سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
پارلاق تۇرمۇشنىڭ ئارقىسىغا كىشىلەر چۈشىنەلمەيدىغان بەزى مەينەتچىلىكلەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ، بولۇپمۇ ھوللىۋود چولپانلىرى، ئارنولد شىۋاسىنگېر (Arnold Schwarzenegger) دەل شۇلارنىڭ بىرى.
ھوللىۋودتىكى داڭلىق «چوڭ مۇسكۇللۇق زومىگەر» ئوۋچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىۋاسىنگېرنىڭ ئېكراندىكى ئوبرازى كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپ كەلگەن، ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىنى تاماشىبىنلارمۇ ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن.
خۇددى ئامېرىكىلىقلارنىڭ شىۋاسىنگېرغا بەرگەن باھاسىغا ئوخشاش: «شىۋاسىنگېر رول ئېلىشنى ئەڭ بىلىدىغان ئىشتات باشلىقى، ئىشتات ئىشلىرىنى ئەڭ چۈشىنىدىغان ئارتىس.»
لېكىن، ئاز ساندىكى كىشىلەر شىۋاسىنگېرنىڭ چولپان ۋە سىياسەتۋازلارنىڭ شانلىق ھاياتىنىڭ ئارقىسىدا، كىشىلەر تىلغا ئالسىلا چۈشەنگىلى بولمايدىغان مەينەتچىلىك بارلىقىنى، يەنى خوتۇنىغا تايىنىپ يۇقىرى مەرتىۋىگە چىقىش، قېرىنداشلىرىنى سېتىش، يولدىن چىقىپ كېتىش ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى، يەنە بالا باققۇچى بىلەن پەرزەنتلىك بولغان ئىشلىرىنىمۇ بىلىدۇ، مەيلى قايسىسى بولسۇن، ئاقارتقىلى بولمايدىغان «قارا ماتېرىيال» دەپ تەرىپلىنىدۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى شىۋاسىنگېر قىلغان «ياخشى ئىش» ھېسابلىنىدۇ.
نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان شىۋاسىنگېر كىچىكىدىنلا دادىسىنىڭ قاتتىق تۈزۈمى ۋە قامچىلىشى ئاستىدا چوڭ بولغان، شىۋاسىنگېر كىچىكىدىنلا: «مەن كەلگۈسىدە چوقۇم پۇلدار ئادەم بولىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىمنى بېغىشلايمەن دەپ ۋەدە بەرگەن.
شىۋاسىنگېر مۇشۇنداق ۋەدە قىلغان، كېيىن ئۇنىڭ ھاياتىمۇ مۇشۇ ۋەدىسى بويىچە ئۆتكەن.
قۇرامىغا يەتكەندىن باشلاپ، شىۋاسىنگېر بەدەن چېنىقتۇرۇش چەمبىرىكىگە كىرگەن، كىچىكىدىن تارتىپلا بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ھەم تالانتى بار شىۋاسىنگېر ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ «گۈزەل مۇسكۇلى»غا تايىنىپ، چەمبىرەكتە پۇت تىرەپ تۇرغان.
لېكىن شىۋاسىنگېرنىڭ توختاپ قالغۇسى يوق، بەدەن چېنىقتۇرۇشتا يەيدىغىنى ياشلىق باھارى تامىقى، پەقەت بىر نەچچە يىللا بېيىغىلى بولىدۇ، بىر ئۆمۈر بېيىغىلى بولمايدۇ.
ئۆزىنىڭ «پۇلدار» بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شىۋاسىنگېر ئامېرىكىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ئارزۇسىنى باشلىغان.
شىۋاسىنگېرنىڭ كاللىسى ناھايىتى ئوچۇق، ئۇ ئامېرىكىغا بېرىشتىن بۇرۇنلا: «مەن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش چېمپىيونى، مۇسكۇللىرىم ياخشى، يەنە بەلگىلىك نام-ئابرويۇم بار، ھەرگىز ئىشچى بولمايمەن، بىر ئۆمۈر شۇنداق قىلىمەن» دەپ ئويلىغان.
مۇشۇنداق ئىرادىسىغا تايىنىپ، شىۋاسىنگېر تاماشا ساھەسىگە كىرىپ، ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلىغان.
ئۇ دەۋردە «ئامېرىكا ئارزۇسى» مودا بولغان، چەتئەلدىن كەلگەن سان-ساناقسىز «قابىل كىشىلەر» بار بولۇپ، ھەر قايسى ساھەلەرگە ئارىلىشىپ كەتكەن، كۆڭۈل ئېچىش ساھەسى تېخىمۇ جانلانغان، شىۋاسىنگېرنىڭ مۇسكۇللىرى يوق ئىدى رول ئېلىش ماھارىتى بولمىسا، باش كۆتۈرۈپ چىقىش راستىنىلا بەك تەس، شىۋاسىنگېر ئۈمىدسىزلەنگەن چاغدا، ئۆزىنىڭ «ياخشى تەلىيى»نى كۈتۈۋالغان، شۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا كەسىپكە كىرگەن بىر مۇخبىر مارىيا بىلەن تونۇشتى.
مارىيا شىۋاسىنگېردىن ئىبارەت بۇ مۇسكۇللۇق قاۋۇل يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالغان.
گۈزەللىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مارىيا شىۋاسىنگېرنىڭ گۈزەللىك قارىشىغا ماس كەلمەيدۇ، لېكىن شىۋاسىنگېر «ئاشكارىلىنىش دەرىجىسى»گە جىددىي ئېھتىياجلىق، مارىيانىڭ مۇخبىرلىق سالاھىيىتى ئۇنىڭغا ئاشكارىلاش دەرىجىسىنى بېرەلەيدۇ.
شۇنداق قىلىپ، مارىيانى ئېلىپ ماڭغان «مۇخبىرلار تېز پويىزى» شىۋاسىنگېرنىڭ بارا-بارا نام چىقىرىشىغا ياردەم قىلغان.
دەل شۇ چاغدا، شىۋاسىنگېر ئۆزىنىڭ خەزىنە بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقىنى بايقىغان، كۆرۈمسىز مارىيا داڭلىق «ھۆكۈمەت ساھەدىكى مەشھۇر زات» كېننېدى جەمەتىنىڭ ئەزاسى، بىر ئەۋلاد رومانتىك زۇڭتۇڭ كېنىدى بولسا مارىيانىڭ «تاغىسى» ئىدى.
مارىيانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شىۋاسىنگېرغا ئوخشاش نام-ئاتاق، پۇل تەلەپ قىلىدىغان، پۇلى يوق ئارتىسنى زادىلا كۆزگە ئىلمايدۇ، شۇڭا ھايات يەنە بىر قېتىم شىۋاسىنگېر تەرەپتە تۇرغان.
مارىيانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شىۋاسىنگېردىن بىزار بولغاندا، شىۋاسىنگېر بىلەن سىتايلون يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغان.
سىتايلون بىلەن شىۋاسىنگېرنىڭ ھاياتى بىر ئاز «ئوخشىشىپ كېتىدۇ»، ھەر ئىككىلىسى «چوڭ مۇسكۇللۇق زومىگەر»، ئۇلار مۇسكۇللىرى بىلەن قەيسەر يىگىتنىڭ ئوبرازىغا تايىنىپ ھوللىۋودتا پۇت تىرەپ تۇرۇشقا باشلىغان.
بىردىنبىر پەرقى شۇكى، شىۋاسىنگېر مۇسكۇللىرىدىن باشقا، پەقەت قىز دوستىغىلا تايىنىدۇ، سىتايلون ئوخشىمايدۇ، سىتايلوننىڭ قەلىمى ياخشى، كاللىسى ئىشلەيدۇ، پۇت-قولى تەرەققىي قىلغان، كاللىسى تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان «كىشىلىك ھاياتتا غەلبە» قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ.
شىۋاسىنگېر سىتايلون بىلەن كۆرۈشكەندە، ھەر ئىككىسى پەقەت كىنولاردا قوشۇمچە رول ئالىدىغان ئارتىسلاردىن ئىدى، ئۇلار قايتا ئۇچراشقاندا، شىۋاسىنگېر پەقەت مارىياغا تايىنىپ نام چىقارغان، لېكىن سىتايلون ئۆزى يازغان سېنارىيەگە تايىنىپ نام چىقارغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھوللىۋودنىڭ رېژىسسورلىرى سىتايلوننىڭ سېنارىيەسىنى تالىشىپ سېتىۋالغان، سىتايلون ياخشى دوستىنىڭ «قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى»غا قاراپ، ئۇنىڭغا رول ئېلىش ماھارىتىگە تەلەپ قويۇلمايدىغان كىنولاردا رول ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەن، سىتايلوننىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن، شىۋاسىنگېر سىناپ باققان، شۇنىڭ بىلەن شىۋاسىنگېر نام چىقىرىشقا باشلىغان.
شىۋاسىنگېر نام چىقىرىشقا باشلىغاندا، مارىيانىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ قىممىتىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ توي ئىشىغا قوشۇلغان، مارىيا بىلەن توي قىلىش توغرىسىدا پاراڭلىشىش جەريانىدا، شىۋاسىنگېر سىتايلون بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆزىگە قىلغان ياردەملىرىگە «جاۋاب قايتۇرغان».
ئەرلەر پۇلى بولسىلا ئەسكى بولۇپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ تۆۋەن قاتلامدىن ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەرلەر، شىۋاسىنگېر دەل مۇشۇنداق ئەرلەر.
«قىساسكارلار»غا تايىنىپ نۇرغۇن پۇل تاپقاندىن كېيىن، شىۋاسىنگېرنىڭ كاللىسى جانلىنىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ياۋروپادىن كەلگەن مودېل برىگىت بىلەن يوشۇرۇن ئاشىق-مەشۇق بولغان، مارىيا قانداق ئادەم؟ ئۇ كېنندىنىڭ جىيەن قىزى، ئۇ بۇ «كىچىك تەپسىلاتلار»نى ناھايىتى ئىنچىكە كونترول قىلغان.
شىۋاسىنگېر بىلەن برىگىت تېخى بىر نەچچە قېتىم مۇھەببەتلەشمەي تۇرۇپلا، مارىيا تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان، مارىيا شىۋاسىنگېرنىڭ ئۆزىگە بىر چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان.
شىۋاسىنگېر مارىيادىن ئىبارەت بۇ «مەززىلىك تائام»دىن ۋاز كېچىشنى خالىماي، يالغان گەپ توقۇپ چىققان، ئۇ بۇ بىرىگىتنىڭ سىتايلوننىڭ ئاشىقى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ پەقەت برىگىتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويغانلىقىنى ئېيتقان، مارىيا گەرچە ئىشەنمىسىمۇ، لېكىن شىۋاسىنگېرنىڭ ۋەدە قىلغان قىياپىتىگە قاراپ، يەنە ئازراق گۇمان پەيدا بولغان.
شىۋاسىنگېر ئۆزىنىڭ «يالغانچىلىقى»نىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مارىيانى ئالداشقا يەتمەيدىغانلىقىنى بىلگەن، شۇنىڭ بىلەن شىۋاسىنگېر برىگىتقا مارىيەنىڭ كېنندى جەمەتىنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر سىرتتا ئاشىنا ئوينىغانلىقىنى مارىيا ئېنىق پاكىت بىلەن بىلىپ قالسا، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنىڭ بىراقلا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئويلىغان شىۋاسىنگېر بۇ ئاشنىسىنى سىتايلونغا تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى قارار قىلغان، شىۋاسىنگېر ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، سىتايلوننى برىگىت بىلەن تۇنۇشتۇرغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئادەمگەرچىلىكى بىلەن برىگىتنى سىتايلوننىڭ «روكى 4» ناملىق ئەسىرىدە رول ئېلىشىغا ياردەم قىلغان.
بۇ ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، شىۋاسىنگېر ئاندىن خاتىرجەم بولغان، چۈنكى مارىيا تەكشۈرگەن بولسىمۇ، پەقەت بىرىگىت بىلەن سىتايلوننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ، خالاس، پەقەت ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى مۇقىملاشسىلا، ئۇ پۈتۈنلەي بۇ ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ كېتەلەيدۇ.
سىتايلون بىر ئاز ساددا بولۇپ، ياخشى دوستى شىۋاسىنگېرغا ھەقىقەتەن ئىشەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرىگىت بىلەن يېقىنراق ماڭغان.
ئۇنداقتا بىرىگىتچۇ؟ ئۇ رېژىسسور بىلەن سۆھبەتلىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە سېنارىست ۋە ئارتىس سىتايلوننىڭ شىۋاسىنگېرغا قارىغاندا ئۆزىگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان، شۇڭا ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن سىتايلوننى ئازدۇرۇپ، ئۆزىنى سىتايلوننىڭ ئاشنىسى دېگەن بۇ «پىتنە-ئىغۋا» پۈتۈنلەي يوقاتماقچى بولغان.
ئاخىرىدا، بىرىگىت ھەقىقەتەن سىتاللوننىڭ ئاشنىسىغا ئايلىنىپ، سىتاللوننىڭ «ئايالى»نى مەجبۇرىي كەتكۈزۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ئېرىشمەكچى بولغان ئورۇنغا ئېرىشكەن.
شىۋاسىنگېر تەرەپچۇ؟
برىگىتنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، شىۋاسىنگېر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەختكە چىقىپ، مارىيا بىلەن توي قىلغان ھەمدە مارىيانىڭ داچىسىغا كۆچۈپ كىرىپ، باي ئائىلىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن.
لېكىن، شىۋاسىنگېر پەقەت «كۈيئوغۇل» بولۇپ ياشاشنى خالىمىغان، ئۆزىنىڭ پەقەت مارىيادىن ئىبارەت بىرلا ئايالىنىڭ بولۇشىنى تېخىمۇ خالىمىغان.
لېكىن ئۇ باشقىلارغا تايىنىپ سىرتتا ئاشنا تېپىشقا ئامالسىز قالغان، ئاخىرىدا شىۋاسىنگېر نەزىرىنى مارىيانىڭ داچىسىدىكى قارا تەنلىك بالا باققۇچىغا قاراتقان.
شىۋاسىنگېرنىڭ «ھېسسىي بۆلۈنمىسى»نىڭ كونتروللۇقىدا، بالا باققۇچى ناھايىتى تېزلا شىۋاسىنگېرنىڭ ئاشنىسىغا ئايلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن پەرزەنتلىك بولغان
كېيىن شىۋاسىنگېر مارىيانىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئىشتات باشلىقى بولغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ قارا تەنلىك بالا باققۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ باقمىغان.
تاكى بۇ بالىسى چوڭ بولۇپ، بارغانسېرى شىۋاسىنگېرغا ئوخشاپ قالغاندا، مارىيا ئاندىن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلىپ، بالا باققۇچىنى قىستاپ سوراق قىلغاندىن كېيىن ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەن، ئاخىرىدا، مارىيا ئاچچىقىدا شىۋاسىنگېر بىلەن كۆرۈشكەن.
كىرىم، ئورۇن قاتارلىق نۇقتىلاردىن قارىغاندا، شىۋاسىنگېر ئېنىقكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.
كىشىلىك ھاياتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن قارىغاندا، شىۋاسىنگېرمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ئۇ كېننېدىنىڭ جىيەن قىزى بىلەن توي قىلغان، ئىشتات باشلىقى بولغان، شۇنداقلا بىر مەھەل زىلزىلىگە كەلگەن مۇسكۇللۇق ئەرگە ئايلانغان.
لېكىن ئادەم بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىۋاسىنگېر مەغلۇپ بولغان، بىر ئۆمۈر باشقىلارنى ئالداپ، يېقىن دوستى سىتايلوننىمۇ ئالداپ، شۇ سەۋەبلىك قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ بەربات بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، باي ئائىلىنىڭ ئايالىنى ئالداپ مەغلۇپ بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئارتىس، ئەمەلدار بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىۋاسىنگېر ناھايىتى قالتىس، ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىۋاسىنگېر ناھايىتى مەغلۇپ بولغان ھېسابلىنىدۇ.
كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار