تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.
شاھرۇھ خاننىڭ ئايالى 17 يىلدىن كېيىن قايتا بىر قېتىم ئېكران يۈزىدە پەيدا بولۇپ سۆھبەت پروگراممىسىغا چىقتى. ئۇ بۇ قېتىم كېلىشىدە داڭلىق چولپاننىڭ ئايالى سالاھىيتىدە ئەمەس، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ھىندىستاندا ۋە ھىندىستان سىرتىدا كەسپىي بىلەن داڭق قازانغان بىر قابىل ئايال سۈپىتىدە كەلگەن ئىدى.
بۇ يەردە دەپ ئۆتۈشكە تېگىلىشكى بۇ داڭلىق رىياسەتچى ۋە رېژىسسور كاران جوھار بىلەن شاھرۇھ خان ئائىلىسى ناھايىتى يېقىن دوستلاردىن ئىدى. شۇڭا ئۇ شاھرۇھ خاننىمۇ يەنە ئۇنىڭ ئايالىنىمۇ ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ. ئۇ تاماشبىنلارغا: «بىز خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاش» دەپ تونۇشتۇردى.
گورى خانمۇ خۇددى كىنو چولپانلىرىدەك قېرىماس ئايال دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ بۇ ياسىنىشىغا قاراڭلار، تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەپتۇ. ئۆزىنىڭ نامىغا ۋە مۇشۇ پروگراممىغا تولىمۇ ماس كەلگەن.
ئۇ كىرىپلا ئۆزىنىڭ كەسپىي سۆزلىرى بىلەن بۇ پروگرامما مەيدانىنىڭ ناھايىتى چىرايلىق لايىھەلەنگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇنى ماختىدى. بۇ گورى خاننىڭ 17 كېيىن ئاران دېگەندە مۇشۇنداق بىر زىيارەتكە قاتنىشىشى ئىكەن. چۈنكى ئۇ شاھرۇھ خان توغرىلىق ئوخشاش سورىلىدىغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن زېرىكىپ بارلىق زىيارەتلەرگە چىقىشنى رەت قىلىدىغان بولغان ئىدى.
بايا دېگىنىمىزدەك ئۇ بۈگۈن چولپاننىڭ ئايالى ئەمەس، ئۆز سالاھىيتى بىلەن كەلگەچكە رەت قىلغان بولسا كېرەك.
ئاۋۋال كۆرۈرمەنلەرگە ئېيتىپ قويساق، ئۇ داڭلىق ئۆي ئىچى لايىھەلىگۈچىسى. ئۇ مۇشۇ رىياسەتچىدىن تارىپ مالايكا ئارورا، يەنە ئارجۇن كاپۇر قاتارلىق داڭلىق چولپانلارنىڭ ئۆيلىرىنى لايىھەلەپ بەرگەن. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئۇتۇق قازىنىپ داڭلىق ئۆچ ئىچى لايىھەلىگۈچىلىك كەسپىدە ھىندىستاندا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسىغا ئايلاندى.
ئۇ يەنە پەقەت داڭلىق ئۆي لايىھەلىگۈچىلا ئەمەس، يەنە داڭلىق فىلىم ئىشلەش شىركىتىنىڭ خوجايىنى. شاھرۇھ خان بىلەن ئانۇشكا بىرگە رول ئالغان بۇ فىلىمنى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ شىركىتى ئىشلىگەن.
سۆھبەتنىڭ بېشىدىلا ھەممە كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان چوڭ بىر ئىش ئاشكارىلاندى. بىلەمسىلەر؟ يۇقۇم مەزگىلىدە ھەممە ئادەم ئۆيىدە ئولتۇرۇۋاتقاندا شاھرۇھ خان ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى پەقەت گورى خانغىلا قاراپ قالغان ئىكەن. يەنى يۇقۇم مەزگىلىدە ئائىلىنى ئۇ باققان! چۈنكى شاھرۇھ خان ھېچياققا چىقمىغاچقا فىلىم ئىشلىيەلمەيتتى. بالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئوقۇۋاتىدۇ تېخى كىرىم قىلغۇدەك بولمىغان. شۇڭا بۇنى ئېيتىپ ھەرئىككىسى كۈلۈشۈپ كەتتى. ئەمما بۇمۇ گورىخان ئۈچۈن پەخىرلىنەرلىك بىر ئىش.
ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى ناھايىتى ئاددى ۋە ئىخچام سۆزلەر بىلەن يىغىنچاقلىدى. گورى خان: «مەن ئۆزۈمنى بۇ جەھەتتە ئالاھىدە ئارزۇ-ئۈمىدلىرىم بار ئىدى دېمەيمەن ۋە ياكى مەن ئېرىم شاھرۇھ خاندەك ناھايىتى جاسارەتلىك ھەممە ئەھۋالغا يۈزلىنەلەيدىغان دەپ قارىمايمەن. ئەمما بۇ كەسىپنى ناھايىتى سۆيىمەن. بىز ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلساق ئەلۋەتتە خۇشال بولىمىز، قانائەت ھېس قىلىمىز. شۇڭا مەن مۇشۇ خىزمىتىمنى قىلغاندىلا ئاندىن تۇرمۇشۇم خاتىرجەمدەك، مەنالىق ئۆتۈۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. دەل مۇشۇ كەسپىمگە بولغان قىزغىنلىق مېنى بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتۈردى» دېدى.
يەنە ئارقىدىن ئۇلاپ: «بولۇپمۇ ئېرىم يەنە سىز ۋە سىزدەك باشقا دوستلىرىم بۇ ئىشىمدىن سۆيۈنگەندە ياخشى قىلدىڭىز دەپ بىر ئېغىز سۆزنى ئېيتىپ دولامغا ئۇرغاندا ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېس قىلىمەن» دېدى.
بۇ چاغدا رىياسەتچى تولىمۇ ئۇدۇل قىلىپ: «بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشەلىڭىزدە دېمەكچى بولغىنىم سىزگە خېرىدار بولۇپ كېلىدىغانلار سىزنى ئاۋۋال شاھرۇھ خاننىڭ ئايالى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن تەكلىپ قىلامدۇ؟ سىز مۇشۇنىمۇ بىر مۇھىم سەۋەب دەپ ئويلامسىز؟» دېدى.
بۇ چاغدا گورىخانمۇ ناھايىتى راستچىللىق بىلەن: «شۇنداق. بولۇپمۇ بېشىدا شۇنداق بولغان. نۇرغۇن كىشىلەر مېنى شاھرۇھ خاننىڭ ئايالى بولغانلىقىم ئۈچۈن تەكلىپ قىلىشتى. ئەمما سىزگە ئېيتسام ھەممە كىشى ئۇنداق ئەمەس. بەزى كىشىلەر مېنىڭ لايىھەلىرىمنى ياقتۇرغانلىقى ئۈچۈن كېلىدۇ. ھەتتا شاھرۇھ خاننىڭ ئايالى ئىكەنلىكىم بىلەنمۇ ھەپىلىشىپ ئولتۇرمايدۇ، تېخى بەزىدە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلارمۇ كېلىدۇ. بۇنداقلارنىڭ ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ يېتەلەيسىز. شۇڭا مەن بۇنداق ۋاقىتتا قوبۇل قىلمايمەن» دېدى. دېمەك شاھرۇھ خاننىڭ ئايالى بولغانلىقى بەزىدە ئۇنىڭ خىزمىتىگە پايدىسىز بولغان.
ئارقىدىن رىياسەتچى تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن گەپنى شاھرۇھ خانغا يۆتكەپ ئۇنىڭ ئادەتتە ئۆيدىكى ئادەتلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە يۆتكىدى. ئۇ سۆزلەپ كېلىپ: «چۈنكى ئۇ سىرتتا بىر چولپان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۆيدە باشقا بارلىق ئەرلەرگە ئوخشاش، گورى ئۇ نەرسەم قېنى بۇ نەرسەم قېنى؟ تاماق نېمىشقا چىقمايدۇ؟ گورى ئارىيان قېنى دېگەندەك توۋلاشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن.» شۇڭا «ئۇنىڭ ئايالى بولۇش سىز ئۈچۈن تەسمۇ؟» دەپ سورىدى.
گورى خان جاۋابەن: «بۇنى ئېتىراپ قىلمىسام بولمايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن چىقىشىش بەك ئاسان. ئۇ ئەتراپىدىكى ھەرقانداق ئادەمنى راھەت ھېس قىلدۇرالايدۇ. ھەرقانداق بىر ئوخشىمايدىغان شارائىتتا ئوخشىمايدىغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشسىمۇ ئۇلار بىلەن راھەت پاراڭلىشالايدۇ ھەم ئۇلارنىمۇ راھەت ھېس قىلدۇرالايدۇ. ئۇ ئۆيدە ئالدىغا نېمىلا ئاچىقسا يەۋېرىدۇ. ھەتتا تۇز سالمىغان بولساممۇ ياكى تۇزى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ گەپ قىلماي ئولتۇرۇپ يەۋېرىدۇ» دېدى.
بۇ چاغدا رىياسەتچىمۇ قوشۇلۇپ ئۇنى بىرەر ئېغىز ماختاپ قويمىسام بولمىغۇدەك دەپ قالدىمۇ سۆزلەپلا كەتتى: «شۇنداق شۇنداق، يەنە ئۇنىڭ مېھماندوستلىقى، كۆيۈمچانلىقىچۇ تېخى. كۆرۈرمەنلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن. شاھرۇھ خان ئۆيىگە كەلگەن مېھماننى ماشىنىسىنىڭ يېنىغىچە ھەتتا چوڭ يولغىچە ئۇزىتىپ چىقىدۇ» دېۋىدى. گورى خان ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاقاھلاپ كۈلگەن پېتى مۇنداق دېدى:
«شۇنداق، ئەمما بۇمۇ ئۇنىڭ بىر كەمچىلىكى. چۈنكى ئۆيدە قالغان مېھمانلار ساھىبخان قېنى دەپ ئۇنى ئىزدىشىدۇ» دېدى. پاھ، شاھرۇھ خان ئەجەب مېھماندوستىكەن، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ قالامدۇق نېمە؟
ئەمىسە بۇنى ئوقۇپ بولۇپ كېيىنكىسىنى سەۋر بىلەن ساقلىغايسىلەر.