سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
ئىنسانلار بار يەردە رىقابەت بولىدۇ، رىقابەت بار يەردە مۇقەررەر مۇسابىقە بولىدۇ، گەرچە بۇ مۇسابىقىنىڭ نامى غەلىتە كۆرۈنسىمۇ.
مەسىلەن، «ئىنەكنىڭ ئوسۇرۇشىنى توسۇش مۇسابىقىسى»نى ئاڭلاپ باققانمۇ؟
سىز بەلكىم بۇ مۇسابىقىنى سەل چەكتىن ئېشىپ كەتتى دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن سىز مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا بۇنداق ئويلىمايسىز، ئۇنىڭ ئىسمى جېف بېزوس، ئۇ كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان دۇنيادىكى ئىككىنچى باي.
«ئىنەكنىڭ ئوسۇرۇشىنى توسۇش مۇسابىقىسى»نىڭ مۇكاپاتى ئەۋلادلارغا نەپ يەتكۈزۈش دەپ ئاتىلىدۇ.
چۈنكى كالىنىڭ ئوسۇرۇشى ئەمەلىيەتتە پارنىك ئېففېكتىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى.
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ھەر بىر كالىنىڭ تۆت تال قېرىنى بولىدۇ، ياكى ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بىر قېرىنى تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ قىسمى چوڭ قېرىن.
يېتىلگەن كالىنىڭ چوڭ قېرىنىغا تەخمىنەن 200 لىتىر يېمەكلىك سىغىدۇ، ھەجىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئىچىگە نەچچە مىليارد باكتېرىيە تولۇپ تۇرىدۇ، بۇ باكتېرىيىلەر ئۆسۈملۈكلەرنى پارچىلاپ، ھىدروگېن ۋە كاربون (IV) ئوكسىد ھاسىل قىلىدۇ، ئاشقازاندىكى ئېنزىم بىلەن مىكرو ئورگانىزملار بۇ ئىككى خىل گازنى بىرلەشتۈرۈپ، مېتان ھاسىل قىلىدۇ.
بۇ مېتانلار ئېنىقلا بەدەنگە سىغمايدۇ، شۇڭا ئۇلار كالىنىڭ كېكىرىشى ۋە ئوسۇرۇشىغا ئەگىشىپ ئاتموسفېراغا چىقىرىۋېتىلىدۇ.
كالا زادى قانچىلىك ئوسۇرالايدۇ؟
ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، «ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ناھايىتى ياخشى» بىر كالا ھەر كۈنى تەخمىنەن 300 لىتىر مېتان قويۇپ بېرىدىكەن، بۇ بىر ئوتتۇرا تىپتىكى ۋاننىنى تولدۇرۇشقا يېتىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيادا تەخمىنەن 1 مىليارد 600 مىليون كالا بار.
بۇ نەرسىلەر قوشۇلۇپ سېسىق پۇراق پۈتۈن يەر شارىنى قاپلايدۇ، بۇ بىر خىل ئىنتايىن قورقۇنچلۇق، مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كۈچ.
ئالاقىدار ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىدىكى كاربون قويۇپ بېرىدىغان گازلار ئىچىدە مېتان ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن، لېكىن ئۇنىڭ يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىگە بولغان تەسىرى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كاربون (IV) ئوكسىدنىڭ نەچچە ئون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.
دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، بېزوس 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ يەر شارى فوندى جەمئىيىتى قۇرغان، ئاندىن فوند جەمئىيىتى مۇناسىپ تەتقىقاتقا مەبلەغ سالغان.
بېزوس فوندى جەمئىيىتى مەبلەغ سالغان تۈر بىر خىل ۋاكسىنا بولۇپ، تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل ۋاكسىنا كالىنىڭ ئاشقازىنىدىكى مېتان ياسايدىغان مىكرو ئورگانىزملارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش مەقسىتىگە يېتىدىكەن. گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، «ئوسۇرۇق ۋاكسىنىسى»...
ئەمەلىيەتتە، «ۋاكسىنا ئەملەش» تەسەۋۋۇرىمۇ يېڭى ئەمەس، پەقەت ئەينى چاغدا تېخنىكا ئىقتىدارى يېتەرسىز بولغاچقا، پەن-تەتقىقات كوللېكتىپى پۈتۈن دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئىنەكلەرگە قارىتا ئۇنىۋېرسال ۋاكسىنا لايىھەسى تۈزۈپ چىقالمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كالىنىڭ ئاشقازىنىدىكى مىكرو ئورگانىزملار يەنە دورىغا تاقابىلچانلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ پىلان ئىزچىل توختىتىپ قويۇلغان.
بېزوس نۇرغۇن مەبلەغ سالغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ پىلاننى داۋاملىق تەتقىق قىلىش ۋە يولغا قويۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
ئۇنداقتا بېزوستىن باشقا، يەنە قايسى نەرسىلەر كالىنىڭ ئوسۇرۇقىنى ئازلىتالايدۇ؟
دېڭىز يۈسۈنى يېمەكلىكى
بەزى تەتقىقات گۇرۇپپىلىرىنىڭ بايقىشىچە، دېڭىز يۈسۈنىنى ئىنەككە يەم قىلىپ بەرگەندە، مېتان ھاسىل قىلىش جەريانىنى كاتالىزلايدىغان ئېنزىمنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن مېتان قويۇپ بېرىش مىقدارى %80 ئەتراپىدا ئازىيىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېڭىز يۈسۈنى سۈتنىڭ تەمىنى ئۆزگەرتەلمەيدىكەن.
ئاڭلىماققا ناھايىتى گۈزەل، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كالىلار دېڭىز يۈسۈنىنىڭ تەمىنى ياقتۇرمايدۇ.
بىراق، دېڭىز يۈسۈنىنى شېكەرگە ئوراپ، خۇددى كىچىك بالىنى ئالداپ دورا يېگۈزگەنگە ئوخشاش، كالىنى ئالداپ دېڭىز يۈسۈنىنى يېگۈزسە بولىدۇ.
ئەمما نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ يېتەرلىك دېڭىز يۈسۈنى ئۆستۈرۈش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ زۆرۈر بولغان دېڭىز-ئوكيان ئىجازەتنامىسى تارقىتىش جەھەتتىكى ئىلگىرىلىشى ئاستا، شۇڭا بۇ چارە گەرچە ئاسان بولسىمۇ، لېكىن قىلماق قىيىن.
كالا قالدۇق گازىنى يىغىش قۇرۇلمىسى
ئەنگلىيە Zelp شىركىتى بىر خىل كېكىرىش نىقابىنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، ئۇنى كالىنىڭ بېشىغا تاقاپ، كالىنىڭ ئاغزى ۋە بۇرۇن تۆشۈكىدىن چىققان گازنى ئوكسىدلاش قۇرۇلمىسىغا كىرگۈزۈپ، مېتاننى پارچىلىغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل نىقاب يەنە ھايۋانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
ئەمما مەسىلە شۇكى، بۇ خىل ئۈسكۈنە پەقەت كالىنىڭ كېكىرىشىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ. يەنە بىرگە، بۇ نەرسە مېتاننى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدقا پارچىلايدۇ، گەرچە مېتاندىن ياخشى بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىر خىل پارنىك گازى ھېسابلىنىدۇ.
توك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش
نورۋېگىيەدىكى N2 Applied دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركەت بىر خىل پىلازما قۇرۇلمىسىنى لايىھەلەپ چىققان بولۇپ، ئۇ كالا گەندىسىگە سۈنئىي چاقماق قويۇپ بېرىپ، كالا تېزىكىگە ھاۋادىكى ئازوتنى قوشۇپ، كالا تېزىكىنى تەركىبىدە ئازوت مول بولغان ئورگانىك ئوغۇتقا ئايلاندۇرالايدۇ.
بۇ جەرياندا كالا تېزىكىدىكى %99 مېتاننى يوقىتىپلا قالماي، ئاممىياكنىڭ مىقدارىنىمۇ ئازايتقىلى بولىدۇ، بىردىنبىر ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، پەقەت گەندىگىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئوسۇرۇققا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
كالا نەسلىنى تاللاش
بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، كالىنىڭ ئوسۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى كالىنىڭ ئۆزىدە ئىكەن، بەلكىم ئوسۇرۇقى ئاز كالىنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
شوتلاندىيە يېزا داشۆسى نىشاننى كالىنىڭ 20 گېنىغا قىسقارتقان، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ گېنلار مېتان ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، ئۇلار ئەنگلىيە دېھقانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەر خىل شالغۇتلاشتۇرۇش ۋە گېن تېخنىكىسى ئارقىلىق ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىدىغان كالىنى يېتىشتۈرمەكچى بولغان.
بوۋاق كېنگۇرۇنىڭ گەندىسى
ۋاشىنگتون ئىشتاتلىق داشۆسىدىكى ئالىملار غەلىتە بىر بايقاشنى بايقىغان بولۇپ، ئۇلار بوۋاق كېنگۇرۇنىڭ گەندىسىدىن بىر خىل مىكرو ئورگانىزمنى يېتىشتۈرۈپ چىققان.
ئۇلار بۇ خىل مىكرو جانلىقلارنى مېتان چەكلىگۈچى دورا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن ئارىلاشمىنى كالىنىڭ ئاشقازىنىنىڭ تەقلىدلىگۈچىسىگە سېلىپ، بۇ خىل ئارىلاشما ماددىنىڭ كالىنىڭ قېرىنىدىكى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ مېتان ھاسىل قىلماستىن، بەلكى ئاتسېتىك كىسلاتا ھاسىل قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان، ھايۋانلار ئاتسېتىك كىسلاتانى قوبۇل قىلسا، مۇسكۇللارنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىپ، كالىنىڭ گۆش چىقىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. دېمەك بۇ ئارقىلىق قوش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
بەلگىلەنگەن نۇقتىدا ھاجەتخانىغا بېرىش مەشىقى قىلغۇزۇش
گېرمانىيەدىكى بىر قىسىم ھەرىكەت ئالىملىرى باشقىچە يول تۇتقان بولۇپ، ئۇلار كالىلارغا بەلگىلەنگەن ئىشىكتىن ئۆتۈپ، سۈنئىي چىملىققا كىچىك تەرەت قىلىشنى مەشىق قىلدۇرغان.
ئالىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، كالىنىڭ ئوسۇرۇقىغا ئوخشاش، ئىنەك ھەر كۈنى 30 لىتىر سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىدىكەن، سۈيدۈك دەريا ۋە باشقا سۇ يوللىرىغا سىڭىپ كىرگەندىن كېيىن، يۈسۈنلەرنىڭ كۆپلەپ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۇدىكى ئوكسىگېننى تۆۋەنلىتىدىكەن ھەمدە ياۋايى ھايۋانلارغا زىيان سالىدىكەن.
ھەرىكەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىنەك ئاز دېگەندىمۇ 2-4 ياشلىق بالىلارغا ئوخشاش ياۋاش بولىدىكەن، شۇڭا ئۇلار بۇ خىل مەشىق ئارقىلىق كالا سۈيدۈكىنىڭ بۇلغىنىشىنى ھەل قىلالايدىكەن، ئىغىزىدىكى مېتانغا كەلسەك، بۇنىڭغا ئامالسىز ئىكەن.
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئىنەكنىڭ ھاۋا بۇلغىشىنى ھەل قىلىشتا بەلگىلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان ئۇسۇللاردۇر.
بەزىلىرىگە ھەقىقەتەن كۈلكىلىك، لېكىن كالىنىڭ ئوسۇرۇقى چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس.
2022-يىلى، يېڭى زېلاندىيە كالا-قويلارغا قارىتا «كېكىرىش، ئوسۇرۇش بېجى»نى يولغا قويۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى پىلانلىغان؛ شۇ يىلى ئۆتكۈزۈلگەن COP27 باشلىقلار يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىمۇ مېتان قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى «يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىنى ئاستىلىتىشتىكى ئەڭ ئەرزان، ئەڭ تېز ئۇسۇل» دەپ تەسۋىرلىگەن.
بىراق ھازىر بۇ تېخنىكىلار تېخى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلمىدى، بەلكىم كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى چارىلەر تېپىلىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا سىزنىڭچە قايسى تېخنىكا ئەڭ قالتىس ئىكەن؟
كىنولار