ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
يېقىندا ئارتىس جاڭ سوڭۋېن (张颂文) ئامما پىكرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى، بىر قاتار سەلبىي مىش-مىش پاراڭلار ئۇنى چىرمىۋالدى.
1. باج مەسىلىسى توغرىسىدىكى مىش-مىش پاراڭلار
1-ئاينىڭ 2-كۈنى، بىر تورداش جاڭ سوڭۋېننىڭ شەخسىي كىرىمى بىلەن باج تاپشۇرغان سوممىسى ئېغىر دەرىجىدە ماس كەلمىگەنلىكتىن، باج تارماقلىرىنىڭ ئۇنى سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ خەۋەر تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان.
بەزى تورداشلارنىڭ قارىشىچە، تاماشا چەمبىرىكىدىكى باج مەسىلىسى ئىزچىل كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن، نۇرغۇن چولپانلار باج ئوغرىلاش، باج تاپشۇرماسلىق سەۋەبىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر بۇ ئىش راست بولسا، جاڭ سوڭۋېن ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن يەنە بىر قىسىم تورداشلار: نۆۋەتتە ئىشەنچلىك ئىسپات يوق، پەقەت ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپلا ئۇنى جىنايىتى بار دەپ بېكىتىشكە بولمايدۇ، بەلكىم بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا يەنە باشقا سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.
2. ئائىلە زوراۋانلىقى توغرىسىدىكى مىش-مىش پاراڭلار
2024-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە، ئايال ئارتىس جياڭ چېن (姜尘) بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە ئالدىنقى ئوغۇل دوستى تەرىپىدىن ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى، يەنە ئۆزىنىڭ ياخشى دوستى بىلەن قالايمىقان مۇناسىۋىتى بار ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. تورداشلار جياڭ چېن تەسۋىرلىگەن نۇرغۇن تەپسىلاتلاردىن بۇ ئادەم جاڭ سوڭۋېن بىلەن ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن، دەپ قارىغان. بىراق، جياڭ چېن جاڭ سوڭۋېننىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىدى، جاڭ سوڭۋېنمۇ بۇ ئىشقا ئىنكاس قايتۇرمىدى.
3. باشقا مىش-مىش پاراڭلارمۇ ئاز ئەمەس
باج ۋە ئائىلە زوراۋانلىقى مەسىلىسىدىن باشقا، جاڭ سوڭۋېننىڭ بەزى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىمۇ تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى. مەسىلەن: گاۋ يېنىڭ سۈرىتى ئاستىغا قالدۇرغان سۆزى سەۋەبلىك ئۇ بەزىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان؛ يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ نۇرغۇن قېتىم ئىئانە قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىنى، ھەر بىر قېتىمدا ئاران ئازراقلا پۇل ئىئانە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭغا «بېخىل ئارتىس» دېگەن قالپاقنى كىيدۈرگەن. ئەمەلىيەتتە، ئىئانە پۇلىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى مەسىلىسىدە مۇقىم ئۆلچەم يوق. ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن ئىئانە سوممىسىنى بەلگىلىسە بولىدۇ. مۇھىمى باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ۋە مەدەت بېرىشنى خالايدىغان ئاق كۆڭۈل يۈرەكنىڭ شۇ ئادەمدە بولۇشى. شۇڭا جاڭ سوڭۋېن ھەر قېتىم ئىئانە قىلغان پۇل كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ئۇزۇن مۇددەت قاتنىشىشىنىڭ ئۆزى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدىغان ئىش.
4. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پوزىتسىيەسى بىردەك ئەمەس
بۇ مىش-مىش پاراڭلارغا قارىتا، جەمئىيەت پىكىرىدە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. بىر قىسىم تورداشلارنىڭ قارىشىچە، ئىشەنچلىك ئىسپات بولمىغاندىن كېيىن بۇ گەپلەرگە ئىشىنىشكە بولمايدىكەن؛ يەنە بىر قىسىم تورداشلار: شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ، چوقۇم ئۇنىڭدا سەۋەنلىك بار، دەپ قارىغان. تاماشا چەمبىرىكىدىكى نۇرغۇن رېژىسسورلار ئوتتۇرىغا چىقىپ جاڭ سوڭۋېننى قوللىغان. رېژىسسور گاۋ چۈنشۇ (高群书) يازما ئېلان قىلىپ: كىنو ئېلىش مەيدانىدا ئۇ ھەر بىر ئادەمنى ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇ ياخشى ئادەم، ياخشى ئارتىس، ئىش قىلغاندا ئىنتايىن ئېھتىياتچان، نام چىقارغاندىن كېيىنمۇ كەمتەرلىكىنى ساقلاپ كەلمەكتە، دېگەن؛ باشقا رېژىسسورلارمۇ: ۋاقىت ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، بىز ئۇنىڭغا ئىشىنىمىز، دېگەن.
قىسقىسى، ھازىر، جاڭ سوڭۋېن بۇ مىش-مىش پاراڭلارغا تېخى رەسمىي ئىنكاس قايتۇرمىدى، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى يەنىلا بىر چىگىش ئىش. بىز ئۇنىڭ تېزراق چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.