سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
چوڭ ئايال 25 ياش كىچىك ئوغلىنىڭ ئاغىنىسىگە تېگىۋالدى، ئوغلى قوش قوللاپ قوللىدى
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
ئامېرىكا مىچىگان ئىشتاتىلىق ئەيمى سىپاركس (Amy Sparks) بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىككى قېتىم توي قىلغان، يەتتە بالىسى بار.
بۇلتۇر 10-ئايدا ئۇ ئۈچىنچى قېتىملىق تويىنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «بالا ئىشقىۋازى» دېگەن يامان ئاتاققا قالغان، چۈنكى ئېرى ئۇنىڭدىن توپتوغرا 25 ياش كىچىك ئىدى.
ئەيمىنىڭ يولدىشىنىڭ ئىسمى بىرايس بولۇپ، بۇ يىل ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن، يېشى ئەيمىنىڭ ئوغلى ئەيدىن بىلەن تەڭ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېسابتا، ئوغلى ئايدىن ئەمەلىيەتتە بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ «ئەلچى»سى بولغان.
ئەيدىن بىلەن بىرايس كىچىكىدىنلا تونۇش بولۇپ، ئىزچىل ياخشى دوستلاردىن ئىدى، كېيىن 17 ياشقا كىرگەندە، ئۇ بىرايسنى تۇنجى قېتىم ئاپىسى ئەيمى بىلەن كۆرۈشتۈرگەن، شۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىن ئاغىنىسىنىڭ ئاپىسىنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
بىرايسنىڭ ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى يوشۇرۇش نىيىتى يوق بولۇپ، ناھايىتى تېزلا ئايدىنغا ئىشلارنى دېگەن، ئويلىمىغان يەردىن، ئايدىن ئۇنى باتۇرلۇق بىلەن قوغلىشىشقا ئىلھاملاندۇرغان.
شۇنىڭ بىلەن بىرايس ئۆزىنىڭ 18 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ھارپىسىدا دادىللىق بىلەن تەلەپ قويۇپ، ئەيمىگە ئۇچۇر يوللاپ: «بىلمەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن.
ئەيمى خۇشال بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۇنى رەت قىلغان، نېمىلا دېگەن بىلەن ئىككىسىنىڭ يېشى 25 ياش پەرقلىنەتتى. ئۇ ئىلگىرى نۇرغۇن ھېسسىيات ئازابىغا ئۇچرىغان، مۇھەببەتلىشىشتە ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇپ، ياش يىگىتلەرگە قارىغاندا ئۆزىنى شەرتسىز ياخشى كۆرىدىغان، ئۆزىگە سادىق ئادەم تېپىشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلاتتى.
لېكىن بىرايس ۋاز كەچمىگەن، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەپ قوغلىشىپ، بارلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەيمىنىڭ يېنىدا تۇرغان، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەيمى شوپۇر بولۇپ مال يەتكۈزگەندە، ئۇمۇ ئەيمىگە ھەمراھ بولغان.
تەخمىنەن ئىككى يىلدىن كېيىن، ئەيمىنىڭ يۈرىكى ئاخىرى تەۋرىنىپ قالغان، ئۇ ئۆزىنىڭمۇ بىرايسنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، باشقا قىزلارنىڭ ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەتتا ھەسەتمۇ قىلغان.
ئاخىرىدا ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن يۈزلىنىشنى قارار قىلىپ، بىرايسنى قوبۇل قىلغان، ئىككىيلەن 2022-يىلى 2-ئايدا رەسمىي ئارىلىشىشقا باشلىغان.
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى كۈنى، ئۇلار تۇنجى قېتىم ئاشىق-مەشۇق سالاھىيىتىدە، ئوغلى ئەيدىن ۋە ئۇنىڭ لايىقى بىلەن بىر رېستۇراندا قوش كىشىلىك ئۇچرىشىشقا چىقىپ، گۈزەل مىنۇتلاردىن ھۇزۇرلانغان.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئۈچ ئايدىلا بىللە بولغان، ئەينى چاغدا بىرايسمۇ ئاران 19 ياشتا ئىدى.
بىراق، ياش پەرقى ئەمدى مەسىلە ئەمەس ئىدى، ئەيمىنىڭ نەزىرىدە، بىرايس گەرچە ياش بولسىمۇ، لېكىن باشقا تەڭتۇشلىرىغا قارىغاندا خېلىلا پىشقان ۋە سالاپەتلىك، يەنە كېلىپ ئاق كۆڭۈل ۋە مۇلايىم، چىقىشىشتا ھېچقانداق بېسىم يوق، ئەيمى يەنە «ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىش، ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەختلىك» دېگەن.
ھېسسىيات مۇقىملاشقاندىن كېيىن، ئۇلار بۇ ھېسسىياتنى كۆپچلىككە ئېلان قىلغان. ئويلىمىغان يەردىن دەرھال ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. بىرايسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلالمىغان، ئەيمى بولسا «بالا ئىشقىۋازى» دەپ ئەيىبلەنگەن.
بەلكىم سىرتقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسا كېرەك، ھەتتا ئىلگىرى ئۇلارنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن ئوغلى ئايدىنمۇ پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئاپىسىنىڭ يېڭى مۇھەببىتىنىڭ ئىنتايىن بىنورمال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان.
لېكىن ھەممە ئادەم بىلەن تاكاللىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئەيمى بىلەن بىرايس يەنىلا ئۆزىنىڭ تاللىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بۇلتۇر 10-ئايدا كىچىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، رەسمىي قانۇنلۇق ئەر-خوتۇن بولغان.
(سولدىن ئوڭغا: ئېرى بىرايس، ئوغلى ئەيدىن، ئەيمى)
لېكىن ئەيمى بۇ سەۋەبلىك «بالا ئىشقىۋازى» دېگەن نامدىن قۇتۇلالمىغان، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىدىن باشقا، نۇرغۇن تورداشلارمۇ ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن.
كۆپچىلىكنىڭ ئىككىلىنىۋاتقىنى يەنىلا ياش پەرقى مەسىلىسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوغلىنىڭ يېقىن دوستى بىلەن مۇھەببەتلىشىشمۇ ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ:
-ئۇ ئىزچىل ئوغۇل بالىنىڭ قۇرامىغا يېتىشىنى ساقلاپتۇ، ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدۇ.
-ئۇف، مەن بۇنىڭدىنمۇ بولمىغۇر ئىشنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن...
-شۇنداق قىلىپ ئوغۇلنىڭ يېقىن دوستى ئۇنىڭ ئۆگەي دادىسى بولۇپ قاپتۇ-دە.
بۇنىڭغا ئەيمى كۆپ قېتىم رەددىيە بەرگەن: «مەن بىرايس 17 ياشقا كىرگەندە ئاندىن ئۇنى تونۇغان. باشقىلار مېنى بالا ئىشقىۋازى دەپ تىللىغاندا، مەن ئازابلانمايمەن، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىمنى بىلىمەن، مېنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ ئەمەلىيەت ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ.»
بىرايسمۇ ئايالى ئۈچۈن گەپ قىلىپ، ئۇنىڭ قەستەن ئازدۇرمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغلاشقانلىقىنى ئىسپاتلىغان:
«مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشنى ئويلىغان، مەن ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالدىم، لېكىن ئۇ قەتئىي ئويلاشمىدى، چۈنكى مەن تېخى قانۇندا بەلگىلەنگەن ياشقا كىرمىگەنىدىم. مەن 18 ياشقا كىرگەندە، بۇ ھېسسىياتتا ئىلگىرىلەش بولدى. باشقىلارنىڭ ئەيمىنىڭ يامان گېپىنى قىلغىنىنى ئاڭلىغىنىمدا، مەن ھەقىقەتەن بىئارام بولىمەن. بۇ ھېسسىياتقا نۇرغۇن سەلبىي كەيپىياتلار ھەمراھ بولغان، مەن بۇنداق ئىشنىڭ ئايالىمدا يۈز بېرىشىنى خالىمايمەن. مېنىڭ قىلالايدىغىنىم، ئۇنىڭ راست ئەمەسلىكىنى ئېنىق دېيىش.»
ئىككىيلەننىڭ شۇنچە چىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، نۇرغۇن تورداشلار قايىل بولۇپ، قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن:
-50 ياشلىق لېئوناردو 19 ياشلىق مودېل بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقسا بولىدىكەن-يۇ، بۇ ئايال بۇنداق قىلسا نېمىشقا بولمىغۇدەك؟
-ئەگەر ئۇلار خۇشال بولسا، ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭ، ئۇلار ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ.
-ئەمەلىيەتتە ئۇلار بەك ماس كېلىدىكەن. ئەگەر ئۇلار بىللە خۇشال بولسا، ئايال تەرەپنىڭ بالىلىرىمۇ قوبۇل قىلسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يەنە بەزىلەر رېئال قىيىن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان:
-بۇنىڭغىغۇ بوپتۇ دەيلى، لېكىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ يىگىت 30 ياشقا كىرگەندە بالىلىق بولماقچى بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئايال تەرەپنىڭ يېشى بويىچە، ئۇنىڭغا بالا تۇغۇپ بېرەلمەيدۇ.
بالىلار مەسىلىسىگە قارىتا، بىرايسنىڭ ھازىرقى پوزىتسىيەسى: «بالا بولمىسا قەتئىي كۆڭلۈمگە ئالمايمەن، مەن بالىلىق بولۇشنىڭ نۇرغۇن بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.»
كەلگۈسىدە ئۆزگىرىش بولامدۇ-يوق، بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس، غايەت زور ياش پەرقىدە تېخىمۇ كۆپ ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت.
كىنولار