سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۈز-قول ئالماشتۇرغان ئەر جو دىمېئو (Joe Dimeo) لايىقى جېشكا پېرېز (Jessica Perez) بىلەن تويغا پۈتۈشكەن. يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدىن كەلگەن بۇ بىر جۈپ ئوغۇل قىز 12-ئاينىڭ 5-كۈنى توي قىلماقچى.
سۈرەتتە: جو دىمېئونىڭ يارلىنىشتىن بۇرۇنقى ھالىتى.
ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى 7-ئايدا جو كېچىلىك ئىسمېنىدىن چۈشكەندىن كېيىن ماشىنا ھەيدەپ ئۆيىگە قايتىش جەريانىدا ئۇخلاپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ماشىنىسى يولدىن چەتنەپ، يول ياقىسىدىكى تاشقا سوقۇلۇپ ئاپتوموبىلغا ئوت كېتىپ، جونىڭ %80 بەدىنى كۆيۈپ كەتكەن.
ئۇ تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: مەن دوختۇرخانىدا تۆت ئاي تۇردۇم، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن يېرىمدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ھوشسىز ھالەتتە تۇردۇم. مەن بىر ئاز ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ناھايىتى تېزلا ئەسلىمگە كەلدىم، 4-ئايغا كەلگەندە، مەن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالىشىنى قوبۇل قىلدىم.
2020-يىلى، ئۇ نيۇيورك داشۆسى لانگېنىي ساغلاملىق مەركىزىدە 23 سائەت يۈز ۋە قول كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان، بۇ بىر خىل بۆسۈش خاراكتېرلىك ئوپېراتسىيە بولۇپ، ئۇ تۇنجى بولۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ خىل ئوپېراتسىيە قىلىنغان ئادەم.
سۈرەتتە: جو دىمېئو ۋە جېشكا پېرېز.
گەرچە جونىڭ قول ۋە يۈز مۇسكۇللىرىنى بۇرۇنقىدەك ئىشلەتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇ كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، ئۇ ھازىر كالپۇكىنى مىدىرلىتىش، كۆزىنى چىمىلدىتىش ۋە قېشىنى كۆتۈرۈش دېگەندەك ئىشلارنى قىلالايدۇ.
جو بىلەن جېشكا ئالاقە سۇپىسىدا تونۇشقان بولۇپ، جېشكا مۇنداق دېدى: مەن ئۇنىڭ زىيارەت جەريانىدىكى ئىپادىسىگە مەپتۇن بولۇپ قالدىم. ئۇ ئىنتايىن تىرىشچان ئادەم، چىرايى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا قايتىپ خىزمەت قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە ئۇنىڭ كەسىپچانلىقى ئۇنىڭ مېنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان تەرىپى.
ئىگىلىنىشىچە، جېشكا يېڭى جېرسىي شىتاتىغا كۆچۈپ بېرىپ، جو بىلەن بىللە تۇرغان، ھەمدە بۇلتۇر ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغان.
كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز
تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552