سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
9-قىسىم يېڭىلاندى
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
شاھرۇھ خان يېقىندا: «تۇرمۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا ياتاق ئۆيۈمدە يالغۇز ئولتۇرۇپ يىغلايمەن، ئەمما ھېچكىمگە كۆرسەتمەيمەن» دېدى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق سۆز قىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى ئاشكارىلىشى. ئۇ كەسىپتە ناھايىتى مۇۋەپپقىيەت قازانغان چولپان. ئاتا-ئانىسىدىن بالدۇرلا ئايرىلغان.
ئاچىسى بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزى بىلەن بىرگە تۇرۇشنى تاللىغان. شۇڭا ئۇ جېنىنى تىكىپ ئۆزىنى كەسىپكە بېغىشلىدى. ئايالى گورى خانمۇ ھەمىشە ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولۇپ تۇرغاچقا ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ھەممىنىڭ قەلبىدىكى رومانتىك شاھى بولالىدى. ئۇ بارلىقىنى كەسپكە بېغىشلىغاچقا يېقىندا تۇنجى بولۇپ كەسىپتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىكى كەيپىياتىنى ئاشكارىلىۋەتتى. شاھرۇھ خان يېقىندا دۇبەيدە بىر چوڭ پائالىيەتكە قاتناشتى. بۇ جەرياندا مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن مەغلۇبىيەتكە قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى سورىغان ئىدى. ئۇ يۇقىرىقىدەك جاۋابنى بەردى. ئۇ ياتىقىدا يالغۇز يىغلاپ ئىچىنى بوشىتىدىكەنيۇ، ھېچكىمگە بىلدۈرمەيدىكەن. ئۇ فىلىمى ئالقىشلانمىغاندا بۇنى ئۆزىدىن كۆرىدىكەن.
ئۇ: «مەن مۇشۇنداق تۇيغۇغا بەك ئۆچ. شۇنداق ۋاقىتتا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كېتىپ بەك يىغلايمەن. ھېچكىمگە كۆرسەتمەيمەن. فىلىمىم مەغلۇب بولغاندا بەزىدە شۇنداق ئويلاشقا مەجبۇر بولىمەن. بۇنى ئۆزۈمدىن كۆرىمەن. مەن ياخشى قىلالمىغاچقا كىشىلەر ياخشى كۆرمىدى دەيمەن. ئىچىمنى بوشىتىپ بولغاندىن كېيىن مەندە قايتىدىن رېئاللىققا يۈزلەنگۈدەك، مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلغۇدەك جاسارەت پەيدا بولىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە ئارقىغا ئۇلاپ:
«بەزىدە شۇنداق ۋاقىتتا ئۆز-ئۆزۈمگە ئاچچىقلاپ ئاغزىڭنى يۇم، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ كەت» دەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە ئارقىدىن مەغلۇب بولۇشىدىكى نۇرغۇن سەۋەب ئامېللانى تېپىپ چىقمىغۇچە ئۆزىگە تەسەللىي تاپالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. كۆڭلىڭىزدىكى قەھرىمانىڭىز ئازابلانغىنىنى ئاڭلاپ قانداق ھېسىياتتا بولۇۋاتىسىز؟ دېمەك ھەركىمنىڭ بىر ئاجىز تەرىپى بار. شاھرۇھ خاننىڭ بۇ ئىشى ماڭا ئۇنى تېخى قەيسەر قىلىپ كۆرسەتتى. مەنچە ئىچىنى بوشىتىشمۇ بىر ياخشى ئامال.
كىنولار