ئامېرىكىدىكى باغچىلار شەھۋانىيلىقنى تازىلاش رايونى بولۇپ قالدى

文摘   2024-11-18 21:45   新疆  
سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ



ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ئەنگىلىيەدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىسى «مۇھاپىزەتچى» ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى يولدىن چىققان ئاياللار توغرىسىدا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن. لېكىن فىلىمدا فىلورىدا ئىشتاتى ساقچىلىرىنىڭ بىر بۆلەك تېمىدىن چەتنەپ كەتكەن سۆزى كۆپچىلىكنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان.

فىلىمنىڭ ئىنكاس رايونىدا بۇنىڭغا ئالاقىدار قالدۇرۇلغان سۆز ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان.

بۇ ئەھۋال ئورلاندو شادلىق باغچىسىغىلا خاس ئەمەس بولۇپ، 2014-يىلى، ئەنگىلىيەدىكى چوڭ گېزىت «قۇياش» گېزىتى ھەتتا «شادلىق باغچىسى دەرۋازىسى ئالدىدىكى جىنسىي سودا» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، كالىفورنىيە ئىشتاتى شادلىق باغچىسى ئەتراپىدا قىزىل چىراق رايونىنىڭ يامراپ كەتكەنلىكىنى پاش قىلغان.

ئامېرىكا باش ساياھەت باھالاش تورىدىن ئورلاندو شادلىق باغچىسى ئەتراپىدىن مېھمانخانىلارنى ئىزدىسىڭىز، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاسانلا تاپالايدىكەنسىز.

ئۇنداقتا ئامېرىكىدىكى شادلىق باغچىلىرى راستتىنلا ئاتا-بالا ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا ئوينايدىغان باغچىغا ئايلاندىمۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئامېرىكىلىق بالىلار بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت ئاپىسى بىلەنلا شادلىق باغچىسىغا بارامدۇ؟

قالايمىقانچىلىق توغرىسىدا ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولغان، فىلورىدا ساقچى تەرەپ باشتا تىلغا ئالغان ئورلاندو شادلىق باغچىسىنى سۆزلەپ ئۆتەيلى. توردىن مۇشۇ توغرىلىق ھالقىلىق سۆزلەرنى ئىزدىسىڭىز، سىز ھەقىقەتەن بىر قىسىم ساقچىلارنىڭ مەلۇماتىنى كۆرەلەيسىز. مەسىلەن، «WFTV» خەۋىرىدە ئورلاندو ساقچىلىرىنىڭ شادلىق باغچىسىدا شەھۋانىيلىققا زەربە بېرىش ئەھۋالى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شادلىق باغچىسىدىكى ھەشەمەتلىك مېھمانخانىدىن نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەر شارى كىنو شەھەرچىسى ئارامگاھىغىچە بولغان يول ئېغىر ئاپەت رايونى ئىكەن.

ئورلاندودىكى بىر ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ تور بېكىتىدە ئورلاندو شادلىق باغچىسى رايونىدا يولدىن چىققان ئاياللارغا قارىتىلغان ئايرىم كەسىپنى كۆرگىلى بولىدىكەن.

داڭلىق ۋىدېيو تور بېكىتى «LiveLeak»دا ئۆزىنى يولدىن چىققان ئايال دەپ ئاتىۋالغان بىرەيلەن ۋىدېيو ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «فىلورىدا ئىشتاتىدىكى ھەقىقىي يولدىن چىققان بىر قىز شادلىق باغچىسىدا سودا قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ يەر بەك مەينەت».

2017-يىلى ئامېرىكىدا «فىلورىدا شادلىق باغچىسى» ناملىق بىر كىنو قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بالىلىرى بار يولدىن چىققان بىر ئايالنىڭ قانداق قىلىپ نىجاتلىق يولىغا ماڭغانلىقى بايان قىلىنغان. فىلىمدىكى كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئورۇن شۇكى، ئايال باش پىرسۇناژ مېھمان كۈتۈۋالىدىغان جاي ئورلاندو شادلىق باغچىسىنىڭ ئالدىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى «سېھىرلىك قەلئە» دەپ ئاتىلىدىغان ئاپتوموبىل مېھمانخانىسى ئىكەن.

«مۇھاپىزەتچى»نىڭ فىلىمنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئىزدىنىشىدە، مۇخبىر فىلىمدىكى ئاپتوموبىل مېھمانخانىسى ۋە فىلىم ۋەقەلىكىنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ مېھمانخانىنىڭ بىر ئۇزۇن يىللىق مېھمىنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «كىنودىكى بەزى مەزمۇنلار ھەقىقەتەن يۈز بەرگەن. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئۆيلەردە بالىلىرى بىلەن بىللە تۇرىدۇ، بىر ئايال بەش بالىسى بار تۇرۇپ، كىچىك بىر ئۆيدە تۇرىدۇ، بۇ بەك تەس. بۇ رايوننىڭ بەزى جايلىرى يامان ئەمەس، لېكىن جىنايەت يەنىلا مەۋجۇت، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئەھۋال دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر شادلىق باغچىسىنىڭ ساياھەتچىلىرى بولۇپ، ئۇلار 45 مىنۇتلۇق ياتاقنى ئىجارىگە ئالىدۇ».

ئەمما ئورلاندو شادلىق باغچىسىغا سېلىشتۇرغاندا، كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى شادلىق باغچىسىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ مۇبالىغە قىلىنغان. ئامېرىكا باش ساياھەت باھالاش تورىدىن كالىفورنىيە شادلىق باغچىسى ئارامگاھى ئەتراپىدىكى مېھمانخانىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىزدىسىڭىز، تۆۋەندىكىلەرگە ئوخشاش نۇرغۇن ئىنكاسلارنى تاپالايسىز.

كېللىي گالىندو ئامېرىكىلىق رېژىسسور بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «26 سېكونت» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە مەخسۇس يەر شارىدىكى ئادەم بېدىكچىلىكى مەسىلىسى بايان قىلىنغان. ئۇ چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «مەن بېرىپ سۈرەتكە ئالغان بارلىق قىزىل چىراق رايونى ئىچىدە، مەن ئەڭ قورقىدىغىنىم كالىفورنىيە ئىشتاتى شادلىق باغچىسىنىڭ ئەتراپى. بۇ يەردىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ھەممىسى جابدۇق كۆتۈرۈپ، يول بويىدا تۇرۇپ كىشىلەر توپىغا كۆز يۈگۈرتۈپ تۇرىدۇ، ئەگەر ئازراقلا گىپىڭىز بىر يەردىن چىقمىسا ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن».

كېللىي گالىندو زىيارەتتە يەنە كالىفورنىيە ئىشتاتى ئورانج ناھىيىسى يەنى شادلىق باغچىسى جايلاشقان رايوننىڭ ساقچى ئىشلىرى دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرگەن بولۇپ، دوكلاتتا ئورانج ناھىيىسىدە، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى يولدىن چىققان ئاياللارنىڭ ئېغىر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان.

يەنە بىر نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا يېقىنقى ئىككى يىلدا يولدىن چىققان ئاياللارنىڭ %73نىڭ يېڭى كەلگەنلەر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى %80كە يېقىنىنىڭ باشقا يۇرتلۇق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ «بازارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى» ئىكەنلىكى، «ھاياتىي كۈچ»كە تولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن.

شادلىق باغچىسى ئەتراپىدىكى قىزىل چىراغ رايونى بىر كونا مەسىلە بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئىزدىگەندە، «لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 1989-يىلىدىكى بىر پارچە خەۋىرىدە ئۇ يەرنىڭ ئەھۋالى مۇھاكىمە قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شادلىق باغچىسى ئەتراپى پۈتۈن ئامېرىكىدىكى يولدىن چىققان ئاياللار سەييارە يۈرۈيدىغان ياكى قونۇپ قالىدىغان مۇھىم بازار بولۇپ قالغان.

مەسىلەن، بىر شادلىق باغچىسىنىڭ يېنىدىكى دېڭىز پورتى چوڭ يولىدا، بۇ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە يولدىن چىققان ئاياللار بەك كۆپ بولغاچقا، ماشىنا ھەيدەپ بۇ يەردىن ئۆتكەن كىشىلەر قىزىقىپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ كەڭ تۆت ئاپتوموبىل يولىدا يىل بويى قىستاڭچىلىق يۈز بىرىدىكەن. بۇ باش ئاغرىقى ۋە ئوڭايسىز مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى يەنە ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتتىن ھالقىپ، مەخسۇس بىر گۇرۇپپا قۇرۇپ بۇ يەرگە ئورۇنلاشقان.

2014-يىلى «قۇياش گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «شادلىق باغچىسى دەرۋازىسى ئالدىدىكى جىنسىي سودا» دېگەن تېمىدىكى ماقالىدە بۇ مەسىلە تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنغان. 20 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولىسمۇ، دېڭىز پورتى چوڭ يولى يەنىلا ئۇلارنىڭ يادرولۇق تايانچ پونكىتى بولۇپ قالغان.

«قۇياش گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى تەخمىنەن 14 مىليون ئادەم بۇ ئەتراپتىكى شادلىق باغچىسىغا كېلىپ ئوينايدىكەن، ئۇلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ رايوندىكى يولدىن چىققان ئاياللارنىڭ ئومۇمىي سانى 5000 ئەتراپىدا ئىكەن. دېڭىز پورتى چوڭ يولىنى ئۇلار «ئاشقۇن يەتتە مىل» دەپ ئاتايدىكەن. ماشىنا ئىچىدىكى سودا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 25 ئامېرىكا دوللىرى بولىدىغان بولۇپ، ماشىنا مېھمانخانىسىغا بارسا باھاسى يۇقىرىراق بولىدىكەن. يولدىن ئازغان ئاياللارنىڭ باغچا رايونىغا ئوغرىلىقچە كىرىشى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە تىجارەت سوممىسى ئادەتتە كۈنىگە 1000 ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كىلىدىكەن.

ئورانج ناھىيەسى ئاناھىم رايونىدىكى ئۆيىدە قالغان بالىلار فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، خەلق پائالىيەتچىسى دېبرا دولس «قۇياش» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاناھىمدىكى %40 كىشىنىڭ يولدىن چىققان ئاياللار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياش ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت رايونى دېڭىز پورتى چوڭ يولى ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئاناھىم شەھەرلىك ئادەم بېدىكلىرىگە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى دېلتا مىللىر زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «بىز يولدىن چىققان بىر قىزنى قۇتقۇزۇۋالدۇق، بۇ قىز ئۇنىڭ مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ كۆپىنچە ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ دائىم ئۆزىنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى ياندىكى باغچىدا دەپ ماختىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى».

يېقىن ئەتراپتىكى سودا چەمبىرىكىمۇ ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، زەنجىرسىمان تېز تاماقخانا ئېل پوللونىڭ دېرىكتورى ئوسكار كاماچو زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ئۇلار كېچە-كۈندۈز تىجارەت قىلىدۇ، ھەممە يەردە پايپېتەك بولۇپ يۈرىدۇ، ئەگەر سىز ساقچىغا مەلۇم قىلسىڭىز ئۇلار دەرھال سېزىپ قېچىپ كېتىدۇ». يەنە بىر ئاشخانىنىڭ دىرېكتورى سېبىنا شاھ مۇنداق دېگەن: «يولدىن ئازغان بەزى ئاياللار دۇكاننىڭ تازىلىق ئۆيىدە سودا قىلىۋىرىدۇ. ئۇلار ئازراقمۇ پىسەنت قىلمايدۇ. بىر قېتىم مەن بىر ئەمەلىي ئەھۋالنى بايقاپ قالدىم، مەن ئۇ قىزدىن ئايرىلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ مېنى ئۇرىمەن، دەپ داۋراڭ سالدى. بۇ ئەسكى ئادەملەر بار ئەسكى جاي».

ئۆيىدە قالغان بالىلار فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى دېبرا دولس مۇنداق دېگەن: «بىز ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتۇق ھەمدە يېقىن ئەتراپتىكى مېھمانخانا ۋە ياتاقلاردا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق. لېكىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ھەممىگە مەلۇمكى، ئاناھىم رايونىدىكى پورت چوڭ يولى پۈتۈن ئامېرىكىدىكى ئادەم توشۇيدىغان چوڭ بىر جاي».

ئەمەلىيەتتە، شادلىق باغچىسى ئەتراپىدىكى قىزىل چىراغ رايونىنىڭ نېمە ئۈچۈن يامراپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا، ماقالىنىڭ بېشىدىكى ھېلىقى فىلورىدا ساقچىسى بۇنىڭ ئارقىسىدىكى سودا لوگىكىسىنى ئېچىپ بېرىپ مۇنداق دېگەن:

«ئۇ پەقەت ئېھتىياج پەيدا قىلغان تەمىنلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس». «لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 1989-يىلىدىكى خەۋىرىدە، ئەينى چاغدىكى كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بىر ساقچى تېخىمۇ تەپسىلىي جاۋاب بەرگەن. 16 يىل ساقچىلىق قىلغان شۇ تەۋەنىڭ ساقچىسى شېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئورانج ۋىلايىتىدە، بولۇپمۇ يەتتە ئىنگلىز مىلى ئۇزۇنلۇقتىكى دېڭىز پورتى چوڭ يولى بۇ قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ ئەڭ ياخشى جايى ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى 1984-يىلى لوس ئانجىلىس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن باشلانغان. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن، لوس ئانژېلېس ساقچىلىرى زور بېسىم ئىشلىتىپ، يولدىن ئازغان ئاياللارنى شەھەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلاپ، پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا بىر ياخشى ئوبراز قالدۇرماقچى بولغان. ئەمما ئىش ئويلىغان يەردىن چىقماي قالغان. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلەپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، يولدىن چىققان ئاياللار سودىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئاشقانلىقىنى بايقالغان. بولۇپمۇ خاربور كوچىسىدا، ئۇ يەردە نۇرغۇن كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى، ئانناھام كۆرگەزمە مەركىزى بار بولۇپ، ئەتراپىدا يەنە سان-ساناقسىز مېھمانساراي، ئاپتوموبىل مېھمانخانىلىرى بار ئىكەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەلگەن، ھەتتا باشقا جايلاردىكى كەسىپكارلارمۇ بۇ گۆھەر زېمىننى بايقىغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئىلگىرى تېكساس ئىشتاتىدىن كەلگەن يولدىن چىققان بىر ئايالنىڭ دېلوسىنى بېجىرگەن، ئۇ ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە بۇ يەردە مەسىلە بەك ئېغىر دەپ كۆرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. شۇ چاغدىن باشلاپ دېڭىز پورتى يولى ھەممە ئادەم بىلىدىغان، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇ يەردىن ئايرىلغۇسى كەلمەيدىغان جايغا ئايلاندى».

فىلورىدا شادلىق باغچىسىدىن كۆرۈنۈشلەر.

شادلىق باغچىسى ئەتراپىدىكى بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى ئاسانلا كىشىلەرنى شۇ جايدىكى ساقچىلار قىلىدىغاننى قىلمىدى، دېگەن ئويغا سالىدىكەن. لېكىن ئەمەلىيەتتە، ساقچىلارنىڭ زەربە بېرىش سالمىقىمۇ تۆۋەن ئەمەس بولۇپ، ئورانج ناھىيەسىدىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاستىسى «ئوكرېگىستېر»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2003-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، ئورانج ناھىيەسىگە قاراشلىق سانتا ئانا رايونى يولدىن چىققان 5000دىن ئارتۇق ئايالنى بىر تەرەپ قىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى سانلىق مەلۇماتتا ئامېرىكا بويىچە 4-ئورۇندا تۇرغان. ھازىرغا قەدەر، ئورانج ناھىيەسىدىكى ساقچىلار ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500دىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئالىدىكەن.

بۇ مەسىلىنى يەنىمۇ ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئورانج ناھىيەلىك ساقچى تەرەپ سودا قىلغان ئىككى تەرەپنى تەڭ تۇتۇش سىياسىتىنى قوللانغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، تەمىنلەش سودىگەرلىرىگە زەربە بېرىپلا قالماي، ئېھتىياج ياراتقۇچىلارغىمۇ قاتتىق زەربە بېرىش كىرەك ئىكەن. 2019-يىلىدىن باشلاپ، ئەگەر سىز شادلىق باغچىسى ئەتراپىدا شۇنداق ئىش قىلىپ تۇتۇلۇپ قالسىڭىز، سىزنىڭ باش سۈرىتىڭىز ئورانج ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ بەلگىلەنگەن بېتىگە يېرىم ئاي ئېسىپ قويۇلۇپ، دۇنيانىڭ كۆرۈشىگە سۇنۇلىدىكەن.

«ئوكرېگىستېر»نىڭ خەۋىرىدە، شادلىق باغچىسى ئەتراپىدىكى ئەھۋالنىڭ قانداق ئىكەنلىكى سورالغاندا، ساقچى تەرەپ مەسئۇلى مۇنداق دېگەن: «بۇ جاۋاب بېرىش ئىنتايىن قىيىن مەسىلە. بۇ كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى بەك چوڭ بولۇپ، قاتىللىق ياكى زەھەر ئەتكەسچىلىكىدەك ئۇنداق ئاسان مىقدارلاشتۇرۇپ بېكىتكىلى بولمايدۇ. بىز پەقەت ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلالايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سان ھەمىشە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئەمما ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ۋەزىيەت ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بىز بۇ يەرنىڭ باشقا بىر ھوللىۋودقا ئايلىنىشىنى خالىمايمىز».

كىنولار


تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章