سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا، كورېيە چولپانلىرىنىڭ قاباھەتلىك يېمەك-ئىچمىكى يەنە بىر قېتىم قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان، بۇنىڭ سەۋەبى بۇ ئايدا ئالاقە تاراتقۇسىدا ئېلان قىلىنغان بىر ۋېدىيو بولۇپ، ئەرلەر گۇرۇپپىسى «پىنتەگون» (PENTAGON)نىڭ ئەزاسى ياڭ خوڭسۇك ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىنى كونترول قىلىش جەريانىدىكى ئۈچ ۋاق تامىقىنى ئاشكارىلاپ، مەستانىلەرنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ناشتىلىقتا «ئاددىي-ساددا» بولۇپ، خالىغانچە خالتىلىق يېشىل چاي دەملەپ، ئاندىن بىر سىقىم ئاق شېكەر قوشۇپ ئىچسە، يۈز قىسمىنىڭ ئىششىقىنى ياندۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، بۇ ياش چولپانلار ئارىسىدا ئىنتايىن ئومۇملاشقان.
يېشىل چايغا ئاق شېكەر قوشۇلغان ناشتىلىق.
ئۇلار چۈشلۈك تاماقتا ئادەتتە كۈتۈش ئۆيىدە تاماق بۇيرۇتىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئاخىرى ھەقىقىي يېمەكلىك پىسا قاتلىمىسى يېگىلى بولىدىكەن، لېكىن پىسا قاتلىمىسىنىڭ يان تەرەپلىرىنى يېسە بولمايدىغان بولۇپ، چۈنكى ھەممىسى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ئىكەن.
يان تەرەپلىرىنى يېسە بولمايدىغان چۈشلۈك تاماق پىسا قاتلىمىسى.
يەنە بەزىلەر پۈتۈن پىسا قاتلىمىسىغا تەگمەي، پەقەت ئۈستىدىكى كۈنجۈت ۋە خۇرۇچلارنىلا يەيدىكەن. ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى شۇكى، ئادەتتىكى بىر پۈتۈن پىسانى سەككىز پارچە قىلىپ كەسسە، ئۇلار يەتتە ئادەم يەپ بولالمايدىكەن.
بەزىلەر پىسا قاتلىمىسىنىڭ ئۈستىدىكى خۇرۇچلارنىلا يېمەكتە.
كەچلىك تاماق ئادەمنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بولۇپ، بۇمۇ ئورۇقلاشقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بىر ۋاخ تاماق بولغاچ، شۇڭا ھەممە نەرسىنى يېيىشكە بولمايدىكەن، ئامال بار ئازراق سۇ ئىچىپ، ئاندىن يېرىم كېچىدە ئاچلىق تۇيغۇسىدا ئويغىنىپ كىتىشتىن بۇرۇن دەرھال ئۇخلىۋىلىش كىرەك ئىكەن، بولمىسا يېرىم كېچىدە ئاچلىق تۇيغۇسىدا ئويغىنىپ كەتسىڭىز بىر تال ئۇيقۇ دورىسى يەپ ئۇخلاش ئىەكن.
كەچلىك تاماق سۇ.
ئاندا-ساندا قۇشۇمچە تاماق كەلگەندە، مېيى بىلەن گۆشى قەۋەتلىنىپ كەلگەن گۆش ناھايىتى «قالتىس» يېمەكلىك بولۇپ قالىدىكەن، لېكىن پەقەت سۇدا قاينىتىلغىنىنىلا يېيىشكە توغرا كېلىدىكەن.
سۇدا پۇشۇرۇلغان گۆش.
ھازىر بۇ ۋىدېيونىڭ چېكىلىش قېتىم سانى 4 مىليون 300 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، تورداشلار ناھايىتى ھەيران قالغان.
تورداشلا «ئۇلار بۇنچىلىك نەرسىنى يېگەندىن كېيىن، يۇقىرى سىجىللىقتىكى ئۇسسۇل مەشىقىگە قانداق بەرداشلىق بىرىدىغاندۇ؟ ئۇلار چوقۇم بەك ھېرىپ كىتىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان دۇنيادا ياشايدىكەن» دېيىشكەن.
ئەمەلىيەتتە، چولپانلارنىڭ قاباھەتلىك يېمەك-ئىچمىكى ۋە ئاشقۇن ئورۇقلاش ئۇسۇلى خېلى بۇرۇنلا كەسىپ ئىچىدىكىلەرنىڭ ئاشكارا سىرىغا ئايلانغان. بازار ئېستېتىكىسىغا ماسلىشىش، ئېكرانغا چىقىش ئۈچۈن، بەدەن ئېغىرلىقى ھەر بىر چولپانلارنى دېگۈدەك قىيناپ باققان، ئۇلار نىشانغا يېتىش ئۈچۈن «ۋاسىتە تاللىمىغان»، مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، تەبىئىي ھالدا بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىم خيۇنئا پىروگراممىدا ئۆزىنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمەت مۇساپىسىدە پەقەت بىر تال دېڭىز يۈسۈنى قوناق ئېتىلدۇرمىسى يېگەنلىكىنى، بىر ئايدا 12 قېتىم ھوشىدىن كېتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
كىم خيۇنئا ئۆتمۈشى ئۈستىدە توختىلىپ، كۆز يېشى قىلماقتا.
سوڭ يۇچى كورېيەدە پىراكتىكانت ئوقۇغۇچى بولغاندا تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاش ئۈچۈن، ھەر كۈنى پەقەت بىر ئىستاكان ئامېرىكىچە قەھۋە ئىچكەن. بۇنىڭ ئۈنۈمى خېلى ياخشى بولۇپ، بىر ھەپتىدىلا تۆت كىلوگىرام ئورۇقلىغان، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە تەتۈر ئېقىم خاراكتېرلىك قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان.
.سوڭ يۇچى.
داڭلىق ناخشىچى ئايئۇ (IU) ئىلگىرى تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاشنى قوغلاشقاندا، بىر كۈندە پەقەت بىرلا ئالما ۋە ئىككى تاتلىق ياڭيۇ يەپ، بىر ئىستاكان سۈت قوشۇپ ئىچكەن. ئۇ ئۆزىمۇ بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ بەدەنگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، مەستانىلەرنى دورىماسلىققا قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرغان.
ئايئۇ ئورۇقلىغاندا بىر كۈندە مۇشۇلارنىلا يەيدۇ.
بۇلار ئايرىم مىسال ئەمەس، بەلكى چولپانلاردا ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان قىيىن ئەھۋال بولۇپ، بۇرۇنلا كۆزگە كۆرۈنۈپ كەتكەن. ئالدىنقى بىر نەچچە ئايدا كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورېيەدىكى 10 ئايال پىراكتىكانت ئوقۇغۇچىنىڭ سەككىزىدە ھەيز كەلمەيدىكەن. بىر كۆڭۈل ئېچىش شىركىتىنىڭ يېڭى چولپانلارنى يېتىشتۈرۈش ئەترىتىنىڭ خىزمەتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ پىراكتىكانت ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى سەھەر سائەت بەشتە ئورنىدىن تۇرۇپ، سەھەر سائەت ئىككىدە ئۆيگە قايتىش ئىكەن، ئورۇقلاش ئۈچۈن بىر ھەپتە پەقەت سۇلا ئىچىدىكەن.
كۆپ سان قىزلاردا ھەيز كەلمەيدىكەن. ئۇلار ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە ھەمىشە ھەرىكەت قىلىپ، بىر نەرسە يېمەيدىكەن. بۇ يەردە ئاتالمىش «ساغلام» ئورۇقلاش سىستېمىسى يوق بولۇپ، پەقەت ئۇلارغا چوقۇم نىشان بەدەن ئېغىرلىقىغا يېتىش كېرەكلىكىنى ئېيتىلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە ھەيز كەلمىسە، ئەكسىچە بۇ قىزلار تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلىدىغان بولۇپ، چۈنكى بۇ تېخىمۇ قولايلىق ئىكەن. مەكتەپتە ئوقۇمايدىغان قىزلار ھەيز كەلمەيدىغان ئىشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدىغان بولۇپ، شىركەتمۇ جىنسىي تەربىيە ئېلىپ بارمايدىكەن. ئىلگىرى يەتتە يىل پىراكتىكانت ئوقۇغۇچى بولغان جيائېن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئەينى چاغدىكى كۈنلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقىم ئالدىنقى كۈنىكىدىن سەل ئۈستۈنرەك چىقىپ قالغان بولسا، ئۆيگە قايتالمىغان بولاتتىم. مەن چوقۇم خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىدا جازادا تۇرۇپ، ئېغىرلىقىم ئۆلچەمگە يەتكۈچە تۇرۇشۇم كېرەك. بۇنداق تۇرمۇشنى قايتا-قايتا ئۆتكۈزۈش مېنىڭ ئازراق بىر نەرسە يېسەملا دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىشىمنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مەن ئىزچىل ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قالدىم».
سابىق ئاياللار گۇرۇپپىسى «براۋى گىرلس» (Brave Girls)نىڭ ئەزاسى لۇ خىرەنمۇ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ ناخشىچى، ئۇسۇلچى بولۇش ئارزۇيى بولغاچقا، 15 يېشىدىلا پىراكتىكانت بولۇپ، ھەر كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن تاڭ ئاتقۇچە مەشىق قىلىپ، كېچىنى ئۆتكۈزۈپ ئاندىن مەكتەپكە بارىدىكەن. مەشىق ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، ئۇ شىركەتنىڭ يېنىدىكى سېسىق پۇراققا تولغان كىچىك ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، ئۈچ يېرىم يىل بەرداشلىق بېرىپ، ئاخىرى كەسپىي ھاياتىنى باشلاش پۇرسىتىنى كۈتۈۋالغان. ئۇ چاغدا ئۇ 19 ياش، بوي ئېگىزلىكى 170 سانتىمېتىر بولۇپ، ئىزچىل ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن، چۈنكى كامېرادا سەمرىپ قورسىقى چىقىپ قىلىشقا يول قويۇلمايدىكەن، ئورۇقلاشنى ئەمەلىي كۈچنىڭمۇ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك ئىكەن. لېكىن ئۇنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئالدىراش چاغلىرىدا ئەتىگەن سائەت يەتتىدىن ئەتىسى سەھەر سائەت بەشكىچە خىزمەت قىلىپ، پەقەت ئىككى سائەتلا ئۇخلايدىكەن.
بۇ خىل بېسىم ئاستىدا، ئۇ يەنە بەدەن ئېغىرلىقىغا قاراپ، ئورۇقلىشى، ھەر كۈنى سەككىز سائەت ھەرىكەت قىلىشى كېرەك ئىكەن. بىر قېتىم ئۇ ئۇدا 10 كۈن ھېچنېمە يېمەي، ھەتتا سۇ ئىچمەي، پەقەت ئاغزىغا سۇ ئىلاپلا ياندۇرۇپ، بۇ ھەرىكەتنى توختىماي تەكرارلىغان. نەتىجىدە بەدىنى يىگىلەپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئاشقازىنى ئېغىر دەرىجىدە تارتىشىپ قالغان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كىرىدىكەن، جىمجىت تۇرغان ھالەتتىمۇ بەدىنىدىن سوغۇق تەر چىقىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ساھەگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ھەيزى ئىزچىل بىنورمال بولۇپ كەلگەن. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، داۋاملىق تاماقتىن ئۆزىنى تارتىش كېرەك ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ كەسىپنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق، دائىم سىز قارىماققا سەل سېمىز كۆرۈنىۋاتىسىز، بەدەن شەكلىڭىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بەدەن شەكلىڭىزنى تېخىمۇ ئورۇق كۆرسىتىشڭىز كېرەك، دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قالسا ياخشى ئىش دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئورۇقلاپ كېتىدۇ. كەسىپ ئىچىدە بىر خىل ناھايىتى مودا بولغان ئورۇقلاش دورىسى بار، بۇ دورىنى يېسە بەدەندىكى سۇ چىقىپ كېتىدۇ، لېكىن يەنىلا يەيدۇ. مەنمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر نەچچە ئاي يىدىم، بەدەن ئېغىرلىقىمنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن. مېنىڭ بىر دوستۇم يېگەندىن كېيىن تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى». سەھنىدىكى چولپانلار ناھايىتى چاقناپ تۇرىدىغان بولۇپ، لېكىن سەھنە ئاستىدىكى ئۇلار ئۆزىنىڭ بەدىنىگە زور سەل قارىغان، ئۇلار بىر خىل ئېستېتىك زوقىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدىكەن.
كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز
تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552