ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
كۆپچىلىككە مەلۇم بولسۇنكى، تايلاند پادىشاھىنىڭ يېڭى ئەتىۋارلىق خانىشى ئاخىرى ئاشكارىلاندى!
ئىككى ئاي ئىلگىرى، بىز ئېسىلزادە خانىش سىنىنانىڭ يېنىدىكى دېدەكنىڭ يۇقىرى مەرتىۋىگە چىققانلىقىدىن گۇمان قىلىنغانلىقى، تايلاند پادىشاھىنىڭ ئۇنى ئارقا ئوردىغا ئەكىرىش غەرىزى بارلىقى توغرىسىدا بىر پارچە ماقالە يازغانىدۇق.
ئونانوڭ بىلەن سىنىنا.
دەرۋەقە، بۇ تايلاند پادىشاھىنىڭ يېڭى ئەتىۋارلىق خانىمى ئېسىلزادە خانىش سالاھىيىتى بىلەن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاپ، قالتىس لاتاپەتلىك بولۇپ كەتكەن.
تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، كۆزى ئۆتكۈر چەت ئەل تاراتقۇلىرى بۇ ئەتىۋارلىق خانىشنىڭ يېنىدا يەنە بىر نەچچە يېڭى دېدەكنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بايقىغان. قارىغاندا تايلاند پادىشاھىنىڭ ئارقا ئوردىسىدىكى ئادەم سانى داۋاملىق ئاشىدىغان ئوخشايدۇ.
ئالدىنقى قېتىم تايلاند خان جەمەتىنىڭ ھەر بىر ئەزاغا بىردىن ئىزنەك ۋە ۋەكىللىك رەڭ بېرىدىغانلىقىنى، ئائىلە ئەزالىرىنى ئۆزىنىڭ ئاددىي سىزما ئەسەرلىرىگە سىزىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەينى چاغدا چەت ئەل تاراتقۇلىرى تايلاند خان جەمەتىنىڭ 9-ئايدا ئاممىغا ئىئانە قىلغان سوۋغات قۇتىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھال رەڭدە ئوراپ قاچىلىغانلىقىنى بايقىغان.
سوۋغات قۇتىسىدىكى تايلاند پادىشاھى ئۆز قولى بىلەن سىزغان ئاددىي رەسىمدە، ھال رەڭ يوپكا كىيگەن قىسقا چاچلىق بىر قىزمۇ بار ئىكەن.
سىنىنانىڭ دېدىكى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان ئونانوڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دەل سەيشەنبە كۈنى بولۇپ، شۇ كۈندىكى تايلاندنىڭ ۋەكىللىك رەڭگى ھال رەڭ ئىكەن. ئونانوڭنىڭ يۇرتىمۇ سىرلىق زاتلارنىڭ نۇرغۇن مەبلىغىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ قايتا قۇرۇش، رېمونت قىلىپ يېڭىلىشىغا ياردەم بېرىلگەن.
يۇقىرىقى «تاساددىپىيلىق»لار ئونانوڭنىڭ تايلاند پادىشاھىنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ، پات ئارىدا ئارقا ئوردىغا كۆچۈپ كىرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى، دەپ پەرەز قىلىنغان. دەرۋەقە، ھازىر بۇ پەرەزلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ ئەمەلگە ئاشقان. ئالدىنقى ئاينىڭ 27-كۈنى، تايلاند پادىشاھىنىڭ 72 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن (ئەمەلىي تۇغۇلغان كۈنى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، تەبرىكلەش يىل ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ)، تايلاند دېڭىز ئارمىيىسى كاتتا ساياھەت كېمىسى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
پائالىيەت كۈنى، تايلاند پادىشاھى بىلەن خانىش سۇتىدا خان جەمەتى پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ، مائى نام دەرياسىدا ئاممىغا قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈرگەن.
ئونانوڭ بولسا ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ، تايلاند پادىشاھى بىلەن خانىشنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان.
ئۈچ ئادەمنىڭ بىر كېمىگە ئولتۇرغان كۆرۈنۈشى، تايلاند پادىشاھىنىڭ بۇ يېڭى سۆيۈملۈكىنىڭ ئورنىنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
11-ئاينىڭ 10-كۈنى، تايلاند پادىشاھى ئونانوڭنىڭ شەخسىي ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يۇرتىغا قايتىپ تۇغقان يوقلىشىغا رۇخسەت قىلغان.
تۇغقان يوقلايدىغان كۈنى، ئونانوڭ تايلاند پادىشاھىنىڭ شەخسىي ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ يۇرتى لى يىفۇغا يېتىپ كەلگەن. شۇ جايدىكى ئەمەلدارلار بالدۇرلا ئايرودرومغا چىقىپ، يىراقتىن كەلگەن بۇ ئەزىز مېھماننى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلغان.
ئونانوڭ شۇ كۈنى بىر يۈرۈش ھال رەڭ ئالىي دەرىجىلىك مۇراسىم كىيىمى كىيگەن بولۇپ، روشەنكى بۇ رەڭ ئۇنىڭ خان جەمەتىگە خاس رەڭگى ئىكەن.
ئۇنى كۈتۈۋالغان ئەمەلدارلار ۋە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى خان جەمەتى ئەزالىرىغا تىزلىنىپ سالام بەرگەن. بۇمۇ ئونانوڭنىڭ گەرچە رەسمىي ئوتۇغات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن خان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
بۇ قېتىم كۆپچىلىك ئالدىدا رەسمىي پەيدا بولغان ئونانوڭنىڭ ياسىنىشىمۇ ئىلگىرىكى دېدەك بولغان ۋاقىتتىكىگە ئانچە ئوخشىمايدىكەن.
ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، تايلاند پادىشاھى ئەزەلدىن قىسقا چاچلىق قەھرىمان ئاياللارغا ئامراق بولۇپ، بۇ خىلدىكى قىزلارنى يېنىدا ئېلىپ قېلىپ قوغدىغۇچى قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. بىراق، ئايال ياساۋۇللار ئارقا ئوردىغا تاللانغاندىن كېيىن، ئۇزۇن چاچ قويۇپ، بېلىگە كېلىدىغان چاچ پاسونىنى ساقلاپ، ئوتۇغات بېرىش خۇش خەۋىرىنى كۈتىدىكەن. ئەينى يىلى ئۇنىڭ خانىشى سىنىنانىڭ ياسىنىشىمۇ يۇقىرىقى جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن.
مانا ھازىر، بۇ خىل خان جەمەتى گىرىمىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھېس قىلغان ئۇنىڭ دېدىكى ئونانوڭ بولغۇسى خانىشقا ئايلانغان.
تېخىمۇ ئەمەلىي بولغىنى شۇكى، تايلاند خان جەمەتىنىڭ ئارقا ئوردا مەرتىۋىسىدە، تايلاند پادىشاھىغا ۋاكالىتەن ھۆكۈمەت ئىشىغا قاتنىشالايدىغان ئايال ئائىلە ئەزالىرى رەسمىي ئوتۇغات بېرىلىشتىن بۇرۇن «تەنپۇيىڭ (ئاقسۆڭەكلەرنىڭ رەپىقىسى)» دەپ ئاتىلىدىكەن.
چۈنكى، سۇتىدا خانىش ئوتۇغات بېرىشتىن ئىلگىرىلا تەنپۇيىڭ ئۈستىدە ئىزدىنىش سالاھىيىتى بىلەن ئۈچ يىللىق ھۆكۈمەت ئىشىغا قاتناشقان.
بۇ ئىش ئونانوڭنىڭ ئارقا ئوردىدىكى نامىنى بېكىتىشكە بىر قەدەملا قالغانلىقىنى تېخىمۇ ئىسپاتلىغان.
لېكىن، تايلاند ئارقا ئوردىسىنىڭ ئورنىدىمۇ ئۇنداق ئاسان ئولتۇرغىلى بولمايدىغان بولۇپ، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ بايقىشىچە، يۇرتىغا قايتىپ تۇغقان يوقلىغان ئونانوڭنىڭ يېنىدا يەنە يېڭى چىرايلىقلار پەيدا بولغان، بۇ بەلكىم كېيىنكى خانىشلىق تەختىنىڭ رىقابەتچىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەسلىدە، ئونانوڭ بۇ قېتىم يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن باشقا، يەنە تايلاند پادىشاھىغا ۋاكالىتەن ئارزۇ قىلىش ۋە ئىئانە قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.
ئارزۇ قىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، ئەتىۋارلىق توقال خانىش قىياپىتىدە تۇرغان ئونانوڭ باشقىلارغا خان جەمەتى مۇراسىم كىيىمى تەقدىم قىلغان، ئۇنىڭ كەينىدە نۇرغۇن خان جەمەتى ياساۋۇللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بار ئىكەن.
ئونانوڭ يىغىن مەركىزىدە ئولتۇرۇپ، ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ يېنىدا يەنە ئىككى قىسقا چاچلىق دېدەك بار ئىكەن. ئىككەيلەننىڭ چاچ پاسونى، كىيىنىشى ۋە تۇرقى ئەينى يىللاردىكى ئونانوڭغا ئوپمۇ-ئوخشاش ئىكەن.
ھازىرقى بىلەن ئۆتمۈشنىڭ سېلىشتۇرمىسى.
بۇ كىشىلەرنى بۇ ئىككى دېدەكنىڭ تايلاند پادىشاھىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىدىن گۇمانلاندۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئالدى بىلەن ئونانوڭنىڭ يېنىغا قويۇلۇپ كۆزىتىلىدىكەن. ئەگەر ئىككىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسا ياكى ئونانوڭ تايلاند پادىشاھىنىڭ كۆڭلىگە ياقماي قالسا، دەرھال ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ، ئارقا ئوردىغا كىرەلەيدىكەن. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ ئۈچ نەپەر يېڭى بىر نۆۋەتلىك خوجايىن ۋە خىزمەتكار بەلكىم تايلاند پادىشاھىنىڭ ئارقا ئوردىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، خانىش سۇتىدانىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىغان زاپاس لايىھەسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ پەرەزلىرىگە ھازىر ھۆكۈم قىلىش تەس بولۇپ، بىراق، بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىشىلەر ئونانوڭنىڭ تەختكە چىقىشى خانىش سۇتىدانىڭ ئورنىنى مۇقىمسىزلاشتۇرىۋېتىدۇ، دەپ پەرەز قىلىشقان، ئەمدىلىكتە بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولۇپ قالغان.
يۇرتىغا قايتقان ئونانوڭ.
چۈنكى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئونانوڭ يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئاتا-ئانىسىنى يوقلاشتىن بۇرۇن، خانىش سۇتىدا تۆھپىكار شاھزادىنى ئېلىپ تايلاند پادىشاھىغا ۋاكالىتەن ھۆكۈمەت ئىشىغا قاتناشقان.
پائالىيەتتە، سۇتىدا ھەممە يەردە تۆھپىكار شاھزادە بىلەن بىللە يۈرگەن بولۇپ، ئىككىسى قارىماققا ناھايىتى ئىناق ئانا-بالىلاردەك كۆرۈنگەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىزچىل خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئىككىنچى شاھزادە ۋاچاراسون ۋە 8-ئايدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان سىنىنا پائالىيەتكە قاتناشقان. بۇ ئىككى ئادەمنىڭ بىرى، شاھزادە تىباڭگوڭنىڭ دۈشمىنى، يەنە بىرى، خانىش سۇتىدانىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ھېسابلىنىدىكەن. دۈشمەننىڭ دۈشمىنى دېگەن دوست، بۇ تەبىئىي ھالدا بۇ ئۆگەي ئانا بىلەن بالىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىۋەتكەن.
شۇڭا، ئۇلى ئاجىز بولغان ئونانوڭنىڭ پەقەت تايلاند پادىشاھىنىڭ ئىلتىپاتىغا تايىنىپلا، ۋەلىئەھدىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن سۇتىدا بىلەن ئارقا ئوردىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىشى بىر خام خىيال بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. بىراق، كەلگۈسىدە تايلاند ئارقا ئوردىسىنىڭ ھاكىمىنىڭ زادى كىم بولىدىغانلىقىنى ھازىرقى ئارقا ئوردىنىڭ رەت تەرتىپىدىن بىلگىلى بولمايدىكەن.
نېمىلا دېگەن بىلەن، 72 ياشلىق تايلاند پادىشاھى تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان «مۇھەببەت مەستانىسى» بولۇپ، پات-پات مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بولىدىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ زادى كىمنى بەكرەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىكەن. ئەڭ ئاخىرىدا ۋەقەنىڭ ئۆزىگە قايتىپ كەلسەك، ئويلىمىغان يەردىن 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئونانوڭ قىسقىغىنە بەش يىلدا، ئادەتتىكى ئادەمدىن پادىشاھنىڭ ئەتىۋارلىق كېنىزىگىچە بولغان ئالەمشۇمۇل بۇرۇلۇشنى تاماملىغان.
يۇرتقا قايتقان ئونانوڭ.
كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئۇنى يۇقىرى مەرتىۋىگە چىقارغان خانىش سىنىناغا ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ دېدىكى ئاسىيلىق قىلغان.
شۇنداق دېمەي بولمايدۇكى، ئەگەر سىز ئوردا كۈرىشىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ۋە خەتەرلىك ھېكايىلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم تايلاند خان جەمەتىگە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك، يېڭىدىن پەيدا بولغان ھەر بىر شەخس يېڭى ۋەقەلەرنى كۆپلەپ چىقىرىپ، ئويۇن كۆرۈۋاتقان ئاممىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە يېڭى ئارقا ئودا پېرسوناژلىرى پەيدا بولامدۇ يوق؟ دېگەن سۇئالغا كەلسەك، بىز پەقەت بىر تەرەپتىن كۆرۈپ بىر تەرەپتىن تەھلىل قىلالايمىز، خالاس.
كىنولار