سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
يىلان قىز 6-بۆلۈم كەلدى
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
كىم كارداشىيان سەيشەنبە كۈنى تورغا بىر نەچچە سۈرەتلىرىنى يوللىغان. سۈرەتتە، ئۇ ئۇچىسىغا قىسقا كالتەك توپ چاپىنى ۋە ئىشتان پايپاق كىيىۋالغان بولۇپ، يەنىلا تەنناز قىياپەتتە ئىدى. بۇ دەل ئۇنىڭ 30 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ماشىنا ئادەم بىلەن چۈشكەن سۈرىتى ئىدى.
ماشىنا ئادەم يەنە ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇر ئورۇندۇقىدا خۇددى ئادەمگە ئوخشاش ئولتۇرغان.
ئۇ ماشىنا ئادەمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشۈپلا قالماي...
يەنە ماشىنا ئادەمنىڭ پۇتىدا ئولتۇرغان. (مەن مۇشۇ ماشىنا ئادەم بولۇپ قالسامچۇ دەپ ئويلاۋاتسىزغۇ دەيمەن)
ماشىنا ئادەم بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ناھايىتى يېقىن بىر خىل ھېسسىياتنى نامايان قىلغان.
يېقىندا، كىم كارداشىيان ھەقىقەتەن ماشىنا ئادەمگە مەپتۇن بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەۋەر قىلغىنىمىزدەك، ئۇ ماشىنا ئادەم بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان بىر كۆرۈنۈشنى يوللىغان ئىدى. ۋىدېيودا ئۇ ماشىنا ئادەم بىلەن پاراڭلاشقان، يەنە ھەر خىل قول ئىشارەتلىرىنى قىلغان، ماشىنا ئادەم بىر-بىرلەپ ئىنكاس قايتۇرغان.
مەسىلەن، بىر تەرەپتىن سالاملىشىپ، بىر تەرەپتىن قول پۇلاڭلىتىش؛
كارداشىيان ماشىنا ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكىنى سورىغاندا، ماشىنا ئادەم قولى بىلەن بېشىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ بوي ئېگىزلىكىنى ئىشارەت قىلغان؛
كىم كارداشىيان سۆيۈش ھەرىكىتىنى ئىشلىسە، ماشىنا ئادەممۇ ئوخشاش جاۋاب قايتۇرغان... ھاببا...
يەنە تېخى ئىككىيلەن تاش، قايچا، رەخت ئويۇنى ئوينىغان.
يەنە تېخى يۈرەك شەكىل چىقىرىشقان... (ۋايەي، قوۋۇرغام قاراسلاپ كەتتى)
كىم كارداشىياننىڭ ئۇنىڭ ئادەم بىلەن يېقىنچىلىق قىلىپ چۈشكەن سۈرىتىنى كۆرگەن تورداشلارنىڭ ئىنكاسى بىردەك بولمىغان، بەزىلەر قىزىقارلىق ھېس قىلغان، لېكىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر ناھايىتى غەلىتىلىك ھېس قىلغان، تېخى بەزىلەر «كىم كارداشىيان ماشىنا ئادەمنى كەلتۈرۈۋالماقچى» دېيىشكەن.
-ئىنسانلار بىلەن بىرەر قۇر ئارىلىشىپ بولدىڭىز، ئەمدى ماشىنا ئادەمگە تۇتۇش قىلاي دەۋاتامسىز؟
-كەچۈرۈڭ كىم كارداشىيان، سىزمۇ بىزگە بۇنداق غەلىتە ھەرىكەتنى نورمال دەپ ھېس قىلدۇرسىڭىز بولمايدۇ، بىزنىڭ بۇنى كۆرگىمىز يوق!
-ئۇ ئاخىرى ئۆزى كونترول قىلالايدىغان بىر ئەرنى تاپتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، تورداشلار يۇقارقى ئىككىلى ماشىنا ئادەمنىڭ تېسلا شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ماشىنا ئادەم ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ھازىرچە كىم كارداشىياننىڭ بۇ ماشىنا ئادەمنى سېتىۋالغانلىقى ياكى تېسلا شىركىتىنىڭ ئارىيەت بەرگەنلىكى ئېنىق ئەمەس.
يەنە سۈرەتتە پەيدا بولغان كەلگۈسى تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئاپتوموبىلمۇ بار بولۇپ، ئۇمۇ تېسلانىڭ، يەنە كېلىپ كىم كارداشىيان ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان Model S.
كارداشىياندا بىردىن ئارتۇق تېسلا ئاپتوموبىلى بار.
تورداشلارنىڭ دېيىشىچە، ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى، كارداشىيان ئۆزىنىڭ يېڭى پاسوندىكى تېسلا Cybertruckنى ھەيدەپ يولغا چىققاندا، لوس ئانژېلېس ناھىيەسىدىكى قاتناش ساقچىلىرى توسۇۋالغان.
بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى شامال توسۇش ئەينىكى قېنىق رەڭلىك بولۇپ، شۇ جاينىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان، قاتناش ساقچىسى كارداشىيانغا فامىلىلىككە جەرىمانە تالونى كېسىپ بەرگەن.
2013-يىلى كارداشىيان ئوخشاش سەۋەب بىلەن قاتناش ساقچىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىغان.
بىراق، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى جەرىمانە ئېغىر ئەمەس بولۇپ، «بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تۈزىتىش» جەرىمانە تالونى ئىكەن، كارداشىيان پەقەت ئەينەكنى ئالماشتۇرۇپ، ساقچى ئىدارىسىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلسىلا، جەرىمانە تۆلىمىسىمۇ بولىدىكەن.
ماشىنا ئادەمنىڭ گېپىگە كەلسەك، بەزى تورداشلار تېسلا ياكى ماسكنىڭ پۇل خەجلەپ، ماشىنا ئادەمنى تەشۋىق قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشقان.
كىنولار