سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
يىلان قىز 6-بۆلۈم كەلدى
قىيىنچىلىق يۈز بەردى! ھېلىقى نەس باسقان ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئۆزلىرىنىڭ سۈيدۈكى ۋە تەرلىرىنى ئىچشىكە مەجبۇر بولدى
جىبوبا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بۈگۈن 11-ئاينىڭ 22-كۈنى پارىژدا قار ياغدى. قارنىڭ يېغىشى ھاۋانىڭ بارغانسېرى سوۋۇپ كەتتى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پارىژنىڭ كۈندۈزدىكى تېمپېراتۇرىسى بىر گىرادۇسقا چۈشۈپ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، كىچىك قار ئەمەس، بەلكى چوڭ قار ئۇچقۇنلىرى.
شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن پارىژلىقلار ئالاقە تورىدا قار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەرنى كەڭ تارقاتتى.
ئەمەلىيەتتە، پارىژلا ئەمەس، شىمالىي برتىنېيدىن تارتىپ چوڭ شەرقىي قىسىمغىچە بولغان جايلارغىچە پۈتۈن فرانسىيىدىكى 33 ئۆلكىنىڭ ھەممىسى قار-مۇز قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ. لېكىن فىرانسىيەلىكلەرنىڭ قار مەنزىرىسىگە بولغان قىزغىنلىقى توختاپ قالمىدى.
«ياخشىمۇ سىز، پارىژنىڭ قىشلىق سېھرى كۈچى»
قاردىكى ۋېرسال سارىيى
قاردىكى برتىنېينىڭ كوچا مەنزىرىسى
لوۋا دەرياسىدىكى قەلئەلەر تېخىمۇ گۈزەل
ئەگەر رومانتىك بولسا دەل مۇشۇ قار ياغقان ۋاقىتنى دېيىش كېرەك
قېلىن قار بىلەن قاپلانغان پارىژغا بەك تەقەززا بولدۇم
ئىشقىلىپ كىشىلەرنىڭ قار توغرىسىىدا دېمىگەن گېپى قالمىدى.
ئەمما مانا مۇشۇنداق خۇشال مىنۇتلاردا ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك ئىش بولغان يەنە بىر ھېكايىنى سۆزلەپ ئۆتەيلى: يەنى بىز بۇرۇن سۆزلەپ ئۆتكەن ھېلىقى ئىككى نەس باسقان ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىسى، 61 ياشلىق بۇچ ۋىلمور ۋە 59 ياشلىق سۇنىتا ۋىليامس ئېسىڭلاردا بارمۇ؟
ئۇ ئىككىسى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بوئېڭ شىركىتى قويۇپ بەرگەن ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا ئېلىپ چىقىلغان، قويۇپ بېرىش جەريانىدا تۈرلۈك كاشىلىلارنى باشتىن كەچۈرگەن، بەختكە يارىشا ئۇلار بىخەتەر يېتىپ كەلگەن، ئىككىيلەن ناھايىتى خۇشال بولغان.
ھېچكىممۇ ئاشۇ كاشىلىلارنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان بەختسىزلىكنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. پىلان بويىچە، ئۇ ئىككىسى ئالەم بوشلۇقىدا سەككىز كۈن تۇرۇپ ئاندىن ئۆيگە قايتماقچى بولغان، شۇڭا نورمال كىيىنىپ، پەقەت ئاز مىقداردا كىيىم-كېچەك ۋە تازىلىق بۇيۇملىرى ئېلىۋالغان. ئەمما ئەسلىدە ئۇلارنى يەر شارىغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولغان بوئېڭ پىلانېتلار ئارا ئالەم كېمىسىدە گېلىي گازى چىقىپ كېتىپ، ئىتتىرگۈچتە كاشىلا كۆرۈلۈپ، ئادەملىك يەر شارىغا قايتىش بەك خەتەرلىك بولۇپ قالغان، شۇڭا پەقەت قۇرۇق ئۇچۇپ قايتىشقا مەجبۇر بولغان، شۇڭا ھېلىقى ئىككى ئادەمنى ئالەم بوشلۇقىغا تاشلاپ قويغان. ھازىرغا قەدەر ھېسابلىغاندا، ئىككىسىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا تۇرۇۋاتقىنىغا بەش ئايدىن ئاشتى، ئەينى چاغدىكى قىزغىنلىق بۈگۈنكى كۈندە بىئارامچىلىققا ئايلىنىپ قالدى، ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ ماختىشىنى ئەمەس، بەلكى ئۆيىگە قايتىشنىلا ئويلايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى.
بوئېڭ، ناسا ياكى ماسكقا كەلسەك، زادى كىم بۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى قۇتقۇزالايدۇ، بىر قانچە تەرەپ ئىزدىنىش باسقۇچىدا. بىر نەچچە قېتىملىق چەك تارتىشتىن كېيىن، ئاخىرى مۇنداق يەكۈن چىقىرىلدى، يەنى ئەڭ تېز بولغاندا كېلەر يىلى 2-ئايدا ماسكنىڭ SpaceX شىركىتىنىڭ ئەجدىھا ئالەم كېمىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ، ئاندىن ئۇلارنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئاڭلىماققا ئازراق بىمەنە، لېكىن بۇ ئەمەلىيەت. مۇشۇنداق پاكىت ئالدىدا، بىر مۇخبىر ئۇلاردىن ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ۋە بوئېڭ شىركىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالغان-قالمىغانلىقىنى سورىغاندا، ۋىلمېر پەقەت ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «قەتئىي ئۇنداق ئەمەس، بىز ئۆزىمىزدىن ھالقىپ، ئالاھىدە ئىشلارنى قىلدۇق. ئەلۋەتتە، بۇ ئاسان ئەمەس، لېكىن %90 ئالەم ئۇچقۇچىسى كۈتۈلمىگەن ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مەشىق قىلىدۇ.»
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئالەم بوشلۇقى ۋەزىپىسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئۇلار مىكرو ئېغىرلىق كۈچى، يېقىن ئارىلىق ۋە يۇقىرى مىقداردىكى ئالەم بوشلۇقى رادىياتسىيەسىگە بەرداشلىق بېرىشى كېرەك.
بۇنى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ يەر شارىغا ئەۋەتكەن سۈرىتىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىلىشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن، بىرەيلەن ۋىلمېر بىلەن ۋىليامىسنىڭ كۆك رەڭلىك بوئېڭ ئالەم قاتنىشى كىيىمى كىيىپ، كۈلۈمسىرەپ، بۇ قىسقا ۋەزىپىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان.
9-ئاينىڭ 24-كۈنىگە كەلگەندە، ۋىليامس مۇشۇنداق بولۇپ قالغان.
بۇ ئايالنىڭ تولغان يۈزى بىردىنلا يىگىلەپ يوقاپ كەتكىلى تاس قالغان. ئۇ پىسا قاتلىمىسى تەييارلاۋاتقاندا چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى، ئەمما ۋىليامس سۇلغۇن كۆرۈنەتتى، بۇ سۈرەت شۇ ھامان توردا تارقالغان. سېئاتل ئۆپكە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن دوكتۇر ۋىناي گۇپتا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «مېنىڭچە، بۇ ۋىليامىسنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئۇزۇن مۇددەت ياشىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىز رايونلاردا ئۇزۇن مەزگىل ياشىغان بەزى كىشىلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق ھالىتى بولىدۇ. ئۇنىڭ مەڭزى قارىماققا سەل ئولتۇرۇشۇپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ، بۇ بەلكىم پۈتۈن بەدىنى ئورۇقلىغاندىن كېيىن پەيدا بولغان ئەھۋال بولۇشى مۇمكىن. ھېچ بولمىغاندا سۈرەتتىكى مەن كۆرگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇ تېخى ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىمىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن مەن ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ساغلام دەپ قارىمايمەن.»
بىراق 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ۋېليامىس بىلەن ۋىلمېرنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش ئەترىتىنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن چۈشكەن سۈرىتىدە، ۋېليامىس قارىماققا سەل ئادەتتىكىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئورۇقلاپ كەتكىنى ئېنىق.
بۇ قېتىمقى ۋەزىپىگە بىۋاستە قاتناشقان ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ نامسىز خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋىليامس خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدا تۇرغان مەزگىلدە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چوقۇم قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك يۇقىرى كالورىيەلىك يېمەك-ئىچمەكنى قاندۇرالمىغان.
ئالەم بوشلۇقىدا ئادەم بەدىنى ئېغىرلىق كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشى ھەمدە سوغۇق، ناچار شارائىتتا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاشقا تىرىشىشى كېرەك، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ كالورىيە سەرپ بولىدۇ. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ خەۋەردار ئەربابلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ھەر كۈنى تەخمىنەن 3500-4000 كالورىيە ئىسسىقلىق قوبۇل قىلغاندىلا، ئاندىن ھازىرقى بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاپ قالالايدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇسكۇل ۋە سۆڭەكنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ھەر كۈنى تەخمىنەن 2.5 سائەت چېنىقىشى كېرەك، ئەمما بۇ تېخىمۇ كۆپ كالورىيەنى خورىتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ۋىليامىسنىڭ سەرپ قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارىدىن كۆپ، شۇڭا ئۇنىڭ ئورۇقلاپ كېتىشى ئەمەلىيەت.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 2014-يىلى قانات يايدۇرغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، ئاياللارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇش جەريانىدا قان پىلازمىسى مىقدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئەرلەرنىڭكىدىن چوڭ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئاياللارنىڭ بېسىمغا بولغان ئىنكاسىنىڭ ئالاھىدىلىكى يۈرەك رىتىمىنىڭ ئېشىشى، ئەرلەرنىڭ بېسىمغا بولغان ئىنكاسى بولسا قان تومۇرنىڭ قارشىلىق كۈچىنىڭ ئېشىشى بولۇپ، بۇ بەلكىم ۋىلمورنىڭ بېشىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.
بىراق، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بۇنىڭغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى بارلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى دېدى.
بۇ ئىككى ئادەم تاساددىپىي ھالدا قېلىپ قالغان، يەنى پىلان توختىغاچقا، ئۇ ئىككىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بوشلۇق پونكىتىنىڭ يىمەكلىك بىلەن تەمىنلىشىگە بىۋاستە بېسىم ئېلىپ كەلگەن. دەسلەپتە، ئۇلار يېڭى كەلگەندە، يېڭى مېۋە-چېۋە، كۆكتات، پىسا، توخۇ كاۋىپى ۋە راك، كوكتېل ھارىقى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلالايتتى، لېكىن ھازىر ئۇلارنىڭ ناشتىلىقى سۈت پاراشوكى قوشۇلغان ئارپا، سۇسىزلاندۇرۇلغان كۆكتات، مېۋە-چېۋە يېيىشكە ئۆزگەرگەن ھەمدە بوشلۇق پونكىتىدىكى 530 گاللون سۇ ساندۇقىدىكى توڭلىتىلغان قۇرۇق شورپا بار.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەر بىر تامچە سۇنى تېجەپ، ئەڭ ئاز ئىسراپچىلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى يەنە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ سۈيدۈك ۋە تەرلىرىنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش ئارقىلىق، تاتلىق سۇ ياساپ، ئۇلارغا شورپا قىلىپ بەرگەن.
ئەمەلىيەتتە، خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ھەر كۈنى ھەر بىر ئالەم ئۇچقۇچىسىغا تەخمىنەن 3.8 قاداق (تەخمىنەن 3.45 جىڭ) يېمەكلىك تەييارلاپ بېرىدۇ ھەمدە تاسادىپىي ئۇزارتىلغان تۇرۇش ۋاقتىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن زاپاس ساقلايدۇ.
ئالەم ئۇچقۇچىلىرى مېتال قاچا-قۇچىلار بىلەن ماگنىتلىق پەتنۇسقا ئۆزىنىڭ تامىقىنى تەييارلاپ، يېمەكلىكنىڭ مىكرو ئېغىرلىق كۈچى مۇھىتىدا لەيلەپ يۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالى ئىزچىل تۈردە NASA دوختۇرلىرىنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشىغا ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە يېتەرلىك ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىپ، ساغلاملىقىنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە خىرىسقا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەنىلا ناھايىتى ياخشى غەمخورلۇققا ئېرىشكەن. ھەممىسى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قىسقىسى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ئەھۋالى كىشىنى بارغانسېرى ئەندىشىگە سالىدۇ، لېكىن ئۆيگە قايتىشقا يەنە ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئاي ۋاقىت بار، كېيىن يەنە قانداق ئىشلار بولىدۇ بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ.
-END-
كىنولار