى مەجبۇرىي دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كېتىپ تويىنى قىلماقچى بولغاندا، ئۇ ناھايىتى قورقۇپ، ئۆيىدىن قېچىپ چىقىپ، تىمبېرلىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە بېرىپ، مەكتىكى يىگىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان.
شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ناچار بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن ئىدى. ئاخىرىدا مەكتەپ ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغۇدەك بىخەتەر جاي تېپىپ بەرگەن، بىراق بىخەتەر جايغىمۇۇ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ بېرىشقا توغرا كەلگەچكە ئۇلار قۇرامىغا يەتكەن ۋەسىيسىنى ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ يىگىتىنى ئۇنىڭغا قوشۇپ قويغان، بۇ ئوغۇلمۇ قۇرامىغا يەتمىگەن ئوغۇل ئىدى.
كىم بىلسۇن، ئىككىيلەن ئەمدىلا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئاپتوبۇس بېكىتىگە كەلگەندە، ئاللىقاچان ساقلاپ تۇرغان قىزنىڭ دادىسى ئېسان ئېتىلىپ بېرىپ، قىزنىڭ يۈزىگە بىر كاچات سالغان، شۇنداقلا يەرگە يىقىلغان قىزىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ گېلىنى بوغۇشقا باشلىغان.
(يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىرەيلەن ئەلى ئەر-خوتۇننىڭ قىزىغا ھۇجۇم قىلىش جەريانىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان)
كىمدۇر بىرى ئېساننىڭ توختىماي تىللىغانلىقىنى ئاڭلىغان، قىز ئاستىدا تۇرۇپ ئىڭرىغىنىچە: «بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، بۇنداق قىلماسلىقىڭ كېرەك ئىدى» دېگەن. ئەتراپتىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئېساننىڭ بىلىكىنى تارتقان، يەنە بىر ئوقۇغۇچى: «ئۇنىڭ سەن بىلەن قايتقۇسى يوق، ئۇنى قويۇۋەت» دەپ ۋارقىرىغان. لېكىن دادىسى ئاللىقاچان ئەقلىنى يوقاتقان بولۇپ، ئازراقمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلمىغان، قىزىنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ ئۆزىنى توسۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بارمىقىنى سۇندۇرىۋەتكەن.
ئۇ قىزىنى قاتتىق ئۇرۇپ، ئۇنىڭ بوينىنى قاتتىق سىقىپ، يۈزىنى لاي-لاتقىغا بېسىپ سۈركىگەن، شۇنداق قىلىپ بىر مىنۇتتەك داۋاملاشقاندىن كېيىن، قىز نەپەس ئالالماي، كۆزلىرى چەكچىيىپ، قول پۇتلىرىنىڭ تىركىشىشى پەسىيىپ ھوشسىزلانغان. جىددىي ئەھۋالدا، ئوغۇل دوستى يەنە ئالدىغا بېرىپ ئېساننىڭ بېشىغا نەدىن تېپىپ كەلدىكىن قاتتىق نەرسە بىلەن بىرنى قويغان. قىز شۇندىلا دادىسىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇپ، قايتىدىن ھوشىغا كەلگەن، ئويلىمىغان يەردىن ئانىسى زارا يەنە ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇنى يەنە بىر قېتىم يەرگە بېسىپ ئۆز قولى بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان.
جىددىي پەيتتە، جوش ۋاگنېر ئىسىملىك بىر ئەر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ماشىنا ھەيدەپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، ئۇ ئوقۇغۇچىلار توپلىشىپ ئۇرۇشۇۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، ماشىنىدىن چۈشۈپ توسماقچى بولغان، كېيىن قۇرامىغا يەتكەن بىر ئايال ۋە ئەرنىڭ كىچىك قىزغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئارىلاشقان، شۇ ۋاقىتنى ئەسلەپ ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ كىشىنى ئىنتايىن غەزەپلەندۈرىدۇ، بالىلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قورقۇپ كەتتى.»
جوش پۈتۈن كۈچى بىلەن زارانى تارتىپ، ئېساننى كونترول قىلغان. قىز ئاخىرى بالا-قازادىن قۇتۇلۇپ، ئوغۇل دوستى بىلەن بىللە مەكتەپكە قايتىپ، مەكتەپ ئىشخانىسىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلىپ: «دادام مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى» دېگەن.
مەكتەپ خىزمەتچىلىرى دەرھال مەكتەپ قورۇسىنى قامال قىلغان، زارا ئەسلىدە قوغلاپ كىرمەكچى بولغان، لېكىن ئىشىك سىرتىدا توسۇلۇپ قالغان.
(جوش ۋاگنېر)
ئارقىدىن ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ئېھسان بىلەن زارانى قولغا ئېلىپ سوراق قىلغان. ئىشتىن كېيىن قىزچاق ساقچىلارغا بۇ دېلونىڭ باش-ئايىغىنى چۈشەندۈرگەن. ھازىر بۇ بىر جۈپ ۋىجدانسىز ئاتا-ئانا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2-دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلمەسلىك جىنايىتى، 1-دەرىجىلىك تۇتقۇن قىلىپ مەقسىتىگە يېتەلمەسلىك جىنايىتى، 2-دەرىجىلىك تۇتقۇن قىلىپ مەقسىتىگە يېتەلمەسلىك جىنايىتى، 2-دەرىجىلىك ھۇجۇم قىلىش جىنايىتى ۋە 4-دەرىجىلىك ھۇجۇم قىلىش جىنايىتى قاتارلىق كۆپ خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، ھازىرغىچە تۈرمىدە قاماقتا ياتماقتا، سوت نەتىجىسىنى كۈتۈۋاتىدۇ.
ئۇلارنىڭ قىزىغا ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم قىلغان سىن كۆرۈنۈشىمۇ توردا ئېلان قىلىنغان. ئامما ئالدىدا ئۆز قىزىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، ھەقىقەتەن رەھىمسىزلىك، بۇنداق جىنايەتچىنى كەچۈرگىلى بولمايدۇ.
تورداشلار بۇلارنىڭ كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېيىشكەن: «2024-يىلىدىمۇ مۇشۇنداق ئىش بولىۋاتقانلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ، يەنە مۇشۇنداق ئائىلىلەرمۇ بار. ئۇ بالا ئۈچۈن كۆڭلۈم يېرىم بولدى.»
«قىزىدىن باشقا، بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى كېرەك.»
كېيىن قىزنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ دادىسى ۋىكتور بارنېس بۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىغان، ئەسلىدە ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا، بۇ قىز سەۋەبلىك ئېسان ئائىلىسىدىكىلەر ئىزچىل ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن زىددىيەتلىشىپ كەللگەن، ھەتتا بىر-بىرى بىلەن مۇشت پەشۋا ئېتىشىپ كەتكەن.
بۇ يىل 9-ئايدا، زارا مەكتەپكە بۆسۈپ كىرىپ بارنېسنىڭ ئوغلىنى ئۇرۇپ تىللىغان، ئوغلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار ۋاقىتلىق قوغداش بۇيرۇقى ئىلتىماس قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
قىزى بۇرۇنلا بالىلارنى قوغداش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە مەكتەپلەردىن ياردەم تەلەپ قىلغان، لېكىن ۋىكتورنىڭ قارىشىچە، ئۇلار قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان. ئالدىنقىسى ئەھۋالنىڭ چاتاقلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلمىسا، كېيىنكىسى بولسا مەسئۇلىيەتنى ئوغلىغا ئارتىپ قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خۇددى ئۇ قۇرامىغا يەتكەن ئادەمدەك ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى، بۇ ئىشتا بىپەرۋالىق مەۋجۇت.»
(قىزنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ دادىسى ۋىكتور بارنېس)
ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتى (UNFPA)نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى 5000دەك ئايال ئاتا-ئانىسى سەۋەبلىك ئۆلتۈرىلىدىكەن. ئەگەر جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، ياردەم قولىنى سۇنسا، بەلكىم نۇرغۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار قورقۇنچلۇق ئىشلارغا يولۇقماسلىقى مۇمكىن.
كىنولار