سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
پارىژدا بايلار بەك كۆپ، بۇ مەخپىيەتلىك ئەمەس. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىدىغانلارمۇ ئىنتايىن كۆپ. يەنە كېلىپ دائىم ئوغرىلىق دېلولىرى يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىمۇ ھەرگىز مەخپىيەتلىك ئەمەس، مەيلى سىز ئادەتتىكى تور چولپىنى بولۇڭ ياكى بايلار ئىچىدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد باي بولۇڭ ياكى كارداشيان جەمەتىدىن بولۇڭ، ئوخشاشلا پارىژدا ئوغرىلىققا ئۇچرىشىڭىز ياكى بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن.»
بەلكىم مەلۇم دەرىجىدە بىر تەرەپلىمە مۇبالىغە تۇيغۇسى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن يېرىم كېچىدە جىمجىت بولغان پارىژ كوچىلىرى بەزىدە ھەقىقەتەن بىخەتەر ھېسابلانمايدۇ. بولۇپمۇ يالغۇز قالغان ئاياللارغا نىسبەتەن.
سېۋرېن بۇ يىل 44 ياش، پارىژ ۋازى دەرياسى ۋادىسىدىكى بىر كۆزەينەك دۇكىنىنىڭ باشقۇرغۇچىسى. بۇ ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش ماشىنا ھەيدەپ ئىشقا بارغان، ئۇ پۈتۈن بىر كۈن خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، ماشىنىنى مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ھېنرى پونگېرت چوڭ يولىغا توختىتىشقا ئامالسىز قالغان. شۇڭا ئۇ سەل يىراقراق بىر جاينى تېپىپ، ئاپتوموبىلنى روبېرت-دېسنوس كوچىسىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا توختاتقان.
بۇ يەر كۈندۈزى قارىماققا ناھايىتى بىخەتەر كۆرۈنىدۇ، بۇ يەردە توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىللارمۇ ئاز ئەمەس، شۇنداقلا سېۋرېننىڭمۇ ئاپتوموبىلنى تۇنجى قېتىم بۇ يەردە توختىتىشى ئەمەس. شۇ كۈنى كەچ سائەت يەتتىدىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتقان بولۇپ، سېۋرېن بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۇكاننى تاقىغاندىن كېيىن، سەل چارچاپ قالغان ھالدا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا بېرىپ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كەتمەكچى بولغان.
قىش پەسلى پارىژ چوڭ رايونىدا كەچ ناھايىتى بالدۇر كىرىدىغان بولۇپ كۆپ ھاللاردا سائەت بەش-ئالتىلەردە تۈن پەردىسى يېپىلىدۇ، سائەت يەتتىدىن ئاشقاندا سودا رايونىدىن باشقا، باشقا جايلارنىڭ سىرتىدا يولۇچىلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ. سېۋرېن بارغان ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ ئەتراپىدا چىراغ يوق بولۇپ قاپقاراڭغۇ ئىدى. ئۇ تېز ماڭغان، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بەرگەن.
ئىككى ئەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇ ئاپتوموبىلىغا چىقىشتىن بۇرۇن تۇيۇقسىز ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان، سېۋرېن ئۆزىنىڭ بوينىنى قاتتىق سىقىلغانلىقىنى ھېس قىلغان، شۇ ھامان تۇنجۇقۇپ قالغاندەك تۇيغۇ ئۇنى ئاستا-ئاستا ئىسكەنجىگە ئالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرسىنىڭ ئۆزىگە: «تېز بول سائىتىڭنى ماڭا بەر! تېز بول!!!» دېگەن.
لېكىن سېۋرېن زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشىنىشكە ئۈلگۈرمەيلا ياكى قارشىلىق كۆرسىتىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ قېچىشنىڭ ئامالىنى قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۇلارنىڭ زەربىسىدىن ھوشىدىن كەتكەن. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئۇ يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن يەردىن ئويغانغان، ئاندىن بىلىكىدىكى 10 مىڭ ياۋرودىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان لاۋرىس قول سائىتىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، قول سائىتى بىلەن تەڭ ھەتتا پۇتىدىكى ئاياغنىڭمۇ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن. لېكىن غەلىتە يېرى شۇكى، ئۇ دائىم يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان سومكىسى، سومكىسىدىكى يانفون، AirPods، بەدىنىدىكى باشقا زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى يوقاپ كەتمىگەن.
بۇلاڭچىلارنىڭ بىر قاتار مەشغۇلاتلىرى خۇددى قول سائىتى بولۇش ئۈچۈنلا بولغاندەك قىلىدۇ، ئاياغقا كەلسەك، بۇ پەقەت بۇلاڭچىلارنىڭ قېچىپ قۇتۇلۇش ۋاقتىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن. بىراق، ئەينى چاغدىكى سېۋرېن تېخى بۇلارنى ئويلاپ بولالمىغان بولۇپ، ئۇ بەك قورقۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇ قۇتقۇزۇشقا چاقىرىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئەتراپتا ئادەم يوق ئىدى. ئۇ بارلىق كۈچىنى يىغىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، بېشىنى بۇراپ مال سېتىۋېلىش مەركىزىگە قاراپ يۈگۈرگەن، ئۇ ئادەم كۆپ ھەم يورۇق جاينى تاپماقچى بولغان، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى پەقەت شۇ يەردىلا تاپقىلى بولىدىغاندەك قىلاتتى.
ئەمما سېۋرېن مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ دەرۋازىسىغا كىرگەندە، ئۇ يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان. كەچ بولۇپ كەتكەچكە، كۆپ قىسىم دۇكانلار تاقىلىپ قالغان، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا تىجارەت قىلىۋاتقان بىر يانفون دۇكىنىغا بېرىپ ياردەم سورىغان، دەل ئۇنىڭ بىر خېرىدارى ئۇنى تونۇپ قېلىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان. ئارقىدىن سېۋرېننى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى دوختۇرخانىغا ئاپارغان ھەمدە ئىككىنچى كۈنى ساقچىلارغا دېلو مەلۇم قىلغان.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ بۇرنىنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكى، يۈزىدە ئىككى يەردە غايەت زور قانلىق ئىششىق بارلىقى، كۆزىنىڭ ئاستىدا يەنە نۇرغۇن قان ئۇيۇپ قالغانلىقى ئېنىقلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇلاڭچىنىڭ بوينىنى سىقىش كۈچى ئىنتايىن زور بولغاچقا، پۈتۈن بوينى ۋە ئېڭىكى قاتتىق ئاغرىپ، قاتتىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامالسىز قالغان.
سېۋرېن شۇ كۈنى كەچتە زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى توختىماي ئەسلەپ، ئۆزىنى سېزىمىنى يوقاتقاندىن كېيىن تاياق يېگەن، دەپ قارىغان. بۇلاڭچىلار قول سائىتىنى كۈچەپ تارتقاچقا، ئۇنىڭ قولىدا قان ئۇيۇپ قالغان بولۇپ، ھەر بىر يارا ئىزى ئۇنىڭغا ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن ئىشلارنىڭ ئەستىلىكى بولۇپ قالغان.
بۇ قېتىمقى ھۇجۇم سېۋرېنغا قوش زەربە بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى يارىلىنىشتىن باشقا، مىجەزى ھەمىشە جانلىقلىق، ئوچۇق-يورۇقلۇقتىن چۈشكۈنلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن كۈن بويى كۈلىدىغان ئادەم ئىدىم. مەن بېشىمىزدىن كەچۈرگەن بارلىق ئىشلار، كۆرگەن بارلىق نەرسىلەرنىڭ چاقچاق بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۆزۈمنىڭ يۇمۇرىستىك تۇيغۇمنى ھەمبەھرىلەشنى، قىسقا ۋىدېيولارنى ئېلان قىلىشنى، سىندا، خىزمەت سورۇنىدا ئۆزۈمنى ئىپادىلەشنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتىم، لېكىن ھۇجۇمدىن كېيىن، ئۇ ئالاقە تورىدىكى ئۆزۈمگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق يازمىلارنى ئۆچۈرۈۋەتتىم، سەۋەبى پەقەت بىرلا-قورقۇش مېنى شۇنداق قىلدۇردى.»
ئەمەلىيەتتە، سېۋرېن ئۆزىنىڭ ساسۇلدا ئازراق نامى بارلىقىنى بىلىدۇ. بۇ نام ئۇنىڭ ئالاقە تورىدا 700 ئەگەشكۈچىسى بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى 40 يىل تىجارەت قىلىش ئارقىلىق زور نام چىقارغان يەھۇدىي سودىگەر ئائىلىسىدىن كەلگەنلىكىدىن بولغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھازىر بىر قانچە دۇكاننىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە خۇشال ھالدا ئىشقا بارىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ ئومۇمىي تىجارىتى ياخشى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقىغا تەسىر يەتمىگەن.
ئۇ سارايدا ھەممە ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ خېرىدارلىرى ئىچىدە ھەر قايسى مەھەللىلەردىن كەلگەن كىشىلەر بار بولۇپ، ھەممە ئادەم دوستانە ئىدى. لېكىن ھازىر، ئۇ ھەممە نەرسىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان، غايەت زور ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى ئۇنىڭ كاللىسىغا سىڭىپ كىرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ توردا بەك كۆپ شەخسىي تۇرمۇشىنى ئاشكارىلىغان-ئاشكارىلىمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بىرەر خېرىدارىنىڭ بۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان-چىقارمىغانلىقىنى، كېيىنكى قەدەمدە يەنە باشقا زىيان-زەخمەتنىڭ بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغان.
ھالبۇكى، قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالغان سېۋرېننىڭ يەنە بىر گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان: «ئۇلارنىڭ مېنىڭ قول سائىتىمنى ئالىدىغانلىقىنى بىلىمەن، لېكىن ئۇلار نېمىشقا مېنى ئۇرىدۇ؟ نېمىشقا مېنى يالاڭ ئاياغ تاشلاپ قويىدۇ يەنە كېلىپ ئەخلەتنىڭ يېنىدا، يەنە يامغۇردا قالدۇرۇپ قويىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇنداق زوراۋانلىق يۈز بېرىدۇ؟ نېمىشقا پەقەت قول سائىتىنىلا ئالىدۇ؟ ئەگەر ئۇلار بىۋاستە مەندىن سورىسا، مەن قول سائىتىمنى سومكام بىلەن بىللە ئۇلارغا بەرگەن بولاتتىم.»
ئۇنىڭ گېپى مۇنداق: «مال-دۇنيارىمنى ئالسا مەيلى ئىدى، نېمىشقا مېنى ئۇرىدۇ؟» بۇ لوگىكا ئەمەلىيەتتە ناھايىتى توغرا، ھامىنى ئالغاندىكىن ئۇرمايلا ئالسا بولمىدىمۇ؟
قىسقىسى، ھازىر ھاۋا سوغۇق، كۆپچىلىك سىرتقا چىققاندا چوقۇم بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشى كېرەك.