سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
9-قىسىم يېڭىلاندى
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
يېقىندا بېكھامنىڭ ئايالى ۋىكتورىيە بېكھام ئۆزىنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا ھۆججەتلىك فىلىم چىقارماقچى، ئەمما بۇنىڭدىن ۋىكتورىيەنىڭ بۇرۇنقى يېقىن دوستى مېگان سەل غەزەپلەنگەندەك قىلىدۇ.
ئەسلىدە بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇرۇنلا بۇزۇلغانىدى، ئەمما ھازىر مۇناسىۋىتى تېخىمۇ بەك بۇزۇلغان.
نېتفلىكس يېقىندا ۋىكتورىيە بېكھامنىڭ تۇرمۇش ھۆججەتلىك فىلىمىنى رەسمىي ئېلان قىلغان، مۆلچەرلىنىشىچە كېلەر يىلى تورغا چىقىرىلىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن بېكھام ئەر-ئايال 16 مىليون فوندستېرلىڭلىق توختام ئىمزالىغان.
تەشۋىقاتقا ئاساسلانغاندا، بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە ۋىكتورىيەنىڭ «سەتەڭلەر گۇرۇپپىسى» (Spice Girls)نىڭ ئەزاسىدىن مودا ماركىسىنىڭ ئىجادىيەت باش نازارەتچىسىگە ئايلانغانلىقى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىدىكەن، مەخسۇس پەردە ئارقىسىدىكى كۆرۈنۈش ۋە تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان ماتېرىيال ئارقىلىق، ئۇنىڭ بۇ نەچچە ئون يىلدىكى روھىي مۇساپىسى كۆرسىتىلىدىكەن.
بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە ئايال باش قەھرىماننىڭ كەسپى لىنىيەسىدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئائىلىسى ۋە ئەڭ يېقىن ئادەملىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار خاتىرىلىنىدۇ.
بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، مەستانىلەر تەبىئىيلا خۇشال بولۇشقان، نېمىلا دېگەن بىلەن بېكھام ئەر-ئايالنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ ھەم قىزىقتۇرىدۇ.
ئەمما بەزى كىشىلەر خۇشال بولالمىغان، ھەتتا ۋەھشىي بىئارام بولغان، ئۇ دەل مېگان ماركېل.
خان جەمەتى مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئىنگرىد سۇئېدنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ھۆججەتلىك فىلىم مېگان ئۈچۈن ئېيتقاندا «ئوچۇق ھاۋادا چاقماق چاققاندەك» ئىش ئىكەن.
نېمىلا دېگەن بىلەن 2020-يىلىلا مېگان بىلەن خاررى نېتفلىكس بىلەن 80 مىليون فوندستېرلىڭلىق زور سوممىلىق توختام ئىمزالاپ، ھۆججەتلىك فىلىم، تىياتىر ۋە بالىلار پىروگراممىسى قاتارلىق بىر قاتار پىروگراممىلارنى ئىشلەشكە ۋەدە بېرىشكەن.
2022-يىلى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ھۆججەتلىك فىلىمى «خاررى بىلەن مېگان»مۇ يۇقىرى كۆرۈلۈش نىسبىتى بىلەن تورغا چىققان، ئەلۋەتتە قوللىغۇچىلارمۇ، قارشى تۇرغۇچىلارمۇ بولغان.
لېكىن، مېگاننىڭ يېڭى يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىسى تېخى بېكىتىلمىگەن.
«ئاشپەزلىك، باغۋەنچىلىك، مېھماندارچىلىق ۋە دوستلۇقنىڭ گۈزەللىكىنى تەبرىكلەش» ئاساسىي تېما قىلىنغان بۇ پىروگرامما ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى تۇرمۇش ئۇسۇلى ماركىسى «American Riviera Orchard» بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم مېۋە مۇرابباسى سېتىش، كىتاب نەشر قىلىش، بىلوگ ئېچىش قاتارلىق ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، پۈتۈن يۈرۈشلۈك پىلانلار سەھنىگە قويۇلغان.
لېكىن، مېگاننىڭ پىروگراممىسى سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن قويۇلۇش ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىدى.
بۇ چاغدا، ۋىكتورىيە بېكھامنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمى باشقىلاردىن بىر قەدەم ئالدىدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
ئىنگرىد تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ۋىكتورىيەنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ تورغا چىقىشى مېگاننى ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئۇ ئەزەلدىن ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشنى قوغلىشىدۇ، لېكىن بۇ قېتىم پەقەت پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما ئۇ كەڭ قورساق قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ، بەلكىم ۋىكتورىيەنى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن كۆڭلى چوقۇم بەك يېرىم بولىدۇ.»
نېمىشقا ۋىكتورىيە بىلەن مېگان، بۇرۇنقى يېقىن دوستلاردىن قاراشمايدىغانلارغا ئايلىنىپ قالدى؟
ئەسلىدە بېكھام ئەر-ئايال بىلەن شاھزادە خاررىنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار ئىدى، 2018-يىلى خاررىمۇ تەكلىپكە بىنائەن ئۇلارنىڭ تويىغا قاتناشقان، ۋىكتورىيە يەنە مېگاننىڭ ياخشى دوستى بولۇپ قالغان.
مېگان «ئوردىغا كىرگەن»دىن كېيىن، ۋىكتورىيە ئىزچىل مودا مەسلىھەتلىرىنى بەرگەن، يەنە مەخسۇس مېگانغا بۇيرۇتۇپ تىكىلگەن مۇراسىم كىيىمى بىلەن تەمىنلىگەن، ھەتتا سۆھبەت پىروگراممىسىدا مېگاننىڭ ئۆزىنىڭ لايىھەسىنى تاللىغانلىقىنى ماختاپ شەرەپ ھېس قىلغان.
2018-يىلى ۋىكتورىيە ئۇنىڭغا بىر پەلتو ئارىيەت بېرىپ، ساندرىڭھامدا پائالىيەتكە قاتناشقان، بۇ ئىنتايىن مۇھىم سورۇن ئىدى.
2020-يىلى ۋىكتورىيە يەنە مېگانغا بىر پەلتو ۋە بىر قۇر كىيىم بۇيرۇتۇپ بەرگەن، شۇ يىلى 3-ئايدا مېگان ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ۋېستمىنستېر سارىيىدا پەيدا بولغاندا بۇ كىيىمنى كىيگەن.
(2020-يىلى 3-ئايدا لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن يەنە بىر پائالىيەتتە، ۋىكتورىيەنىڭ ماركىسىدىكى كىيىمنى كىيگەن)
خان جەمەتى يازغۇچىسى توم باۋېر مېگاننىڭ ۋىكتورىيەگە ئوخشاش «يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتى»نىڭ مودا ۋەكىلى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، لېكىن ئۇ ۋىكتورىيەنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە قوشۇمچە بۇيۇملارنى ھەقسىز تەمىنلەشنى خالىمايدىغانلىقىدىن نارازى بولغان.
بىراق، خان جەمەتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، بۇ خىل سوۋغاتنى قوبۇل قىلىش ئەسلىدىنلا بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېگاننىڭ مال سېتىش ئىقتىدارىنى كەيت بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، سېتىشقا بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس.
لېكىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ دوستلۇقنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى تۈپ سەۋەب، ئەمەلىيەتتە مېگان بۇ ئىككى يىلدا ۋىكتورىيەنىڭ ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى بىلەن «بەك يېقىنلىشىپ كەتكەنلىكى»دىن بىئارام بولغانلىقىدا. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋىكتورىيە بىلەن بولغان شەخسىي سۆھبىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىدىن گۇمانلانغان، شۇنىڭ بىلەن خاررىدىن ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ «ئىشنى سۈرۈشتۈرۈش»نى تەلەپ قىلغان.
بۇ خىل ئەيىبلەش بېكھامنى غەزەپلەندۈرگەن ۋە ئۇۋالچىلىق ھېس قىلدۇرغان، نېمىلا دېگەن بىلەن بېكھام ئەر-ئايال خېلى بۇرۇنلا نام-مەنپەئەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، «دوستلىرىنى سېتىش» ئارقىلىق كۆزگە كۆرۈنۈشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. كېيىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئاتالمىش «ئاشكارىلىنىش»نىڭ مەنبەسى پەقەت ئۇ ئىككىسى بارغان بىر ھۆسن تۈزەش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەن.
قىسقىسى، ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇ قېتىم بۇزۇلغاندىن كېيىن، قايتا يارىشىپ قالمىغان. 2022-يىلى بېكھام ئەر-ئايالنىڭ چوڭ ئوغلى بىرۇكلىن توي قىلغان، لېكىن ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان خاررى بىلەن مېگان تەكلىپ قىلىنمىغان. ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە: «ئۇلارنى تەكلىپ قىلماسلىق پۈتۈنلەي تەبىئىي تاللاش» ئىكەن.
خان جەمەتى مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئىنگرىد بۇ ئىككىسىنىڭ قايتا يارىشىپ قېلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس دېگەن: «ئۇلار بەزى سورۇنلاردا تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالمىسىلا، مەن ئۇلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ دەپ قارىمايمەن. ئۇلار كۆرۈشسىمۇ، مېگان قارىماققا كۈلۈمسىرەپ جاۋاب قايتۇرۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇرۇنقىدەك ئەسلىگە كېلىشى ناھايىتى تەس. ۋىكتورىيە بەك ئالدىراش، ئۆزىنىڭ كەسپى، ئائىلىسى ۋە نۇرغۇن ئۆي-مۈلۈكى بار. بۈگۈنكى كۈندە مېگان بىلەن خاررىنىڭ ئاممىۋى ئوبرازى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كەتتى، بېكھام ئەر-ئايالغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سۇسېكس ئەر-ئايال بىلەن ئارىلىق ساقلاش تېخىمۇ ئاقىلانىلىك.»
بۇ خىل ئەھۋالدا، مېگاندىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئىلگىرىكى يېقىن دوستى ۋىكتورىيە ھۆججەتلىك فىلىمنى بالدۇر ئېلان قىلىۋالغان.
«پىروگراممىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. مېگان بىر ئىجابىي ئەسەرنى تېزدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ھازىرقى ئوبرازىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. لېكىن كېچىكتۈرۈش پەقەت كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۈتۈش تۇيغۇسىنى تەدرىجىي يوقىتىدۇ.»
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىنگرىد تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بېكھام ئەر-ئايالنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇنىڭدا كەمبەغەللىكتىن بايغا ئايلىنىشتەك كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ھېكايە سۆزلەنگەن. مېگاننىڭ ئوبرازى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ھەتتا باشقىلار بايدىن نامراتلىققا ئۆتۈش دەپ تەرىپلەنگەن. ۋىكتورىيە بىلەن بېكھام ئۆزىنىڭ تالانتى ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى، ئۇلارنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى يۇقىرى ئەمەس، لېكىن ئۇلارنىڭ كۈرەش ھېكايىسى كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ.»
«گەرچە مېگاننىڭ <ئالتۇن تونلۇق ئادۋوكات> ناملىق ئامېرىكا تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئىپادىسى كىشىنىڭ ئېسىدە بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭ خەلقئارالىق چولپان ئورنىدا تۇرۇشىغا يەتمەيدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشى يەنىلا ئۇنىڭ ئەنگلىيە خان جەمەتىگە ياتلىق بولغانلىقىدىن. ئەگەر مېگان ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىر كۈچىنىڭ يەنىلا خاررى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن كەلگەنلىكىنى ھېس قىلالىسا، بەلكىم تاكتىكىسىنى تەڭشەپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلىشى مۇمكىن. لېكىن ئەگەر پەقەت شەخسىي سېھرىي كۈچكە تايانسا، ۋىكتورىيەنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمى بىلەن بەسلىشەلمەسلىكى مۇمكىن.»
نېمىلا دېگەن بىلەن، مېگان بىلەن ۋىكتورىيە بېكھامنىڭ مۇناسىۋىتى نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە كىيىنىش ئۇسلۇبى ئوخشاش قالىدۇ. ھەر ئىككىلىسى يۇقىرى سۈپەت تۇيغۇسى يارىتىشقا ھېرىسمەن.
2021-يىلى مېگان قېنىق كۆك رەڭلىك يۈرۈشلۈك كىيىم كىيگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە Giuliva Heritageنىڭ توقۇلما پوپايكىسى ۋە Emporio Armaniنىڭ كەڭ پۇچقاقلىق ئىشتىنى بار ئىدى. شۇ يىلى ئۇزۇن ئۆتمەي، ۋىكتورىيە ئۆز ماركىسىدا ئاساسەن ئوخشاش بولغان كۆك رەڭلىك يۈرۈشلۈك كىيىمنى بازارغا سالغان.
يازلىق پائالىيەتتە، مېگاننىڭ St Agni كاناپ كاستۇم-بۇرۇلكىسى ۋىكتورىيە ئۈچ يىل بۇرۇن كىيگەن ئالدى پۈرمە لايىھەلەنگەن ئىشتانغا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، خۇددى ئوخشاش بىر ئىلھام ئامبىرى چىقارغان لايىھەگە ئوخشايدۇ.
2022-يىلى مېگان «بويسۇندۇرغۇسىز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى»دە بىر يۈرۈش ئاق رەڭلىك Valentino كاستۇم-بۇرۇلكىسىنى كىيگەن، ۋىكتورىيەنىڭ شۇ يىلىدىكى Mango بىرلەشمە پاسونىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىيىم پەيدا بولغان.
2023-يىلى، مېگان «ئاياللارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى» ناملىق پاياندازدا Proenza Schoulerنىڭ مۈرىسى چۈشۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇن كۆينىكىنى كىيگەن، بۇ ۋىكتورىيەنىڭ 2010-يىللىق كۆرگەزمىسىدىكى كىلاسسىك لايىھەلىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.
2023-يىلى ئىككىيلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېلى ئېگىز، پۇتى كەڭ بولغان تۆگە رەڭلىك ئىشتان كىيگەن، مېگاننىڭ كىيىمى Gabriela Hearstنىڭ، ۋىكتورىيە بولسا ئۆزىنىڭ ماركىسى بىلەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاسوندا كىيىم چىقارغان.
2024-يىلى مېگان ئاق رەڭلىك سۆرۈلۈپ تۇرىدىغان مۇراسىم كىيىمى كىيىپ ESPY مۇكاپاتىدا پەيدا بولغان، ۋىكتورىيەنىڭ 2014-يىلىدىكى مەت گالادىكى ئاق رەڭلىك ئۇزۇن كۆينىكىنىڭ شەكلىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسلۇبتا.
بۇنىڭدىن باشقا، ھەر ئىككىسىنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغقا بولغان قىزىقىشى بار، بۇ خىل مودىغا بولغان ئىشتىياق ئۇلارنى جىسمانىي جەھەتتىن بەدەل تۆلەپ، ئېغىر دەرىجىدىكى باش بارماق ياللۇغىغا گىرىپتار قىلغان.
مېگان 2010-يىلىلا سول پۇتىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان، ۋىكتورىيەمۇ يىل بويى ئادەتتىن تاشقىرى ئېگىز ئاياغ كىيىۋالغاچقا، پۇتىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈپ، ئىككى پۇتىنى مۇز بىلەن تېڭىشقا مەجبۇر بولغان ھەمدە ھەر كۈنى ئاغرىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن سوزۇش مەشىقى قىلغان.
ئىلگىرى ئۇلار بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن، ئەمما بىر-بىرى بىلەن ئالاقىلاشمىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئورتاقلىقى داۋاملىق چىقىپ تۇرغان.
ئەمدى ھۆججەتلىك فىلىم تورغا چىققاندىن كېيىنكى ئىنكاسلارنىمۇ كۈتىمىز.
كىنولار