سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
يىلان قىز 6-بۆلۈم كەلدى
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
بوللىۋۇد ئۇسسۇل خانىشى مادۇرى دىكشىت ئامېرىكىلىق دوختۇر شىرىرام بىلەن توي قىلىپلا ئېكران يۈزىدىن چېكىنىپ ئامېرىكىغا كەتكەن ئىدى. كېيىن ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بىلەن داڭلىق فىلىمى «ئۇسسۇل ئوينايلى»غا رېژىسسورنىڭ قاتتىق تەكلىپ قىلىشى بىلەن قايتىپ كېلىپ ئېكران يۈزىدە قايتا كۆرۈنگەن ئىدى.
ئۇ يېقىندا ۋىدىيا بالەن بىلەن بىرگە يېڭى فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا نېمىشقا ئېكران يۈزىدىن چېكىنگەنلىكىنى دەپ ئۆتتى. مۇخبىرنىڭ سوئالى مۇنداق ئىدى:
«مادۇرى، سىز كەسىپي ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققاندا توي قىلىشنى تاللىدىڭىز. يەنە كېلىپ بۇ قارار ئۈچۈن ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇسسۇل كەسپىنى ۋە ئارتىسلىق كەسپىدىن بىراقلا ئايرىلدىڭىز. ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇنداق قارار چىقىرىشىڭىزغا نېمە سەۋەب ئىدى».
مادۇرى دىكشىت:
«ئەلۋەتتە مەن ئۇ يىللاردا ناھايىتى خوشال ئىدىم. ئۇزۇن يىل نۇرغۇن فىلىملاردا رول ئالغاندىن كېيىن مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈۋاتاتتىم. ئەمما بۇنىڭ بەدىلى بىر چولپان بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھەممە كىشىنىڭ كۆزى سىزدە بولىدۇ. ھەربىر ھەرىكىتىڭىز، ھەربىر سۆزلىرىڭىز كىشىلەرنىڭ دىققەت ئوبېكتى بولىدۇ.
مەن شىرىرام بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلغاندا، ئامېرىكىگە كۆچۈپ كېتىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ تۇنجى ئويۇم شۇ بولدى. پاھ، دېمەك مەن نورمال كىشىلەردەك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىكەنمەن. مېنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىم نېمە دەۋاتقانلىقىم ئەمدى خەۋەرلەرگە چىقىپ يۈرمەيدۇ. ئۆزۈم خالىغان ئىشنى ئۆزۈم خالىغان تەرىقىدە قىلالايدىكەنمەن»
شۇنداق، مانا بۇ ئۇنىڭ جاۋابى. بىلەمسىلەر، ئۇ ئامېرىكىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقاندا ئۆزىنىڭ تاللا بازارلارنى ئايلانسىمۇ ناھايتى ھوزۇر ھې س قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. چۈنكى ھىندىستاندا بۇنداق قىلالىشى ئېھتىمالدىن ناھايىتى يىراق. ئۆزى ئېيتقاندەك ئەتىسىلا گېزىت باش خەۋەلىرىگە چىقىدۇ. دېمەك ئۇنىڭ ئېكران يۈزىدىن چېكىنىش سەۋەبى نورمال كىشىلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئىكەن.
ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئۇنىڭ بەخىتلىك ئائىلىسى ۋە ئىككى ئوغلىمۇ بۇنىڭغا سەۋەب بولالايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ھىندسىتالىقلار ئۇنىڭ قايتا ئېكران يۈزىگە قايتىپ كەلگەنلىكىگە خوشال. يەنە كېلىپ ئۇ يولدىشى ۋە بالىلىرى بىلەن كۆچۈپ كەلدى. ئۇنى كەسىپ ۋە تۇرمۇشتا مۇۋەپپقىيەت قازانغان بەخىتلىك ئايال دېيشكە بولىدۇ. قېنى بۇ سالوندا ئۇنىڭ مەستانىلىرى بارمىكىن؟
كىنولار