توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
ئاۋدىرىي ھېپبىرن (Audrey Hepburn) ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە گىگانت چولپان، ئۇنىڭ گۈزەللىكى ۋە غەمكىنلىكى ئۇنىڭ ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى مودىسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ، ئۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ چولپىنى، ئۇنىڭ ھاياتقا بولغان چۈشەنچىسى ئادەتتىكى ھوللىۋود ئارتىسلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر، ئۇنىڭ تاماشىبىنلارغا ئېلىپ كېلىدىغىنى خۇشاللىق، قىزغىنلىق ۋە چىنلىققا تولغان تۇرمۇش تۇيغۇسى، يېقىنلىق تۇيغۇسى ۋە غەمكىنلىك تۇيغۇسى، ئەستايىدىللىق تۇيغۇسىنىڭ ئارىلاشمىسى.
ھېپبىرن 1929-يىلى بېلگىيەدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى ئاۋدىرىي كاسېرىن ۋان خويېنستا روستون بولۇپ، ئۈچ بالىنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىدى. دادىسى جوسېف ئەنگلىيىلىك بانكىر بولۇپ، خېلى بۇرۇنلا خوتۇن-بالىلىرىنى تاشلىۋەتكەن، ئانىسى گراف ۋان خويېنستا ئىدى. ساپ ۋە نەپىس ياۋروپا مىجەزى ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك كەسپىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن، بۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ مۈجمەل يېقىنلىقى بىلەن ئوخشىمايدۇ.
2-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ھېپبىرن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئەنگلىيەدىن گوللاندىيەگە كۆچۈپ كەلگەن. گەرچە بۇ بىخەتەرلىكنى ئاساس قىلغان قارار بولسىمۇ، لېكىن يېتەرلىك ئاقىلانىلىك ئەمەس. گېرمانىيە ناتسىستلىرى گوللاندىيىنىڭ ئارنېم شەھىرىگە بېسىپ كىرگەندە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قولغا ئېلىنىپ، ئاچارچىلىققا توغرا كەلگەن، ھېپبىرن بىرنەچچە قېتىم ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالغىلى تاس قالغان، ئىت يېمىگە تايىنىپ ھايات قالغان. ئۇ بەزىدە بالېت ئۇسسۇلى ئويناپ، گوللاندىيە يەر ئاستى پارتىيىسى ئۈچۈن پۇل يىغقان. ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قولغا ئېلىنىپ، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغاندىن كېيىن، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئاران 40 كىلوگرام كەلگەن، بىلىشىمىز كېرەككى، ئۇ 170 سانتىمېتىرلىق ئېگىز بويلۇق قىزچاق ئىدى. قورقۇنچلۇق ئۇرۇشنى ھېپبىرن بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ قالمايدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئازاب-ئوقۇبەت ئۇنى قەيسەر، مۇستەقىل بولۇشقا مەجبۇر قىلىپ، گۆدەك قىزغا چوڭقۇر ئازاب قالدۇرغان.
2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ھېپبىرن ئانىسى بىلەن لوندونغا كۆچۈپ بېرىپ، داڭلىق لامبېرت بالېت مەكتىپىدە بالېت ئۆگەنگەن. گەرچە ئۇسسۇلنى ياخشى ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن ناتسىستلار غالجىرلاشقان ئاشۇ بىر نەچچە يىلدا ئۇنىڭغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، يۈزى سارغىيىپ، مۇسكۇللىرى ئورۇقلاپ كەتكەن، بىر بالېت ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بەك ئېگىز بولۇپ كەتكەنلىكىنى، داڭلىق بالېت ئارتىسى بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ باشقا چىقىش يولى تېپىشقا مەجبۇر بولۇپ، قوشۇمچە مودېللىق خىزمىتىنى باشلىغان ھەمدە بىر نەچچە ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىرلاردا رول ئالغان.
1952-يىلى ھېپبىرن تۇنجى قېتىم «قوشماق سىڭىل» ناملىق كىنودا يانداش رول ئېلىپ، تالانتلىق بالېت ئۇسسۇلچىسىنىڭ رولىنى ئالغان، ئۇ ناھايىتى تەبىئىي ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى جارى قىلدۇرۇپ، يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن رىۋايەتنى ياراتقان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ موناكوغا بېرىپ، ئەنگلىيە كۆڭۈل ئېچىش كەسپىنىڭ گىرۋىكىدە، كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى ئاددىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئانچە ياخشى بولمىغان كىنولاردا كىچىك روللارنى ئالغان.
بىر قېتىم ھېپبىرن مېھمانسارايغا كىرگەندە فرانسىيىلىك داڭلىق يازغۇچى گرېتنىڭ دىققىتىنى تارتقان، گرېت ئۇنىڭ برودۋېي سەھنە تىياتىرى «كىكى»نى سىناپ ئوينىشىنى قارار قىلغان، ئۇ رولنى ناھايىتى ياخشى ئېلىپ، بىر كېچىدىلا نام چىقارغان. بۇ تىياتىر ئارقىلىق ئۇ تۇيۇقسىز برودۋېي چولپىنىغا ئايلىنىپ، كىنو ساھەسىگە كىرىشى مۇقەررەرلىككە ئايلانغان.
ھېپبىرننىڭ تەلىيى ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن. كىنوچىلىقتا كۆزگە كۆرۈنگەن جېن سىممونس « ىمدىكى دەم ئېلىش كۈنى»نى قولدىن بېرىپ قويغاچقا، ۋىليام خۇيلى ھېپبىرننى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلغان. ئۇ تاللىنىپ، گرېگورى پاركېر بىلەن بىللە باش رول ئالغان، فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ناھايىتى تېزلا تونۇلۇشتىن ھەممىگە تونۇلۇشقا باشلىغان.
«رىمدىكى دەم ئېلىش كۈنى» ھوللىۋودنىڭ تىپىك رومانتىك كومېدىيىسى بولۇپ، ئايال باش پېرسوناژ يەتكىلى بولمايدىغان گۈزەللىك ۋە ئالىيجاناب ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە، ئەر باش پېرسوناژ ئاددىي، ئەمما ئۇلۇغۋار بولۇپ، ئاخىرىدا ئايال باش پېرسوناژغا ئېرىشكەن. ھېپبىرن رول ئالغان ئىتالىيە مەلىكىسى ئەسلىدە يەتكىلى بولمايدىغان سوغۇق ساھىبجامال بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇ چىقىشقاق، كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ.
ئەينى چاغدا نام چىقىرىپ بولغان پاركېر ھېپبىرننىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى دەپ قاراپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ئورۇن، ئوخشاش فىلىم ھەققىنى تەڭ ئالغان، بۇ ئۇنى ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان ھەمدە ئويلىمىغان يەردىن مۇكاپات لوڭقىسىغا ئېرىشكەن . 24 ياشلىق ھېپبىرن تۇنجى قېتىم باش رول ئېلىپلا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەمدە چوڭ چولپانغا ئايلانغان، خۇددى سەت ئۆردەك چۈجىسى ئاققۇغا ئايلانغاندەك. مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇ ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن مۇكاپات لوڭقىسىنى تازىلىق ئۆيىگە چۈشۈرۈپ قويغان. ئۇ باشقا ئايال ئارتىسلارغا ئوخشاش مۇكاپات لوڭقىسىنى بەك مۇھىم بىلىپ كەتمىگەن.
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ھېپبىرن پارامونت شىركىتى بىلەن يەتتە فىلىم كېلىشىمى ئىمزالىغان، ئۇنىڭ سەمىمىي مىجەزى كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە رام قىلغان. كېيىن ئۇ «ئەجدىھا بىلەن سۇمۇرغ»دا رول ئېلىپ، ئىككى ئەر ئوتتۇرىسىدا قارار چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان ئاددىي پۇقرا قىزنىڭ رولىنى ئالغان، بۇ رول ئارقىلىق ئۇ يەنە بىر قېتىم ئوسكاردا ئىسمى ئاتالغان. ئۇ ئاممىنىڭ دىتىغا ياقىدىغان بەزى ئامىللارنى ئىپادىلەشكە باشلاپ، بارا-بارا پىشقان ئايال ئارتىس بولۇپ يېتىلگەن.
ھېپبىرن بىلەن لايىھىلىگۈچى Givenchy نىڭ ھەمكارلىقى ناھايىتى ئالاھىدە. تۇنجى قېتىملىق ھەمكارلىق «ئەجدىھا بىلەن سۇمۇرغنىڭ ماسلىشىشى» بولۇپ، ھېپبىرن تەشەببۇسكارلىق بىلەن گېۋىنچىنى ئۆزىگە مۇراسىم كىيىمى لايىھەلەشكە تەكلىپ قىلغان، ئۇ ئايال باش رولچىنىڭ پارىژ ئوبرازى بىر كەسپىي لايىھەلىگۈچىگە موھتاج، دەپ قاراپ، ئەمدىلا خىزمەت ئىشخانىسى ئاچقان جىننى ياقتۇرۇپ قالغان. گېۋىنچى ھېپبىرننىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنى ئەينى چاغدىكى كاتتا چولپان كاسېرىن ھېپبىرن دەپ ئويلىغان. ئۇلار ناھايىتى مۇكەممەل ھەمكارلاشقان، ھېپبىرن شۇنىڭ بىلەن مودا چولپىنىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ دوستلۇقى ھېپبىرننىڭ كەسپىي ھاياتىغا سىڭدۈرۈلگەن.
ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان خىزمەتچىلەرنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ھېپبىرن دائىم ئەدەپلىك، ناھايىتى چىرايلىق ياسانغان، ئۇ ئىزچىل گېۋىنچىغا كىيىم لايىھەلەتكەن، مەيلى قانداقلا ۋاقىتتا بولسۇن، مەيلى نېمىلا كىيسۇن، ئىنتايىن جەلپكار كۆرۈنگەن.
«تاتلىق ئاچا-سىڭىل»دا ھېپبىرن كىتابخانا خىزمەتچىسىنىڭ رولىنى ئالغان، كېيىن مودا مودېلى بولغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بەدەن شەكلى «لولىگو بەدەن شەكلى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، مۇكەممەل مودېل بەدەن شەكلىگە ئىگە ئىدى. بۇ كىنو ئۇنىڭ مودا چولپانلىق ئورنىنى تىكلىگەن، گەرچە ئۇ بىر ئۆمۈر بۇ خىل قاراشقا ئۆچ بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ئوبراز يەنىلا داۋاملاشماقتا.
«راھىبەلەرنىڭ تەرجىمىھالى»دىمۇ ھېپبىرننىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان. بۇ فىلىمدىن بۇرۇن ئۇ يەنىلا رومانتىك لوڭقىنىڭ رولىنى ئالغان، لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن ناھايىتى كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلغان. ئۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى زوراۋانلىقنى چۈشەنمەكچى بولغان راھىبەنىڭ رولىنى ئالغان، بۇ خىل تېما ھوللىۋود ۋە ھېپبىرنغا نىسبەتەن بىر خىرىس، بۇ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك فىلىم، ئۇ ناھايىتى بېرىلىپ، كۆرۈرمەنلەرنى جەلپ قىلغان كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغىنى، گۈزەللىكنى سېتىش نۇقتىسى قىلغان، ھېپبىرن 3-قېتىم ئوسكاردا ئىسمى ئاتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۇنىڭ سېھرى كۈچىگە مەپتۇن بولغان.
ھېپبىرننىڭ ئېرى مېل فېللېر ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ «يېشىل ساراي»نىڭ رولىنى ئالغان، بۇ ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى بىردىنبىر چوڭ مەغلۇبىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇ «تىفەننىنىڭ ناشتىلىقى»نى سۈرەتكە ئالغان، بۇ كىنو ئۇنى مەڭگۈلۈك مودا چولپىنىغا ئايلاندۇرغان. ئۇنىڭدا ئاۋدىرىي ھېپبىرننىڭ ئۇسلۇبىغا ئېنىقلىما بېرىلگەن بولۇپ، بۇ كىنونى كۆرۈپ باقمىغانلارمۇ ھېپبىرنغا نىسبەتەن مۇشۇنداق تەسىراتقا ئىگە بولغان.
ھېپبىرننىڭ بۇ فىلىمدە بىر ئەخمىقانە شاللاق پاھىشە ئايالنىڭ رولىنى ئالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس، ئۇنىڭ مىجەزى خۇددى ساپ، ساپ زېرەكچاققا ئوخشايدۇ، بۇ كىنونى كۆرگەندە بۇ قىزنىڭ پەقەت ئەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ھېپبىرن سەمىمىي مىجەز-خۇلققا ئىگە بولۇپ، درامىنى مەينەتچىلىكتىن ساقلىيالايدۇ. ھېپبىرن ئۆزى بىلەن قارمۇ-قارشى چىقىشقاق رولنى ئېلىش ناھايىتى تەس دەپ قارىغان، بۇ رولنى دەسلەپتە مونرو ئالغان. ھازىر «تىفەننىنىڭ ناشتىلىقى» ھېپبىرننىڭ ئەڭ داڭلىق كىنوسى ھېسابلىنىدۇ.
«زىلۋا خېنىم»دىن كېيىنكى كېيىنكى فىلىم ئېرى مېل فېللېر فىلىم ئىشلىگۈچى بولغان «ئەما قىزنىڭ ۋەھىمىسى» بولۇپ، ئۇ بۇ ۋەھىمىلىك فىلىم ئارقىلىق شەكىللەنگەن گۈزەل، يېقىملىق ئوبرازنى بۇزۇپ تاشلىغان، ھېپبىرن بىر ئەما قىزنىڭ رولىنى ئالغان، تاشقى قىياپىتى ئاجىز، قەلبى كۈچلۈك. ھېپبىرن بۇ كىنودا ئەڭ ياخشى نومۇر كۆرسەتكەن.
1975-يىلىدىكى «روبىن ھۇد ۋە مارىيان» ھېپبىرننىڭ كېيىنكى ئەسەرلىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللە بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغان بولسىمۇ، يەنىلا مودا ۋە گۈزەل ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كىنوسى «مەڭگۈلۈك» بولۇپ، بۇ كىنونىڭ رېژىسسورى ستېۋېن سىپىلبېرگ (Steven Spielberg)، ئۇ ھەمىشە تاماشىبىنلارنىڭ چولپانلاردىن نېمىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. ئۇ ھېپبىرننى تەمكىن ھەم گۈزەل بىر رولغا، مەلىكىدەك بىر ئوبرازغا ئىگە قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم رول ئالالمايدۇ. بۇ كىنو ھېپبىرننىڭ نەچچە ئون يىللىق كەسپىي ھاياتىنىڭ خۇلاسىسىگە ئوخشايدۇ، دۇنيا ئۇنىڭ كىنو ۋە پۇل ئىئانە قىلىش ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئۇنى مەڭگۈ ياد ئەتكەن.
مەستانىلەرنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ھېپبىرن ناھايىتى ئىچ مىجەز بولۇپ، ناھايىتى ئاز دوست تۇتىدىكەن، لېكىن ناتونۇش كىشىلەر بىلەن چىقىشىپ قالسا، ناھايىتى ياخشى چىقىشىپ ئۆتىدىكەن. ئۇنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى تەرتىپلىك، بالدۇر كارىۋاتقا چىقىپ، سەھنە سۆزىنى ئۆگىنىدۇ. ئۇ ئۆمۈر بويى ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەن، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئانچە چىرايلىق ئەمەس دەپ قارىغان.
ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىدە ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىغا بېرىپ، ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.
ئۇنىڭ ھاياتى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بولغان، ئۇنىڭ ئىلگىرى بىلگەنلىرى، ئافرىقىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرى، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىردىنبىر قىلماقچى بولغىنى ئافرىقىلىق بالىلارغا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىش بولغان. ئۇنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقەتەن ئۇ ياردەم قىلغان بۇ بالىلارنى مەركەز قىلغان، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. ھەممە ئادەم ئۇنىڭ سۆزىنىڭ چىن كۆڭلىدىن چىققانلىقىنى كۆرەلەيدۇ. ئۇنىڭ «تىفەننىنىڭ ناشتىلىقى»دىكى بىر قارا رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى كرىستىدا بىر مىليون فوندستېرلىڭغا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان بولۇپ، ئىئانە پۇل ئافرىقىلىق بالىلارغا ئىئانە قىلىنغان. 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇ ئافرىقىدا زىيارەتتە بولغاندا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، بىر يىلدىن كېيىن شىۋېيتسارىيەدىكى ئۆيىدە 63 يېشىدا ۋاپات بولغان.
ھېپبىرننىڭ ھاياتىدا كەسىپتە ئۇتۇق قازانغاندىن باشقا، ئىشلىرى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىغان. ئېچىنىشلىق بالىلىق، بەختسىز، قاۋۇل بەدەن، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇ چوڭ غەلبىگە ئېرىشكەن. كىشىلەر ئۇنى پەقەت بىر داڭلىق چولپان دەپ قارىمىغان، بەلكى ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن. ئاۋدىرىي ھېپبىرن بىر نەپىس روھ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كىشىلەرگە ئىللىقلىق، ئاقكۆڭۈللۈك ۋە ئۈمىد بېغىشلىغان، بۇ دەل كىنو يېتەلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى پەللە.
كىنولار