NASAجىددىي چېكىنمەكچى!خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا زادى نېمە بولدى؟

文摘   2024-11-20 21:45   新疆  

سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ



كۆزەتچىلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 10 يىلغا يېقىن ئېشىپ كەتكەن خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنى ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى دېيىشكە بولىدۇ: ئۇ ئالدى بىلەن بوئىننىڭ كاشىلىسى كۆپ «سەييارىلەر ئارا يولۇچىلار ئايروپىلانى» ناملىق ئالەم كېمىسىنى كۈتۈۋالدى، يېقىندا يەنە ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA)نىڭ جىددىي چېكىنىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىق خەۋىرى تارقالدى، خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا زادى نېمە بولدى؟

ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي: خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدا بەش يىل داۋاملاشقان گاز قېچىشتەك «جاھىل كېسەل»نىڭ ئېغىرلىشىش خەۋپى بار بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەھۋالنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىپ ئاپەت خاراكتېرلىك كاشىلا كۆرۈلۈشىدىن ئەندىشە قىلغان، بۇ ھەتتا بوشلۇق پونكىتىنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن!

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN)نىڭ ئاشكارىلىشىچە، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، مەسىلە رۇسىيەنىڭ «يۇلتۇز» ناملىق مۇلازىمەت بۆلۈمچىسى بىلەن يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسىنىڭ تۇتاشتۇرۇش ئېغىزىدىكى يۆتكىلىش يولىدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدا تۆت يېرىق ۋە 50 «كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان يوشۇرۇن خەۋپ» مەۋجۇت بولۇپ، ھەر كۈنى نورمال ئۆلچەمدىن 2 قاداقتىن 2.5 قاداققىچە ئېشىپ كەتكەن ھاۋا ئېقىمى ئېقىپ چىقىدىكەن. بۇ يىل 4-ئايدا خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدىكى ھاۋانىڭ ئېقىش سۈرئىتى بىر مەھەل كۈنىگە 3.7 قاداققا يەتكەن. ئارقىدىن رۇسىيە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ھىملەش دورىسى ۋە ياماش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەلۇم بولغان بارلىق يېرىقلارنى ياپقان، «رېمونت قىلىش خىزمىتى داۋاملىشىۋېتىپتۇ»، بۈگۈنكى كۈندە ھەر كۈنى ئېقىپ كېتىدىغان ھاۋا مىقدارى تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم ئازايغان، لېكىن يەنىلا توختاپ قالمىغان.

رۇسىيەمۇ ئىلگىرى كۆپ گاز قاچقان ئورۇننى رېمونت قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. بۇ خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدا يا باشقا يېرىقلارنىڭ بايقالمىغانلىقى، يا ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ ناچارلىقى، يەنى يېڭى يېرىقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش مۇپەتتىش ئىشخانىسى خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنىڭ خەۋپ-خەتەرنى باھالاش دەرىجىسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرگەن. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 14-چېسلا ئېلان قىلغان باياناتىدا گۇمانىي يېرىق ئىنتايىن كىچىك، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىن ئەتراپتا تىرەك ۋە تۇرۇبا يوللىرى زىچ بولغاچقا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بۇ رايونلارغا قورال-سايمانلارنى كىرگۈزۈشى تەسكە توختايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ گازقېچىش نۇقتىسىنى ئىزدەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

تاشقى دۇنيانى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدىن گاز قېچىش مەسىلىسىدە پىكرى ئېغىر دەرىجىدە بىردەك ئەمەس ئىكەن. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكىنىڭ سابىق ئالەم ئۇچقۇچىسى بوب كابانا 13-چېسلادىكى بىر قېتىملىق بىۋاستە كۆرسىتىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بوشلۇق پونكىتىدىكى گاز قېچىش سەۋەبى ۋە قۇتقۇزۇش تەدبىرىدە ئىختىلاپ بار: ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى «يۇلتۇز» ناملىق مۇلازىمەت بۆلۈمچىسىدىكى گاز قاچقان ئورۇننىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە ئاپەت خاراكتېرلىك كاشىلا كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما رۇسىيە فېدراتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى «ئاپەت خاراكتىرلىك پارچىلىنىش خەتىرىنىڭ رىياللىققا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ».

ئىككى تەرەپنىڭ نېمە سەۋەپتىن خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدىن گاز قاچقانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى قارىشىمۇ بىردەك ئەمەس ئىكەن. رۇسىيە تەرەپ مۇنداق دەپ قارىغان: خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدىكى مىكرو تەۋرىنىش (بۇنى بەلكىم ئېنېرگىيە ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان مېخانىكىلىق سىستېما كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن) بۆلمە دىۋارىدا «مېتال چارچاش» پەيدا بولۇپ يېرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن؛ ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى مۇنداق دەپ قارىغان: ئەھۋال تېخىمۇ مۇرەككەپ، بۇ مېخانىكىلىق كۈچىنىش، مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىش ۋە قالدۇق كۈچىنىش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارغا چېتىلىدۇ، ھەتتا يۆتكىلىش يولىنى يەر يۈزىدە ياساش جەريانىدا ماتېرىيال ياكى ھۈنەر-سەنئەتتە نۇقسان بولۇشى مۇمكىن.

خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدىن گاز قېچىش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقى ھەمكارلىقىدىكى ئومۇميۈزلۈك چېكىنىش بار ئىكەن. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى مۇنۇلارنى تىلغا ئالغان: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ 2022-يىلى رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، غەرب ئەللىرى رۇسىيە بىلەن بولغان كۆپ قىسىم خەلقئارا ئالەم قاتنىشى تۈرلىرىنى توختاتتى، ئىككى تەرەپ پەقەت خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنى پارچىلىغىلى بولماسلىق قاتارلىق تېخنىكىلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئارانلا ھەمكارلىقنى ساقلاپ قالدى. ھازىرقى پىلان بويىچە، رۇسىيە 2028-يىلى خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ، ئامېرىكا ۋە باشقا ھەمكارلاشقۇچىلار 2031-يىلىغىچە تۇرۇش ھەققىدە ۋەدە بەردى.

بەختكە يارىشا، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش پىلانى سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئالەم بوشلۇقىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشىنى تەلەپ قىلغان. مەسىلەن، گاز قېچىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولغان يۆتكىلىش يولىنى باشتىن-ئاخىر ھىم ساقلاش كېرەك بولۇپ، پەقەت تەمىنات توشۇيدىغان ئالەم كېمىسى بىلەن «يۇلتۇز» ناملىق مۇلازىمەت بۆلۈمچىسى تۇتاشتۇرۇلغاندا ئاندىن ۋاقىتلىق ئېچىلىدىكەن. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى مايكول بارات 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يۆتكىلىش يولىنى ئېچىشقا توغرا كەلگەندە، بوشلۇق پونكىتىنىڭ باشقا قىسىملىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان چۈشۈرگىنى ئېتىۋېتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى يەنە خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا توختىتىپ قويۇلغان «ئەجدىھا» ئادەملىك ئالەم كېمىسىگە ۋاقىتلىق قوشۇمچە «پەتنۇس ئورۇندۇق» ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ئەسلىدە يۈك قاچىلاشقا ئىشلىتىلىدىغان رايوننىڭ ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى جىددىي ئەھۋالدا ئادەملىك «ئەجدىھا» ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ يەر شارىغا قايتىشقا توغرا كەلگەندە ئۆزىنى ئۇنىڭغا باغلاپ قويسا بولىدىكەن. ئادەملىك «ئەجدىھا» ئالەم كېمىسى يەتتە ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان قىلىپ لايىھىلەنگەن، ئەمما بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندە پەقەت تۆت رەسمىي ئورۇن تەسىس قىلىنغان. ھازىرقى پىلان بويىچە، خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدىكى بۇ ئادەملىك «ئەجدىھا» ئالەم كېمىسى «Crew-9» ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋە ئىلگىرى بوئىننىڭ «سەييارىلەر ئارا يولۇچىلار ئايروپىلانى» ناملىق ئالەم كېمىسىدە كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ قالغان ئامېرىكىلىق ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسىنى توشۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن.

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، يېڭىدىن قوشۇلغان بۇ «پەتنۇس ئورۇندۇق» رۇسىيەنىڭ «ئىتتىپاق» ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا كەلگەن ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى دون پېتتىت ئۈچۈن ساقلاپ قويۇلغان ئىكەن. «ئەگەر خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى بىخەتەر ئەمەس دەپ قارالسا ھەمدە پېتتىت رۇسىيەنىڭ بۆلمە بۆلىكىگە توختىتىپ قويۇلغان ئالەم كېمىسىگە كىرەلمىسە، ئۇ ئادەملىك «ئەجدىھا» ئالەم كېمىسىنىڭ <پەتنۇس ئورۇندۇق>تا ئولتۇرۇپ باشقا تۆت ئالەم ئۇچقۇچىسى بىلەن بىللە ئۆيگە قايتىدىكەن».

قانداق دېيىش كېرەك؟ خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئادەملىك خىزمەت قىلغىنىغا 24 يىل بولدى، بىر قىسىم بۆلۈمچىلەرنىڭ ئوربىتىغا كىرگەن ۋاقتىنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرىغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى لايىھەدىكى ئىشلىتىش مۇددىتى 15 يىل ئىدى، ھازىر 10 يىلغا يېقىن ئارتۇق خىزمەت قىلدى، بىر قىسىم ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرى ئەسلىدىكى لايىھەدىكى مۇددىتىدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتتى. خۇددى ئامېرىكا «ئالەم بوشلۇقى» تور بېكىتى ئېيتقاندەك، «ھەرقانداق كونىراپ كەتكەن ئالەم كېمىسىگە ئوخشاش، خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدا بۇنداق ئاسراش مەسىلىسىنىڭ كۆرۈلۈشى مەلۇم دەرىجىدە مۆلچەرلەنگەن»، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ھەمكارلىقىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنىڭ ھازىرقى ناچار ھالىتى كىشىنى ھەقىقەتەن ئېچىندۇرىدۇ.

ھېلىمۇ ياخشى، ھازىر ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا يەنە بىر پۇت تىرەپ تۇرۇش ئورنى بار، ئۇ بولسىمۇ ئېلىمىزنىڭ «تيەنگوڭ» ناملىق بوشلۇق پونكىتى. ھەقىقەتەن بەك ياخشى بولدى.

كىنولار

تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章