تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
قوش قاپاق كېسىش ئوپېراتسىيەسى مەغلۇپ بولسا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟ ھەرقانداق ئىش مۇتلەق بولمايدۇ، خۇددى چىراي تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانغا ئوخشاش، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزى كۈتكەن چىرايغا ئېرىشەلمەيدۇ. بىر تەرەپتىن تەسەۋۋۇر بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا پەرق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھۆسن تۈزەش مەغلۇپ بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، قوش قاپاق كېسىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، ئۇنداقتا قوش قاپاق كېسىش ئوپېراتسىيەسى مەغلۇپ بولسا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟ تۆۋەندە بىز بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.
قوش قاپاق كېسىش سەككىز خىل مەغلۇپ بولۇش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ ئارقىسىدىكى خەتەرنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
قوش قاپاق كېسىش ئوپېراتسىيەسى مەغلۇپ بولسا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟
1. قوش قاپاق چىقىرىش سىممىتىرىك بولماسلىق
ئادەتتە ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى 3-6 ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى قاپاق ئىششىقى پۈتۈنلەي پەسەيگەندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئوپېراتسىيەسى قىلىپ قوش قاپاق ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ؛
2. قوش قاپاق زىيادە كەڭ بولۇپ كېتىش
ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە كېسىك قايتىدىن لايىھەلىنىپ، بىرىنچى قېتىملىق ئوپېراتسىيەدە شەكىللەنگەن چاپلىشىش ئايرىۋېتىلىدۇ، باشقا باسقۇچلىرى قوش قاپاق ئوپېراتسىيەسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ؛
3. قوش قاپاق بەك تۆۋەن بولۇش
ئىششىق يانغاندىن كېيىن ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ، كېسىلگەن ئېغىز سىزىقى يېڭى كېسىك قىلىنىپ، تۆۋەنگە ئاجرىتىلىپ، كونا - يېڭى كېسىك بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ، ئاندىن قوش قاپاق تىكىلىدۇ؛
4. قوش قاپاقنىڭ يايى ياخشى بولماسلىق
ئىششىق يانغاندىن كېيىن، تەبىئىي قاتلىما بويىچە قايتا قاپاق چىقىرىش سىزىقىنى قايتا لايىھەلەپ، كېسىپ قايتا قىلىدۇ؛
5. چىقارغان قوش قاپاق يوقاپ كېتىش
ئىششىق يانغاندىن كېيىن، يىپ كۆمۈش ئۇسۇلى قوش قاپاق چىقىرىش ئوپېراتسىيەسىگە ئۆزگەرتىلىدۇ، كېسىش ئۇسۇلى قوللىنىلغانلار ئەسلىدىكى كېسىك ئېغىزى ئارقىلىق كېسىلىپ، قوش قاپاق سىزىقىنىڭ ئاستىدىكى تېرە تولۇق ئاجرىتىلىپ، يېتەرلىك تېرە ئاستى توقۇلمىلىرى ۋە كۆز ئايلانما مۇسكۇلى چىقىرىۋېتىلىدۇ، تىككەندە تېرە قاپاق تاختىسى ياكى قاپاق مۇسكۇل توقۇلمىسىغا چىڭ چاپلىشىپ، كېسىك يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ تىكىلىدۇ؛
6. ئۈچ قاپاق ھاسىل بولۇش
ئىششىق يانغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى كېسىلگەن ئورۇندىن يېرىپ، زىيادە كۆپ تېرە كېسىپ ئېلىۋېتىلىدۇ ۋە قورۇقلار بوشىتىلىدۇ، كېسىكنىڭ ئاستىنقى گىرۋىكىدىكى تېرە يۇقىرىغا قاراپ ئەسلىدىكى قاپاق تاختىسىدىن ئېشىپ كېتىپ، تېرە بىلەن چاپلىشىپ قالغان ئورۇن تىكىلىدۇ؛
7. قاپاق ساڭگىلاپ كېتىش
يەنە بىر قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىپ كەسكەن ئۈستۈنكى قاپاق پەي مۇسكۇلىنى قاپاق تاختىسى بىلەن تىكىش؛
8. ئاستىنقى قاپاق سىرتقا ئۆرۈلۈپ قېلىش
يېنىك بولغاندا يەرلىك ئورۇننى ئۇۋۇلاش ياكى يەرلىك ئورۇنغا گلۇكوكورتىكوئىد ئوكۇل قىلىش ئارقىلىق تۆۋەنكى قاپاق تېرىسىنىڭ بوشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادەتتە بىر نەچچە ئايدا ئەسلىگە كېلىدۇ ياكى ياخشىلىنىدۇ؛ ئېغىر بولغاندا سىرتقى تەرەپ V شەكىللىك تېرىنى كېسىپ تىكىش ياكى كۆز ئايلانما مۇسكۇل كلاپانىنى سىرتقى ئۈستۈنكى چاناق گىرۋىكىگە كۆتۈرۈپ مۇقىملاشتۇرۇش ياكى ئۈستۈنكى قاپاق ئايلانما تېرە ياپراقچىسى، بۇرۇن يان تېرە ياپراقچىسى، چېكە تېرە ياپراقچىسى ئارقىلىق سىرتقا ئۆرۈلۈشنى تۈزەش؛ ئېغىر بولغاندا ئەركىن تېرە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىش كېرەك .
ئەگەر يەنە باشقا مەسىلە بولسا، چوقۇم مۇنتىزىم كەسپىي شەكىل تۈزەش ئاپپاراتىنى تاللاپ مەسلىھەت سوراش كېرەك.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:مەزمۇندىكى داۋالاش پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى پەقەت پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ، دورا ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى شەكىللەنمەيدۇ، دىياگنوز قويۇش ئاساسى قىلىنمايدۇ، دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا بولمايدۇ، ئەگەر بىئاراملىق كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.